ئۇزۇن چاچلىقلار بايرىمى
سالام دوستلار ياخشىمۇسىلەر، 2- نۆۋەتلىك ئۇزۇن چاچلىقلار مۇسابىقىسى ۋە 2- نۆۋەتلىك ئاياللارنىڭ قول توقۇلما بۇيۇملار مۇسابىقىسى ئاياللارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى بولغان ساياھەت بۇيۇملىرىنى ياساش تېخنىكا، ماھارەت كۆرگەزمىسى قاراقاش ناھىيەسىدە 28-ئاۋغۇست 3 كۈن ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مۇسابىقىگە مۇنبەردىكى نەرگىز خانىم يەنى مەلىكە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يۇرتىمىزنىڭ يەرلىك تائاملار مۇسابىقىسىمۇ بىرگە ئېلىپ بېرىلىپ مۇسابىقىگە ماھىر ئۇستاملار تەييارلىغان يەرلىك توغراق كۆمىچى، قاراقاشتا توقۇلغان قوي يۇڭى گىلەم ۋە ئەتلەس، ھەرخىل كارىۋات ۋە ياستۇق ياپقۇشلار مىللىي خاسلىققا ئىگە دېھقانچىلىق سايمانلىرى،ئۆرۈك ئوتۇنىدا پىشۇرۇلغان مېزىلىك كاۋاپ نانلار ،يۇرتىمىزنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن ئارزۇيۇم دوپپىلىرى، يەرلىك كېپەك بىلەن چىقارغان ئاچچىقسۇ- لازىلار،مېزىلىك ئەركىن قۇۋۋەت ماتاڭلىرى يەنى يەرلىك قېتىق بىلەن قوناق نان(زاغرا) ئۆزىمىزنىڭ كوللىرىدا بېقىپ پىشۇرۇلغان بېلىق ،چىۋەر ئاياللىرىمىز ئەتكەن لەمپۇڭ ،قادىلار قاتارلىق مەھسۇلاتلارمۇ قويۇلدى، دوستلارنىڭ ياقتۇرغانلىرىنى زاكاس قىلىپ ئېلىشىنى ۋە كېلىپ ساياھەت قىلىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
