كۆرۈش: 7072|ئىنكاس: 9

باشقىلارنىڭ نامىدا ئۆي سېتىۋالسا بولامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
565
تۆھپە
78
UID
21879
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 00:12:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشقىلارنىڭ نامىدا ئۆي سېتىۋالسا بولامدۇ؟



     دېلو ئەھۋالى: تۇرسۇن بىلەن لەيلىگۈل مۇھەببەتلىشىپ،توي قىلماقچى بولۇشقان،بۇ ۋاقىتتا تۇرسۇن بانكىدىن قەرز ئالالماي، ئۆيىنى لەيلىگۈلنىڭ نامىدا ئالماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆي سېتىۋېلىش توختامى،باج تاپشۇرۇش تالونى ۋە بانكىدىن قەرز ئېلىش رەسمىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى لەيلىگۈلنىڭ نامىدا بېجىرىلگەن ھەم بانكىدىن80 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئايرىلىپ كېتىپ،باشقىلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ پەرزەنتلىك بولغان. تۇرسۇن بۇ ئۆيدىن پايدىلىنىپ كەلگەن ھەمدە بۇلتۇر نويابىردا ئۆينىڭ ھەممە قەرزىنى تۆلەپ بولغان.ئۆي-جاي كېنىشكىسى لەيلىگۈلنىڭ نامىدا بېجىرىلگەنلىكتىن ، داۋاگەر ئۆي-جاي كېنىشكىسىنى ئالالمىغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ نامىنى يۆتكەش جەھەتتە پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلگەن. تۇرسۇن سوتتا ئۆينى پەقەت لەيلىگۈلنىڭ نامىدا سېتىۋالغانلىقىنى، ئۆيگە تۆلەنگەن بارلىق پۇللارنى ئۆزى تۆلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان،لېكىن لەيلىگۇل بۇ ئۆيگە ئالدىن تۆلىگەن پۇلنىڭ يېرىمىنى ئۆزى تۆلىگەنلىكى،بۇ ئۆينىڭ داۋاگەر بىلەن ئىككىسىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى ئۆي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغاقويغان. سوت مەھكىمىسى تەرەپلەرنى مۇرەسسەگە يېتەكلەپ، تۇرسۇن لەيلىگۈلگە100 مىڭ يۈەن بېرىدىغان، لەيلىگۈل ئۆينىڭ نامىنى15 كۈن ئىچىدە تۇرسۇننىڭ نامىغا يۆتكەپ بېرىدىغانغا كېلىشتۈرۈلگەن.                 

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.2012-25-ئىيۇل.
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1240
تۆھپە
987
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 10:39:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما يۇللاپسىز،تەشەككۈر.
سەكرا

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
974
تۆھپە
620
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 12:12:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇ يىگىت پوللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى تولىگەنلىك ئىسپاتى يىتەرلىك ئەمەسكەندە  ، مۇنداق ئىشلارنى كوپ ئويلانمايلا بېجىرسە چوقۇم زىيان كېلىپ چىقىدىكەن  مانا.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1532
تۆھپە
353
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 12:49:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەت خۇتۇنغا ئۇچراپ قاپتۇ ئۇ بىچارە.

Rank: 2

ئىسىمى
تۇرسۇنجان
تىللا
96
تۆھپە
47
UID
20808
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 13:19:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلىكى بولمىسۇن ئۆزىنىڭ نامىدا سېتىۋالغان ياخشى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
391
تۆھپە
309
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 13:24:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق جىق ئىنكاسلارنى يىزىپ كىتىپتىمەن، قارىسام  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىكى خەۋەر ئىككەن.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6750
تۆھپە
3409
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 16:02:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەقنىڭ نامىدا ئۆي سېتىۋالسىڭىز سىزمۇ خەق بولۇپ قالىسىز!
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1468
تۆھپە
1137
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 07:57:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىل ۋىلىشقا تىگىشلىك تىما ئىكەن رەخمەت تىما ئىگىسىەگە

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1671
تۆھپە
800
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 21:16:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن پاكىتنى ئاساس قىلىدۇ،تۇرسۇن ئۆي سىتىۋالغاندا باشقا گۇۋاھچىلار بار جايدا ئىش بىجىرگەن  بولسا بۇنداق ئاۋارچىلىق يۈز بەرمەكتە .

Rank: 1

تىللا
25
تۆھپە
5
UID
276
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 02:30:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ باشقىلارنىڭ قولىدىن بىر ئۆي ئالغان .پۇل تولىگەنلىك ئىسپات ۋە بارلىق توختام ، ھۆججەت شۇنداقلا جامائەت گۇۋاھلىق ئىسپاتى بار . نامنى ھازىر ئۆزگەرتىش مۈمكىنچىلىكى يوق،چۈنكى كېنىشكا چىقمىدى . بىرەر چاتاق چىقماس دىگەن ئۈمىدتىمەن . قانۇن بىلىدىغانلار بولسا مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇققاندا بېجىرىدىغان تەرتىپلەرنى تەپسىلى قالدۇرسا بوپتىكەن ، دېگەن ئۈمىدتىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-22 19:54, Processed in 0.077586 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991