كۆرۈش: 2414|ئىنكاس: 0

چوڭلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېڭىچە نۇقتىنەزەردە مۇئامىلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
658
تۆھپە
147
UID
17623
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 18:39:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چوڭلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېڭىچە نۇقتىنەزەردە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك




        بىز ئادەتتە،ئاتا ئانىلارنىڭ <<ئوغلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىغا ئۆرلىشى بىلەنلا ئادەمنى بىزار قىلغىلى تۇردى، بىزنىڭ گېپىمىزنى پەقەت ئاڭلىمايدۇ،قانداق قىلساق بولار؟>> دەپ قاخشىغانلىرىغا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار پىسخىكىسىغا ياتىدىغان گەپ-سۆزلىرىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز.ئەمەلىيەتتە،<<شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى>>،<<شىنجاڭ مائارىپى>>ژۇرنىلى قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىنىپ مەسئۇللىرى،ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەر داۋاملىق بېسىلىپ،كەڭ ئوقۇتقۇچى،ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا زور ئىنكاس قوزغىماقتا. ئەگەر بىز تەشۋىقات ۋاستىلىرىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈگىنىشكە ئەمەس بەلكى تورخانىلارغا ياكى يات جىنىسلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن بادى-كەلدى قىلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى،شۇ سەۋەپتىن ھەتتا ئۇرۇشۇش،ئۆيدىن چىقىپ كېتىش،قاتىللىق قىلىش ياكى ئۆلۈۋېلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.
    بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدا،ياشلىق خۇددى ناخشىدا ئېيتىلغان تاڭ شەپىقىدەك نۇر چېچىشى،ئەتىرگۈلدەك خۇشپۇراق چېچىشى كېرەك.  ياشلىق بىباھا گۆھەر،بىزنىڭ بالىلىرىمىز نېمىشقا ياشلىق بەختى ۋە گۈزەللىكىنى ھېس قىلالمايدىغاندۇ؟
    ئەمەلىيەتتە،ئومۇمەن ياشلىق مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،سادىر قىلغان خاتالىقى ھەمىشە ئوقۇغۇچىلاردا بولماي،بەلكى بىزنىڭ كۆز قارىشىمىزدا بولىدۇ،پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى ئادەم ھاياتىدىكى بىر پەۋقۇلئاددە دەۋر،پەۋقۇلئاددە دىگەنلىك_بوۋاقلىق مەزگىلى بىلەن بالىلىق مەزگىلى،ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىگىمۇ،شۇنداقلا ياشلىق مەزگىلىگىمۇ ئوخشىمايدۇ ،دېگەنلىكتۇر. پەۋقۇلئاددە بولغانلىق نورمال بولغانلىق بولىدۇ.يەنىلا ئىگىرىكىدەك بولسا،نورمالسىزلىق ھېسابلىنىدۇ .
      بەزى ئاتا-ئانىلار بۇنى توغرا تاپمايدۇ.<<بىزمۇ ياشلىق مەزگىلىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن،بىز ئۇ چاغلاردا ھەرگىزمۇ بۇلاردەك باشقىلارنى ئەندىشىگە سالمايتتۇق>>دېيىشىدۇ. بۇ گەپلەر ئورۇنلۇق. بىراق، مەسىلە شۇنىڭدىكى، دەۋر ۋە جەمئىيەت ئۆزگەردى،بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ،ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىشتىن ئىندىۋىدۇئال تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلىشقا،كىيىم -كىچەك پۇتۇن بولماسلىق،قورساق توق بولماسلىقتىن تۇرمۇشتا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە،كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشتىن يالغۇز پەرزەنتلىك بولۇشقا،سانائەت يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساسى گەۋدە قىلىشتىن بىلىم دەۋرې،ئۇچۇر دەۋرىگە ئۆتۈشكە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە،ياشلىق نىمە ئۈچۈن يېڭىچە تۈسكەئىگە بولمىسۇن؟ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ئىپادىلىرى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسىدۇر .
    ئەمەلىيەتتە، ياشلىق مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار مۇنداق بىرقانچە چوڭ ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە:
    بىرىنچىدىن،ئۇلار مۇستەقىللىق ۋە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ،ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشنى،كىشىلەر بىلەن باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ،باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغۇسى كەلمەيدۇ.
    ئىككىنچىدىن،ئۇلار يېڭىچە قاراشلارغا نىسبەتەن سەزگۈر بولۇپ،ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ،رىقابەت خاراكتىرلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
    ئۈچىنچىدىن،ياشلىق دەۋرىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ،ئۇلار ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ،ھېسسىيات،كىشىلىك مۇناسىۋەت،ئىندىۋىدۇئاللىق،جىنىس قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇلار ئىزدىنىدىغان  قىززىق  نۇقتىلاردۇر.
    بىراق، نۆۋەتتە كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچى ئۈگىنىش رىقابىتى،ئاتا-ئانىلىرىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنىڭ يۇقىرى بولۇش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان بېسىم،دوستلىرى كەم بولۇش سەۋەبىدىن ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىشنىڭ ئەركىن بولماسلىقى ،ھەرىكەت بوشلۇقىنىڭ كەمچىل بولىشى قاتارلىق مۇھىت شارائىتىنىڭ  چەكلىمىسى ھەمدە ئۆزىنىڭ پىشىپ يىتىلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن ،ئۇلار دائىم ئوڭۇشسىزلىق ۋە بىزارلىق ئاسارىتىگە ئۇچرايدۇ. بالىلارغا ياشلىق مەزگىلىدە دۇچ كېلىشى مۈمكىن بولغان ئۈگىنىش،تۇرمۇش،پىسخىك ئېھتىياج،زىددىيەت ۋە گاڭگىراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمىلىي مىساللارنى تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بېرىپ،ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى بىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ،ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق ھەرىكىتىنى تەڭشەپ،پىسخىكىلىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاپتور: قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا  مەكتەپتىن  ئالىم تۇرسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 04:21, Processed in 0.070736 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991