كۆرۈش: 25211|ئىنكاس: 29

كاۋا كاۋىپى يەپ باققانمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
364
تۆھپە
184
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 15:31:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كاۋا كاۋىپى يەپ باققانمۇ؟


F201205020851286536701802.jpg


     قەشقەرگە بارسىڭىز، كاۋا كاۋىپى چوقۇم ئىشتىيىڭىزنى ئاچىدۇ. كاۋا كاۋىپى قەشقەردە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، يول-يوللاردا ھارۋىلارغا قويۇلغان كېسىپ پارچىلانغان كاۋىلارنى كۆرىسىز. كاۋا كاۋىپىنىڭ ئۆزگىچە پۇرىقى ھىچنەرسىگە ئوخشىمايدۇ.
 كاۋا كاۋىپىنى ئۇيغۇرلار نان ياقىدىغان تونۇردا پۇشۇرىدۇ، تونۇردا كاۋىنىڭ سىرتى كۆيۈپ. ئىچى يۇمران پىشىدۇ. كاۋا تونۇردا 2-3 مىنۇت تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، پىچاق بىلەن كېسىپ، سوۋۇتۇپ يىيىلىدۇ. ھورى چىقىپ تۇرغان كاۋىنىڭ مىزىلىك پۇرىقى ئادەمنى ناھايىتى جەلىپ قىلىدىغان بولۇپ. يىسىڭىز بۇ تەم ھەرگىزمۇ سىزگە كاۋىدەك تېتىمايدۇ.
 كاۋىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى مول بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى كاۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، كاۋىنىڭ تەركىبىدىكى مېنىرال ماددىلار مول بولۇپ، تەركىبىدىكى كاروتىن ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار يەنە يۇقىرى قان بېسىمى ۋە سۈيدۈك سىستېمىسىدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا ناھايىتى پايدىلىق.



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

ئىسىمى
ئىلياس
تىللا
86
تۆھپە
34
UID
23194
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 16:35:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجدادلىرىمىزنىڭ  تائام مەدىنىيتى ھەقىقەتەن جەزبىدار،شىپالىق جۇمۇ .... كىلىش،ياسىلىش مەنبەسى ئىنىق بولمىغان ئاتالمىش دورا ، كاپسۇللارنى يىگۈچە  مۇشۇنداق تەبىئىي يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلىپ ئۆزىمىزنى كۈتسەك نىمە دىگەن ياخشى بولىدۇ ھە ...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6756
تۆھپە
3412
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 17:16:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقسۇ بىر ياقتا قايرىلىپ قالدىما؟ كاۋا دېگەن كاشغەردە ئەمەس، ئاقسۇدا ئوخشايتتى-يا؟


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1328
تۆھپە
695
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 17:22:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق كاۋا كاۋاپلىرىنى  بىز داۋاملىق يەپ تۇرىمىز


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 17:26:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كاۋا  نامىنى ئەسلى بىزنىڭ ئاقسۇ ئەمەس قەشقەرگە ئۆتكۈزۈپ بەرسەك بولغىدەك................


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2055
تۆھپە
734
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 18:54:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەپ باقمىغان، كۆرۈپ يىگۈم كىلىۋاتىدۇيا


Rank: 6Rank: 6

تىللا
579
تۆھپە
215
UID
7655

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 19:15:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كىچىگىمدىن تارتىپ يەپ چوڭ بولغان ، ئانام تۇنۇرغا نان يېقىپ بۇلۇپ كاۋىنى سېلىپ دۇملەپ پىشۇرۇپ بىرەتتى، مېھرىبان ئانامنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2226
تۆھپە
1647
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 19:26:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مىنىڭچە بۇ سۈرەتتىكى كاۋا خوتەندىغۇ دەيمەن، قەشقەردە ھىچ كۆرمەپتىمەنيا، ياكى بازارغا چىقمىغىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالغانمىدۇ يا؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
988
تۆھپە
632
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 23:08:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاۋا دىگەننى پۇشۇرۇشنى بىلۋالسىلا ھەممە يەردە ئوخشايدۇ جۇمۇ دوسلا


Rank: 4

تىللا
260
تۆھپە
154
UID
17314
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 23:10:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 20:43, Processed in 0.084326 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991