تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 660|ئىنكاس: 5

بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

320

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3353

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
494
مۇنبەر پۇلى
1905
ئىشەنىچ
494
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 18:54:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر
ئازادجان ئىبراھىم

تەر تۆكۈپ جاپاتارتىپ ئىشلەپ تېپىپ،
ھەركۈنى سەھەر تۇرۇپ بالدۇر يېتىپ،
بەزىدە  ئازابلىنىپ غەمگە پېتىپ،
بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.


قارىتىپ بىر-بىرىگە تىغ  ئۇچىنى،
خورىتىپ زېھنىنى ھەم كۈچىنى،
ئورۇنسىز  ئاچچىق قىلىپ ئۆز ئىچىنى،
بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.


مىجەزدە  كۆزقاراشتا كېلىشەلمەي،
ئۆزئارا  ئىلھام ،مەدەت بېرىشەلمەي،
بەزىلەر  ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەي،

بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.


بىر ئۆمۈر  ئېتىز قىردا كەتمەن چېپىپ،
جاپالىق  ئەمگەك قىلىپ ،ھېرىپ ئېچىپ،
بىرلىرى  كۆپنىڭكىنى  بۇزۇپ چېچىپ،
بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.


بىرىگە بىرى قىلىپ ھەسەتخورلۇق،
كۈچلۈكلەر ئاجىزلارغا  قىلىپ زورلۇق،
بىرىدىن يەنە بىرى كۆرۈپ خورلۇق،
بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.


ئاش-نان بېرىپ بىرىنى بىرى بېقىپ،
بىرلىرى، بىرلىرىنى سۆكۈپ  چېقىپ،
بىرلىرى  ،بىرلىرىنى چەتكە قېقىپ،
بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.


بىرلىرى بازار ئېچىپ، زاۋۇت قۇرۇپ،
بىرلىرى، بىرلىرىنى تىللاپ ئۇرۇپ،
بەزىلەر غەم قايغۇسىز  ئويناپ يۇرۇپ،
بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.


بەزىلەر قىلىۋېرىپ خىيانەتنى،
يوقىتىپ ،يۈز ئابروي ئېناۋەتنى،
ئۆتكىزىپ كەچۈرگۈسىز جىنايەتنى،
بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن ئادەملەر.
2015-يىلى 21-فېۋرال كۈنەس

50

تېما

1

ئەگەشكۈچى

884

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئالىم ياسىن
تۆھپە
261
مۇنبەر پۇلى
474
ئىشەنىچ
261
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 10:50:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرنىڭ باشلىنىشىدىكى كوپلېتنى ئا ئا ئا ئا شەكىلدە ئالغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن...مەزمۇن ياخشى.

320

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3353

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
494
مۇنبەر پۇلى
1905
ئىشەنىچ
494
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 11:14:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئارمانى!

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1340

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىر مۇئەللىم
تۆھپە
517
مۇنبەر پۇلى
826
ئىشەنىچ
517
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 09:34:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز

11

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1127

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
510
مۇنبەر پۇلى
589
ئىشەنىچ
510
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 11:23:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
21132113 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 09:34
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز

  سىزنىڭ  تەربىيىۋى  ئەھىمىيەتكە  ئىگە  شېىئىرلىرڭىزنى  داۋاملىق   ئوقۇپ  تۇرىمەن ھەم  ئىنكاسمۇ  يىزىپ
تۇرمەن  . تۇرمۇشنىڭ  ھەممە  تەرەپلىرنى سىزنىڭ  ئەسەرلىرڭىزدە  كۆرگىلى  ھەم  تەربىيە ئالغىلى  بولىدۇ
   ھازىرىقى  ياشلار  ئۈچۈن بىر ئەينەك  دېسەكمۇ  ئارتۇق  بولماس . سالامەت بولۇڭ ! يەنمۇ  ئېسىل ئەسەرلىرڭىز
   بىلەن داۋاملىق يۈز  كۆرۈشۈپ  تۇرساق  دەيمەن ، تەشەككۈر لەر  سىزدىن  ئايلانسۇن .

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

39

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
35
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 09:26:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بەك ياخشى  يېزىپسىز . بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 01:09, Processed in 0.109587 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش