قونچاق يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 11:20 
ئوقۇغۇچى ئاتۇش، سىز بىلەن گېپىمىز بىريەردىن چىقمىغىدە ...
سىز تىلغا ئالغان تەسۋىرلەردىن تولىمۇ يىراقمەن. كەچۈرۈڭ، تېخى ئوقۇش باشلىمىغانلىقى ئۈچۈن قوڭغۇراق چېلىنسىمۇ دەرسكە چىقمايمەن. مەن « ئۈندىدار» دېگەن سۆزنى « مەينەتلىك» دېمىدىم. يولداش (ياكى خانىم)قونچاق، ئىنكاسىمنى ياخشى ئوقۇڭ! خەقتىن ئاڭلىغاننى راست دەپ داۋراڭ قىلىدىغان، قوڭىغا ئۇرۇپ تاپقان گەپنى خەققە دۆڭگەپ قويۇپ بازارغا سالىدىغان ئادەملەردىن خۇدايىم يىراق قىلسۇن. بۇنداقلارنىڭ قولىدىن ھەر بالالار كېلىدۇ. ئىلمىي ، پاكىتلىق مۇنازىرىدىن قېچىپ، ئادەمنى ھاقارەتلەيدىغان مۇنازىرىچىلەردىن خۇدايىم يىراق قىلسۇن! ئۇلارنىڭ قولىدىن ھەر شۇملۇقلار كېلىدۇ. بىگۇناھ پۇقرالارغا ھەر قالپاقلارنى كەيدۈرۈش مېنىڭ قولۇمدىن ئەمەس، سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدىكەن، قارىڭە، قورقماي ئۇيغۇر تىلغۇناسلىرىغا، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىلىرىغا قالپاق كەيدۈرۈلىگەن ئادەم ئۆزىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى بىلمەيدىغان دېھقانلارغا، تۆۋەندىكى بىگۇناھلارغا نېمە قالپاقلارنى كەيدۈرەلمىسۇن؟!
ئىسىڭىزگە سېلېپ قوياي، ئۇيغۇرتىلى ئۇنداق ئاغزىغا كەلگەننى دەۋەرسە بولىدىغان تىل ئەمەس. مۇئەييەن سۆز ياساش قائىدىسى بار، سېستىمىلىق تىل. خوش، بىز «微博»دېگەن سۆزنى ئۇيغۇرتىلىغا «مىكرو بىلوگ» دەپ تەرجىمە قىلدۇق ۋە ئومۇملاشتۇردۇق. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن «微信»نى «مىكرو خەت» دەپ ئومۇملاشتۇرساق بولمايدىكەن؟ چىرايلىق ئاڭلانغىنى ئۈچۈنلا «ئۈندىدار» دېيىشىمىز كېرەكمىكەن، چىرايلىق ئاڭلانغىنى ئۈچۈنلا ئۇيغۇرتىلىنىڭ سۆز ياساش قائىدىسىنى بۇزساق بولامدىكەن؟ «ئۇيغۇرتىلىنى ئۇنداق قوغدايمىز، بۇنداق قوغدايمىز» دەپ شۇئارنى چوڭ توۋلاپ، ئۆزىمىز « ئۇيغۇرتىلىغا چاقچاق قىلساق بولامدىكەن»؟
سىزنىڭ نېمە خىزمەت قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەلمىدىم، مېنى يېزا كادىرىغا ئوخشىتىپ تەنقىد قىلغىنىڭىزغا قارىغاندا شەھەردە كادىر ئوخشايسىز، خۇدايىم بۇيرىسا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ بىرەر ئورۇندا خىزمەت قىلىپ قالسام، مېنىڭ قانداق كادىر بولىدىغانلىقىمنى، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى سىز بەلگىلەپ بەرمىسىڭىزمۇ مەن ئوبدان بىلىمەن، جەمئىيەتتە كىمنىڭ قانچىلىك رولى بارلىقىنى، «مېنى باشقىلارغا قالپاق كەيدۈرىسەن» دەپ تەنقىد قىلغانلارنىڭ قانچىلىك ئادەملىكىنى ئالدى بىلەن خۇدايىم، ئاندىن قالسا ئەتراپىدىكى ئادەملەر بىلىدۇ.