تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 313|ئىنكاس: 2

ئاياللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

311

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3233

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
465
مۇنبەر پۇلى
1841
ئىشەنىچ
465
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 11:20:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار
ئازادجان ئىبراھىم

چىھرى ئىللىق، مىھرىبان بولىدىكەن ئاياللار.
ھەممە ئىشقا كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىكەن ئاياللار.
بالىلارغا دىلىدىن كۆيىدىكەن ئاياللار.
ئۆز ئۆيىنى شۇقەدەر سۆيىدىكەن ئاياللار.

ئەجىر قىلىپ ھالاۋەت كۆرىدىكەن ئاياللار.

ھاردىم ،ئاچتىم دېمەستىن ئىشلەپ جاپا چەكسىمۇ،
ئىش قىلىدۇ تىرىشىپ كۈچ ماداردىن كەتسىمۇ،
ۋايسىماستىن ھەرقاچان  جاپا تارتىپ ئۆتسىمۇ،

زىنھار مىننەت قىلماستىن قان تەرىنى تۆكسىمۇ،
ئېغىر ئىشنى ئۈستىگە ئالىدىكەن  ئاياللار.


تاماق ئېتىپ ھەركۈنى بالىلارغا يىگۈزۈپ،
يىغىپ ئورۇن كۆرپىنى كىيىمنى كىيگۈزۈپ،

تەلىم بېرىپ ھەركۈنى ئاق قارىنى بىلگۈزۈپ،
گەپكە سېلىپ  بالىنى دادا،ئانا  دېگۈزىپ،
بالىلارغا مىھرىنى بىرىدىكەن ئاياللار.

باش پاناھ بوپ ھەممىگە دەرمان بولۇپ دەردىگە،

باش ئەگمەستىن جاپاغا، مۇشەققەتكە، جەبرىگە،
شېرىك قىلماي ئۆزگىنى تاپا-تەنە  زەربىگە،
چۆچەك ئېيتىپ ھەركۈنى بالىلارغا ،نەۋرىگە
بالىلارنى ئەقللىق  قىلىدىكەن ئاياللار.


ئۆيدە يوقنى تولۇقلاپ  كەم قىلمەستىن بىرىنى ،
ئاسىراپ ھەم قەدىرلەپ قولدىكى  بېرىنى،
ئېلىپ كېلىپ ھەردائىم  بۇيۇملارنىڭ كېمىنى،
پات-پات بېرىپ بازارغا ئېلىپ يەنە يېڭىنى،

توققۇزىنى تەل قىلىپ قويىدىكەن ئاياللار.

ئەتتىگەندىن كەچكىچە توختىماستىن يۈگۈرۈپ،
يۈرۈشتۈرۈپ ئىشىنى  ئۆزى يالغۇز ئۈلگىرىپ،
قوشنىلارغا ،چوڭلارغا تاماق، ئىتىپ كىرگۈزۈپ،

كۈنلۈك ئىشنى بىر قوللۇق تەرتىپ بىلەن يۈرگۈزۈپ،
خەۋەر ئېلىپ  ھەممىدىن تۇرىدىكەن ئاياللار.

ئائىلىدە ئەركەكلەر توغرا يولنى تۇتۇڭلار،
يول قويۇشۇپ ئۆزئارا ئېناق ئىجىل ئۆتۈڭلار،

ئاياللارنى رەنجتمەي  پەرۋىش قىلىپ كۈتىڭلار،
مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ قەدىرىگە يىتىڭلار،
ئائىلىدىن خوشاللىق تاپىدىكەن ئاياللار.

ئاياللارنى چۈشەنسە ھۆرمەتلىسە ھەر كىشى،

تەسكەن ئۇنىڭ بىر يەرگە ئالدىراپلا بېرىشى،
ئەجىر قىلىپ مىننەتسىز جاپا چەكىپ  ياز،قىشى،
بىرنى ئىشلەپ تۈگەتسە چىقىپ يەنە بىر ئىشى ،
كۈندە شۇنداق ئالدىراش ئۆتىدىكەن ئاياللار.
2015-يىلى 8-مارت كۈنەس

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

116

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
42
مۇنبەر پۇلى
74
ئىشەنىچ
42
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئاياللارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،تۇرمۇشىغا ئۇتۇق ،ئامەتلەر يار بولسۇن.

2

تېما

0

ئەگەشكۈچى

197

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
81
مۇنبەر پۇلى
111
ئىشەنىچ
81
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن،ھارمىغايسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:41, Processed in 0.102113 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش