كۆرۈش: 20332|ئىنكاس: 21

تاكسىدا ئۇنتۇلغان بوۋاق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
تۇرغۇنجان
تىللا
332
تۆھپە
128
UID
16645
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 22:21:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تاكسىدا ئۇنتۇلغان بوۋاق



    مەن كۈندىكىگە ئوخشاش ماشىنامنى بىرەر قۇر تازلىۋەتكەندىن كىيىن،ئانام دادام بىلەن خوشلۇشۇپ ھەر كۈندىكىگە ئوخشاش تىجارىتىمگە ئاتلاندىم.رادىيو تىڭشىغاچ كېتىپ باراتتىم5-ئولتۇراق رايونىدىن بىر بالا كۆتىرىۋالغان27-28ياشلار چامىسىدا بىر ئايال تاكسى توسۇش ئۈچۈن ئالدىراپ چىقىۋىتىپتىكەن،مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن توختۇدۇم.ئۇ ماشنىغا چىقىشىغا تېلېفونى سايراپ كەتتى.
    نەگە بارىسىز دېدىم مەن،ئۇ پەرۋاسىز تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تېلېفوندا قىلىشقان گەپ- سۆزلىرى خۇددى بىرسى بىلەن شېرىن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندەكلا شۇنداق شېرىن ئىدى.مەن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتىم،چۈنكى ئۇ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى تېخىچە دېمىگەن ئىدى،ئۇ ئاخىرى 2-دوختۇرخانىغا بارىدىغانلىقىنى ماڭا دېكىنىپ دەپ بەردى .ئۇ سۆزلىشىۋەردى،مەنمۇ ئۇنىڭ شېرىن مۇھەببەتلىك پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز بۇرۇنقى مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قاپتىمەن.ھەي مۇھەببەت نېمىدىگەن شېرىن ھە.

    تۇرۇپلا كاللامغا ئاشۇ قىز ياق ئاشۇ چوكان ئەستا نېمە دېسەم بولا، كۆتۈرۈۋالغان بۇ بالا ئۆزىنىڭ بالىسىمىدۇ،ياكى بىرەر تۇققىنىنىڭ بالىسىمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.بۇ تۈگۈنمۇ يېشىلدى مانا، ئۇنىڭ پارىڭىدىن ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.چۈنكى ئۇ بالىسىنى يەنە بىر دەم ئۇخلاپ تۇر ھە قوزام دەپ بەزلىگەنىدى. ئۇنىڭ پارىڭى تۈگەيدىغاندەك قىلمايتتى. مەنزىلگىمۇ كەپقالدۇق،ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈش خىيالى يوق بىغەم پاراڭلىشىۋاتاتتى.2-دوختۇرخانىغا كەلدۇق دەپ قايتا بىر ئەسكەرتىۋەتتىم،ئۇ ئاخىرى پۇلنى تۆلەپ چۈشۈپ قالدى.
    ئەتىگەندىلا ھەجەپ قىززىق ئىشقا ئۇچرۇدۇم دېسە،بوپتۇلا شۇ بانادا مەنمۇ مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمىنى ئەسلىۋالدىم بوپتۇ بۇمۇ بولغىنى دېگىنىمچە يەنە خىيالغا چۆكۈپ كېتىپتىمەن.ماشىنا ئىچىدە تۇيۇقسىز بىر قاتتىق يىغا ئاۋازى كۆتۈرۈلدى،قورققىنىمدىن يۈرۈگۈم تىقىلىپلا قالدى.ھودۇقۇپ ماشىنىنى يولنىڭ ئوتتۇرىدىلا توختۇتۇپتىمەن،كەينىمدىكى ماشنا قىل قالدى سوقۇپ تاشلىغىلى مەن ماشىندىن چۈشۈپ قاراپ باقتىم،بىر بوۋاق قاتتىق يىغلاۋاتاتتى.
    مەن دەرھال ئۇ بالىنىڭ ھېلىقى ئايالنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدىم دە دەرھال ماشىنىنى بايا ھېلىقى ئايال چۈشۈپ قالغان يەرگە تېز سۈرئەتتتە ھەيدەپ ماڭدىم،كاللامغا يەنە بىر ئىش كەپقالدى.توۋا ئۇ ئايالنىڭ پاراڭلىشىۋاتقان ئادىمى مۇشۇ بالىنىڭ دادىسىمىدۇ يا ئاشنىسىمىدۇ توۋا.بالا توختىماي يىغلاۋاتاتتى، ماڭا بىرسى ئۇ ئايال بالىسىنى ئىزدەپ ساراڭ بولاي دەپ قالدى ماشىنىنى تېز ھەيدە دېگەن سادا كاللامدا قايتىلىناتتى.بىچارە ئايال نېمە بولۇپ كېتىپ بارىدىغاندۇ ھە.
    ئاخىرى2-دوختۇرخانا ئالدىغىمۇ كەلدىم،ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، توۋا خۇدايىم بۇ ئانىنىڭ پەرۋاسىزلىقىنى كۆرۈڭ، ئۇ تېخىچە توختىماستىن تېلېفوندا پاراڭلىشىۋېتىپتۇ.مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سېگنال باستىم، ئۇ ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس،مەن ئاخىرى ماشىنىدىن چۈشۈپ بالىڭىزنى ماشىنىدا ئۇنتۇپ قاپسىز دېدىم،لېكىن ئۇ يەنىلا ئاڭلىمىدى،توۋا ما ئىشنى كۆرۈڭ، ھەي ساراڭ دەپ ۋارقىرىۋەتتىم،ئۇ يەنىلا پەرۋاسىز ھېچ ئىش بولمىغاندەك ماڭا قارىدى.بۇ بالا سېنىڭمۇ،ئۇ تېلېفوننى يەنە قۇلىقىغا تۇتۇپ بىر مىنۇت تۇپتۇرىڭە جېنىم دېگىنىچە ماشىنىدا يىغلاۋاتقان بالىنى قولىغا ئالدى.ئاللاھ ئىگىمىز سەندەكلەرگىمۇ بالا بېرىپتۇ، ئىسىت، ئىسىت، ساڭا بۇ بالا زايا كېتىپتۇ دېگىنىمچە يولۇمغا راۋان بولدۇم،ئەتىگەندىلا نەس باستىغۇ ئادەمنى توۋا.

              دوستلار بۇ قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھەقىقىي بىر تىراگېدىيە

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
بۇغداي
تىللا
281
تۆھپە
101
UID
20698
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 10:39:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ماشىنىدا بالىسىنى ئۇنتۇلۇپ قىلىش››بىر ئانا باغرىنى يىرىپ چىققان بالىنى (ئادەمنى) ئۇنتۇلۇپ قىلىش. توۋا ...توۋا....پۇتۇن دۇنيانى ئىزدىسە قايسى مىللەتتىن ، قايسى دۆلەتتىن بۇنداق بىغەم ئانىدىن نەچچىسى چىقار؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2155
تۆھپە
1040
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:01:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇنىڭ ھەقىقى  مېھرى - مۇھەببەتنى ئۇنتىغىنى .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1538
تۆھپە
353
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:07:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالسىدىن  ئاشنىسىنى ياخشى كۆردىغان چېغى.خۇدايىم كوڭلىغا ئىنساپ بىرە شۇنداق چوكانلارنىڭ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2345
تۆھپە
1225
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:10:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ، كاللىسىنىڭ دەردى بارمىدۇ ، ئۇ ئايالنىڭ، باشقا نەرسىلىرىنى ئۇنتۇپ قالسىمۇ مەيلى ، بالىنىمۇ ئۇنتۇپ قالامدۇ كىشى،،


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 1

تىللا
24
تۆھپە
10
UID
8921
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:39:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەستەن  تاشلاپ  قويغانمۇ  تېخى  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
805
تۆھپە
237
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 12:20:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايۋان دېسەكمۇ ئارتۇق كېتىدىكەن، ھايۋاننىڭمۇ بالىسىغا راۋۇرۇس مېھرى بار ئەمەسمۇ!
بىچارە بالا! ... ئاشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز پەسەندىلەرنىڭ كاساپىتىدىن يېڭى بىر ئەۋلاد جەمئىيەت داشقاللىرى يېتىلىپ چىقىدۇ.


گۈلباھار ھامۇتنىڭ‹‹قاپقارادۇر قاشلارىڭ››نى ئىزدەيمەن!!!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
641
تۆھپە
225
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 12:41:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداقمۇ ئانىلار بۇلىدىكەن-ھە!!


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1443
تۆھپە
915
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 12:59:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادىسى نەدە يۈرۈپ تاپقان، ئانىسى نەدە يۈرۈپ تۇغقان بولغىيتتى ئۇ پاسكىنىنى.
گەپنىڭ سەتىنى قىلىۋېتەي، مەن بولسام ئۇنى تۇتۇپ ئىككى تەستەك سېلىپ ‹سېنى داداڭ تېلىفۇنغا يۆلەپ تاپقانمۇ؟› دەۋىتەتتىم.
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئايال بالىسىنى يىتتۈرۈپ قويۇپ ئىلىشىپ قالغان، تېخى يېقىندا ياخشى بولۇپ قالدى دەپ ئاڭلىدىم.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2055
تۆھپە
734
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 19:08:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ئىش بوپتۇ بۇ، قانداق ئانا ئۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 12:56, Processed in 0.079978 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991