بۇلار «قىيامەت قايىم» نىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ؟
يېقىندىن بۇيان زامان ئاخىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەرخىل گەپ - سۆزلەر كۆپىيىپ قالدى، بۇنداق گەپ - سۆزلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقە - ھادىسىلەر پەيدا بولماقتا. مەسىلەن، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان غەيرىي تۇغۇلىدىغان بوۋاقلار، ھەتتا ھايۋانلار شۇنداق غەلىتە تۇغۇلىدىغان ئىشلارمۇ كۆپىيىپ قالدى. بۇنىڭدىن سىرت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مالىمانچىلىقلار. ئىنسانلار ئىزچىل تىنچلىققا ئىنتىلىپ كەلگەن، ئەمما تا ھازىرغا قەدەر ئىنسانلار ئۇرۇشنى توختاتقىنى يوق، بىگۇناھ كىشىلەر مەلۇم نەپسانىيەتچىلەرنىڭ تويماس نەپسىنىڭ «قۇربان» ىغا ئايلىنىپ بارماقتا، كۈندە نۇرغۇنلىغان سەبىي بالىلار بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ بولالمايلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلماقتا. بۇنىڭدىن سىرت، ئىنسانلارغا يەنە ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقىنى، ھەرخىل ئاپەتلەر. ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ھەرخىل كېسەللىكلەر ئىنسانلارنىڭ جېنىنى ئالماقتا، بۇنداق كېسەللىكلەر تۈپەيلى، ھەتتا چوڭقۇر نەپەس ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. يەنە يېقىندىن بۇيان ھەرخىل ھاۋارايى ھادىسلىرىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. بەزى ۋاقىتتا بۇلارنىڭ زادى قانداق ھاۋارايى ھادىسىسى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەيمىز. ئىنسانلار بارغانچە ۋەھىمە ئىچىدە ياشىماقتا. دۇنيا راستىنلا ھالاكەتكە يۈزلەندىمۇ؟
راستىنلا زامان ئاخىرى بولامدۇ - يوق، بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدۇ، بۇ پەقەت ياراتقۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا باغلىق. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى تەرەققىياتنىڭ ئىنسانلارغا قايتۇرغان جاۋابى، نەپسانىيەتچىلىكى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلى. ئىكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىش، مۇھىتنى بۇلغاش، پايدا ئۈچۈن باشقىلارنىڭ جېنى بىلەن ئوينىشىپ ھەرخىل ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنى ئۆز قوۋم - قېرىنداشلىرىغا سېتىپ بېرىش، تەبىئەتتىن پايدىلىنىشنىلا بىلىپ، ئۇنىڭغا «جاۋاب» قايتۇرماسلىق... بۇلارنى ساناپ كەلسەك بەك كۆپ، يىغىپ ئېيتقاندا، مەيلى قانداقلا ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ باش «جىنايەتچى» سى يەنىلا بىز ئىنسانلار.
تۆۋەندىكىسى يېقىندىن بۇيان، يەرشارىدا كۆرۈلگەن ئاجايىپ - غارايىپ قورقۇنچلۇق ھاۋارايى ھادىسىلىرى، بۇنىڭ بەلكىم ئۆزىمىزنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشكە پايدىسى بولۇپ قالا.
