بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر ئازادجان ئىبراھىم
تەر تۆكۈپ جاپاتارتىپ ئىشلەپ تېپىپ، ھەركۈنى سەھەر تۇرۇپ بالدۇر يېتىپ، بەزىدە ئازابلىنىپ غەمگە پېتىپ، بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.
قارىتىپ بىر-بىرىگە تىغ ئۇچىنى، خورىتىپ زېھنىنى ھەم كۈچىنى، ئورۇنسىز ئاچچىق قىلىپ ئۆز ئىچىنى، بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.
مىجەزدە كۆزقاراشتا كېلىشەلمەي، ئۆزئارا ئىلھام ،مەدەت بېرىشەلمەي، بەزىلەر ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەي،
بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.
بىر ئۆمۈر ئېتىز قىردا كەتمەن چېپىپ، جاپالىق ئەمگەك قىلىپ ،ھېرىپ ئېچىپ، بىرلىرى كۆپنىڭكىنى بۇزۇپ چېچىپ، بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.
بىرىگە بىرى قىلىپ ھەسەتخورلۇق، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارغا قىلىپ زورلۇق، بىرىدىن يەنە بىرى كۆرۈپ خورلۇق، بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.
ئاش-نان بېرىپ بىرىنى بىرى بېقىپ، بىرلىرى، بىرلىرىنى سۆكۈپ چېقىپ، بىرلىرى ،بىرلىرىنى چەتكە قېقىپ، بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.
بىرلىرى بازار ئېچىپ، زاۋۇت قۇرۇپ، بىرلىرى، بىرلىرىنى تىللاپ ئۇرۇپ، بەزىلەر غەم قايغۇسىز ئويناپ يۇرۇپ، بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.
بەزىلەر قىلىۋېرىپ خىيانەتنى، يوقىتىپ ،يۈز ئابروي ئېناۋەتنى، ئۆتكىزىپ كەچۈرگۈسىز جىنايەتنى، بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر. 2015-يىلى 21-فېۋرال كۈنەس |