تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىگىسى: ق.سىدىق

پاكىت،مۇلاھىزە،بايانات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 15:49:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 08:52  


339-قەۋەت،bilimxumarيازمىسى:


مېنىڭ جاۋابىم مۇنداق:

ئايلانما ۋە سىزىقلىق ھەرىكەتنى تەڭلا قىلىۋاتقان جىسىم «قاتتىق جىسىم» لا بولىدىكەن (مەن «قاتتىق جىسىم» غا بۇرۇن بىر ئېنىقلىما بەرگەن)، ماكرو-دائىرە بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر پەيىتتە، ئۇ جىسىمنىڭ تاشقىي يۈزىدىكى ھەر بىر نۇقتىنىڭ سىزىقلىق ھەرىكەت تېزلىكى پۈتۈن جىسىمنىڭ تېزلىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.


http://bbs.misranim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=108056&page=34&extra=#pid1645357


____________________________________

جىسىمنىڭ تۆز سىزىقلىق ھەركىتى ئەڭ كەم بولغاندىمۇ تۆۋەندىكىچە شەرىت ئۈستىدە كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ:

سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە جىسىمنىڭ ھەممە نۇقتىلىرى ماس قەدەملىك ۋە ئوخشاش يۆنىلىشلىك بولۇش.

ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتچۇ؟:

سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە جىسىمنىڭ ھەممە نۇقتىلىرى ئوخشاش يۆنىلىشلىك،ماس قەدەملىك بولماسلىق.سىزىقلىق تېزلىك پەرقىگە ۋە يۆنىلىش پەرقىگە ئىگە بولۇش.

بەزىلەر تۆز سىزىقلىق ھەركەتنىڭ شەرتىنى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتنىڭمۇ شەرتى دەپ قارىۋالغاچقا مانا مۇشۇنداق چۈشەنمەسلىك كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.
29-تىئورمىچە ئېغىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى مانا مۇشۇنداق خاتالىققا يول قويدى.

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 20:51:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 10:40  



سۆرەتنى سىزغۇچى ئۇيغۇن ئەپەندى

يۇقۇرقى سۆرەت Cدىن D غا قاراپ ئوقىدا پېقىراپ كېتىۋاتقان شارجىسىمنىڭ بوشلۇقتىكى ھەركەت شەكلى(تىرايىكتورىيىسى).تەھلىل قىلساق ۋە كۆزەتسەك DغانىسبەتەنQشارنىڭA نۇقتىسىنىڭ تىزلىكى يۇقۇرى B نۇقتىسىنىڭ تىزلىكى تۆۋەن ئىكەنلىگىنى،ئوخشاش پەيىتتە A ياينىڭ Bيايغانىسبەتەن ئۇزۇن ئىكەنلىگىنى بايقايمىز.مانا مۇشۇنداق سىزىقلىق تىزلىك پەرقى مۇشۇنداق تىپتىكى بارلىق شارجىسىملارنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشگەئېغىشىنى كەلتۆرۆپ چىقىرىدىغان تۆپ سەۋەپ.لىكىن شارجىسىمنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكى Aۋە  Bنۇقتىلاردا ئوخشاش.

باشقا چۈشەندۆرۆش بولسا ئوتتۇرىغا قويۇڭلار.

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 17:51:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىدا بۇ تېمىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى خاتا يېزىلىپ قاپتۇ.2014دەپ تۆزۆتۈپ ئوقۇشىڭىزلارنى سۇرايمەن.

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 22:43:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ يىل ياز بويى دىگىدەك بىكار ۋاقىتلىرىم بولسىلا ھەرخىل چاقلاردا سىناق ئېلىپ باردىم.بۇ چاقلاردا ئىزچىل ھالدا ئۇزىنى ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىش يۆز بەردى.ئوڭغا ئايلاندۇرۇلغان چاق ئوڭغا،سولغا ئايلاندۇرۇلغان چاق سولغا ئاغدى.بۇنداق ئېغىشنىڭ كۈچىنى ئۇزى قول سېلىپ ئىشلىگەنلەرلا بېۋاستە ھېس قىلالايدۇ.سىلەر تېمىدىكى ئاۋۇ ئىشتانكىنىڭ ھالەتلىرىگە نەزەر سالساڭلار بۇنداق ئېغىش كۈچىنىڭ چامىسىنى پەرەز قىلالايسىلەر. ھەممىدىن خوشاللىنارلىق بولغىنى دەل مۇشۇ ئېغىش قائىدىسىگە پىلانىتلارمۇ رىئايە قىلىۋاتىدۇ!.

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 10:31:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 13:48:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 21:56  

ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى ئىنكاسىنى ئىزدەپ تاپتىم،تولۇق مەزمۇننى مەنبەدىن كۇرىۋالساڭلار بولىدۇ:

330-قەۋەت
bilimxumar


ئەركىن تېپىلگەن پۇتبولنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشى


مەن بۈگۈن ئىنتېرنېتنى ئىزدەپ، ئەركىن تېپىلگەن پۇتبولنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشى ھەققىدە بىر قانچە ماقالە تېپىپ كۆرۈپ باقتىم. شۇ ئارقىلىق، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ، مۇشۇ قەغەزنىڭ يۈزىگە نىسبەتەتەن، ھاۋادا بىر تەرەپتىن سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە ئايلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ مېڭىۋاتقان توپنىڭ ئوڭ تەرەپكە ئاغىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆز-قارىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم.  مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن قاسىم سىدىق ئەپەندىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.مۇنبارەك بولسۇن!

ئەمما قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ «29-تىئورما» دەپ ئاتاپ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز-قاراش تەبىئىي-پەندىكى بىر يېڭىلىق ئەمەس بولۇپ، بىر ئايلىنىۋاتقان جىسىمنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنى 1852-يىلى گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى گۇستاۋ ماگنۇس ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.  پۇتبولنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشى ھەققىدىكى ئىلمى ئىزدىنىشلەر يولغا قويۇلغىلىمۇ خېلە ئۇزۇن ۋاقىت بوپتۇ. بۇ ھەقتە مەن تۆۋەندە يەنە ئازراق چۈشەنچە بېرىمەن.

مەن مۇشۇ ھەقتە ئۆزەم كۆرگەن بىر قانچە پارچە ئىنگلىزچە ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكىنى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاستىغا تىزىپ قويدۇم.

1.توپنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى

توپنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۈچ ئىنگلىزچە «aerodynamic force» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ يۇلغۇن لوغىتىدە «ھاۋا دىنامىكىسى كۈچى» دەپ ئېلىنغان.  تۆۋەندىكى 1-پايدىلىنىش ماتېرىيالىدا دېيىلىشىچە، پۇتبول توپىنىڭ يۈزى قوپال بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ئۇنىڭ يۈزىگە يېقىن بولغان ھاۋانى يۆتكەيدۇ.  بۇ ھەرىكەت توپنىڭ بىر تەرىپىدىكى ھاۋانىڭ يۆتكىلىشىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنىڭكىدىن تېزراق بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  توپنىڭ ھاۋا تېزراق يۆتكىلىۋاتقان تەرىپىدە، توپنىڭ ئايلىنىش ھەرىكىتى يۆنىلىشىگە پاراللېل ھالدا يۆتكىلىۋاتقان ھاۋانىڭ مىقتارى توپنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكىگە قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ.  نەتىجىدە توپنىڭ بۇ تەرىپىدە ھاۋا زەررىچىلىرىنىڭ توپنىڭ يۈزى بىلەن سوقۇلۇشى ئازراق بولۇپ، توپ ئاشۇ تەرەپكە ئاغىدۇ.

2.قىسقا ئىزاھات

مەن ئالدىنقى قېتىم قاسىم سىدىق ئەپەندىگە جاۋاب شەكلىدە يازغان بىر يازمامدا، بىر قاتتىق جىسىمدىن تۈزۈلگەن تەكشىلىك ئۈستىدە ھەم ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ، ھەم بىر تۈز سىزىق بويلاپ مېڭىۋاتقان، قاتتىق جىسىمدىن ياسالغان، تاشقى يۈزى بىر مۇكەممەل شار شەكلىنى ھاسىل قىلغان (بۇ دېگەنلىك شارنىڭ يۈزىنىڭ سىلىقلىقى 100 پىرسەنت دېگەنلىك بولىدۇ) شار ئۇچرايدىغان كۈچلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ بىر تەرەپكە ئاغمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.  مېنىڭ بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغىنىم، مېنىڭ ئۇ يازمىدا دېگەنلىرىم توغرا بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ تولۇق كۈچكە ئىگە.

http://bbs.misranim.com/thread-108056-33-1.html

يوللىغان ۋاقتى  2013-7-8

__________________

ھازىر 29-تىئورمىغا ئالاقىدار تەجىربىلەر،بولۇپمۇ سىرىتقى قېپى ئايلانمايدىغان ئىلىكتىر ماتوردا ئىشلەنگەن ماياتنىڭ تەجىربىسى قاتارلىقلار ئەركىن ئەپەندىنىڭ يۇقۇرقى قاراشلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلىدى.

ئەركىن ئەپەندىم ئابىلىمىت ئەپەندىم ئۇچۇر بەرگەن "جىسىمنىڭ ئايلىنىش كۈچى ئىشىۋاتقان ھالەتتە ئېغىش كۈچى پەيدا بۇلىدۇ، ئەمما بۇ بەك ئاجىز كۈچ"دېگەن بۇ گەپنى ھەقىقەتەن قىلغان بولسا،بۇ گەپنى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن كىيىن قىلغان ۋە ئۇنىڭ 29-تىئورمىغا بولغان قارىشىدا ئۇزگىرىش بولغان بولىدۇ.



33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 14:35:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 13:48
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى ئىنكاسىنى ئىزدەپ تا ...




ئەركىن سىدىق ئەپەندىم يۇقۇرقى گىراپىك ئارقىلىق توپنىڭ ھەركەت ھالەتلىرى ۋە ھاۋانىڭ يۆنىلىشلىرىنى ئىخچام ،ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.تەشەككۈر ئوقۇيمەن.

مەن پەقەت توپنىڭ ئېغىش يۆنىلىشى تەرەپتىكى(قارا يۆنىلىش كۇرسەتكۈچى تەرەپتىكى) سىزىقلىق ھەركەت تېزلىكى (يىشىل يۆنىلىش كۇرسەتكۈچىدىكى تېزلىكى)ئاستا،سىزىقلىق تېزلىكنىڭ ئوڭ تەرەپتە بۇنداق ئاستا بولىشىغا ئوڭ يېرىم شارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتە ھەركەت قىلغانلىغى سەۋەپ بولغان.توپ شۇنىڭ ئۈچۈن ئوڭغا ئېغىۋاتىدۇ،بېرنوللى قانۇنىنى كۇزدە تۇتقاندا ئېغىۋاتقان تەرەپتە  ھاۋانىڭ تېزلىكى ئاستا ۋە بېسىمى چوڭ بولىدۇ.توپنى ئاغدۇرۇۋاتقىنى ھاۋا بولسا بۇ ھالدا بۇ توپ،ئوڭغا ئەمەس،سولغا ئېغىشى كىرەك ئىدى،دەۋاتىمەن.مەن ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش دىگەندە دەل مۇشۇ نۇقتىنى كۇزدە تۇتقان.

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 18:12:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ ئىختىيارى توپتىن ھوزۇرلىنىڭلار!:


http://v.ku6.com/show/7WEvoRCKPAW5RHWWW9wOpA...html

1998年巴西对阵法国,卡洛斯的重炮任意球,轰出了这一道违反了物理4理论的弧线任意球
1998-يىلى بىرازىلىيە بىلەن فىرانسىيە ئوينىغان مۇسابىقىدا،كارلوس تەپكەن ئىختىيارى توپ،يۇقۇرقىدەك تىرايىكتورىيە شەكىللەندۆرۆپ،فىزىكىدىكى4 نەزەريىگە خىلاپلىق قىلغان ئىختىيارى توپ بولۇپ قالدى.


بۇ تۆت نەزەريە قايسى - قايسى بولغىيتى،ئەسلى مەنبەدىمۇ ئەسكەرتىلمەپتۇ،مىنىڭچە ئۇلار:
1.ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ئەسلىدىكى بايانى؛
2.ئېينىشتېيىن زامان -ماكان ئەگرىلىگى؛
3.تەڭ ئۆنۆم پىرىنسىپى؛
4.ماگنوس ئىففىكىتىنىڭ بىكھامچە توپلارغا خاتا تەدبىقلىنىشى.

2013.7.5

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 15:35:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 15:56  

bilimxumarيازمىسى.344-قەۋەت.ۋاقتى:2013-7-8كۈنى:




مەن كۆرگەن ئالدىنقى بىر ئىنگلىزچە ماقالىدە، پۇتبولنىڭ ئېغىشى بىلەن ئايروپىلان قانىتى ھاسىل قىلىدىغان ئۈنۈمنىڭ ئوخشاشلىقى تىلغا ئېلىنماپتۇ.  يەنى، «پۇتبولنىڭ بىر تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى يەنە بىر تەرىپىدىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ،» دېگەن نەرسە تىلغا ئېلىنماپتۇ.  پەقەت ھاۋا زەررىچىلىرى بىلەن پۇتبول يۈزىنىڭ سوقۇشۇش نىسبىتىلا تىلغا ئېنىلىنىپتۇ.  بىۋاستە تۇيغۇغا ئاساسلانغاندا، توپنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ھاۋانىڭ ئېقىم تېزلىگى سول تەرىپىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋا بېسىمى سول تەرىپنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇپ، نەتىجىدە توپ ئوڭغا ئاغىدۇ، دەپ چۈشەندۈرسىمۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ.  لېكىن، بۇنى مەن ھازىرچە جەزىملەشتۈرەلمەيمەن.  ۋاقتىم چىققاندا يەنە ئازراق ئىزدىنىپ باقاي.

345-قەۋەت:

مېنىڭچە، ئەگەر توپنىڭ ئايلانما ھەرىكىتى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ پەرەز قىلساق، بۇ تەسىرنىڭ نەتىجىسى دەل سىز دېگەننىڭ تەتۈرىسىچە بولىدۇ.


بىلىمخۇمار ئەپەندىم ئالدىنقى ئىنكاسىدا يوللىغان گىرافىك:

مىنىڭ مەۋقەرىم:

توپنىڭ سىزىقلىق تېزلىكىگە قارشى يۆنىلىشتە ئايلىنىۋاتقان تەرەپتىكى ھاۋا ئېقىمى تېز ۋە شۇ سەۋەپتىن بۇ تەرەپتىكى ھاۋا بىسىمى قارشى تەرەپتىكىدىن ئاجىز دەپ قاراشنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغىنى گىرافىك ئۇزىمۇ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.چۈنكى:
1.ئوڭ تەرەپ سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىۋاتقانلىغى ئۈچۈن،بۇ تەرەپنىڭ  سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت يۆنىلىشىدىكى تېزلىكىنى توپنىڭ ئىلگىرلەش يۆنىلىشى بىلەن ماس ئايلىنىۋاتقان سول تەرەپتىكىدىن يۇقۇرى دەپ قارىۋىلىش پاكىتقا،مۇشۇ گىرافىك ئۇزىدىكى ھالەتلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس.
2.مۇبادا شامال چىقمىغان ۋاقىتتا جىسىمنىڭ تېز ئىلگىرلەۋاتقان تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمى ئاستا،ئاستا ئىلگىرلەۋاتقان تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمى تېز بولىدۇ،دېيىلسە بۇ باشقا گەپ.لىكىن،بۇنداق قاراش بارلىق ئەمىلى پاكىتلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.
3.سىرىتقى قېپى ئايلانمايدىغان ئىلىكتىر ماتۇردا ئىشلەنگەن ماياتنىك تەجىربىسىدىكى 29-تىئورمىچە ئېغىش ،بۇنداق ئېغىشنىڭ ھاۋانى شەرىت قىلمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلىدى.

33

تېما

10

ئەگەشكۈچى

3853

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1077
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
1077
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 19:51:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەرمە:

YasinEhmet يازمىسى.61-قەۋەت:

‹‹تېما دەبدەبىلىك، لىكىن مەزمۇن قۇپقۇرۇق››-  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىت ناملىق تورداش، چۈشەنچىڭىز دەل توغرا. تېمىدا ئىشلىتىلگەن تېرمىن دەبدەبىلىك ئەمما مەزمۇنى قۇپقۇرۇق بولغاچ ئىشلار شۇنداق بولۇپ قالدى. تېزلىك كۈچ پەيدا قىلالايدۇ دىگەن بۇ ھۆكۈملۈك ئىنسانلار تالاي يىللار مابەينىدە يەكۈنلىگەن مېخانىكا ئىلمىي سىستېمىسىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارشىنى نۆلگە ئايلاندۇرىدۇ شۇنداقلا ئىنسانلار ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغان بۇ ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئۆلتۈرىدۇ. قاسىمكام بۇ ھۆكۈمى بىلەن ئاۋال مىخانىكىنى ئۆلتۈردى، ئاندىن يەنە توختىماي شۇ ئۆلتۈرۈلگەن مىخانىكا بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ گىپىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. قاسىمكامنىڭ نەزىرىدە بۇ مىخانىكا ئۆلگەن، پۈتۈن دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئالىم ئۆلگەن مىخانىكا بىلەن ‹‹29-تېئورىما›› نىڭ توغرا خاتالىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. ناۋادا مىخانىكا ھايات بولسا ‹‹29-تېئورىما›› نىڭ پىكىر يولى ئۆلگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا بىر نىمە دىيىش ئۈچۈن دەبدەبىلىك ئىسپات بىھاجەت. مىنىڭچە بۈگۈنكى مىخانىكا ھاياتلا بولىدىكەن ‹‹29-تېئورىما›› ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، خۇددى تىرىك موردىدەك، مەيلى قانچە رەددىيە بىرەيلى، ئوقلارنى ئېتىپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋىتەيلى ئۇ يەنىلا دەلدەڭشىپ كىتىۋىرىدۇ.

بەلكىم قاسىمكامنىڭ توغرا، باشقا ئىنسانلارنىڭ خاتا بولىشىمۇ مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولسۇن مەن بۇ تېمىنى ئۆزۈم توغرا دەپ ئىشىنىپ كەلگەن، ماڭا خوشاللىق ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقان بىر ئىدىيە سىستېمىسىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يازدىم، قاسىمكاممۇ ئۆز ئېتىقادىنى قوغداۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىككىلىمىز ئوخشاش. قوغدىغۇدەك ئىدىيە بولۇشمۇ بىر بەخىت. كۆڭۈللەرگە تېگىپ كەتكەن بولسا كەچۈرۈم سورايمەن.

ھارماڭ قاسىمكا، ياشلار سىزنىڭ روھىڭىزدىن ئۈلگە ئالسۇن، ئەمما خاتاغا يول قۇيۇشنىڭ ئۆمۈرلۈك خىيىم خەتىرىنى تەكىتلەشنىمۇ ئۇنۇتماڭ.

ئاخىرقى رەددىيە دىگەننىڭ مەنىسىنى مۇشۇنداق چۈشۈنۈپ قالساڭلار بولدى.

http://bbs.bagdax.cn/thread-27334-8-1.html

_________________

ziyaنىڭ يازمىسى.62-63-قەۋەتلەر:

رەھمەت.

ئەپەندىم،29-تىئورمىچە ئېغىش پاكىت بولغان تەقدىردىمۇ، بىز بۇ ئېغىشنى ئىتراپ قىلساق  مېخانىكا ئۆلۈپ  كېتىدۇ،شۇڭا 29-تىئورمىچە ئېغىشنى كۇرسەكمۇ كۇرمەسكە سېلىپ ئىنكار قىلىپ تۇرىۋالىمىز دىمەكچىما؟.
قىززىق گەپ ،29-تىئورمىچە ئېغىش مېخانىكىنى ئۇلتۈرمەيدۇ،ئەكسىچە بېيىتىدۇ.ئۇنداق ئەمەس دېسىڭىز بۇنداق ئېغىشنى تەييار بىلىملەر ئارقىلىق چۈشەندۆرۆپ بېقىڭ.ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنداق ئېغىش مەۋجۈت ئەمەس،دەپ تۇرىۋالمايدىغانسىز؟!.


مىنىڭچە بۈگۈنكى مىخانىكا ھاياتلا بولىدىكەن ‹‹29-تېئورىما›› ھەرگىز ئۆلمەيدۇ

مانا ماۋۇ گېپىڭىز بولىدۇ،بۆگۆنكى مېخانىكىدا چەكلىمىلىك بار.شۇڭا ئۇنى تولۇقلاش كېرەك!.

شۇنداق قىلىپ ھازىرقى مېخانىكىنىڭ 29-تىئورمىنىڭ ياشىشىغىمۇ يول قويالمايدىغان،ئۇنى ئۇلتۆرىۋىتىشكىمۇ قوربى يەتمەيدىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.بۇ راسىت گەپ.لىكىن،29-تىئورمىچە ئېغىش بىر پاكىت بولغانلىغى ئۈچۈن مېخانىكىنىڭ ئىدىيە سېستىمىسىنى بېيىتىش لازىملىغىمۇ زۇرۇرىيەت بولۇپ قالدى.بۇمۇ راسىت گەپ.

نۇقسان 29-تىئورمىدا ئەمەس،بەلكى بۆگۆنكى مېخانىكىدا بولۇپ قالدى.بۇ تېخىمۇ راسىت گەپ!.

مەن ئاخىر بىر كەسپ ئېگىسىنىڭ سەمىمى گېپىنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن!.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-26 19:45, Processed in 0.116124 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش