ئىگىسى: 1yadikar

كەنىت ساقچىسى سىز شۈكرى قىلىڭ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
25
تۆھپە
1
UID
16002
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 01:06:48يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت دەپتۇ. ئۇلار شۈكرى قىلىشى كېرەك.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
467
تۆھپە
239
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 02:40:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كەنت ساقچىسى بولماق ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس...يۈكى ئېغىز ئىش بۇ...ببولۇپمۇ ئالدىراش يۈرىشى ۋە جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ خىزمەت قىىشى ،،رەھىمسىز بولىشى لىكىن خەلق ئارىسىغا چۆكۈشى قىلغان ئىشلىرىنى يېزىلىق ساقچىخانا ۋە يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا دوكلات قىلمىسا تېخى ئىشقىلىپ بۇ كەنت ساقچىلىرىمىزنىڭ خىزمىتى باشقا خىزمەتلەرگە باققاندا ھەقىقەتەن جاپالىق..لىكىن مۇشۇ بىزنىڭ خوتەن دىيارىمىزدا كەنت ساقچىلىرىنىڭ مائاشى 1600  ئەتراپىدا چىقىدۇ...لىكىن ئۇنىڭدىن سىېرت بۇلارغا تېلىفون ھەققى .ماي پۇلى ۋە تاماق پۇلى دىگەندەك چىقىملارنى ھېساپلايدىغان ئىش بولسا مائاشى 1600 ئەمەس 5000 كويدىن ئېشىپ كىتىشى ئېنىق.لىكىن نەپسانىيەتچى كەنت ساقچىسى بوپ قالسا 5000 ئەمەس ئايلىق مائاشى 2000 غا يىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە..شۇڭا كەنت ساقچىلىرىمىزغىلا ئەمەس باشقا سەپلەردىمۇ تىنىمسىز ئىشلەۋاتقان شۇ جاپاكەش خىزمەتچىلەرننىڭ بەختىنى ۋە ئىنسابىنى  ئىمانىنى ياراتقۇچى ئۇلۇق اللاھ بەرسۇن......


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
زۇلقەر
تىللا
217
تۆھپە
83
UID
6950
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 16:38:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائاش ئازبولسۇن كۆپ بولسۇن ئاللا ئىگەم بەرىكىتى بىلەن بىزگە يەتكۈزىدۇ ،گەپ بىزنىڭ قانداق خىراجەت قىلىشىمىزدا ، بىز ئەزەلدىن ئايلىق كىرىم -چىقىم جەدىۋىلى تۇرغۇزمايمىز ،چۈنكى ئېڭىمىزغا بىزنىڭ مېماندوس ،قائېدە-يوسۇنلۇق ،تاماشانى ياخشى كۆرىدىغان مىللەت دىگەن ئۇقۇم ھەرخىل بۇرمىلىنىپ سىڭىپ كەتكەن .يېڭىلىقلارنى قارغۇلارچە قۇبۇلقىلىمىز ، باردى كەلدىلەر كۆپلىگىدىن باشلارنىڭ ئىچى -تىشى قىتىپ كىتىدۇ ،شۇئىشلارنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساقمۇ قىينالساقمۇ باشقىلاردىن قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىمىز .بىرقىسىم  ئاياللار كىيىملەرنى قانداق كەيسە ئەڭ ماسلىشىدۇ ،قايسى كىيىم ئەڭ مۇدا دىگەننى تىتىۋىتىدۇ ،ئەمما بالامنىىڭ ئۈگىنىشىگە مۇناسۋەتلىك قانداق يىڭى تەربىيىلەش ئۇسۇلى باردۇر ؟ قانداق ئۈگىنىش قورالى بازاغا سىلىنغاندۇ ؟دىگەننى ئەسلا ئويلاشمايدۇ . باشقىلارنىڭ بالىلىرى ئۈگىنىشتە ياخشى بولسا ئاغىزىنى ئىچىپ ‹خەقنىڭ بالسى نىمە يەپ چوڭ بولغان  بالىدۇ نىمانچە ئەقىللىق ›دىيىشىدۇ ...ھەرگىز ‹قانداق تەربىلىگەن بولغىيتى ؟ مەنمۇ بالامنى شۇنداق قىلسام بوپتىكەن ؟› دىگەننى ئويلاشمايدۇ . مىنىڭ ئاساسلىق دىمەكچى بولغىنىم ،مائاش ئازدىمەي خىزمەتلا چىقسا  ئىشلەپ تۇرغان ياخشى بۇنداق بولغاندا ھېچ بولمىغاندا ئەتىراپىمىزدىكى يىڭىلىقلاردىن ،ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرغىلى نەزەدائىرىنى كىڭەيتىكىلى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن ...بۇدىگن ئۇچۇر دەۋرى ،ياخشى ئۇچۇرغا ئېرشىپ باشقا يول تىپىپ قىلىش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى . ئويدىلا ئولتۇرساق ھېچكىم ياخشى سىياسەت ،ياخشى خەۋەرلەرنى ئائىلىلىەرگىچە يەتكۈزمەيدۇ ! قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ توختىماي كەسىپ ،خىزمەت ئالماشتۇرۇپ تۇرشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇ . ئۇلار شۇنداق قىلىپ يۇرۇپ ھامان ئەڭ ياخشى ئورۇننى تىپىپ چىقىدۇ ! شۇڭا ئالى مەكتەپنى يىڭى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇھەقتە كۆپرەك ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .


Rank: 1

ئىسىمى
توققۇز بۇلاق
تىللا
21
تۆھپە
9
UID
26345
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 16:56:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورۇنلۇق ، شۆھرەتپەرەسلىك ، جاپادىن قورقۇرشتىن ئىبارەت بۇ ئىللەت ھەممىزدە بار .
قارىغاندا بۇ كەنىت ساقچىسى خىزمەتكە ئاسانلا چىقىۋالغان ئوخشايدۇ .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 19:31:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا  باشقا يول ئارقىلىق مائاشىسىنى كۆپەيتىدىغان ئوخشايدۇ.....بۇ قېرىندىشىمىز....
     ئىنساپسىز..


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 3Rank: 3

تىللا
133
تۆھپە
65
UID
9715
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 13:04:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«خەلق ساقچىلىرى» دېگەن نام قانداق قويۇلۇپ قالغان بولغىيتى بۇلارغا!؟
يولدا باشلىقنىڭ ماشىنىلىرى ماڭسا، خەلقنى ماڭغۇزماي، دوقمۇش- دوقمۇشلارنى توسۇۋالىدىغان، خەلقتىن قورقۇپ، ئۇۋىسىنىڭ ئەتىراپىنى تىكەنلىك سىم بىلەن توسىۋالىدىغان ساقچىلارنى.....
ئىشقىلىپ، مەن ساقچىلارغا بەك ئۆچ. (بەلكىم ساقچىلار ماڭا مەندىن ئۆتە ئۆچتۇر!؟)
جەمىئىيەتتە ساپاسىز ساقچىلار زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئەنە ئاشۇ كەنت ساقچىسىنىڭمۇ ساپاسىنىڭ قانچىلىكلىكىنى كۆرىۋالدۇققۇ!
ئەگەر سىز بىر زىيالىي ، دۆلەت كادىرى بولۇپ، ئادەتتىكى ئىش سەۋەبىدىن قاتناش ساقچىلىرى پىراۋىڭىزنى تارتىۋالسا، سىز نېمىلا دېمەڭ، قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. شۇ پىراۋىڭىزنى جەمىئىيەتتىكى بىرەر لەڭپۇڭچى، قويمىچى، قىمارۋاز...... تونۇشىڭىزدىن بىرەرى جەرىمانە تۆلىمەي ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.(بۇ مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن ۋە بىر قانچە تونۇشلىرىمدىن ئاڭلىغان ھەقىقىي ئىش)
ئەتىگىنى ئىشقا ماڭغىچە 20نەچچە كىلومېتىر يول ماڭىمىز. دەل ئىشقا ماڭغان پەيتتە بىر قاتناش ساقچى ماشىنىسى سۈرئەت چەڭلىمىسى 80 كىلومېتىر قىلىپ بەلگۈلەنگەن يولدا قەستەنگە 20-30 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن مېڭىۋالىدۇ. ئەگەر ئىشقا ئالدىراپ 50- 60كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يانداپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز، نېمىشقا مېنى ياندايسەن، مەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتىمەن، دەپ (ئۇلارنىڭ پىلدىر- پىلدىر چىرىقى ۋەزىپە ئىجرا قىلغىنىمىش) پىراۋىڭىزنى تارتىۋالىدۇ. شۇ چاغدا يەنىلا ھېلىقى جەمىئىيەتتىكى بىرەر لەڭپۇڭچى، قويمىچى، قىمارۋاز...... تونۇشىڭىزدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولسىز.
ئىشقىلىپ، ساقچىلارنىڭ ئىستىلىنى چوقۇم تەرتىپكە سېلىش كېرەك.


Rank: 1

تىللا
15
تۆھپە
9
UID
26503
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 15:42:12يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەتتىن قاقشىمايدىغان كىم بار؟


Rank: 3Rank: 3

تىللا
181
تۆھپە
51
UID
11100
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 17:52:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقچىلىق ھەقىقەتەن جاپالىق خىزمەت، لىكىن جاپالىق بولسىمۇ ۋايسىمايلى دوستلا،
‹‹چىدىغان بۆرە ياغ يەپتۇ، چىدىمىغىنى يۇڭ(يەپتۇ)›› دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ .


Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
26571
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 04:09:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم ،ياخشىمۇسلەر دوسلار ،مەن ئاشۇ كەنىت ساقچىسى ،قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيسىدن ،توغرا ھازىر ماڭا ئايدا 3300يۇەن مائاش بىرۋاتىدۇ،كۇنلىرىمىز ئالدىراشچىلىقتىن بىشىمىزنى كوتۈرەلمەيمىز ،كۇنلىكى ئاز دىگەندە 70كىلومىتىر يول ماڭىمىز ،موتو بىلەن بىردە ساقچىخانغا ،بىردەم يىزىلىق ھوكىمەتكە ،لىكىن بىزدىنمۇ ئۇنچە خاپا بولماڭلار،بىز ئوزىمىز بىلىمىز دەردىمىزنى ،ئالايلۇق مىنىڭ ئويۇم ئشىلەۋاتقان ئورنىمىدىن 3سائەتلىك يول لىلكىن مەن 3.25كۈنى مۇشۇ يەرگە كەلگەن لىكىن ھازىرغىچە ئويۈمگە بىرىپ باقمىدىم ،بىلمەيمەن يۇرتۇم قانداق بولۇپ كەتتى،ھە دىسە مۇقۇملىق دەپ 24سائەت تۇرسەن دەيدۇ ،ھازىر خوتۇن سەندىن ئاجىرشىمەن دەپ باشنى ئاغرىتقىلى تۇردى،بىز مۇشۇ تەرىقىسىدە ئىشلەيدىغان بولساق تۇرمۇشىمىزدىن ئايرىلىپ قالدىغان ئوخشايمىز ،پۇل ھەمىگە قادىر ئەمەس يولداشلار


Rank: 1

تىللا
28
تۆھپە
5
UID
18560
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 01:33:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ساقاچىلار بەك ئاچ كۆز بۇلۇپ كەتتى ،ھەدىسىلا ئالسام ،يېسەم ،يۇنىۋالسام دەيدۇ،ئۇلار قاقشاتمىغان ئادەم ئالمىدى ،بىچارە دېھقانلىرىمىز موتسكىلتلىرنى خاتىرجەم مىنەلمەيدۇ ئۇلار .
ھەي ...! نەپسانىيەتچىلىك مۇشۇ ئاددى كەنىت ساقچىلىردا بولغان يەردە ،باشقا .........؟
كىيىن يەنە نىمە كۇنلەرنى كۇرەرمىز بىز ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 18:36, Processed in 0.065797 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991