كۆرۈش: 24701|ئىنكاس: 14

ماتىتەي دەۋرى ۋە قەمبەرخان پاجىئەسى (ئوچېرىك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
251
تۆھپە
155
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 23:44:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماتىتەي دەۋرى ۋە قەمبەرخان پاجىئەسى


(ئوچرىك) 1-قىسىم



ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى


1


05.jpg


      شەھەر ئىچىدە ماتىتەينىڭ چېرىكلىرى قىقاس-چۇقان كۆتۈرۈپ، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى موم سېتىۋىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقان كۈنلەردە شەھەرنىڭ چېتىگىرەك جايلاشقان،ياپيېشىل مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان چۇمبۇسىنىڭ ئەرەمباغ مەھەللىسىدىكى يوغان بىر تۈپ ئۈژمە دەرىخنىڭ سايىسىدا قاتارلىشىپ ئولتۇرۇپ، يىپ ئىگىرىۋاتقان بىر توپ ئايال ھارغىنلىق يەتكەندەك چاقلىرىنى بىر پەس توختىتىپ،قولىدا دۇتتار تۇتۇۋالغان چىرايلىق،كېلىشكەن، زىلۋا بويلۇق بىر ئايالغا كۆز تىكىشمەكتەئىدى. ئايالنىڭ قولىدىكى دۇتتار لەرزان ئاۋاز بىلەن بارا-بارا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، قاتار كەتكەن دەرەخلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھويلىدا،ئۆيدە، باغدا، ئېتىزلىقتا ئىش-ئوقەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئايالنىڭ دۇتتار پەدىسىگە تەڭكەش بولۇپ ياڭرىغان ئاۋازى بارچە كىشىنى مەپتۇن قىلغان بولسا، چولاق تامنىڭ كەينىدىن ئاياللار توپىغا ئوغرى مۈشۈكتەك قاراۋاتقان بىر گەۋدىنىڭ كۆزلىرىدىن ھەسەت ئوتى چاقناپ، پۈتۈن ئەزايىغا تىتىرەك ئولاشتى. ناخشىچى ئايالنىڭ دۇتتار چېلىپ ئېيىتقان ناخشىسى قانچىكى ئەۋجىگە چىققانسىرى ھەسەتخور يۈرەك شۇنچىكى رېتىمسىز دۈپۈلدەيتى.
      ياش راۋاپچى مەمەتئېلى قەشقەر شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدىكى ئەمدىلا يېتىلگەن ناخشىچى قىز-ھاۋاخان بىلەن توي قىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ مەھەللىسى بۆلەكچىلا جانلىنىپ كەتتى. ھاۋاخان بۇ مەھەللىدىكى ئاياللارنىڭ گۇل تاجىسىغا ئايلاندى. ھاۋاخاننىڭ مەھەللىدىكى ئىناۋىتىنىڭ بارغانسىرى يۇقۇرىلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھاۋاخاننىڭ يەڭگىسى سەلىمىخان تېرىسىگە سىغمايلا قالدى. ئۇنىڭ يۈرىكى ھەسەت ئوتىدا پۇچۇلىناتتى. ئۇ ھەسرىتىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، ئېرى-ئۆمەر ئاخۇنغا قايناپلا كەتتى.
     -ئىنىڭنىڭ خوتۇنى جىن-شەيتاننى باشلاپ كېلىدىغان ئاللىقانداق بىر نېمىلەرنى كەلسە-كەلمەس توۋلاپ، ئادەمنىڭ ئىمانىنى سۇسلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋىرىدىغان بولسا، ئۇنىڭ كاساپىتى بىزگىمۇ تېگىپ كېتىپ، ئىشلىرىمىزدا بەرىكەت بولمايدۇ. شۇڭا سەن ئىنىڭغا گەپ قىل، ئايالىنى  جىن-شەيتاننىڭ ئىشلىرىدىن توسسۇن،ئايال كىشى دېگەن ئۆينىڭ بەندىسى.
      ئۆمەر ئاخۇن ئايالىنىڭ ھازازۇللىقىنى ئوبدان بىلگەچكە، دەسلەپتە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئانچە ئېرەن قىلىپمۇ كەتمىدى،بىراق مەھەللىدىكى بىر قانچە ئاقساقالنىڭ تەنبىھلىرى ئۆمەر ئاخۇننى چۆچۈتۈپ قويدى. بۇ ئاقساقاللار دەسلەپتە مەمەتئېلىگىمۇ تەنبىھ بەرگەن ئىدى، بىراق مەمەتئېلى بۇ تەنبىھلەرگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەي، ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋەردى. ئۇ ھاۋاخاننى ئوبدان چۈشۈنەتتى. ئۇنى ھۆرمەتلەيتى. شۇڭا ئۇ ھاۋاخاننى ناخشا ئېيتىپ، ساز چېلىشتىن توسمىدى. ئاقساقاللارنىڭ تەنبىھلىرى ئۆمەر ئاخۇننىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە ئۇنى ئويغا سېلىپ قويدى. ئۇ مەمەتئېلىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەلدى-دە،زەردەبىلەن:
     -ئايالىڭنى ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىشتىن دەرھال توس. ئۇنداق قىلمايدىكەنسەن، سېنىمۇ بۇ يەردە تۇرغۇزمايمەن،-دېدى.بىراق مەمەتئېلى ئاكىسىنىڭ گەپلىرىگە ئارتۇقچە جاۋاپ قايتۇرماي، ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋەردى. ھاۋاخاننىڭ ناخشىسى، دۇتتارى مەھەللە ئاسمىنىدا ياڭراۋەردى.
      بىر كۈنى مەمەتئېلى ئۆزىنىڭ ھويلا بېغىدا سەي تېرىيدىغان يېرىنى چاناۋاتاتتى، باغقا تۇيۇقسىز كىرىپ كەلگەن ئۆمەر ئاخۇن خۇددى توشقانغا ئېتىلغان بۈركۈتتەك، مەمەتئېلىغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنى يەرگە بېسىۋالدى:
      -ئايالىڭ دوتەي-ئامباللارنى تىللاپ قوشاق توقۇپتۇ، بۇنىڭدىن بىر پېشكەللىكنى سېزىۋاتىمەن. ئەگەر ئايالىڭنىڭ ناخشىلىرىنى ماتىتەينىڭ چېرىكلىرى ئاڭلاپ قالسا، بىزگە ياخشى كۈن يوق. شۇڭا ئايالىڭنى كۆزدىن يوقات!بولمىسا، سېنىمۇ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىۋىتىمەن،-دېدى.
     باغدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلىغان ھاۋاخان باغقا كىرىپ كەلدى-دە، ئۆمەر ئاخۇننىڭ مەمەتئېلىنى بېسىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ھاڭ-تاڭ قىلىپ، جايىدا تۇرۇپلا قالدى. ئاكىسىنىڭ تېگىدە قېلىپ، تىنالمايۋاتقان مەمەتئېلى ئىنجىقلاپ تۇرۇپ:
     -ئاكا، ئايالىمنىڭ بويىدا بار، ئۇ بىر بالىغا ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مۇشۇ ھالدا ئۇنى ھەيدىۋەتسەك، ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلىپ قويغان بولۇپ قالىمىز،-دېيەلىدى.
     -ئۇنداق گەپلىرىڭنى قوي!ئاڭلىغۇم يوق. ھازىر ئايالىڭنى تالاق قىلىسەن، ئايالىڭ ئەنە ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ، «ئۈچ تالاق»-دە!
      ئۆمەر ئاخۇن مەمەتئېلىنىڭ بېشىنى تۆۋەنگە باستى. يەردىكى نەم پوكان توپىلار مەمەتئېلىنىڭ ئېغىز-بۇرۇنلىرىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي، «ئۈچ تالاق»،«ئۈچ تالاق» دەپ ۋارقىرىۋەتتى. ھاۋاخاننىڭ پۈتۈن ئەزايىغا تىترەك ئولاشتى.تامچە-تامچە ياشلار ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاستا سىرغىپ چۈشمەكتە ئىدى.مەمەتئېلىنىڭ ئاغزىدىن ھېلىقى گەپنى ئاڭلىغان ئۆمەر ئاخۇن ئېغىر بىر تىندى-دە، مەمەتئېلىنى قويىۋىتىپ، چاپىنىدىكى توپىلارنى قېقىشتۇرۇپ، بىر ياندا يىغلامسىراپ تۇرغان ھاۋاخانغا بىر ئالىيىپ قويدى-دە، باغدىن چىقىپ كەتتى. ھاۋاخاننىڭ ئازاپلىق چىرايىنى،كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ياشلارنى كۆرگەن مەمەتئېلىمۇ ئىختىيارىسىز ھالدا كۆزلىرىدىن ياش تۆكتى. ھاۋاخان ئېغىر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ باغدىن چىقتى-دە، كىيىم-كېچەكلىرىنى يوغان بىر ياغلىققا چېگىپ بولغاندىن كېيىن،تومپىيىپ چىققان قورسىقىنى ئاستا سىلاپ قويۇپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.  

2


     ئانا ئۇلۇغ،ئانا مۇقەددەس،ئانا بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى يولىنى يورۇتۇپ تۇرغۇچى نۇرلۇق چىراق. خۇراپىيلىق پاتقىقىغا پاتقان ئۆمەر ئاخۇن ۋە سەلىمىخاندەك، كىشىلەرنىڭ خارلىشىغا ئۇچراپ، بەخىتلىك ئائىلىسى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنغان ھاۋاخان ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ،مېھرىبان ئانىسى-زورىخاننىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى. قىزىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئانا تەمكىنلىك بىلەن قىزىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
     -قىزىم، ئۇلار سېنى خارلىغان بولسا، كېرەك يوق.مەن سېنى جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرىمەن. مەن ئۆمۈرۋايەت ساڭا زەررىچە ئازار بەرمەيمەن،-دېدى.
     شۇنداق قىلىپ ھاۋاخان ئۆز ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. ئۇ دائىم مەمەتئېلىنى ئەسلەپ تۇراتتى. ئۇ ئائىلسىنىڭ يېڭىباشتىن ئەسلىگە كېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى، بىراق ئايال كىشى دېگەن ئاجىز تۇرسا، ئۇنىڭ قانچىلىك،  ئىشلارغا كۈچى يېتىدۇ دەيسىز؟ ئۇ پەقەت كۆز ياشلىرى، ئېغىر ئۇھ تارتىشلار ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ دەرت-ھەسرىتىنى ئازراقلا يەڭگىللىتەلەيدۇ-خالاس.
     كۈنلەر ئۆتتى، ئايلار ئۆتتى. ھاۋاخاننىڭ ئاي-كۈنى يېقىنلىشىپ، بىر قىز تۇغدى.بوۋاقنىڭ يۈزلىرى، كۆزلىرى يۇمۇلاق، چىرايى سۈتتەك ئاپپاق ئىدى. زورىخان بۇ قىزغا قەۋەتلا ئېچىكىپ كەتتى.قىزغا «قەمبەرخان»دېگەن چىرايلىق ئىسىمنى قويۇپ قويدى. ئانا-بالا ئىككەيلەن بۇ بوۋاقنى مىڭ تەسلىكتە چوڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇلار بوۋاقنىڭ تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە مەمەتئېلىگە خەۋەر بەرمىدى، بىراق ئەر كىشى بولمىغان بۇ ئائىلىدە ئېغىر قىيىنچىلىق بولۇپ، بۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتتى.
     بىر كۈنى زورىخان ئېغىر كېسەل بولۇپ، يېتىپ قالدى. ھاۋاخان قىزى-قەمبەرخانغا بۇلماق ئېتىپ يېگۈزگەندىن كېيىن ئانىسىغا تاماق ئېتىشكە تەرەددۇت قىلىپ، كۆكتات بازىرىغا كۆكتات ئالغىلى باردى. ئۇ سەي-كۆكتات ئېلىپ، كەينىگە بۇرۇلىشىغا قول-چوماقچىلىرى بىلەن بىللە بازارنى ئارىلاپ يۈرگەن مافۇشىڭغا ئۇچراپ قالدى. قىزنىڭ كېلىشكەن قەددى-قامىتىنى كۆرگەن مافۇشىڭ تاماقلىرىنى چاكىلدىتىپ قويۇپ، چوماقچىلىرىغا ئىشارەت قىلدى. تىتەينىڭ قول-چوماقچىلىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ھاۋاخاننى تۇتۇۋالدى-دە، ئۇنىڭ قارشىلىقىغا پېسەنتمۇ قىلماي، ئۇنى تىتەي ئوردىسىغا ئېلىپ كەتتى.ھاۋاخاننىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن زورىخان ئانا بەكمۇ بىئارام بولۇپ، كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئەمدىلا تۆت ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ قىقىراپ يىغلىشى يۈرەكنى ئېزەتتى. بىراق كېسەلچان قېرى ئانىنىڭ بۇ بوۋاقنى بېقىشقا قانداقمۇ قۇربىتى يەتسۇن؟
     بىر نەچچە ھەپتىگىچە، ئۆيگە قايتماي يامۇلدا ئىشلىگەن ئىسمايىل ئەسكەرنىڭ ئايالى ھەمراخان ئادەم ئەۋەتكەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ شۇ كۈنى ئۆز ئۆيىدە قونۇپ قالماقچى بولغان ئىدى. ئۇ تەرەت ئېلىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئوۋرۇقنى كۆتۈرۈپ ھويلىغا چىقتى. ئۇ ھويلا تېمىنىڭ ئۇ تەرىپىدىن قىقىراپ يىغلاۋاتقان بوۋاقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، تۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭ كاللىسىنى گادىرماچ خىياللار چىرمىۋالغان ئىدى. ئۇ تۇغۇلغىنىغا ئۈچ ئاي بولماي، ئۆلۈپ كەتكەن قىزىنى يادىغا ئالدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ يىڭنە ئىشى قىلىۋاتقان ھەمراخاندىن:
      -قوشنىمىز زورىخاننىڭ ئۆيىدە يىغلاۋاتقان بوۋاق كىمنىڭ بالىسى؟-دەپ سورىدى. ھەمراخان يېقىندىن بۇيان پات-پات زورىخاننىڭ ئۆيىگە چىقىپ، ئانا-بالا ئىككەيلەن بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ قالاتتى. شۇڭا ئۇ ھاۋاخاننىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئىدى. شۇڭا ئەسكەرگە سۆزلەپ بەردى.
     -ئەگەر ئانا-بالا ئىككىسى قوشۇلسا،ئۇلارنىڭ بالىسىنى بىز بېقىۋالغان بولاتتۇق،-دېدى ئەسكەر.
      ھەمراخانمۇ ئۇزاقتىن بۇيان بۇ بالىنى بېقىۋىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسىمۇ بىراق بۇ ئىشنى قانداق ئۇسۇلدا زورىخانغا دېيىشنى بىلەلمەيۋاتاتتى. ئىسمايىل ئەسكەرنىڭ گېپى ئۇنىڭغا ياغدەك ياقتى. ھاۋاخاننىڭ تىتەي ئوردىسىغا بۇلاپ كېتىلگەنلىكى ھەمراخانغا بوۋاقنى بېقىۋىلىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەن ئىدى...

3  


    1924-يىلى 8-ئاينىڭ16-كۈنى قانخور جاللات مافۇشىڭ خەنچىڭ(ھازىرقى يېڭىشەھەر)دىكى چوڭ سېپىل ئاستىغا جايلاشقان جامەئە ئالدىدا ياڭ زىڭشىن تەرىپىدىن دارغا ئېسىلىپ 71 يېشىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ سەككىز يىللىق زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
      مافۇشىڭ ئوردىسىدا ئىككى ئايغىچە يەتكۈچە خورلۇق- ئازاپلارنى چەككەن ھاۋاخان ماتىتەي دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن،ئۇ مۇدھىش قەلئەنىڭ ئىچىدىن قۇتۇلۇپ، تىتەي ئوردىسىنىڭ مەپىسىنى ھەيدەيدىغان مەپىكەشنىڭ ياردىمىدە ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. بىراق ھاۋاخان ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە زورىخان ئانا ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. بۇ چەكسىز دەرت-ئەلەمدىن ھاۋاخاننىڭ يۈرىكى چەكسىز ئۆرتەندى. ئۇ ئاسمانغا چىقاي دېسە، ئاسمان يىراق، يەرگە كىرەي دېسە، يەر قاتتىق ئىدى. ھاۋاخان تېخى ئانا سۈتىگە قېنىپ بولالمىغان قىزى-قەمبەرخاننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلدى. مافۇشىڭ دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن ئىسمايىل ئەسكەر ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ قەشقەردىن كېتىپ قالغانىدى.
   كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئىككى ئات قوشۇلغان، ئۈستىگە لىق يۈك باسقان بىر مەپە قازانچى مەھەللىسىدىن چىقىپ ،بەشكىرەم يولىغا چۈشتى-دە، ئۇزاققا كەتكەن ساي يولىدىن ئۆتۈپ، تاغ قاپتىلى ئارىسىغا كىرىپ كەتتى. بۇ ھارۋىدا ئىسمايىل ئەسكەر، ھەمراخان بار بولۇپ، قەمبەرخان ھەمراخاننىڭ قۇچىقىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى كۇچارغا كېلىپ توختىغان ئىدى.
     ئىسمايىل ئەسكەرلەر كۇچاردا يەتتە يىل تۇرغاندىن كىيىن ئاتۇشقا كۆچۈپ كىلىپ، مەشھەت دېگەن يېرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
     خوش، ئەمدى ھاۋاخانغا كىلەيلى.
      ھاۋاخان قىزى-قەمبەرخاننى ئىسمايىل ئەسكەرلەرنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ھاياتلىق يولى ئىزدەپ، دادىسىنىڭ ئاۋاتتىكى تۇغقانلىرىنى پاناھ تارتىپ ئاۋاتقا كەلدى. بىراق ئۇ ئاۋاتتىكى تۇغقانلىرىنى ھېچيەردىن تاپالمىدى. ئۇ ئەمدى نېمە قىلىشى كېرەك؟بۇ دۇنيادىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟ياق. ئەگەر ئۇ بۇ دۇنيادىن ۋاز كەچسە، ئۆز ئەجداتلىرىغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيدۇ، ئانا سۈتىگە قانمىغان سۆيۈملۈك قىزىغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيدۇ؟ ئۇنىڭ ۋىجدانى ياشاشقا، يېڭىدىن ھاياتلىق يولى تېپىشقا ئۈندەۋاتاتتى.
    كىيىملىرى كونىراپ يىرتىلىپ كەتكەن،چىرايى تامدەك ئاقىرىپ كەتكەن ھاۋاخان ئاۋاتنىڭ توپىلىق يوللىرىدا ئېغىر قەدەملىرى بىلەن بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇسساپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ لەۋلىرى گەز باغلاپ كەتكەن ئىدى.ئۇ شىلدىرلاپ سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىق بويىغا كەلدى. ئېرىقتا دوغاپتەك لاي سۇ ئېقىۋاتاتتى. لاي سۇ ئېچىشكە ئۇنىڭ رايى بارمىدى بولغاي، يەنە يولنى داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىپ كەتتى. ئۇسسۇزلۇق، ئاچلىق، ھارغىنلىق ئاخىرى ئۇنى توپا ئۈستىگە يىقىتتى.
      يۇقىرى جاڭزىدىكى تويدىن قايتىپ كېلىۋاتقان ئاۋاتنىڭ بېگى-ئابلابەگ يول ئۈستىدە بىر ئايالنىڭ ھۇشسىز ياتقىنىنى كۆرۈپ قالدى-دە، مالايلىرىنى بۇيرۇپ ئايالنى ھارۋىغا  ئالدى.
     ئابلابەگ ئاۋات يېزىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل بەگلىك تەختىدە ئولتۇرغان بېگى بولۇپ، ئىنتايىن ھەققانىيەتچى، ئادىل، كەمبەغەل غېرىپ-غۇرۋالارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان ئادەم ئىدى. ھەممە پۇخرالار ئۇنىڭدىن بەكمۇ رازى ئىدى. ئابلابەگ ھاۋاخاننىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىچى سېيرىلىپ كەتتى. ئەمدى ھاۋاخانغا ئاتىدارچىلىق قىلىپ، ئۇنى ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ قالدى.   
     كۈنلەر ئۆتتى، ئايلار ئۆتتى. ھاۋاخاننىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرى، جاراڭلىق ناخشىلىرى ئابلابەگنى قاتتىق مەپتۇن قىلىۋالدى. ئۇ ئەنە شۇ مەستخۇشلۇق ئىچىدە ھاۋاخاننىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئالدى. بىر قانچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئابلابەگ ھاۋاخاندىن بالا يۈزى كۆرمىدى.
      بىر كۈنى ئابلابەگ ھاۋاخاننىڭ ھويلىدىكى پىشايۋاندا مۇڭلۇنۇپ ئولتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، نېمىگە مۇنچە مۇڭلۇنۇپ ئولتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى سورىدى.
    -قىزىم-قەمبەرخاننى ئەسلەپ قالدىم،-دېدى ھاۋاخان.
    -ئۇنداق بولسا، قىزىمىزنىڭ ئىز-دېرىگىنى قىلىپ باقايلى،-دېدى ئابلابەگ.
   ئابلابەگ ئىزچىل تۈردە ھاۋاخاننىڭ ھالىغا يېتەتتى. ئۇنىڭ ھەر قانداق تەلىپىنى بىجانىدىل ئورۇندايتى. ئۇ ھاۋاخاننىڭ قىزىنى تېپىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەرەپ-تەرەپكە ئادەم ئەۋەتىپ،قەمبەرخاننىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلدى. لېكىن قەمبەرخاننى ھېچيەردىن تاپالمىدى. ھاۋاخاننىڭ كۆزلىرىدىن ياش تاراملاپ ئاقتى. ئابلا بەگ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەتتى.
   ئارىدىن 7-8 يىل ئۆتكەندە ئابلابەگنىڭ چاپارمەنلىرى قەمبەرخاننىڭ ئاتۇشنىڭ مەشھەت دېگەن يېرىدە ئىسمايىل ئەسكەرنىڭ تەربىيەسىدە بولىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى.
   ھاۋاخاننىڭ ئۈمۈدلىك كۆزلىرى يوغان ئېچىلدى. چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. خەۋەرنى ئاڭلىغان ئابلابەگ دەرھال ئۈچ ئات قوشۇلغان مەپە تەييارلاپ بۇغدايلار پىشقان ئوما كۈنلىرىنىڭ بىرىدە سەھەر يولغا چىقىپ، قۇمسىغى يولى ئارقىلىق، ئاتۇشنىڭ مەشھەت دېگەن يېرىگە يېتىپ كەلدى.
   سۈپسۈزۈك سۇلار ئېقىۋاتقان ئېرىقنىڭ بويىدا 7-8 ياشلار چامىسىدىكى بىر نەچچە قىز جىجىق  ئويناۋاتاتتى. چاچلىرى ئۇششاق ئۆرۈلگەن  8-7 ياشلاردىكى چىرايلىققىنە بىر قىز جىجىق ئويناۋاتقان قۇتىسىنى بىر تىپىۋىدى، قۇتا يۇمىلانغان پېتى نېرىراقتىكى يول بويىدا  توختىدى.قىز قۇتىدىن كۆزىنى ئۈزمەي بېرىپ، قۇتىغا ئېڭىشىشىگە يوغان بىر قول قىزنىڭ بېشىنى ئاستا تۇتتى. قىز چۆچۈپ ئۈستىگە قارىدى.بېشىغا غېجىم رومال ئارتقان، ئۇچىسىغا خۇرما رەڭ رەختتىن تىكىلگەن چاپان،كۈن نۇرىدا پارقىراپ تۇرىدىغان كۆڭلەك كەيگەن بۇغداي ئۆڭلۈك بىر ئايال كۈلۈمسىرىگەن ھالدا قىزغا قاراپ تۇراتتى.
    -ئىسمىڭىز نىمە؟،-دىدى ئايال قىزنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.
    -قەمبەرخان،-دەپ جاۋاپ بەردى قىز.
    -ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئىسمىچۇ؟،-دەپ سورىدى ئايال يەنە.
    -دادامنىڭ ئىسمى ئىسمايىلئاخۇن.ئانامنىڭ ئىسمى-ھەمراخان،-دەپ جاۋاپ بەردى قىز.
      شۇ چاغدا يوغان دەرۋازىلىق ھويلىنىڭ ئىچىدىن بىر ئايالنىڭ «قەمبەرخان» دەپ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قىز يەردىن قۇتىسىنى ئېلىپ يۈگۈرگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ھېلىقى ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى. ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ، 30-40-قەدەم مېڭىپ،قايرىلما يولنىڭ دوقمۇشىدا ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان ئابلابەگنىڭ يېنىغا كەلدى.
    -قىزىمىزنى كۆرەلىدىڭلارمۇ؟-دەپ سورىدى ئابلابەگ.
     -ھەئە كۆردۈم،-دېدى ھاۋاخان. بايىقى كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
    -ئۇنداق بولسا ،-دېدى ئابلابەگ ماۋۇ ئىككەيلەننى ئىسمايىل ئاخۇننىڭ ئۆيىگە ئەۋەتەيلى، قىزىمىزنى قايتۇرۇپ كەلسۇن.
    -ياق بېگىم، ھازىر ۋاقتى ئەمەس، قىزىمىز تېخى كىچىك. قىزىمىز چوڭ بولۇپ، ئەقىل توختاتقىچە، تەخىر قىلىپ تۇرايلى،-دېدى ھاۋاخان.
ئابلابەگ ھاۋاخاننىڭ سۆزىگە قايىل بولۇپ، بېشىنى لىڭشىتتى. ئاتلىق مەپە كولدۇرمىلىرىنى جىرىڭلىتىپ، يەنە قەشقەر تامان يۈرۈپ كەتتى.....
  (داۋامى بار )

03.jpg


02.jpg

يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى     

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
251
تۆھپە
155
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 23:45:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئوچرىكنىڭ ھەجمى ئۇزۇنراق بولغاچقا بىر قىتىمدىلا يوللىيالمىدىم. داۋامىنى ئەتە يوللاپبېرەي، كەچۈرىشىڭلارنى سورايمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
966
تۆھپە
616
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 22:56:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز  رەھمەت سىزگە


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1658
تۆھپە
793
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 00:33:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نىپىز كىتاۋىنى ئوقۇغان رەھمەت


Rank: 2

تىللا
100
تۆھپە
59
UID
191
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 00:33:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقىپ ئۇقۇۋاتقانتىم ئاخىرىغا تەشنامەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6739
تۆھپە
3406
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 17:23:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن ئېلان قىلىنمىغان بولسا، «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» غا قەلەم ھەققى  ئېلىپ ئېلان قىلىش نىيىتىڭىز بولسا، مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1812
تۆھپە
1287
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 17:43:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز رەھمەت


Rank: 4

تىللا
274
تۆھپە
104
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 18:39:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىمىر ھۆسىين قازىنىڭ مۇشۇ ھەقتە يېزىلغان كىچىك بىر كىتاپچىسىنى ئالغان. كۆرۈشكە ۋاقتىم يەتمىگەن ئىدى. بۇ ئوچىرىكىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامەن.


Rank: 1

تىللا
29
تۆھپە
10
UID
3932
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 20:01:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن  ،داۋامىگا ئنتىزارمەن


Rank: 1

تىللا
29
تۆھپە
10
UID
3932
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 20:02:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن رەخمەت. داۋامىنى تىزراق يوللىسىڭىز


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 02:56, Processed in 0.091766 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991