ئائىلە راستىنلا مۇھەببەتنىڭ قەبرىگاھىمۇ؟ تۇرمۇشتا بىرقىسىم ئاياللار ئېرىنىڭ توي قىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئىلگىرىكى ئوتلۇق بېقىشلىرىنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان گۈزەللىك تەرپلىرىنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلار يېڭى كىيىم ئېلىپ، ئۇچىسىغا ئارتىۋالغان كۈنلىرىدىمۇ ئېرىنىڭ بىرەر ئېغىز «يارىشىپتۇ» دەپ ماختاشلىرى ئۇياقتا تۇرسۇن، سەپسېلىپمۇ قويمىغانلىقىنى، ھەتتا ئېرى ئۈچۈن گۈزەللىك ھەدىيە قىلماقچى بولغان بارلىق ياسىنىشلىرىنىڭ پەرۋاسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ھەمىشە ئۆزى ئۈچۈن بېسىم قىلىپ، ئائىلىدە مۇھەببەت قالمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ، بىر ئايال ئۈچۈن ئۆزىنىلا ئويلاپ، ئېرىنىڭ قەلب ئارخىپلىرىغا نەزەر سالماسلىق نېمە ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، مۇھەببەتتىكى تەلەپ ئىچىرقاش ئاياللارغا خاس ئەمەس، ئەرلەرمۇ مۇھەببەتنىڭ كۈيۈنۈشلىرىگە، پەپىلەشلىرىگە مۇھتاج، سۆيگۈ ۋە نىكاھ ھەرگىز تىنچ كۆل سۈيى ئەمەس، ئۇنىڭمۇ مۈشكۈلات داۋانلىرى بولىدۇ، داۋاننى ھەرگىزمۇ تەنھالىقتا بېسىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ھەقىقى مۇھەببەت ۋە نىكاھ دەل مۇشۇ داۋاندا سىنىلىدۇ. شۇنداق، قول قولغا، يۈرەك يۈرەككە تۇتاشقاندىلا نى - نى داۋانلار ئارقىغا تاشلىنىپ، گۈزەل ھايات ئايىغىمىزدا پەيدا بولىدۇ. شۇنداق، سۆيگۈ داۋاملىشىشى كېرەك. ئۇنداقتا سىز تويدىن كېيىن مۇھەببەت ئۈچۈن زېھنىڭىزنىڭ نەچچە پىرسەنتىنى ئاجراتتىڭىز؟ يارىتىۋاتقان تۆھپە، سەمىمىيلىكلىرىڭىز ئارىسىدىن ئۇنىڭغا قانچىلىك ئورۇن بەردىڭىز؟ بىلىشىڭىز كېرەككى، مۇھەببەت ۋە نىكاھ ئەر - ئايالنىڭ ئورتاق پەرۋىشىدىن كۆكلەيدۇ. مۇھەببەت داتلاشماس پولات، ئۆزگەرمەس قېلىپ ئەمەس. ئىنسان رېئاللىقنى ئۆزگەرتكۈچى ئىكەن، ئەلۋەتتە سۆيگۈنىڭ بەڭباش ئېقىنلىرىنى ئۆز ئېتىزلىرىغا باشلىۋېلىش چىن يۈرەك، سەمىمىيەت بولسىلا ئۇنچە تەس ئەمەس. چېچەن، پىشقان ئاياللار ئەرلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئوبدان بىلدۇ. ئۇلار ئاياللىق شەرمىي - ھايا، سىياقى ياسىنىشلىرى بىلەن ئەرلەر ئالدىدا ئۆز سالاپەت سېھرىي كۈچىنى ياراتسا، ئىچكى دۇنياسىدا تاۋلىغان ساداقەت، سەمىمىيلىكى بىلەن ئەرلەرنىڭ سۆيگەن جورىسىغا ئايلىنىدۇ، چېچەن، پىشقان ئاياللار تۇرمۇشنىڭ ئېكولوگىيە سۈپىتىگە تولىمۇ ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بېرەلەيدۇ. مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئايال ئۆزى يۇقىتىپ قويۇشنىڭ ئاقىۋەتتە ھەممىدىن ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارىدۇ ۋە تەربىيەلەيدۇ، ئاياللارغا خاس ئىدىيە ۋە تەلپۈنۈشلىرى ئۇلارغا ھاياتلىق ۋە سېھرى كۈچ ئاتا قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار ئۆزى سۆيگەن ئەرلىرىنىڭ قەدىرلىشىگە، مۇھەببىتىگە نائىل قىلىدۇ، ئۇلار قارغايغا ئوخشاش بەردەملىككە ئايلاندۇرالايدۇ. ئائىلىنىڭ گۇمرانى قەلىب گۇمرانلىقى، يەنى مۇھەببەت گۇمرانلىقىدىن باشلىنىدۇ. سېھرىي كۈچكە باي، پىشقان ئاياللاردىن بولماقچى بولسىڭىز تۇرمۇشنى سۆيۈڭ، تۇرمۇشنى بىلىڭ، كۆپرەك ئۆزىڭىزگە سوئال قويۇڭ، ئاياللىق خىسلەتلىرىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئېرىڭىزنىڭ قەلىب دۇنياسىدىن كېلىۋاتقان سادالارغا سەگەكلىك بىلەن قۇلاق سېلىڭ، شۇ چاغدا، ئائىلە مۇھەببەتنىڭ قەبرىگاھى دېگەن جۈملىنى سەپسەتىگە ئايلاندۇرالايسىز! (ساۋاقنامە) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 11:10
|