تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2490|ئىنكاس: 75

پاكىت،مۇلاھىزە،بايانات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 13:00:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكىت،مۇلاھىزە،بايانات

قاسىم سىدىق

ھازىر 29-تىئورما يېتەرلىك تەجىربە ئاساسلىرىغا ئىرىشتى ۋە تەجىربە ئاساسلىرى بايقالدى.مەن ئەمدى 29-تىئورمىغا جىددى مۇئامىلە قىلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى دەپ قارايمەن.شۇڭا مەن شىنجاڭ ئونېۋېرىستېتى،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرىستېتى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن-تېخنىكا جەمىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ فىزىكا ئىنىستېتوتلىرى،فىزىكا ئىلمى جەمىيەتلىرىنىڭ بۇ ئىشقا جىددى قاراپ،29-تىئورمىنىڭ  توغرا ياكى خاتالىغىنى تەجىربە نۇقتىسىدىن تەكشۆرۈپ-دەلىلەپ كۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمەن.دۆلىتىمىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارتىش،يېڭىلىق يارىتش تىپىدىكى دۇلەت قۇرۇش غايىسىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.مىنىڭ ئەقەللى تەلىۋىم ۋە سىلەرنىڭ بۇ تەلەپنى قوللىشىڭلار،مۇشۇ غايە يولىدىكى بىر ئاددى قەدەم بولۇپ قالغۇسى دىگەن ئۈمىتتىمەن.....مەن شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ يېتەرلىك تەجىربە ئاساسلىرى بايقالغانلىغىنى،قارشى پىكىردىكى كەسىپ ئىگىلىرى بولسا ھەر قاچان مۇلاھىزە-مۇنازىرىگە تەييار ئېكەنلىگىمنى رەسمى ئېلان قىلىمەن...تەپسىلاتىنى تۇۋەندىن ئوقۇڭ:

مىنىڭ بەزى يازمىلىرىم ۋە “ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش” ماۋزولۇق يازمام ”باغداش“ ۋە”مىسرانىم“قاتارلىق مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن.بەزىلەر مىنى پۈتۈنلەي خاتا نۇقتىنەزەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى دەپ ئەيىپلەپ كېتىشتى.بۇلارنىڭ ئىچىدە مەملىكەت سىرتىدا ئىشلەۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان دوكتۇر شۇنداقلا دوكتۇرانىتلارمۇ بار.تۇر دۇنياسىدىكى بەزىلەر بۇ دوكتۇر،دوكتۇرانىتلارنىڭ بىر تەرەپلىمە،خاتا نۇقتىئنەزەرلىرىنى گۇيا ئىلاھى ھەقىقەت سۈپىتىدە كۇتىرىپ چىقىپ ئۇلاردىن شەكىل نەزەريىسى ۋە ماڭا ھۇجۇم قىلىش قورالى سۈپىتىدە ئىزچىل پايدىلىنىپ كەلدى ۋە پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

شۇنچە كۇپ تالاش-تارتىشلارغا سەۋەپ بولغان بېكھامچە توپ(بانان توپ،يايسىمان توپ)نىڭ فىزىكىلىق سەۋەپلىرى ھازىرغىچە بېرنوللى قانۇنىنى خاتا تەدبىقلاش ئارقىلىق چۈشەندۆرۆلۆپ كەلگەنلىگىنى ئازىراقلا كاللا ئىشلەتكەن ئادەم كۇرۇپ يېتەلەيتى.


پاكىتلار

视频: 地球公转



http://v.youku.com/v_show/id_XMjk3NDE2MTI.html

يۇقۇرقى فىلىمدىن بىز يەر شارىنىڭ ئۇقىدا سائەت سىتىرىلكىسىغا قارشى ھالدا ئايلىنىش بىلەن بىرگە ئوربىتىدىمۇ سائەت سىتىرىلكىسىغا قارشى ئايلىنىۋاتقانلىغىنى كۇرۇپ ئالالايمىز.مانا مۇشۇنداق ئايلىنىش نەق شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىنى قانائەتلەندۆرىدۇ.ۋېنرا قاتارلىق تەتۆر ئايلىنىدىغان پىلانىتلارمۇ 29-تىئورمىنى ئوخشاشلا قانائەتلەندۆرىدۇ.

مىنىڭ يۇقۇرقى قۇرلارنى يېزىشىم ۋە فىلىمنى پايدىلىنىش سۈپىتىدە يوللۇشۇمنىڭ ئاساسلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.فىلىم بىزنى گويا بېكھامچە توپنىڭ ئاستا ۋە چوڭايتىلغان كۇرۇنۇشى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.بىز يەرشارىنى توپ،ئوربىتىدىكى بىر ياي بۆلىكىنى بېكھامچە توپنىڭ تىرايىكتورىيىسى دەپ قاراپ تۇرساق بولىدۇ.ھەقىقى توپنىڭ فىلىمدىكى كۇرۇنۈشلىرى بەك كىچىك ۋە تېز بولغانلىغى ئۈچۈن،تورداشلارنىڭ تەپسىلاتلارنى بېۋاستە كۇرۆپ مۇلاھېزە قىلىشىغا قۇلايلىق بولىشىنى كۇزدە تۇتۇپ يەرشارىنى تاللىدىم.ھەر ئىككىسىدىكى ئالاقىدارفىزىكىلىق قانۇنىيەت ۋە ھەركەت شەكلى ئوخشاش بولغاچقا بۇ خىل تاللاشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

2.بىرنوللى قانۇنىدا ئاقار جىسىملارنىڭ بېسىمى تېزلىك ئاستا تەرەپتە يۇقۇرى،تېزلىك يۇقۇرى تەرەپتە تۆۋەن دەپ قارىلىدۇ ۋە جىسىملارنىڭ تېزلىكى ئاستا تەرەپ ئاقار جىسىملارنىڭ بېسىمىغا بەكرەك ئۇچرايدۇ،دەپ قەيىت قىلىنىدۇ.

3.يوقۇرقى ”توپ“(يەر شارى)نىڭ تېرايىكتورىيىسىنىڭ ۋە ئۇزىنى ئايلىنىش يۆنىلىشىنىڭ سائەت سىتىرىلكىسىغا قارشى ئىكەنلىگىنى كۆرۆپ تۇرۇپتۇق.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ”توپ“نىڭ تىرايىكتۇرىيىسىدىكى ھەركەت جەريانىدا تىرايىكتورىيە يۆنىلىشىگە قارشى ۋە تىرايىكتورىيە يۆنىلىشى بىلەن بىردەك بولغان ئىككى يېرىم شارنىڭ بىر پۈتۈنلىكى ئىكەنلىگىنىمۇ كۆرۆپ تۇرۇپتۇق.يەنى سول يېرىم شار تىرايىكتورىيە يۆنىلىشىگە قارشى،ئوڭ يېرىم شار تېرايىكتورىيە يۆنىلىشى بىلەن بىردەك ئايلىنىۋاتىدۇ.

4.خوش،ئەمدى نەق مەسىلىنىڭ ئۆزىگە كېلىمىز.
كۇرۇنۈپ تۇرۇپتىكى ”توپ“نىڭ تىرايىكتۇرىيەدىكى تېزلىكى سول يېرىم شارنىڭ ئاستا،ئوڭ يېرىم شارنىڭ يۇقۇرى.چۈنكى سول يېرىم شار تىرايىكتۇرىيە يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىۋاتىدۇ.مۇشۇ تېزلىك پەرقى سەۋەبىدىن ”توپ“ سول تەرەپكە ئېغىپ يايسىمان تىرايىكتۇرىيە ياساۋاتىدۇ.
مۇبادا بېرنوللى قانۇنى بۇنداق توپلارغا ئورۇنلۇق بولسا ئىدى ،توپ سولغا ئەمەس ئوڭغا ئېغىشى كېرەك ئىدى.فىلىمنى ئەستايىدىل كۇرگۆچىلەر مىنىڭ تەشەببۇسلىرىمنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ھېس قىلالايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ”29-تىئورما ماياتنىك تەجىربىسى“  دە29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ يەنە بىر تەجىربە ئاساسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.بۇ ماياتنىك ھازىرمۇ شىنجاڭ ئونېۋېرىستېتىدىكى بىر تەجىربىخانىدا ئېسىغلىق تۇرىۋاتىدۇ.مۇتەخەسىسلەر ھازىرغىچە بۇنداق ئېغىشقا  بىرەر كىلاسسىك سەۋەپ تاپالمايۋاتىدۇ.
بۇ خىل ئېغىش بىلەن ھاۋانىڭ، بىرنوللى قانۇنى ۋە ماگنوس ئىففىكىتىلىرىنىڭ ئەسلا مۇناسىۋىتى يوق.چۈنكى ماتورنىڭ سىرىتقى قېپى پىقىرىمايدۇ.
كۇرۆنۈپ تۇرۇپتىكى،ئالاقىدار تېمىلاردا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئالاقىدارتالاش- تارتىشلار بۇ ماياتنىك تەجىربىسىگە نىسبەتەن ئەھمىيەتسىز.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە  ”ئانتى ئېغىرلىق كۈچى تەجىربىسى ۋە ياكى پرېتسىيە تەجىربىسى“ (پرېتسىيە تەجىربىسىمۇ ئوخشاش تەجىربە پاكىتى بىلەن چۈشەندۆرۆلىدىكەن.ھازىر ئايان بولدىكى 29-تىئورمىچەئېغىش پېرىتسىيە ھادېسىسىنىڭمۇ سەۋەپلىرىنىڭ بىرى ئىكەن) دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ تەجىربىمۇ 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ مەۋجۈتلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

دىمەكچى بولغۇنۇم،ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بىر توغرا ئىدىيە بەزىلەر تەرىپىدىن قاتتىق دەپسەندە ۋە مەسخىرە قىلىندى.بۇنداق ئۇۋالچىلىققا بەزى دوكتۇر،دوكتۇرانىتلار ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى ھەتتا يېتەكچىلىك قىلدى.ساناقلىقلا،ئىسمىنى ئاتىمىساممۇ ھەممەيلەن بىلىپ يېتەلەيدىغان بۇدوكتۇر ۋە دوكتۇرانىتلار  ھازىرمۇ ئارقا كۇرۇنىشى مۇرەككەپ،مۇددىئاسى ساغلام بولمىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇزلىرىنىڭ خاتا نۇقتىئنەزەرلىرىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ شەكىل نەزەريىسىگە ۋە ماڭا قىلىۋاتقان ئادالەتسىز ھۇجۇملىرىغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ.بۇ دوكتۇر ۋە دوكتۇرانىتلار گۇيا ئىدىيىۋى دۇنيادا”قورال-ياراق“سودىگەرلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش قۇرالى بىلەن تەمىنلىگەندەك ئىش قىلىۋاتىدۇ!.
مىنىڭ ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم ،پاكىت،پەقەت پاكىتلا خاتا نۇقتىئىنەزەرلەرنى دەپسەندە قىلىش،مەسخىرە قىلىش ھوقۇقى ۋە قۇدرىتىگە ئىگە!.

مۇلاھېزە

ئىلىم-پەن مۇنوپۇللىغى ۋە ئىلىم-پەن مۇستەبىتلىگى ھازىرقى دۇنيادا ئاقمايدۇ.بەلگىلىك ئىلمى ئاساسى بارئەركىن ئىدىيىلەرنى ئاساسسىز،مۇتىھەملەرچە بوغۇش  تەبىئەت ۋە ئىلاھ تەرپىدىن ئىنسانىيەتكە ئىنئام قىلىنغان ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىشتىن ئىبارەت!.

مەن بۇ تېمىنى يېزىشتا يالغۇز ئۇزۇمنىڭ،شەكىل نەزەريىسىنىڭ مەنپەئەتىنلا كۇزدە تۇتقىنىم يوق.مەن يوقۇرى ئۆرلەپ مەخسۇس كەسىپلەر بويىچە ئوقۇش،دوكتۇر بولۇش،ئىنسانىيەت،دۆلەت ۋە مىللەتكە تۆھپە قوشۇشنى ھەرقاچان تەكىتلەيمەن ۋە بۇنداق كىشىلەرگە ھۇرمەت بىلدۇرىمەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ھەممىنى مەن بىلىپ بولدۇم.ئىنسانىيەت ياكى مىللەتنىڭ تەپەككۆرى مىنىڭ رامكام ئىچىدە چۈرگىلىشى كېرەك دەپ قاراشتىن يىرگىنىمەن.بىلىپ قېلىش كېرەككى،چىن مەنىسىدىن ئالغاندا ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىيات تارىخى سالاھىيەت تارىخى ئەمەس،ئىجادى تەپەككۈر تارىخىدىن ئبارەت.ھالبۇكى بۇنداق تەپەككۈرگە دوكتۇر ئىرىشىپ قىلىشىمۇ،پوكتۇر ئىرىشىپ قىلىشىمۇ مۆمكىن.

كونسىرىۋاتىپ كىشىلەرنىڭ ئىلىم -پەن سەھنىسىدىكى ۋەزخانلىقلىرى كىلاسسىك بىلىملەرنى تەكىتلەشنىلا بىلىپ، ھامان باشقىلارنىڭ تەپەككۈر ئىزىدىن سۇرۈلۈپ مېڭىشنىلا ئۆگۆتۈش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ!. ھازىر پۈتۈن دۇنيا يېڭىلىقنى،ئىختىرانى تەكىتلەۋاتىدۇ.كىلاسسىك بىلىملەربىلەن ئالدىنقى سەپ بىلىملىرى،نەتىجىلىرىنى ماسلاشتۇرۇش،بەلگىلىك ئىلمى ئاساسى بولغان،كىلاسسىك بىلىم ،قاراشلار بىلەن سىغىشمايدىغان يېڭى قاراشلار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلۇشۇشلا توغرا پۇزىتسىيە.سىنىڭ ماۋۇ قارىشىڭ پالانچى ئالىمنىڭ ماۋۇ قارىشى بىلەن بىردەك ئەمەس،شۇنىڭ ئۈچۈن سىنىڭ خاتا دېيىش ساۋاتسىلارچە پۇزىتسىيە.ئىلىم-پەن تارىخى تولۇق ئاياقلىشىپ،ھەل بولمىغان ھېچقانداق مەسىلە قالمىغاندىلا مانا مۇشۇنداق پوزىتسىيە ئورتاق قوبۇل قىلىنىدۇ.ھازىر بۇنداق پوزىتسىيەنى تاللاشقا بەكمۇ بالدۇر!.


بايانات

مەن شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ يېتەرلىك تەجىربە ئاساسلىرى بايقالغانلىغىنى،قارشى پىكىردىكى كەسىپ ئىگىلىرى بولسا ھەر قاچان مۇلاھىزە-مۇنازىرىگە تەييار ئېكەنلىگىمنى رەسمى ئېلان قىلىمەن.

1.يۇقۇردا نامى ئاتالمىغان دوكتۇر،دوكتۇرانىتلارنى باشقىلارمۇ،ئۇزلىرىمۇ بىلىدۇ.مەن بۇلارنىڭ شەكىل نەزەريىسى.29-تىئورما ۋە مىنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان ئاساسسىز بايانلىرىنىڭ ھازىرغىچە يامان تەسىر بېرىپ كىلىۋاتقانلىغىنى،مۇددىئاسى ساغلام بولمىغان بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن سۈيىئىستىمال قىلىنىۋاتقانلىغىنى ئەسكەرىتتىم.بۇ دوكتۇر ۋە دوكتۇرانىتلارنىڭ ئۇزلىرىنىڭ ئالاقىداربايانلىرىنىڭ ئىجتىمائى،قانۇنى ئاقىۋەتلىرىگە جاۋاپكار بولۇش مەجبۇرىيىتى،ئۇلارنى ئۇزگەرتىش ياكى ساقلاپ قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.ئەلۋەتتە،ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىلمى مۇنازىرىلەر ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدا كاتالىزاتۇرلۇق رولىنى ئوينايدۇ ۋە قارشى ئېلىنىدۇ.بۇ دوكتۇر،دوكتۇرانىتلارنىڭ 29-تىئورما ئۈستىدە يەنە ئىلمى نۇقتىدىن چىقىپ دەيدىغان قارشى قاراشلىرى بولسا مەنمۇ قىزغىن قارشى ئالىمەن.لىكىن،پاكىت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان كۇنا تەلقىنلىرىنى ۋاقتىدا يىغىشتۇرۇۋىلىشىنى ،ئۇلاردىن مۇددىئاسى ساغلام بولمىغان بەزى شەخىسلەرنىڭ پايدىلىنىۋېرىشىغا سۈكۈت قىلماسلىغىنى ئەسكەرتىمەن!.

2.شەكىل نەزەريىسى،جۈملىدىن شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر نۇرغۇن پايدىلىق پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى.تەشەببۇس قىلىنغان قاراشلارغا ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ ئىلھاملاندۇردى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دوكتۇر،پىروفېسور ۋە ئاكادىمىكلارمۇ بار.مەن ئۇلارغا تەشەككۈر ۋە ئالى ئېھتىرام بىلدۇرىمەن.
ئەھۋالدىن خەۋەردار بەزى مۇتەخەسىسلەر مۇبادا 29-تىئورما ئورۇنلۇق بولسا ھازىرقى زامان فىزىكىسى،ئالەمشۇناسلىغىغا غايەت زور تەسىر ئېلىپ كىلىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ھازىر 29-تىئورما يېتەرلىك تەجىربە ئاساسلىرىغا ئىرىشتى ۋە تەجىربە ئاساسلىرى بايقالدى.مەن ئەمدى 29-تىئورمىغا جىددى مۇئامىلە قىلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى دەپ قارايمەن.شۇڭا مەن شىنجاڭ ئونېۋېرىستېتى،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرىستېتى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن-تېخنىكا جەمىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ فىزىكا ئىنىستېتوتلىرى،فىزىكا ئىلمى جەمىيەتلىرىنىڭ بۇ ئىشقا جىددى قاراپ،29-تىئورمىنىڭ  توغرا ياكى خاتالىغىنى تەجىربە نۇقتىسىدىن تەكشۆرۈپ-دەلىلەپ كۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمەن.دۆلىتىمىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارتىش،يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۇلەت قۇرۇش غايىسىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.مىنىڭ ئەقەللى تەلىۋىم ۋە سىلەرنىڭ بۇ تەلەپنى قوللىشىڭلار،مۇشۇ غايە يولىدىكى بىر ئاددى قەدەم بولۇپ قالغۇسى دىگەن ئۈمىتتىمەن.

3014.12.10

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 17:26:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 10:11  

ئالاقىدار كىلاسسىك ۋەسىقىلەردىن تەرمىلەر:

ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
نىيوتۇن يۇقۇرقى قۇرلاردىن كىيىنلا شۇنداق يازىدۇ:
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.

ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.

ماگنوس ئىففىكىتىنىڭ شەرھى:


ئايلىنىۋاتقان بىر جىسىمنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى ،بۇ جىسىمنىڭ ئۆچۆش(سىزىقلىق)تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى بىلەن ئۆسىتمۇ-ئۆسىت چۈشمىگەندە(不重合时)،ئايلىنىۋاتقان بۇلۇڭلۇق تىزلىك ۋىكتۇرى ۋە سىزىقلىق تىزلىك ۋىكتۇرىدىن شەكىللەنگەن تەكشىلىكتە بىر ۋىرتىكال كۈچ پەيدا بولىدۇ.بۇ ۋىرتىكال كۈچنىڭ تەسىرىدىن جىسىملارنىڭ سىزىقلىق تىرايىكتورىيىسىدە ئېغىش يۇز بېرىدىغان ھادىسە ماگنوس ئىففىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ.

مىنىڭ ئەسكەرتىپ قويىدىغانلىرىم:

بايقىشىمچە،ماگنوس ئىففىكىتىنىڭ يۇقۇرقىچە شەرھى بىلەن 29-تىئورما مەزمۇنى ئوتتۇرىسىدا پىرىنسىپال پەرىق يوق ئىكەن.ھالبۇكى ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ئاقارجىسىملار مىخانىكىسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىزاھلاپتۇ.مۇبادا ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ھەقىقى بوشلۇققا كېڭەيتىۋەتكەن بولسا مىنىڭ 29-تىئورمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمغا ھاجەت ۋە پۇرسەت قالمىغان بولار ئېكەن.ئېھتىمال بۇ تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان كىچىككىنە پۇرسىتى بولسا كېرەك.
«ماگنوس ئىففىكىتى»گە ئالاقىدار  تەڭلىمىدە  بىر Sئەزا بولۇپ،ئۇ،جىسىم يۆزىدىكى ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچ كويفىنىستىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى،29-تىئورما بۇيىچە ئۈزى ئايلاندۇرۆلۆپ تىپىلگەن بىكخامچە توپ ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ(ۋاكۇئومدىمۇ) ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ يايسىمان ئاغىدۇ.ئېغىشنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى توپنىڭ پىقىراش تىزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

قارىغاندا مەن نىيوتۇننىڭ پېقىرىغۇچ(نۇر)ھەققىدىكى بايانلىرىغا ماگنۇسنىڭ ئېغىش يۆنىلىشى كۇرسەتكۈچىنى قىستۇرۇپ قويۇپتىمەن.قىلغىنىم مۇشۇنچىلىكلا ئىش ئىكەن!.
______________
توردىكى ئىسمى tanha307بولغان تورداش 29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلى ئۈستىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدىنىپ تۆۋەندىكى ئىككى تېمىنى يېزىپ چىققان.كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ تەنقىدى نەزەردىن ئۇتكۈزۆپ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى سورايمەن.

tanha307

tanha307


14

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1475

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخەت ئابدۇرىھىم
تۆھپە
750
مۇنبەر پۇلى
697
ئىشەنىچ
750
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 23:12:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەرەققىياتنىڭ ئىلمىي ئاساسى ھەكارلىشىش.بۇنى چۈشۈنىش كىرەك.

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 23:32:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 12:11  
baxkiram يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 23:12
تەرەققىياتنىڭ ئىلمىي ئاساسى ھەكارلىشىش.بۇنى چۈشۈنىش ...

رەھمەت.ئىنتايىن توغرا ئېيىتتىڭىز.

___________________

شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ بايانى :

زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
ئېغىشنىڭ قىممىتى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.


ئىككىنجى بايان شەكلى:

ئۇزىنى ئايلىنىش ئوقى بىلەن سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشى بىر سىزىق ئۈستىدە ياتمايدىغان زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.

54

تېما

16

ئەگەشكۈچى

4375

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1500
مۇنبەر پۇلى
2497
ئىشەنىچ
1500
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 11:56:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ماتىماتكىلىق بىلىملەرنى ئانچە بىلمىسەممۇ، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىشلىرىنى قوللايمەن. بىر تىما ئۈستىدە شۇنداق مۇلاھىزلەرنىڭ بولىشى يېڭى بىر ئىختىرانىڭ مەيدانغا كىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن، دالى كارنىكنىڭ سۆزى بۇيىنچە: ھېچكىم ئۆلۈك ئىتقا چامما ئاتمايدۇ، مىۋىسىز دەرەىخكىمۇ ھىچكىم چامما ئاتقان ئەمەس.

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 13:22:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 13:49  

تېمىغا ئالاقىدار كىلاسسىك ۋەسىقىلەردىن تەرمە:

يا.ئى پېرېلمان_ "قىزىقارلىق فىزىكا" 1-كىتاپ،بىرىنجى باب _"تىزلىك ۋە ھەركەتلەرنىڭ قوشۇلىشى" بابى"27-28-بەتلەر:

كىتاپتىكى كىچىك ماۋزۇ ۋە تولۇق تېكىسىت:

چاقنىڭ ئەڭ ئاستا قىسمى

مېڭىۋاتقان ھارۋا چاقىنىڭ ھەممە نۇقتىلىرىنىڭ ئوخشاش تىزلىكتە ھەركەتلەنمەيدىغانلىغىنى بىلىۋالدۇق.ئۇنداقتا ھەركەت قىلىۋاتقان چاقنىڭ زادى قايسى قىسمى ئەڭ ئاستا ھەركەت قىلىدۇ؟

چاقنىڭ ئەڭ ئاستا ھەركەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى چاقنىڭ دەل يەرگە تەككەن قىسمىدىكى نۇقتىلار ئىكەنلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس.ئېنىقراق ئىتقاندا بۇ نۇقتىلار چاق يەرگە تەككەن پەيىتتە پۆتۆنلەي ھەركەت قىلمايدۇ.

يۇقۇردا ئېيتىلغانلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئىلگىرلىمە ھەركەت قىلىۋاتقان چاققا نىسبەتەن توغرا بولۇپ،قوزغالماس ئوقتا ئايلىنىۋاتقان چاققا توغرا كەلمەيدۇ.ئەلۋەتتە ،مەسىلەن،ئۇچقۇر چاقنىڭ ھەممە نۇقتىسى بىرلىكتە ھەركەت قىلىدۇ.

________
تەدبىقلاش: بۇنداق ھارۋا چاقى بىلەن  توپلارنىڭ بىر ئورتاقلىغى بار.ئۇ بولسىمۇ يەردە دومىلىغاندا يەرگە تەككەن نۇقتىسى،ھاۋادا ئوقىدائوڭغا ئايلاندۇرۇلۇپ تاشلانغاندا ئوڭ تەرەپ دىيامىىتر سىزىقنىڭ ئۆچىدىكى نۇقتىسى ئەڭ ئاستا ياكى جىم بولىدۇ.دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئاددى ۋە نوپۇزلۇق دەلىل بولمايدۇ.چاقنى يانتۇ قىلىپ ئوقىدا ئايلاندۇرساقلا نۇر بولۇپ قالىدۇ.

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 13:33:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 00:15  
ئېلى يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 11:56
مەن ماتىماتكىلىق بىلىملەرنى ئانچە بىلمىسەممۇ، قاسىم س ...

رىغبەتلەندۆرگىنىڭىزگە رەھمەت.

__________


ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ئىشلىگەن يۇقۇرقى گىراپىكتا ئېغىۋاتقان توپ ۋە موھىت ئامىللىرى يارقىن ئەكىس ئەتتۆرۆلگەن.بۇ گىراپىك،29-تىئورمىچە ئېغىشنى چۈشەندۇرۆشتە بىر ياخشى كۇرسەتملىك قورال بولالايدۇ.مەن مۇشۇ گىراپىك ئارقىلىق 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ ھاۋا ئېقىمى ۋە ھاۋا بېسىم پەرىقلىرىنىڭ يايىسىمان توپلاردىكى بۇنداق ئېغىشنىڭ دېنامىكىلىق سەۋەبى ئەمەسلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتىمەن.
تەپسىلاتى:/forum.php?mod=viewthread&tid=21144

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 16:37:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 17:12  

ئۆزىنى ئايلىنىش ئوقى بىلەن سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشى بىر تۆز سىزىق ئۇستىدە ياتمايدىغان شارجىسىم سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.بۇنداق ئېغىشقا بۇ جىسىمنىڭ ئىككى يىرىم شارىنىڭ سىزىقلىق يۆنىلىشىدىكى تېزلىك پەرقى سەۋەپ بولىدۇ.ئېغىۋاتقان تەرەپنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى بولغاچقا مۇشۇنداق تېزلىك پەرقى كېلىپ چىقىدۇ. كىشىلەرگە ئۇقتۇرماقچى بولغان بارى-يوق گېپىم مۇشۇنچىلىكلا.تېمىغا قىستۇرۇلغان ئالاقىدار فىلىملار بۇ تەشەببۇسنى ئىسپاتلايدۇ.

پايدىلىنىش:



http://v.youku.com/v_show/id_XNzM2MzkwNTk2.html

مانا بۇ سۈيۈقلۇقتا ئېلىپ بېرىلغان 29-تىئورما تەجىربىسى.شارچىنىڭ ھالىتى 29-تىئورمىنى قوللاۋاتىدۇ.

بەزىلەر سۇ ئىچىدىكى شارچىنىڭ بۇنداق ئېغىشىنى يەنىلا بېرنوللى قانۇنى،ماگنۇس ئىففىكىتى قاتارلىقلار كەلتۆرۈپ چىقارغان دېيىشى مۆمكىن.شۇنداق دەيدىغانلار بولسا قېنى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاساسلىرىنى كۇرسەتسۇن.شۇ ۋاقىتتا بىر نىمە دېيىشەيلى!.

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 19:10:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تېمىغا ئالاقىدار كىلاسسىك ۋەسىقىلەردىن تەرمە:

فىزىك

21-قەۋەت.

مەن بۇنى يوللاپ قوياي ، سىزنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىڭىزغا ئوخشاپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ :

سۈرئەت قاتلىنىش :
كېتىۋاتقان ۋېلىسىپىت چاقىنىڭ يۇقىرىقى يېرىمى تۆۋەنكى يېرىمىدىن تېزرەك چۆگىلەيدۇ ، چۈنكى ۋېلىسىپىتنىڭ ھەركەت يۆلىنىشى ئۈستۈنكى قىسىمىنىڭ ھەركەت يۆلىنىشى بىلەن بىردەك ، ئاستىنقى قىسىمىنىڭكى بىلەن بولسا قارشى يۆلىنىشتە . مۇشۇ قانۇنىيەتكە ئاساسەن يەرشارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىشى كېچىگە قارىغاندا كۈندۈزى تېز بولىدۇ .

مەنبەسى : تەبئىي پەن ئاساسلىرى
*
http://bbs.misranim.com/thread-107141-3-1.html

32

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3673

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1010
مۇنبەر پۇلى
2529
ئىشەنىچ
1010
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 13:11:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 14:01  


http://zhidao.baidu.com/question/2052138960555736627.html


ئىككى مەركەزداش چەمبەرنىڭ ئارىسىغا يەر شارىنى قويسىڭىزمۇ،فۇتبولىنى قويسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.
ئۇلارنىڭ دىئامىتىرىنى شۇ چەمبەر ئارىلىغىغا تەڭ دەپ پەرەز قىلىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.
كۇرۇنۈپ تۇرۇپتىكى،بۇنداق چەمبەردە ئايلىنىۋاتقان يەر شارىنىڭ مەركەزتەرەپتىكى يېرىم شارىنىڭ باسقان مۇساپىسى قارشى تەرەپتىكىسىدىن قىسقا بولىدۇ ۋە تېزلىكى نىسبى ئاستا بولىدۇ.بۇچەمبەرنىڭ بىر بۇلىكى ياي بۇلۇپ،ئۇنى يايىسىمان توپنىڭ تىرايىكتۇرىيىسى دەپ قاراپ تۇرساق بولىدۇ.ئوخشاشلا ئىچىدىكى تەرەپنىڭ مۇساپىىسى قىسقا ۋە توپىنىڭ مەركەز تەرەپتىكى يېرىمىنىڭ تېزلىكى ئاستا بولىدۇ.مانا بۇلار مىنىڭ يايسىمان توپنىڭ تېزلىك ئاستا تەرەپكە ئاغىدىغانلىغىنى،بۇنداق ئېغىش بىلەن بېرنوللى قانۇنى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىسى يوقلىغىنى تەكىتلىشىمدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى.پىلانىتلارنىڭ ئوربىتىدىكى دەۋرى ھەركىتىنىمۇ يۇقۇرقى نۇقتىلاردىن ئويلۇشۇشقا بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 01:45, Processed in 0.122463 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش