تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىگىسى: ق.سىدىق

پاكىت،مۇلاھىزە،بايانات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 17:41:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 11:46
توردىكى ئىسمى جىمسارى بولغان كىشى يوللىغان بۇ تېما “ب ...



بۇ تېما “باغداش”تا قايتا پەيدا بولۇپ قاپتۇ:

http://bbs.bagdax.cn/thread-27567-1-1.html

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 16:41:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تەرمە:


مەن بۇ تېمىنى 29-تىئورمىنىڭ تەجىربە ئاساسلىرىنى تونۇشتۇرۇش.مۇبادا بۇ ئاساسلارغا  فىزىكىدىن قارشى ئىسپات ئوتتۇرىغا قويىدىغانلار ياكى ھازىرقى فىزىكا بىلىملىرى بىلەن 29-تىئورمىچە ئېغىشنى چۈشەندۇرەلەيدىغانلار بولسا ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش،ئالاقىدار شەخىس ۋە ئورۇنلارنىڭ بۇ تەجىربە نەتىجىسىگە دىققەت قىلىشىنى،ئۇزلىرى قايتا تەجىربە ئىشلەپ توغرا-خاتالىغىنى دەلىللەپ كۇرۆشىنى قولغا كەلتۆرۈش قاتارلىق مەقسەتلەردە يوللىغان ئىدىم. ئەپسۇس،تېما بىر ياقتا قايرىلىپ قالدى.

دەرۋەقە،29-تىئورمىچە ئېغىش ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى بەزى نوپۇزلۇق ئىدىيەلەر بىلەن  سىغىشالمايدۇ.لىكىن بۇ بىر پاكىت.بۇنداق ئەھۋالدا ياكى تەييار فىزىكا بىلىملىرى بىلەن بۇنداق ئېغىشنى چۈشەندۆرۈش ياكى شەكىل نەزەريىسىدىكى بۇ تىئورما ۋە ئۇنىڭغا بېۋاستە ئالاقىدار ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلىشتىن باشقا چارە يوق.

29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ مەۋجۈتلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تەجىربىلەرنىڭ بىرى ماياتنىك تەجىربىسى بولۇپ،بۇ ماياتنىك ھېلىمۇ شىنجاڭ ئونېۋېرىستېتىدىكى بىر تەجىربىخانىدا ئېسىغلىق تۇرىدۇ.2014-يىلى 4-ئايدىن بۇيان بۇ تەجىربىدىكى ئېغىشنى ئۇز كۇزى بىلەن كۇرگەن مۇتەخەسىسلەر ھازىر بار بولغان فىزىكا بىلىملىرى ئارقىلىق بۇنداق ئېغىشنى چۈشەندۆرۈپ بېرەلمىدى.ئولارنىڭ ئېيتقىنى پەقەت 29-تىئورما قوبۇل قىلىنساھازىرقى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا چوڭ تەسىر قىلىدۇ،نۇرغۇن ئۇزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ،دىگەنلەردىن ئىبارەت.
لىكىن پاكىت ھامان پاكىت.ئونى قوبۇل قىلماي،خۇلاسە چىقارماي چارە يوق.
مۇبادا بىز بۇ ئىشنى قىلمىساق،ھامان باشقىلار قىلىدۇ....مۇشۇنداق ئىش يۆز بېرىپ قالسا تاپا-تەنىنىڭ چوڭى ئاندىن باشلىنىدۇ.يەنە نىمە ئىشلارنىڭ يۆز بېرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلماقمۇ قىيىن......بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان،ئارىلاشقان،ئىنكاستا بولغان ئالىم،مۇتەخەسىسلىرىمىزگىمۇ ياخشى بولماي قالىدۇ......يەنە سۈكۈتتە تۇرىۋەرسەك بۇ بىر تارىخى ئازاپقا ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۆمكىن....


ھازىر مىنى ھەيران قىلىۋاتقىنى، تەجىربە ئىسپاتلىرىنى مانا مۇشۇ تېمىدا تونۇشتۇرىۋاتقان بولساممۇ،قېنى نەتىجە؟ دەپ گەپ يورغىلىتىۋاتقانلاربولدى.شەكىل نەزەريىسى باشقىلارغا بېۋاستە پولۇ ياكى لەڭمەن ئىتىپ بېرەلمەيدۇ،دۇتتار-تەمبۆر چېلىپ بېرەلمەيدۇ.مانا مۇشۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقىنى ئۇزۇن يىللىق بىر تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت.

فىزىكا تەجىربىلىرىنى باشقىلارمۇ ئىشلەپ توغرا-خاتالىغى دەلىللىنىدۇ.بۇ خۇددى ھەر قانچە ئۇستا ساتىراش بولسىمۇ  ئۇزىنىڭ بېشىنى ئۇزى چۈشۈرەلمىگەندەك ياكى چۈشۈرمىگەندەكلا بىر ئىش. سالاھىيەتلىك ئورۇن ۋە شەخىسلەر بۇ تەجىربىنى ئۇزلىرى قول سېلىپ قايتا ئىشلەپ توغرا-ياكى خاتالىغىنى دەللىلمەي تورۇپ،ئۇلار تەرىپىدىن  بېرىلگەن باھالارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.ھەتتا بۇ ھالدا ئۇلاردا 29-تىئورما ۋە ئۇنىڭ تەجىربە نەتىجىلىرىگە باھا بېرىش ھوقۇقى ۋە سالاھيەت،ئىمكانىيەتلىرى ھازىرلانمىغان بولىدۇ!.

مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-27298-18-1.html


33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 22:03:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


جۇڭگۇ پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى يوقاتتى



ئاپتۇرى

لى شىنمىن



تىرىشچان تەرجىمىسى






            جۇڭگو ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاساسى پەنلەر ئالدىنقى سېپىدە ئىزدىنىشى ۋە ھەرىكەت قىلىشى يوقىلىپ،ئۇنىڭ ئورنىداياۋرۇپانىڭ،ئامېرىكىنىڭ ئىلىم ساھەسىگە چوقۇنۇشلا قالدى.چۈنكى،ھازىرقى جۇڭگۇ ئىلىم-پېنىدەئىلمىي ئىدىيە ۋە روھ غايىپ بولۇپ ،غەرب ئىلىم-پېنىنىڭ قۇشۇمچە گەۋدىسى بولۇپ قالدى
       جۇڭگو ئىلىم-پەن ساھەسى فېئودال پادىشاھلىقنىڭ ئاۋامنى كولدۇرلىتىدىغان كونا ئۇسۇلىنى ئىلىم-پەنگە ئېلىپ كىردى: «مۈلكى ئىلىمگەرلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى ھەقىقىي ئىلىم-پەن،ئەل-ئىچىدىكى ئىلىم-پەن ساختا ئىلىم-پەن.ئەمەلداربىلەن پۇقرا مەڭگۈبىر- بىرىگە قارشى.شۇڭا،ھەقىقىي ئىلىم-پەن بىلەن ساختائىلىم-پەنمۇ بىر-بىرىگە قارشى.ئاتالمىش مۈلكى ئىلىمگەرلەرنىڭ كىشىلەرگە ئېيتماقچى بولغىنى شۇكى،ئىلىم-پەننى ھۆكۈمەت تارماقلىرى تۇتۇپ تۇرغاچقا،ھەقىقەت ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قولىدا؛ئاۋام-پۇقرادا ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى يوق،ئاۋام پۇقرانىڭ قولىدا ھەقىقەت يوق؛ ئاۋام-پۇقرا ھايۋانغىمۇ يەتمەيدۇ».مانا مۇشۇنداق ئىپلاس قاراقچى لوگىكىسى جۇڭگو ئىلىم-پېنىنىڭ ئەڭ چوڭ بالايى-ئاپىتىدۇر.بۇ جۇڭگو ئىلىم-پېنىنىڭ«ئالاھىدىلىكى»،جۇڭگو ئىلىم-پېنىدىكى چىرىكلىكنىڭ يامراش خاھىشى ۋە ئىدىيسى.

تولۇقى بۇ يەردە:





33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 09:35:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرمە:

بەزى دوكتۇر،دوكتۇرانىتلار شەكىل نەزەريىسى ۋە ئۇنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ ھېچنىمە ئەمەسلىكىنى،.بۇ نەزەريىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۆزىنى تۆكىدىغانلىغىنى تەكىتلەشكەن،بۇ نەزەريىنى يېتىم قالدۇرۇش،ھەمكارلاشماسلىق،تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرماسلىق ...ۋەھاكازا ...ۋەھاكازا قىلىش لازىملىغىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە پىلانلىغان ئىدى.ھازىر بەزىلەر تەرىپىدىن بۇ پىلان ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ.بىر قىسىملار چەتئەللەردىكى بىر قىسىم "ئىلىم مۇنبەرلىرى"دە خاتا ئۇچۇر تارقىتىپ،ئېغىۋاگەرچىلىك قىلىش بىلەنلا قالماي،ھەتتا دۆلەت ئىچىدىكى بۇ تەتقىقاتقا قاتنىشىش ئىرادىسىگە كەلگەن بەزى مۇتەخەسىسلەرگە ئىلخەت يوللاپ بۇ تەتقىقاتقا قاتناشماسلىق لازىملىغى،قاتناشسا ئۇزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىغانلىغى ھەققىدە تەھدېت سالغان.شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭ ئىشتىراكچىلىرىغا تۆھمەت توقۇپ سىياسى زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان.ھەدېسىلا مىللەت نامىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ،مۇتلەق تەبىئەت پەنلىرى كاتىگۇرىيىسىگە مەنسۆپ بولغان بۇ تەتقىقاتقا مىللەتنىڭ يۆزىنى چۈشىرىدۇ،دىگەندەك تۆھمەتلەرنى چاپلاپ،جامائەت پىكرىنى خاتا يېتەكلىگەن.
ئەسكەرتىپ قويايكى،شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتى تەبىئەت پەنلىرىگە،ئىنسانىيەتكەتالىق تەتقىقات تېمىسى.بۇ نەزەريە ۋە بۇ تەتقىقاتنى ئاللىقانداقتۇر مىللى،دىنى،سىياسى بوياقلاردا بۇيىماقچى بولغانلارنىڭ مۇددىئاسى ساغلام ئەمەس.بۇنداق خاتايۆنىلىش كۆرسەتكۈچى بۇ نەزەريىنى ۋە بۇ تەتقىقاتنى خەۋىپ-خەتەرگە باشلايدۇ.

ھەر قايسىلىرى دوپپىلىرىنى ئالدىلىرىغا قويۇپ قويۇپ ئۇزلىرىنىڭ نىمە ئەخمىقانىلىقلارنى قىلىۋەتكەنلىكلىرىنى،ئاغىزلىرىدىكى گەپ بىلەن ئەمەلدىكى ئىشلىرى نەقەدەر زىدىيەتلىك ئىكەنلىگىنى،شەكىل نەزەريىسى ۋە بۇ تەتقىقاتقا قانچىلىك ئۇۋالچىلىق ۋە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقلىرىنى،تارىخ بەتلىرىدە زادى كىمنىڭ سېسىق نامى قالىدىغانلىغىنى ئۇبدان ئويلاپ قويۇشسىلا!.
ۋاقتىدا ئەقىللىرىنى تېپىپ ،ھەرقايسىلىرىنىڭ ئەخمىقانە پىلانلىرىنى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ئىجرا قىلىۋاتقان،شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىغا پىدائىلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان،بۇ نەزەريىنى سېسىتماق بولىۋاتقان جىمى ياللانما ئەسكەرلىرىنى ۋاقتىدا يېغىشتۇرىۋالسىلا!.

ھەر قايسىلىرىنىڭ گۇيا "پىلانلىق تۇغۇت" مەمۆريىتى خادىملىرىدەك ئوتتۇرىغا چىقىپ،ئۇيغۇر جەمىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن بەلگىلىك ئىلمى ئاساسقا ئىگە ھەرقانداق يېڭى ئىدىيەنى بۆشۆكىدە تۇنجۇقتۇرماق بولۇشلىرىدەك بۇ كاتتا جاسارەتلىرى غايىدىكىلىرىدەك ئۈنۈم بەرمەيدۇ.تارىخ ئۇزىگە لازىم بولغان پەرزەنىتلەرنى ،ئۇزىگە لازىم بولغان يېڭى ئىدىيەلەرنى دۇنيانىڭ قايسىدۇر بىر يېرىدە ھامان توغىۋىرىدۇ.ھەرقايسىلىرى يېڭى ئىديەلەرنى بۆشۆكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇش يولىدا ھەرقانچە يامان قاتىل بولسىلىمۇ يېتىشىپ بولالمايلا!
بىرۇنۇ،گالىلى دەۋرىدىمۇ سىلەردەك يېڭى ئىدىيە قاتىللىرى بار بولۇپلا قالماي،ئۇلار بارلىق ھوقۇقنى كۇنتىرۇل قىلغان قاتىللار ئىدى.ئاقىۋەتتە نىمە بولدى؟.ھەرقايسىلىرىغا بۇ پاكىتلار بەش قولدەك ئايان!.

شەكىل نەزەريىسى _ مىنىڭ ئىدىيەم،ئىدىيە _ مىنىڭ ۋەتىنىم.ھەر قايسىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ۋەتەنلىرى بارمۇ؟.شەكىل نەزەريىسى يەنە ئۆزنۇۋىتىدە مىنىڭ پەرزەنتىم.ھەرقايسىلىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۇزلىرىگەخاس پەرزەنىتلىرى بارمۇ؟.
مەن بۇۋەتىنىمنى ۋە بۇ پەرزەنتىمنى جىنىمنى تېكىپ تۇرۇپ قوغدايمەن،قوغداۋاتىمەن،ھەرقايسىلىرى كىمنىڭ ۋەتىنىنى ۋە كىمنىڭ پەرزەنتىنى قوغداۋاتىدىلا؟!.

مەن بۇ گەپلەرنى مۇشۇنداق ئاچچىق قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.ھەر قايسىلىرىنىڭ ئىگەللىگەن بىلىملىرى،ئالغان ئىلمى ئونۋانلىرىنى سەمىمى قۇتلۇقلايمەن.لىكىن،شۇنچە بىلىملەردىن پايدىلىنىپ ئۇزەڭلارغا خاس بولغان بىرەر پەرزەنىت يۆزى كۆرۆشىڭلارنى،باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى بېقىش بىلەنلا ئۆمرۇڭلارنى ئۆتكىزىۋەتمەسلىكىڭلارنى،ھېچبولمىغاندا باشقىلار بالا يۆزى كۆرسە ئۇلارغا زەھىرىڭلارنى سانچىماسلىقىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
تەبىئەت پەنلىرى ئاياقلاشقىنى يوق.شۇڭا تەبىئەت پەنلىرىگە مەنسۆپ تەتقىقاتقا“توغۇت چەكلەش ئوپراتسىيىسى” ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.ئۇزەڭلار پەرزەنىت كۆرۆشنى خالىمىساڭلار،بىر ئۆمۆر خەقنىڭ بالىسىنى بېقىپ ئۆتۈپ كېتىمەن دېسەڭلار بۇ ئۇزەڭلەرنىڭ ئېشى،لىكىن ،پۈتۈن مىللەت ياكى ئىنسانىيەت مىنىڭ گىپىمىنى ئاڭلىشى كىرەك دېسەڭلار بۇئۇزەڭلارنىڭ چۈشى!.

ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ باقارسىلەر!.

تەرمە مەنبەسى:

http://bbs.bagdax.cn/thread-27622-17-1.html

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 20:45:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى قەدەمنىڭ ئارىلىغىنى باراۋەر ۋە قەدەم ئالغاندا ئىككى پۇتىڭىزنىڭ ئۇچىنى تۆپ-تۆز پارالىل ئالغان ھالەتتە بىر تەرەپكە ئايلىنالامسىز؟.

ئايلىنىش ئۈچۈن ئاياق ئۇچىڭىز ۋە قەدەملىرىڭىز قانداق ھالەتتە بولىشى كىرەك؟.قانداق مەشغۇلاتلار كىرەك؟

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 21:31:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




مانا بۇ دېسكىمۇ 29-تىئورمىچە ئېغىشنى چۈشەندۆرۈشتە پايدىلىنىش ماتىريالى بولالايدۇ.دېسكىنىڭ ئېغۋاتقان تەرەپتىكى سىزىقلىق تېزلىكى ئاستا، قارشى تەرىپىنىڭ تېز.دېسكا سىزىقلىق تېزلىك ئاستا تەرەپكە ئېغىۋاتىدۇ.

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 16:23:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


29-تىئورما يېتەرلىك تەجىربە ئىسپاتلىرىغا ئىرىشىپ بولدى.بەزىلەر ھالقىلىق مەسىلىلەردىن ئۇزىنى قاچۇرۇپ قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
مەن 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ سەۋەبى ئايلىنىۋاتقان جىسىمنىڭ ئىككى يۆزىدىكى سىزىقلىق تېزلىك پەرقىدە،دىگەن. مۇشۇ تەشەببۇسۆمغا قاشى چىققۇچىلار بىلەن پاكىت كۇرسىتىپ تۇرۇپ مۇنازىرىلىشىشكە ھەر قاچان تەييار!.

لىكىن بۇ سىزىقلىق تېزلىك پەرقى تىلغا ئېلىنسا بەزىلەر قېچىپ كېتىدىكەن.قاچقانلارنىڭ باشلامچىسى بىلىمخۇمار.ماۋۇqaraqashliq تورداشمۇ بىلىمخۇمارنى دوراپ قاچتى!.

____________________


‹‹29- تېئورىما›› غا ئاخىرقى رەددىيە دىگەن  بۇ تېمىنىڭ ئىگىسى YasinEhmet ئەپەندىم 29-تىئورمىنى ھازىرقى فىزىكا بىلىملىرى مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھازىرقى فىزىكا بىلىملىرى مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئىنكار قىلالايدىغانلار بارمۇ؟
بار بولسا قېنى،ئوتتۇرىغا چىقسۇن،قالغان تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنىڭ زۆرۆرى ئەھمىيىتى يوق!


مانا ئىسپات:

‹‹تېما دەبدەبىلىك، لىكىن مەزمۇن قۇپقۇرۇق››-  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىت ناملىق تورداش، چۈشەنچىڭىز دەل توغرا. تېمىدا ئىشلىتىلگەن تېرمىن دەبدەبىلىك ئەمما مەزمۇنى قۇپقۇرۇق بولغاچ ئىشلار شۇنداق بولۇپ قالدى. تېزلىك كۈچ پەيدا قىلالايدۇ دىگەن بۇ ھۆكۈملۈك ئىنسانلار تالاي يىللار مابەينىدە يەكۈنلىگەن مېخانىكا ئىلمىي سىستېمىسىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارشىنى نۆلگە ئايلاندۇرىدۇ شۇنداقلا ئىنسانلار ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغان بۇ ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئۆلتۈرىدۇ. قاسىمكام بۇ ھۆكۈمى بىلەن ئاۋال مىخانىكىنى ئۆلتۈردى، ئاندىن يەنە توختىماي شۇ ئۆلتۈرۈلگەن مىخانىكا بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ گىپىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. قاسىمكامنىڭ نەزىرىدە بۇ مىخانىكا ئۆلگەن، پۈتۈن دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئالىم ئۆلگەن مىخانىكا بىلەن ‹‹29-تېئورىما›› نىڭ توغرا خاتالىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. ناۋادا مىخانىكا ھايات بولسا ‹‹29-تېئورىما›› نىڭ پىكىر يولى ئۆلگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا بىر نىمە دىيىش ئۈچۈن دەبدەبىلىك ئىسپات بىھاجەت. مىنىڭچە بۈگۈنكى مىخانىكا ھاياتلا بولىدىكەن ‹‹29-تېئورىما›› ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، خۇددى تىرىك موردىدەك، مەيلى قانچە رەددىيە بىرەيلى، ئوقلارنى ئېتىپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋىتەيلى ئۇ يەنىلا دەلدەڭشىپ كىتىۋىرىدۇ.

بەلكىم قاسىمكامنىڭ توغرا، باشقا ئىنسانلارنىڭ خاتا بولىشىمۇ مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولسۇن مەن بۇ تېمىنى ئۆزۈم توغرا دەپ ئىشىنىپ كەلگەن، ماڭا خوشاللىق ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقان بىر ئىدىيە سىستېمىسىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يازدىم، قاسىمكاممۇ ئۆز ئېتىقادىنى قوغداۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىككىلىمىز ئوخشاش. قوغدىغۇدەك ئىدىيە بولۇشمۇ بىر بەخىت. كۆڭۈللەرگە تېگىپ كەتكەن بولسا كەچۈرۈم سورايمەن.

ھارماڭ قاسىمكا، ياشلار سىزنىڭ روھىڭىزدىن ئۈلگە ئالسۇن، ئەمما خاتاغا يول قۇيۇشنىڭ ئۆمۈرلۈك خىيىم خەتىرىنى تەكىتلەشنىمۇ ئۇنۇتماڭ.

ئاخىرقى رەددىيە دىگەننىڭ مەنىسىنى مۇشۇنداق چۈشۈنۈپ قالساڭلار بولدى.

مانا مەنبە:

http://bbs.bagdax.cn/thread-27334-8-1.html

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 17:42:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تەرمە:


نىيوتۇننىڭ ئۇزى نۇر(پېقىرىغۇچ) ۋاكىئومدا ئاغىدۇ،دەۋاتسا بۇ ئاداشلار ئېغىشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلماي،ۋاكىئومدا ئاغمايدۇ،دەپ كاج تالاشقىنى قىززىق!.
تېخى، بىز فىزىكىدا مەخسۇس ئوقۇغان،فىزىكىنى بىز بىلىمىز،سەن بىلمەيسەن دەپ كېتىشلىرىچۇ!
ئوقۇغاندا ياخشى ئوقۇمايدۇ،كەڭلىككىلا ئېسىلىۋىلىپ چوڭقۇرلۇققا دېققەت قىلمايدۇ،ھادىسىنىلا كۇرۆپ،ماھىيەتكە شۇڭغىيالمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن يېڭى مەسىلە ئۇچرىساھەل قىلالماي،سىنىڭ دىگىنىڭ خاتا،بىز ئوقۇغان كىتاپتا بۇنداق گەپ يوق،دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ،كۆرەڭلەپ كېتىدۇ.تېمىدىن چەتنەيدۇ!.

نىيوتۇننىڭ نىمە دىگەنلىگىنىڭ ئىسپاتى مانا:

ئالاقىدار كىلاسسىك ۋەسىقىلەردىن تەرمىلەر:

ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
نىيوتۇن يۇقۇرقى قۇرلاردىن كىيىنلا شۇنداق يازىدۇ:
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.

ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.

مەنبە:

http://bbs.bagdax.cn/thread-27298-26-1.html

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

164

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
33
مۇنبەر پۇلى
106
ئىشەنىچ
33
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 23:12:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ 29-تىئورما جەھەتتىكى ئىزدىنىش رۇھىغا ئاپىرىن ئېيتىمەن.
بىراق مەن كەسىپ ئەھلى بولمىغاچقا دەيدىغىنىم بۇتور بەتلەردە مۇتلەق كۆپ قېسىم كىشىلەر پەقەت ماڭا ئوخشاش كۆرۇپ بىرچەتتە تۇرۇشنى بىلىدىغانلار كۆپىرەك.
ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ تىئورما ئىلگىرىكى بىرقىسىم نەزىرىيە-تىئورمىلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان بولغاچقا بۇنىڭغا ئېلمىي مۇئامىلە قىلىپ ۋاقتىدا فېزىكا پەنلىرى تەجىرىبىخانىسىدا تولۇق ئىسپاتلاپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دەللىشدىن ئۆتكۆزۈپ جەمىيەتكە تولۇق ئاساسى بىلەن ئېلان قىلماق زۆرۆر.
توردىكى بەس مۇنازرىنىڭ ئاخىرى چىقماسلىقنىڭ مۇنداق ئىككى ئاساسى بار .
‹1›مەسىلەن توردا ھەممە كىشى قايىل بولدى دەپ پەرەز قىلساق، بەرىبىر يەنە جەمىيەتنىڭ ئىتىراپ قىلغىنىغا باراۋەر ئەمەس.
‹2›ناۋادا توردا ئىنكار قىلىندى دىسەك يەنىلا بۇ تولۇق ئاىىرلاشمىغان ئىش بولىدۇ. چۈنكى توردا بەس -مۇنازىرە قىلغىلى بولسىمۇ بىراق ئەمەلىي تەجىرىبە ئىشلىگىلى بولمايدۇ.
مۇناسىپ يەرلىرىدىن پايدىلىنالا. ئارتۇقچە يەرلىرى ئۆزۈمگە قالغاي.

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 23:26:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 23:12
ئالدى بىلەن قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ 29-تىئورما جەھەتتىك ...

رەھمەت.ئېيىتقانلىرىڭىز توغرا،ئەلۋەتتە سىز ئېيىتقاندەك قىلىمىز،بۇ پەقەت بىر زۇرۇرى ئۆتكۈنچى جەريان ۋە ئۇزىمىز پىلانلىغان بىر تەرتىپ.تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.ئۇچۇرلاردىن كۇپرەك ئادەمنى خەۋەرلەندۆرۆپ تۇرساق بولغىنى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-26 20:04, Processed in 0.115938 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش