تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىگىسى: ق.سىدىق

پاكىت،مۇلاھىزە،بايانات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3856

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1079
مۇنبەر پۇلى
2640
ئىشەنىچ
1079
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 15:17:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەرمە:

مەدەنيەت ئىنقىلاۋىدا 200دىن ئارتۇق ئادەمنى تۆت خىل ئۆنسۆر دەپ پەنجىم گۇڭشىغا يىغىۋىلىپ كۇرەشكە تارىتتى،مەجبۇرى ئەمگەككە سالدى.پەنجىمدە يېتىپ.قوپۇپ،ئىشلەيتۇق.ئارىمىزدا يېشى 70دىن ھالقىغان بىر قازاق بوۋايمۇ بار ئىدى.مەن بۇ ئادەمنىڭ نىمە بولۇپ بىزدەك  ئادەملەر قاتارىغا قېتىلىپ قالغىنىنى سۈرۈشتۆرۆپ بىلدىم.
ئەسلىدە بۇ چال بازارلارغىمۇ كىرىپ كەتمەيدىغان،سىياسىنىڭ نىمىلىگىنىمۇ بىلىپ كەتمەيدىغان بىر ئادەم  ئىكەن.ياش چاغلىرىدا شىڭ دوبەن شەر سورىغاچقا، شۇ شىڭ دوبەننىڭ ئىسمىلا يادىدا قاپتىكەن.پەلەك چۈرگىلەپ ،زامان ئۇزگىرىرىپ ماۋجۇشىنىڭ رەئىس بولغانلىغىمۇ ئانچە ئېنىق يادىدا بولمىسا كىرەك.ئۇزامانلاردا ئەقىلغا سىغمايدىغان ھەممە ئىش يۆز بەرگەن ئىدى.ياشىسۇن،يوقالسۇن دەپ شوئار تۇۋلاشمۇ شۇ زامانلاردا ئەۋجىگە چىققان،كىمىكى  شوئارنى توغرا توۋلىمىسا ياكى شوئار توۋلانغان ۋاقىتتا قولىنى كۆتەرمىسە شۇ ئادەمنى نەس باساتتى.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە قانداق بولغان شاۋدۆيدىكى يىغىلىشتا شۇ بوۋاينى شوئار باشلاشقا بۇيرۇشۇپتۇ.بۇ بۇيرۇقتىن ھودۇقۇپ كەتكەن بوۋاي شۇنداق توۋلاپتۇ:
_ ئەلىگى،ئەلىگى،ئەلىگى...چىڭ دوبەن جاساسىن!.
(ھېلىقى،ھېلىقى،ھېلىقى....شىڭ دوبەن ياشىسۇن!)

شۇنىڭ بىلەن بۇ چال بىزنىڭ قاتارىمىزغا دەرھال قېتىلغان ئېكەن.
كۇرۆنۆپ تۇرۇپتىكى بۇ چال شىڭ دوبەندىن كىيىنكى ئىشلارغا ئانچە پەرۋا قىلمىغان،ئېسىدە قالغان ئېسىم شۇ شىڭ دوبەن.قازاندا نىمە بولسا چۈمۈچكە شۇ چىققان گەپ.

بەزى ئاغىنىلەر ھازىرغىچە جىك،بىلىمخۇمار قاتارلىقلارنىڭ تەجىربە نەتىجىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنى چاپلاپ ئاۋارە.بۇ ئاداشلاربىلەن ئاۋۇ چالنىڭ نىمە پەرقى بار؟!.29-تىئورما يىتەرلىك تەجىربە ئاساسلىرىغا ئىگە بولۇپ بولدى.قانچە ئەۋزەيلىسەڭ شۇنچە مات بولىسەن!.
زامانىمىزدا قارا كۇزئەينەك تاقىۋىلىپ چۈش بولغاندىمۇ تاڭاتمىدى دەپ ئوخلايدىغانلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ...


http://bbs.misranim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=132384&page=5&extra=#pid1986522

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3856

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1079
مۇنبەر پۇلى
2640
ئىشەنىچ
1079
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 15:21:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇژغۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 00:38
مۇبارەك بولسۇن قاسىم سىدىق مۇئەللىم.....تەبىئىي پەنلەر  ...

رەھمەت.
29-تىئورمىنىڭ تەجىربە ئاساسلىرىغا ھازىرغىچە كىلاسسىك فىزىكىدىن چۈشەندۆرۈش تاپالمىدۇق.ماياتنىك تەجىربىسىگە مۇتەخەسىسلەرمۇ تېخى بار بولغان فىزىكا بىلىملىرىدىن ھازىرغىچە بىرەر پەتىۋا كۇرسىتەلمىدى.قارىغاندا ئۇزۇن يىللىق ئەجىر بېكار كەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ......

24

تېما

4

ئەگەشكۈچى

885

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
425
مۇنبەر پۇلى
405
ئىشەنىچ
425
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 21:26:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىي پەنلەردە پاكىت،توغرا بولغان تەجرىبە نەتىجىسى،ھەم ئاخىرقى يىغما خۇلاسە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ...!بارىكاللا..1 سىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن...!

0

تېما

3

ئەگەشكۈچى

320

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
65
مۇنبەر پۇلى
224
ئىشەنىچ
65
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 01:30:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇژغۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 21:26
تەبىي پەنلەردە پاكىت،توغرا بولغان تەجرىبە نەتىجىسى،ھ ...

مەنمۇشۇ، ئەگەشتىم، رەخمەت تەپەككۈر قىلغىنىڭىزغا تىنىڭىزنىڭ ساق بۇلىشىغا تىلەكداشمەن....

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3856

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1079
مۇنبەر پۇلى
2640
ئىشەنىچ
1079
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 14:42:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«قاسىم سىدىق ئەپەندى» ھادىسەسىدىن ھېس قىلغانلارىم

http://bbs.bagdax.cn/thread-27567-1-1.html

بۇ تېمىدىكى مېنى«ئالىم» دىگەن باھادىن ئوڭايسىزلاندىم.مەن پەقەت ئادەتتىكى بىر ئىزدەنگۈچى.
تېما ئىگىسى شەكىل نەزەريىسى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى رىياللىغى ئۈستىدە خېلى ئىزدىنىپتۇ.تەبىئى پەن نەزەريىلىرىنىڭ 3خىل كېلىش مەنبەسى ھەققىدە توختۇلۇپتۇ.مۇنازىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ۋە ئويۇشتۇرۇش ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىپتۇ.نەپ ئالدىم.تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئوقۇيمەن.

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1373

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
304
مۇنبەر پۇلى
1059
ئىشەنىچ
304
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 15:20:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشلىرى ئىچىدىن جەزمەن قىزىل گللەر پورەكلەپ ئېچىلغۇسى.
ئىزدىنىشلىرىڭىزگە بارىكاللا!
يوللىرىڭىز قۇتلۇق بولسۇن!سىزگە  مەدەت تىلەيمەن.

24

تېما

4

ئەگەشكۈچى

885

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
425
مۇنبەر پۇلى
405
ئىشەنىچ
425
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 15:30:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامەت يار بولسۇن مۇئەللىم...!

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3856

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1079
مۇنبەر پۇلى
2640
ئىشەنىچ
1079
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 11:46:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 18:21  

توردىكى ئىسمى جىمسارى بولغان كىشى يوللىغان بۇ تېما “باغداش”تىن ئۆچۈرۈلگەندەك قىلىدۇ:

«قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسى» دىن ھېس قىلغانلارىم


جىمسارى


بايان ئاۋۋال

    مەن، باغداش، مىسرانىم، كائىنات ناملىق ۋېبسىتلاردىن (تور بېكىتى دەۋاتىمىز) قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئانچە مۇنچە بىلدىم. بۇ كىشى ئەدەبىياتتا، تەبىئي پەندە بولۇپمۇ فىزىكا ساھەسىدە كەڭ بىلىم ئاساسىغا ئىگە ھەم تەپەككۇرغا باي بولۇپ، يوقۇرىدا نامى ئاتالغان ۋېبسىتلاردا، ئۇيغۇر تىلىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىپتۇ. دۆلىتىمىزنىڭ خەنزۇ يازىقىدىكى ۋېبسىتلاردا نەشىر قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ھەم  تەرجىمە قىلىپ ياكى ئۇلاپ كۆچۈرۈپ بىزنىڭ كۆرۈپ باقىشىمىزغا سۇنۇپتۇ. مىنىڭ بىلىشىمچە، قاسىم سىدىق ئەپەندى، «شەكىل نەزەرىيەسى»دىگەن بىر قىياسنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، بۇ نەزەرىيە، دۇنياۋى فىزىكا مۇنبىرىدىن مۇستەھكەم ئورۇن ئالغان «ئۇلۇقلىرىمىز» نىڭ نەزەرىيەسىگە خىرىس ئالىپ كەپتۇ. مۇشۇسەۋەپتىن، قاسىم سىدىق ئەپەندى بىلەن بولغان مۇنازىرەلەر ئەۋج ئاپتۇ. بەزىلەر قاسىم سىدىق ئەپەندىنى قوللاپتۇ، بەزىلەر، ئۇنىڭغا قارىشى چىقىپتۇ. بۇلارنى مەن، «قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسى» دەپ يىغىنچاقلادىم. مەزگۇر ئەسەردە، مەن قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسىدىن ھېس قىلغانلارىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.



1. قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسىنىڭ سەۋەبى


     مىنىڭ يۈزەكى بىلىشىمچە، قاسىم سىدىق ئەپەندى، پەيغەمبەرىمىز ياشىدىن ھالقىغان مويسىپىت كىشى بولۇپ، 60 ياشىدىن بۇرۇن، بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپتىكەن. ئۇ، فىزىكا ئىلمىيدە مەخسۇس ئوقۇمىغان بولسامۇ، ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنۈپ فىزىكىدىكى شەكىل نەزەرىيەسى بىلەن ھەپىلەشكىلى 30 يىلدىن ئاشىپتۇ. نەتىجەدە، بۇ كىشى، «شەكىل نەزەرىيەسى» دىگەن بىر يۈرۈش نەزەرىيە ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئەمما، بۇ كۆزقاراش، دۇنياۋى نوپوزغا ئىگە بولغان ئىلمىي ژورناللاردا نەشىر قىلىنماي، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ژورناللاردا ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋېبسىتلاردا نەشىر قىلىنىپتۇ. بۇئەسەرلەرنى دۇنيادىكى ھەر ساھەدە ئىشلەۋاتقان، ئوقۇغان، ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىلەرى كۆرگەندىن كىيىن، ھەركىم ئۆزىنىڭ چۈشەنچەسى بويىچە قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسىگە قارىتا پىكىر يۈرگۈزگەن. قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسىنى قوللايدىغان پىكىرلەرمۇ، قوللىمايدىغان پىكىرلەرمۇ مەيدانغاچىققان. ئەمما، بۇ ئىككى قاراشتىكىلەر بىرى بىرىنى قايىل قىلالمىغان ھەتتا، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ تەپەككۈرىدىن ھالقىپ كىتەلمىگەندەك قىلىدۇ. شۇڭا، قاسىم سىدىق ئەپەندى، ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرغان. شۇنداق قىلىپ نەچچە يىلدىن بېرى، ئاخىرى چىقمىغان بۇ مۇنازىرە، قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسىگە ئايلىنىپ قالغان[1،2،3،].


2. شەكىل نەزەرىيەسىدە، قاسىم سىدىق ئەپەندىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرەر ئۇيغۇر ئالىم يوق

    قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى بىلەن ئەڭ بالدۇر ھەم ئەڭ كۆپ تۇنۇشقانلار ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان. بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا ئۇيغۇر. ئەمما، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرە بېسىقمىدى، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىمۇ ھېچكىم قايىل قىلىپ بۇئەپەندىنى رايىدىن ياندۇرۇپ جىم قىلالمىدى. دىمەك، بۇنىڭغا قارىغاندا، شەكىل نەزەرىيەسىنى مەيلى قوللاسۇن ياكى قارىشى تۇرسۇن، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى تەپەككۇرىدىن ھالقىغان بىلىمگە ئىگە بىرەر ئۇيغۇر ئالىم يوقتەك قىلىدۇ.

3. قاسىم سىدىق بىر تەبىئى پەن ئالىمى بولۇشقا مۇناسىپ

    قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ھەقلىق ھەپىلەشكىنى ئەدەبىيات ئىكەن. ھەقسىز ھەپىلەشكىنى تەبىئىي پەن ئىكەن. تەبىئىي پەن دىگەن نىمە؟ تەبىئەتتىكى ئورگانىك ۋە ئىنورگانىك شەيئىلەر بىلەن ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىملەر، تەبىئىي پەن دەپ ئاتالغان. تەبىئىي پەن، ئالەم ۋە دۇنيادىكى مەۋجۇد ماددا، جىسىم، ئىنشائات، ھەرىكەت، ئېنىرگىيە قاتارلىقلارنى ئۆگىنەدى ھەم ئۆگىتەدى. تەبىئىي پەننىڭ مەقسەدى، تەبىئەتتىكى ئورگانىك ۋە ئىنورگانىك شەيئىلەر بىلەن ھادىسىلەرنىڭ ماھىيەتىگە يۇشۇرۇنغان قانۇنىيەتلەرنى ئىزدەپ تاپىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، تەبىئىي پەندىكى يەكۈن ياكى نەزەرىيەلەر مۇنداق 3 ئۇسول بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇنىڭ بىرى، ئوبسېرۋالاش (كۈزۈتۈش، ئۆلچەش، تەجىرىبە قىلىشلارنىڭ ئومۇمى نامى)، ئىككىنچىسى، ھېپوتېزلەش (مەلۇم بايقالغان ئىلىم ئاساسىدا پەرەز ياكى قىياس قىلىشنىڭ ئومۇمىنامى)، ئۈچىنچەسى، مۇئاينەلەش (دەلىللىك ئىسپاتلاش) ئارقالىق روياپقا چىقىدۇ[4]. دىمەك، مۇشۇ 3 ئىشنىڭ بىرىنى قىلغان كىشىنى مەن ئالىم دەپ قارايمەن. قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئەسەرلەرىگە قاراغاندا، بۇ ھەقتە كەڭ دائىرەدە مەلۇماتلارنى يىققان، ئۆگەنگەن شۇ ئاساستا تەپەككۇر قىلىپ ئاخىرى ئۆزى توغرا دەپ قارىغان شەكىل نەزەرىيەسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. دىمەك، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى، ئەنە شۇ 3 خىل ئۇسوللارنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن ئوبسېرۋالاش بىلەن پۈتۈنلەي ھېپوتېزلەش ئاساسىدا مەنتىقىلىق مۇھاكىمە قىلىپ ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان. مىنىڭچە، ئوقۇغان ئالىم بولماس، قىزىققان ئالىم بولۇر[5].

قاسىم سىدىق شەكىل نەزەرىيەسىگە ئائىت ئىلىمگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان. شۇڭا 30نەچچە يىلدىن بېرى شارائىت يار بەرمىگەن ئەھۋالدا، بۇ ھەقتە زېرىكمەي، تېرىكمەي ئىزدەنگەن. ئۇنىڭ بۇ روھى ھەممەمىزنىڭ ئۆگۈنەشىگە ئەرزىيدۇ. ئاپتونۇم رايونىمىزدا، فىزىكا ئىلمىي بىلەن ھەپىلەشكەن كىشى ئاز بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولسامۇ، مۇنازىرەگە ئىشتراك قىلغانلارغا قاراغاندا، 100 نەپەردىن كەم ئەمەس. بۇلارنىڭ ئىچىدە، دۇنيادىكى كاتتا ئىلىم يۇرتلارىدا بىلىم تەھسىل قىلغان، قىلىۋاتقان، تەتقىقات ئورۇنلارىدا ئىشلىگەن ھەم ئىشلەۋاتقان، باكلاۋىر، مەجىستەر، دوكتۇراش بولغانلار، ئاكادېمىك، پروففىسورلار، دۆلەت مۇكاپات تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان پەن-تېخنىكا خادىملارى، جامائەت ئەربابى قاتارلىق تاج –تون كىيگەن ئالىم كىشىلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئەمما، بۇلاردىن، قاسىم سىدىق ئەپەندىدەك ئىلىمگە ئىشتىياق بىلەن بېرىلگەن، ھەقسىز ئامماباپ، ئىخچام بولغان كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان، كىشىلىرىمىزنى قۇرسىقىدىكى ئىلىم بىلەن بەھىرلەندۈرگەن ھەم شەكىل نەزەرىيەسىدەك دۇنياۋى يىڭى تەپەككۇرنى ئوتتۇرىغا قويغانلار قانچىلىك بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرىگە قارىغاندا، مىنىڭچە ئۇ، ئەدەبىياتقا، فىزىكا ساھەسىگە،  مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن يوقۇرى سەۋىيەدىكى ئەسەرلەرنى يازغان. بۇلاردىن باشقا، ناھايىتى كەڭ دائىرەگە چىتىلغان ئەسەرلەرىمۇ ئاز ئەمەسكەن. بۇ ئەسەرلەرنى يازىشتا، قاسىم سىدىق ئەپەندى ناھايىتى كۆپ ۋاقتىنى، زور زېھنى قۇۋۋەتىنى سەرىپ قىلغان. قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئەسەرلەرىنى ئانچە-مۇنچە كۆرگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن تەپەككۇرىنىڭ ئۇچۇق، پىكىرلەرىنىڭ مەنتىقەلىك، چۈشۈنۈشلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. دىمەك، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئەسەرلەرىنى ئوقۇغان كىشى، مەلۇم سەۋىيەدە ئىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ دەپ قارايمەن. قاسىم سىدىق ئەپەندى، ھازىرغا كەلگىچە نورمال ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلىپ كەلدى. مىنىڭچە ئۇ، فىزىكىغا ئائىت تەتقىقات ئالىپ بارىشنى بىر كىمگە ۋەدە قىلغان ياكى بىركىم ئۇنىڭغا ۋەزىپە قىلغانمۇ ئەمەس. ھەر خىل باھانىلەر بىلەن كۆپ مىقتاردىكى تەتقىقات پۇلى ياكى دۆلەت تەمىناتىغا ئېرىشكەنمۇ ئەمەس. زامانىۋى كاتتا تەجىرىبەخانىلارنى قۇرۇۋالغانمۇ ئەمەس. پىنسىيە مۇئاشىدىن بۆلەك، زىيادە پۇلىمۇ يوق، ئۆزىدىن بۆلەك، ئۇنىڭ قىلالماغان ئىشلىرىنى قىلىپ بېرەدىغان كىشىلىرىمۇ يوق، ئاللا، ئىلىم ۋە خەلقىدىن بۆلەك، ھېچكىمگە قەرىزى يوق، پەقەتلا ئىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايىماي بېرىپ تۇرغان بىر كىشى ئىكەن. مىنىڭ بىلىشىمچە، قاسىم سىدىق ئەپەندى، ئاسپرانت بۆكىنى كىيىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان، كۆزنى چاقناتادىغان تاج-تون كىيشكە مۇيەسسەر بولالمىغان ھەتتا ماڭا ئوخشاش بىر نەچچە تال مىدال-ئوردىنغا بولسىمۇ ئېرىشكەن كىشىمۇ ئەمەسكەن. بۇ كىشى ھازىرغىچە ئادەتتىكى قاسىم سىدىق نامى بىلەن يۈرۈپتۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، قاسىم سىدىق ئەپەندى، ئۇزىنىڭ ھەقسىز ئىشلىگەن بۇ مول ھەم ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلەرى بىلەن، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى، جۇڭگودىكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەتتا دۇنيادىكى تەبىئىي پەن ئالىمى دىگەن نامغا ئىگە بولۇشقا مۇناسىپ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەم دۆلىتىمىزدىكى پەنوم بايراقدارى ياكى نەمۇنەسى بولۇشقا مۇناسىپ. قاسىم سىدىق ئەپەندى، ئەنە شۇ ئەمگەكلەرى بىلەن ئاپتونۇم رايونىمىزدا ھەم دۆلىتىمىزدە كاتتا تارتۇقلاشقا، شۆھرەتكە ھەم ئېتىراپ قىلىشقا لايىق. مەن، قاسىم سىدىق ئەپەندىدىن پەخىرلىنىمەن. ئۇيغۇردىن پەخىرلىنىمەن. مىنىڭچە، دۇنيادا نۇقسانسىز كىشى، نۇقسانسىز تەپەككۇر، نۇقسانسىز نەزەرىيە يوق. ئەگەر باربولسا، نۇرغۇن كىشى ئىزدىنىشلەرنى تاشلاپ، ياستۇقنى قىرلاپ ياتمامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئىشلارنىڭ مۇنداق بولمايدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان.
(پەنوم، ئاپتورئىجات قىلغان ئۇيغۇرچە سۆز، ئۇنىڭ مەناسى،پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دىگەننى بىلدىرەدى).


4. مۇنازىرەسىز ئىلىم، راۋاج تاپماس

     فىزىكا ئىلمىي راۋاج تاپىشى كېرەك. بۇ زامانىمىزنىڭ تەقەززاسى. شۇڭا، ھەرقايسى دۆلەتلەردە بۇ ساھەگە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىنىپ نۇرغۇن كىشى ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، مەيلى ئالەم بولسۇن، دۇنيا بولسۇن ياكى ئادەملەرنىڭ تەپەككۇرى بولسۇن توختاۋسىز ھەرىكەتلەنىپ ھەم ئۆزگەرىپ تۇرىدۇ. ئۆزگەرمەيدىغان شەيئى مەۋجۇد ئەمەس. شۇڭا، بۇلارغا مۇناسىپ ھالدا، ئىزدىنىشلەر ئالىپ بارىلادى. ئىزدىنىش بولۇدىكەن، يېڭى پىكىر مەيدانغا كىلىدۇ. يېڭى پىكر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن، مۇنازىرەگە سەۋەپ بولۇدۇ. تالاش-تارتىشتا توغرا-خاتاسى ياكى خىسلەتى ۋە ئىللەتى ئېنىقلىنادى. شۇڭا، مەيلى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن، ئوتتۇرىغا قويۇلمىغاندىن قويۇلغانى مىڭ ئەۋزەل. كۈندۈز بولماسا، ئۆلمەمدۇ كىشى، كىچە بولماسا، ھارمامدۇ كىشى. ئىللەت ۋە خىسلەت تەڭشەپ تۇرماسا، توختاپ قالمامدۇ جاھاننىڭ ئىشى[5].

دۇنيادا بەزى توغرا بولغان پىكىرلەر، زامانداشلارى تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، بىر نەچچە يىلدىن كىيىن ھەتتا، يۇز يىللاردىن كىيىن توغرالىقى ئىسپاتلانىپ ئېتىراپقا ئېرىشكەن مىساللار ئاز ئەمەس. قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى، چالا ئۇخلاپ قوپۇپ قالايماقان جۆيلىگەنلىكى ئەمەس. ئۇنىڭ ئەسەرلەرىنى ئەقلى بىلەن ئەستايىل ئوقۇغان كىشى ئۇنىڭ مەلۇم ئاساسلارىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى، مەيلى خاتا بولسۇن ياكى توغرا بولسۇن، ئۇنىڭغا ئەڭ ئاخىرقى توچكا قويۇلغانى يوق. ئۇ، يەنىلا مۇنازىرەگە مۇھتاج.


مۇنازىرە قىلىشتا، مەلۇم بىر ئىلىمنىڭ ئەھلى بولماي تۇرۇپ، قۇلاق موللىسى ياكى سۆزمەن بولغانلار، ھېسياتقا تايانغانلار، مۇنازىرە ئەخلاقىنى بىلمەيدۇغانلار، ئەڭ ياخشىسى مۇنازىرەنى كۆرۈپ ئاڭلاپ قويۇشى، مۇنازىرەگە چۈشمەسلىكى ئاقىلانىلىك بولۇدۇ. قاسىم سىدىق ئەپەندىمۇ، مۇنازىرە قىلغۇچىلارمۇ ھەممە ئىنكاسقا ئېتىبار بېرىپ كەتمەسلىكى، ئىنكاسلارغا چېچىلماسلىقى، گەپكە گەپ توغرا كەلدى دەپ ئارتۇقچە سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىكى، زېھنىنى ۋە ۋاقتىنى شەكىل نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ مول ھەم قايىل قىلارلىق ئىپادىلەشتەك مۇھىم مەسەلىلەرگە قاراتقانى جۆن. مۇنازىرە قىلغۇچىلارنىڭ مەيلى قاسىم سىدىق ئەپەندى ياكى باشقا كىم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، تىمادىن چەتنىمەسلىكى، مەرگەزى ئىدىيەدىن ھالقىماسلىقى، نوپوزلۇق مەلۇم كىشىنى دەستۇر قىلىۋالماسلىقى، مەجىستەر، دوكتۇر بولغان بولماغانلىقىنى، دۇنياۋى داڭلىق ژورناللاردا ماقالىسىنىڭ بار يوقلىغىنى ئۆلچەم قىلىۋالماسلىقى، پەقەتلا ئۆزىنىڭ مەنتىقىلىق مۇھاكىمەسىنى ئاساس قىلىشى، قاپىيە قوغلاشماسلىقى ھەم شەخسىگە ھۇجۇم قىلماسلىقى شەرت. شۇنداق بولغاندىلا مۇنازىرە بولۇدۇ، شۇندىلا مەنتىقىلىق مۇھاكىمەگە يول ئېچىلىدۇ. مەن ھازىر بولۇۋاتقان مۇنازىرەلەرنى قۇۋەتلەيمەن. ئەمما، مۇنازىرە ئۇسولىمىزنى، قوللانغان ئارتۇقچە ئەنچەلەرنى قوۋەتلەمەيمەن.

(ئەنچە، ئاپتور ئىجات قىلغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. بۇنىڭ مەناسى، بىرەر شەيئىگە باسىلغان تامغا، قويۇلغان خەتكۈچ، ئاچقۇچ سۆز، بەلگە (标签,关键词)، كەيدۈرگەن قالپاق دىگەنلەرنى بىلدىرەدى).



بايان ئاخىر


     مىنىڭ فىزىكائىلمىدىن كۆپ خەۋەرىم يوق. شۇڭا، شەكىل نەزەرىيەسىدىن سۆز قىلىشنى ئۆزەمگە راۋاكۆرمەدىم. پەقەتلا، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە ۋېبسىتلاردىن كۆرگەن قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسىگە قاراتا، ھېس قىلغانلارىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم. مۇمكىن بولسا، ئېنگلىزچە ياكى روسچە بىلىدىغان بۇرادەرلەر، قاسىم سىدىق ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇھىم دەپ قارىغان ئەسەرلەرىنى شۇ تىلدىكى نوپوزلۇق ژورناللارغا ئوبدان تەرجىمە قىلىپ ياكى شۇ ژورنال تەلەبى بويىچە يازىپ يوللاپ باققان بولسا دىگەن ئۈمۈددەمەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇيغۇرچەنى بىلمەيدىغان ئۆزگە تىلدىكى ئەھلى ئالىملارنىڭ مۇھاكىمەسىنى، پىكىرىنى ئاڭلاپ باقىشتىن ئىبارەت. ئەممامەن، بۇ ئەھلى ئالىملاردىن زور ئۈمۈد كۈتۈپمۇ كەتمەيمەن. قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئويغاق تەپەككۇرى، كىشىلىرىمىزنى مەرىپەتكە باشلىدى. ئىلىمگە باشلىدى. دۇنياغا باشلىدى، تەپەككۈرگە باشلىدى. بولماسا نىمە ئۈچۈن، ئۇنىڭ دىگەنلىرى شۇنچىۋالا كۆپ ئەھلى ئالىملىرىمىزنى ئۆزىگە ئولاشتۇرۋالدى. بۇنىڭدىكى كۈچ زادى نىمە؟ بۇ دەل قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ توغرا بولغان تەپەككۇر كۈچىدۇر. قاسىم سىدىق ئەپەندى 70ياشقا كىرىپ قالغاندەك قىلىدۇ. دىمەكچى بولغانلارىنى دەپ بولغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا، قاسىم سىدىق ئەپەندى ۋېبسىتتىكى غەلۋەلەردىن نېرى تۇرۇپ، ئوبدان ئارام ئېلىۋىلىپ، سالامەتلىكىنى ئاسرىغان ئاساستا، ئۆزى بىلگەن تىل يازىقتا، ئۆزى خالىغان ئۇسلۇبتا ئۆز تەپەككۇرىنى سېستىمىلىق، چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ بىر كىتاپ قىلىپ قويۇشنى ئۈمۈدقىلىمەن.


مەنبە ئەسەرلەر


[1]  kayinat.com  دىكى قاسىم سىدىق ئەپەندىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر.
BBS. Bagdax.cn [2]  دىكى قاسىم سىدىق ئەپەندىگەمۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر.
misranim.biz [3] دىكى قاسىم سىدىق ئەپەندىگەمۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر
[4]  academiye.com دىكى «تەبىئى پەن ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرى» ناملىق ئەسەر.
[5]  academiye.com دىكى «ئىللەت ۋە خىسلەت» ناملىق بىر كوبلىت شىئېر.
[6] academiye.com دىكى «كىم ئالىم بولۇدۇ» ناملىق بىر كوبلىت شىئېر.


http://bbs.bagdax.cn/thread-27567-1-1.html

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3856

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1079
مۇنبەر پۇلى
2640
ئىشەنىچ
1079
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 11:46:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 11:46
توردىكى ئىسمى جىمسارى بولغان كىشى يوللىغان بۇ تېما “ب ...


خىيالىمدا يوق يۆرسەممۇ مىنى نۇرغۇن دىل ئازارلارغا ،ھاقارەتلەرگە،تەڭ قىسلىقلارغا،بېئاراملىقلارغا،تۆھمەتلەرگە مۇپتىلا قىلغان مۇشۇ “ئالىم”دىگەن گەپنىڭ ئېنىقلىما،ئىزاھلىرى نىمە بولغىيتى؟:

“ئالىم”نىڭ بەيدودىكى شەرىھلىرى:

学者_百度百科

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېزاھلىق لوغىتىدە نىمە دىيىلگەن بولغىيتى؟. ...شۇ لوغەت ھازىر مەندە يوق.....


33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3856

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1079
مۇنبەر پۇلى
2640
ئىشەنىچ
1079
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 11:48:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 11:46
توردىكى ئىسمى جىمسارى بولغان كىشى يوللىغان بۇ تېما “ب ...


بۇ تېمىنىڭ “كائىنات”دىكى ئادرىسى:

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=154684
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 06:19, Processed in 0.116316 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش