تورداشلارغا ھېيتلىق سالام
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى مۆھتىرەم تورداشلار: روزى ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، مەن تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە ئەزا بولغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولساممۇ، لېكىن مۇنبەردىكى مۇتەپەككۇر، شائىر، ئەدىپلەرنىڭ نۇرغۇن يازمىلىرىنى، شېئىرلىرىنى، ماقالىلىرىنى، ئادەمگە ھوزۇر بەخىش ئېتىدىغان ۋە ئادەمگە ئىستىتىك روھ ئاتا قىلىدىغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ۋە مەنىۋى ئوزۇق ئالدىم. شۇنداقلا مېنىڭ بىر تېمامغا بەرگەن پىكىر_ تەكلىپلىرىڭىزلارنى ئالەمچە خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتىم.
مەن بۇندىن كېيىنمۇ كەڭ تورداشلار بىلەن سەمىمىي پىكىرلىشىپ، نەزەر دائىرەمنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. تورداشلارغا رەھمەت.