ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ يەنە بىر سەمەرىسى چۆپ ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
چۆپ ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىدە ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ يىيىشلىك ھەم سىڭىشلىقلىقى بىلەن ئۇيغۇر تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن تائامدۇر .
چۆپ ئېتىش ئۇسۇلى ۋە خۇرۇچىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ، نارىن چۆپ ،تۈگمەن چۆپ، قىرغىز چۆپى، پىتىر چۆپ، شوخلا چۆپ، قېتىق چۆپ،ماش چۆپ، قورشىما چۆپ،قىيما چۆپ،سەي چۆپ ، تۇخۇم چۆپ، چار چۆپ..... قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ .
ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن قەدىمىي تائاملىرى بارا -بارا ئىستىمالدىن قېلىشقا باشلىدى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇ خىل تائاملارنىڭ تەمى بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىز ئەتكەن تائاملارنىڭكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقى شۇنىڭ بىلەن بىللە شەھەرلىشىش ۋە تۇرمۇش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ ھازىرقى نۇرغۇن قىزلىرىمىز ئۇنداق تۈجۈپىلەپ ئېتىدىغان تائاملارنى بۇرۇنقىلاردەك تۈجۈپىلەپ ئېتەلمەيدۇ. نارىن چۆپنى مىسال قىلساق ھازىر كۆپىنچە ئائىلىدە بالىلىرىمىز چۆپ دېسە بېشى ئاغرىيدۇ، يىگىلى ئۇنىمايدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى چۆپ مېنىڭچە بۇرۇنقىدەك تەملىك بولمايدۇ . بىرقاچا خېمىرنىڭ ئۈستىگە ئازراق نارىن بىلەن سەۋزىنى توغراپ سېلىپ بېرىمىز خىمىيىۋى ئوغۇتنى بولدى دېگۈدەك سالغان بۇغداينىڭ خېمىرىمۇ بۇرۇنقىدەك تەملىك بولمايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ھازىرقى تائاملارنىڭ ئالدىدا يېمەسلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
نارىن چۆپ ئادەتتە ئاتۇش چۆپىمۇ دېيىلىدۇ بۇ خىل چۆپنى ئېتىشتە ئاۋال ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن ئاستا تەييارلىق قىلىمىز بۇرۇنقىلار ھەتتا قازانغا قۇيىدىغان سۇدىن تارتىپ قالالايدىغان ئوتۇنغىچە تاللايتتى. چۆپنىڭ خېمىرىنى بۇرۇن يۇغۇرۇپ تىندۇرىلاتتى، خېمىرنى بۇرۇن يۇغۇرۇپ راۋۇرۇس ئەيلەپ، چىنە ياكى داس تەڭلە دېگەندەك نەرسىدە باسۇرۇپ قوياتتى، بۇنداق خېمىرنى تىندۇرغاندىن كېيىن يايغاندا ھەم تەكشى ھەم نېپىز يايغىلى بولىدۇ خېمىرنى ئەيلەپ نوغۇچقا ئالىدىغان چاغدا خېمىر يۈزىدە ئۇششاق كۆپۈكچىلەر پەيدە بولىدۇ بۇ خېمىرنىڭ ياخشى تىنغانلىقى بولۇپ بۇلار خېمىرنىڭ ئىچىدىكى ھاۋادۇر. شۇنداق خېمىرنى ئەيلەپ باسۇرۇپ قويغاندىن كېيىن سۈزۈك سۇنى قازانغا قۇيۇپ گۆشنى سالىمىز ئاندىن ياخشى ئېغىر ئوتۇندا( ئۆرۈك ياكى يۇلغۇن دېگەندەك ئوتۇندا) ئوتنى يېنىك قىلىپ ناھايىتى ئۇزۇن قاينىتىپ ئاندىن چامغۇر سالىمىز . بۇ جەرياندا پىيازنى چېكىپ تۇرۇپ قاردەك ئۇششاق توغرايمىز.توغرالغان پىيازنىڭ ئۈستىگە قازاندىكى گۆشنىڭ شورپىسىنى ئالىمىز. سالغان گۆش ئازراق بولسا قازاندىكى سۇدا ۋىلىلداپ تۇرغان شورپىنى چۆمۈچتە سۈزۈپ ئېلىپ ئۈستىدىن پۈۋلەپ شورپىسىنى بايىقى پىياز توغرالغان پىيالە ياكى چىنىگە چۈشۈرىمىز ئاندىن شورپىنى مىس قاچا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىگە تۆكۈپ ئوت ئۈستىگە قويۇپ پىيازنى پىشۇرىمىز( پىشۇرمىساقمۇ پىشۇرساقمۇ بولىدۇ) .ئاندىن سوغۇق ئورۇنغا قويۇپ قويساق، بۇ شورپا سوغۇقتىن توڭلاپ تۇرىدۇ. گۆش راسا پىشقاندا سۈزۈپ ئېلىپ دۆشىگە قويۇپ كېپەكتەك ئۇششاق نارىن قىلىمىز. چۆپنى ئوخشىغىنى ئاساسەن نارىن بىلەن شورپا نارىن قانچە ئۇششاق بولسا چۆپ شۇنچە ئوخشايدۇ. گۆشنى سۈزۈپ ئالغاندىن كېيىن قازاننىڭ سۈيىگە قاراپ ئازلاپ كەتكەن بولسا ئازراق سۇ قوشۇپ، قاينىتىپ نېپىز يېيىلغان چۆپنى قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ سۈزىمىز . ( بۇرۇنقىلار ئاسان سوۋۇيدۇ دەپ ياغاچ تاۋاق ياكى لىگەنگە سۈزەتتى ) سۈزگەندىن كېيىن ئۈستىگە بايىقى پىياز ئارىلاشقان شورپىدىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كېيىن نارىننى سېلىپ ئەكىلىمىز. چۆپنى يېگۈچى نارىننى راسا ئېلىشتۇرۇپ بىر باشتىن يەيدۇ ئۇششاق توغرالغان نارىن ھەر كاپام ئاشتا ئېغىزىمىزغا چىقىپ مۇۋاپىق ئارىلاشقان شورپا بىلەن شۇنداق يېيىشلىك بولىدۇ.ھازىرقى چۆپلىرىمىزدەك خېمىر تېتىمايدۇ.بۇ خىل چۆپ بەك سىڭىشلىق ھەم قۇۋۋەت بولىدۇ. شۇڭا كونىلار نارىن چۆپ دېگەن ئادەمگە يىلىك بولىدۇ دېيىشىدۇ.
يەنە باشقىلىرىنى چۈشەندۈرسەم تېما ھەم ئۇزۇن ھەم زېرىكىشلىك بۇلۇپ قالغۇدەك، چۈنكى ھەممەيلەننىڭ بۇ تېمىغا قىزىقىشى ناتايىن .مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىگە ھەۋەس قىلىدىغانلار ئورتاقلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.