تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 440|ئىنكاس: 1

مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىغا 979 تەكلىپ سۇنۇلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

0

ئەگەشكۈچى

275

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
تەڭرىتاغ ئوغلانى
تۆھپە
40
مۇنبەر پۇلى
161
ئىشەنىچ
40
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 18:39:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىغا 979 تەكلىپ سۇنۇلدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – مارت تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ بۈگۈن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن سائەت17گىچە 979 تەكلىپ سۇنۇلۇپ، 657 تەكلىپ تۇرغۇزۇلغان.
    ئىگىلىنىشىچە، بۇ تەكلىپلەر مەزمۇن جەھەتتىن ئۈچ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن: بىرىنچىسى، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئەزالار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە پائال ماسلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاشقا بىرلەشتۈرۈپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېي ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەنى پائال يولغا قويۇش قاتارلىق تەرەپلەردە نۇرغۇن تەكلىپ – پىكىرنى سۇنغان.
    ئىككىنچىسى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. مەسىلەن: مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ج خ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
    ئۈچىنچىسى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي كاپالەت مەسىلىلىرىنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئىشتىراك قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىش. يەنى مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش – سەھىيە، كۈتۈنۈش ۋە مۇھىت قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا تەكلىپ، پىكىرلەر سۇنۇلغان.

12

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1783

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
893
مۇنبەر پۇلى
873
ئىشەنىچ
893
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 10:08:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دەۋرانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 10:10  

مەركەز پۇقرالارغا كوڭۇل بۆلىدۇ . لىكىن يەرلىكمۇ شۇنداق قىلىدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:07, Processed in 0.103189 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش