قېيىنئانا بولۇش ئىلمى
قېيىنئانا دېگەن يېڭى تۇغۇلغان ئائىلىگە مۇئەللىپ بولۇش دېگەنلىكدۇر. ياخشى ياكى يامان قېيىنئانا بولۇش ياش- قېرىلىق ، كۆپ تۇققان ، ئاز تۇققانلىق، ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغانلىقىغا باغلىق ئەمەس . ئۇ ئايالنىڭ چۆكۈپ ياتقان ئەسلىگە ، ئېتىقادىغا ، نىيىتىگە باغلىقتۇر .
‹‹ ھەممە نەرسە نىيەتكە باغلىقتۇر .›› كېلىنگە ‹‹ بۇ كېلىن ئەمەس ، ئۆزۈمنىڭ بالام بولۇپ قالىدۇ ›› دەپ قارىسىڭىز ، كۆزىڭىزگە پەقەت ئۇتۇقىنى تېپىپ بىرىدۇ. ‹‹بۇ كېلىن ، ھېچقاچان ئەل بولمايدۇ ،بېشىدىن ھۇشيار تۇرۇش كېرەك ›› دەپ ياتسىرىسىڭىز ، ئۇنىڭ پەقەت كەمچىلىكىلا كۆرۈنىدۇ.ئۇتۇقىنى تېپىپ ، شۈكرانە ئېيتقانسېرى، كېلىننىڭ چېھرى ئېچىلىۋېرىدۇ ، كېلىننى خاپا قىلغاچ ، ساقلىقىڭىز يامانلاشسا ، كۆڭلىڭىز قاراڭغۇ بولسا ، بىلىڭكى بۇ يەنە قىلمىشىڭىزنىڭ جاۋابى. كېلىنىمگە ئانا بولۇپ قالىمەن ،دەپ نىيەت قىلىڭ.بالىغا كۆكرەك تۇتقاندا يەتمىش ئىككى تومۇرىڭىز ئېرىپ كەتكەندەك ،نىيىتىڭىزگە يارىشا كۆڭلىڭىزدە شەپقەت ئىشىكى ئېچىلىدۇ . كېلىنگە سۆيۈملۈك بولۇپ ياشاش، ئۆز بالاڭغا يېقىن ياشاشتىن مىڭ مەرتە راھەتلىكراقتۇر !
بىراۋ سورىسا ، سورىمىسا كېلىنىدىن ئاسانلا يامانلايدىغان قېيىنئانا، بىلىڭكى ئۆز دەۋرىدە قېيىنئانىسىنى ئۇچرىغانغا غەيۋەت قىلىپ كەلگەن نامەرد كېلىندۇر. كېلىننى ماختىغان قېيىنئانىنىڭ كېلىنى ئەمەس ، ئاۋۋال ئۆزى ياخشىراقتۇر. كېلىننىڭ ئاتا- ئانىسى ھەققىدە سەلبىي گەپلەرنى كېلىنگە ئاڭلىتىپ ئېيتماڭ، سىز بىلەن ئۇنى باغلاپ تۇرغان نازۇك يىپ ئۈزۈلىدۇ، قىزىدىن كۆڭلىڭىز سۇ ئىچمىسىمۇ، قۇدىلارغا مەرھەمەتلىك بولۇڭ - سىزدىن سۆيۈنسۇن ، قىزىنى سىزگە ئىگىپ بېرىدۇ .ئايالنىڭ ياخشى- يامانلىقى كېلىن ئالغاندا مەلۇم بولىدۇ . تىلىكىڭىزدە دائىما ياخشى تىلەكلەر بولسۇن. جېنىمىز يىلدىن - يىلغا ئارقىغا كېتىۋاتىدۇ ، كېلىنلەرگە مالاللىقىمىزنى كەلتۈرمەيدىغان يىگانە مەلھەم ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئاڭلىتىپ قىلىنغان تىلەكتۇر.كېلىن ئېلىپ گېپىنى تېشىغا چىقارمىغان ئايالغا قىز بېرىڭ. قېيىنئانا ئادىل بولمىغان ئۆيدە ھەر كۈنى قىيامەت .
‹‹ ھاياتلىق - ئىجتىمائىي ئەخلاق مەجمۇئەسى ›› دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى