- تىللا
- 44
- تۆھپە
- 15
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
- جۇغلانما
- 89
- ھوقۇقى
- 10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-28
- تىزىملاتقان
- 2012-8-29
- UID
- 25615

- تىللا
- 44
- تۆھپە
- 15
- UID
- 25615
| ماختاشلاردىن ئالدىم مەن ئىلھا،م. تورداشلارغا «رەھمەت» چوڭ سالام. ئىجات ئىشقى كۆيدۈرەر مىنى فوتو سۈرەت كەسپى قىلغاچ رام.
خاتىرلەيدۇ تارىخنى سۈرەت، بايقاپ تارتارتار گۈزەل تەبىئەت. يوقالمىسۇن ئىسىل قول، ھۈنەر. سۈرەتتە بار قەدىم مەدەنىيەت.
بايقاپ قىلار قايتىدىن ئىجات. ئۇز شەيئىنى كۆرسە شۇنچە شات. نۇرنى تەڭشەپ، ئۇدۇللار فوكۇس، مەنزىرە ئىزدەپ چاپتۇرىدۇ ئات.
كۆپ ئىزدىنىپ قىلىدۇ پىكىر، سۈرەت تارتىپ يازىدۇ شېئىر. سۈرەتتىكى شېئىر. شېىردا سۈرەت، شۇڭا نامى قىلىنىار زىكىر،
فوتو سۈرەت يىڭى تىز سەنئەت. يىراقلارغا چاپار دىمەي چەت. ئۆتكەن كۈنلەر قايتىلانمايدۇ، فوتوگىراف خاتىرلەر ئەبەد. كۆرەلەيدۇ ھەرقانداق ئادەم، كەڭ دۇنيانى قىلالايدۇ جەم، تىل، يېزىقىسىز چۈشۈنەر ھەممە، گۈزەل سۈرەت يوقۇتىدۇ غەم.
گېزىت. ژورنال سۈرەتتە كۆركەم، ھەممە ئەينەن لېكىن يوقتۇر تەم. تور سۈرەتكە بەردى كەڭ سەھنە، كىتاپتىمۇ سۈرەت ئەمەس كەم.
سۈرەتچىلىك يىڭى بىر كەسىپ، تەشۋىق قىلار ئەينەن بايقاپ تىپ. ئەجداتلارنى باغلار ئەۋلاتقا، سۈرەت بۇلۇپ مەڭگۈ ھەمكەم يىپ.
ئوتتۇز يىلچە كۆيدۈم مەن ئاڭا، ئىجات قىلدىم تارىتساممۇ جاپا. بىلىم بىلەن تېخنىكام بېيىپ، سۈرەت بولدى قەلبىمگە داۋا.
«ئىشقى يوق ئىشەك .كېرەكسىز كېسەك»، ئەجدات دېگەن بولغاچ بەك زىرەك. فۇتوگىراالىق بىرەر نام، شەرەپ ، بۇ ئىشىق ئۈچۈن ئىزدىنىش كېرەك،
ئۇچۇر، تېخنىكا بەرمەكتە قانات، فوتوگىراقلار بولدى شۇنچە شات. لېنتا ئېلىشقا ئەمدى كەتمەي پۇل، كونا ئاپىراتنى باستى ئەمدى دات.
سۈرەت تارىتمىغىن ئالدىراپلا خام، كېچىشى بۇلار چىراق نۇرلۇق شام. ياخشى سۈرەتلەر ئالقىشقا نائىل. ماختاشلاردىن ئالدىم مەن ئىلھا،م.
2012- يىلى 9- ئاينىڭ 27-كۈنى(پەيشەنبە) چۈشتىن بۇرۇنقى ئۇچۇق ھاۋا كەچلەردە قۇيۇق بۇلۇتلۇنۇپ قۇياشنىڭ نۇرىنى توسۇشقا باشلىغان ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 3دىن 58 مىنۇتتا يېزىلىپ بولدى.
|
|