كۆرۈش: 20196|ئىنكاس: 20

شىنجاڭ كوماندىسى ئۇدا تۆت مەيدان ئۇتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6185
تۆھپە
2819
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 12:56:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ كوماندىسى ئۇدا تۆت مەيدان ئۇتتى


8c89a58fc8a9119550b504.jpg


    ئۆز مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخماننىڭ تيەنجىندىن ئەۋەتكەن خەۋىرى، فوتوسى: 14-ئاۋغۇست ، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 17-ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى، تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شىنجاڭ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى 1 دە 0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى ئۇتۇپ، قىممەتلىق 3 نومۇرغا ئېرىشتى.
   شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ قارشى تەرەپكە قاتتىق بېسىم ئېلىپ كەلدى، بىراق توپ كىرگۈزۈزش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. مۇسابىقە كۈنى يامغۇر ياغقانلىقتىن، مەيدان پاتقاق ھەم سىيلىق بولۇپ كەتكەچكە، ئىككى كوماندىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ماھارىتىنى كۆرسىتىشى بىر ئاز تەسكە توختىدى. شۇنداق قىلىپ ئىككى كوماندا ئالدىنقى يېرىم مەيداندا 0 دە 0 بولۇپ تەڭلىشىپ قالدى.
   كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى قىسقا پاسنى كۆپەيتىپ قارشى تەرەپنى مۇداپىئەسىنى بۇزماقچى بولدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 6 مىنۇت بولغاندا شىنجاڭ كومانسى سول تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغاپ، چەكلەنگەن رايوندا ئورۇن ئېلىپ تۇرغان ئەسقەرگە پاس بەردى. ئەسقەر توپنى توختاتمايلا 6- نومۇر ئەسئەتجانغا پاس بەردى، ئەسئەتجان بۇ توپنى زايا قىلماي ۋاراتارغا كىرگۈزۈۋەتتى.
   بىر توپ كەينىدە قالغان تيەنجىن كوماندىسى ئاخىرقى مىنۇتلاردا شىنجاڭ كوماندىسىغا ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى ئۇتۇپ، قىممەتلىك 3نومۇرغا ئېرىشتى. بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يېقىنقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدىكى تۆتىنجى مەيدان غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ.
    تەڭرىتاغ مۇنبىرىمىز پات يېقىندا بۇ ئىككى كوماندا ئوتتۇرىسىدا ئوينالغان 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە فىلىمىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز.

8c89a58fc8a91195506301.jpg


8c89a58fc8a91195507102.jpg


8c89a58fc8a91195510807.jpg


8c89a58fc8a9119550c405.jpg


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
892
تۆھپە
577
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 13:33:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ، بۇلارنىڭ داۋاملىق ئۇتىشىنى ئۇمىد قىلىمىز !!


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1543
تۆھپە
355
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 14:21:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى خوش قىلدىغان خەۋەركەن ،باركاللا ئەزمەتلەر.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
529
تۆھپە
245
UID
4328

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 14:40:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىيەنجىندە نىمە كۆپ ئادەم كۆپ ، ئاسمانغا تۇكۇرسە يەرگە چۇشمەي ئادەمنىڭ بىشىغا چۇشىدۇ ، بىراق مەيداندا توپ كوردىغان ئادەم يوق ... ئۇرۇمچىدە ئۆتكۇزگەن مۇسابىقىلەر ھەممە يەرگە ئۈلگە بولسا بولغۇدەك ...
ئاشۇ تىيەنجىندىمۇ تاماشىبىنلار يەنە شۇ شىنجاڭدىن بارغانلاردەك قىلىدۇ ...
بەلكىم يامغۇر يىغىپ كەتكەشكە توپ مەستانلىرى قىچىپ كەتكەن بولسا كىرەك ...يامغۇرلۇق مەيداندا يەنە نەتىجە قۇچۇپتۇ ...بارىكاللا ....بەك خوشال بولدۇم


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلزىنە
تىللا
380
تۆھپە
247
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 14:54:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنكى غەلبىلەرمۇ داۋاملىق سىلەرگە يار بولسۇن


Rank: 4

تىللا
448
تۆھپە
119
UID
14483
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 15:27:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى خوش قىلىدىغان خەۋەر ئىكەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1403
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 16:47:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     قارىغاندا ، شىنجاڭ كوماندىسى شىمالىي مۇسابىقە رايونىدا ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى ئورۇندا تۇرۇپ قالسا كېرەك ، بىرىنچى ،  ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن نومۇر پەرقى خېلى بار ، بېسىم يەنە ئېغىر ، ناۋادا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرۇپ قالسا ، جەنۇبىي مۇسابىقە رايونىنىڭ بىرىنچىسى بىلەن تۇتۇشۇپ قالىدۇ ، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرۇپ قالسا ، جەنۇبىي مۇسابىقە رايونىنىڭ ئىككىنچىسى بىلەن تۇتۇشۇپ قالىدۇ .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6752
تۆھپە
3409
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 17:24:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Barcelona يوللىغان ۋاقتى  2012-8-15 16:47
قارىغاندا ، شىنجاڭ كوماندىسى شىمالىي مۇسابىقە رايو ...

جەنۇبنىڭ  نوچىسى بىلەن تۇتۇشۇپ قالسا يەڭمىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
3548
تۆھپە
1093
UID
489

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 19:05:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6- 7 - ئايلاردىكى مۇسابىقىدە بىرەر مەيدان كەتكۈزۇپ قويمىغان بولسا، بۇلارنىڭ نەتجىسى بۇ ۋاقىتتا خىللا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان بولاتتى. ھىلىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1477
تۆھپە
520
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 19:53:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!! ئۇلارنىڭ تىنىگە قۇۋۋەت، ھەركىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن!!


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 19:07, Processed in 1.232025 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991