- تىزىملاتقان
- 2014-6-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-30
- ھوقۇقى
- 10
- جۇغلانما
- 12
- نادىر
- 0
- يازما
- 1

- تۆھپە
- 1
- مۇنبەر پۇلى
- 8
- ئىشەنىچ
- 1
| مىنى تاشلىۋەتكىنىڭگە رەھمەت جېنىم (ھىكايە)مەنبە ئۆزقەلىمىم
جەنۇبى شىنجاڭنىڭ بىر بۇرجىكىدىن ئۈرۈمچىنىڭ مىچۈەن كۆكتاغ رايۇنىغا چېنىقتۇرلۇشقا بارمىغان بولسام بەلكىم بىز بىرئۆمۈر تونۇشماس ئىدۇق.سەن خەنزۇ مىللىتىدىن بولغىنىڭ مىنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن كىيىن 2-قېتىملىق ئاجىرشىش يولىغا قەدەم بېسىش ئىددىيەڭنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگىنىنى ئەمىلىيتىڭدە كۆرسۈتۈپ بەرگىنىڭ ئۈچۈن ئەمەس،7ياشلىق بالاڭنى يىتىم قىلغىنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەمەس،پەقەت ۋە پەقەت سىنىڭ ماڭا يىتەكچى كادىر بولغىنىڭ ئۈچۈنلا سەن بىلەن مۇشۇ قىسمەتلىك مۇھەببەت تارىخىغا قەدەم قويغان مەنمۇ ھە؟بۇنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. بىز تۇنجى كۆرۈشكەن شۇ كۈنى سەن دىباڭ كوچا باشقارمىسى سىكىرتارى ئىشخانسىدىن مىنى ئېلىپ چىقتىڭ.مەن سىلەرنىڭ ئىشخانىغا بۆلۈنگەن ئىدىم،سەن ماڭا خۇددى كونا يىللىق تونۇشلاردەكلا مۇئامىلە قىلاتتىڭكى ،ئىككىمىزنى تازا بىلىپ كىتەلمىگەن كىشىلەرنىڭ بىزنى بۇرۇندىنلا تونۇشىدىكەن دەپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. مەن ئازسانلىق مىللەت،سەن قېرىنداش مىللەت،بىزدەسلىۋىدە پەقەت ئۇستاز ۋە شاگىرت مۇناسىۋتىدىلا ئىدۇق.مەن ئىشخاناڭغا بۆلۈنگەن شۇ كۈنى سەن مىنىڭ تاماق قاچامنىڭ بار يوقلىقىنى،ئىدارىدا چۈشلۈك تاماق يىسەم قاچا-قوشۇقسىز يۈرسەم بولمايدىغانلىقىنى ماڭا قايتىلاپ ئەسكەرىتتىڭ.بەلكىم مىنىڭدەك جەنۇبى شىنجاڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقىقىدىن ئەمەس،كىندىكىدىن بارغان كادىر بولسىمۇ سىنىڭ بۇخىل قىزغىنلىقىڭدىن تەسىرلەنمەي قالماس بولغىيتى ئىھتىمال.ياكى مەن ئۇزۇن يىللار كىشى يۇرتىدا مۇساپىرلىقنىڭ تەمىنى يەتكۈچە تارتىپ يۈرەكتىن ئىبارەت بۇ مۇشتۇمچىلىك گۆشنىڭ كۆرمىگەن،تارتمىغان كۈلپەتلىك كەچۈرمۈشلىرى بولمىغان بولسا،ئىھتىمال مەن سىنىڭ بۇنچە قىزغىنلىقڭغا ئانچە ئىرەن قىلماسمۇ بولغىيتىم.بىز مەن چېنىقىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى ئەنە شۇنداق قىزغىن ئۇچرۇشۇپ،مانا بۈگۈنكى كۈندە شۇ قىزغىنلىقنىڭ خۇلاسىسىغا ئەلەم بىلەن چىلىنىپ قالدۇق.سىنى،سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن شۇ كۈنلەرنى،سىنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان شۇ قىسمەتلىرىڭنى مانا بۈگۈن چەكسىز ئېچىشىۋاتقان يۈرگۈمنى ئەلەم بىلەن قاماللاپ-قاماللاپ قويۇپ يېزىشقا كىرشىۋاتىمەن.سەن گەرچە بۇ قىسمەتلىرمنىڭ شاھىدى بولساڭمۇ،بۇ يېزىقنى ئوقۇپ چۈشۈنۈپ،ياكى بۇ مۇنبەرگە كىرىپ كۆرۈپمۇ بولالمايسەن،بۇ ئەسلىمىلەر پەقەت مۇنبەرداشلارغا ئىبرەت بولۇپ قالغۇسى خالاس.سىنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئاۋازىڭ شۇنچىلىك سىلىق ھەم شۇنچىلىك بوش ئىدىكى ئىشخاندا ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم بولسا مىىڭچە سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاش ئۈچۈن مەن چوقۇم بىزە كۈچەپ قالغانمۇ بولاتتىم.مەن سىنىڭ ئۇدۇلۇڭدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ بىرئازدىن كىيىن سىنىڭ تىلفۇنۇڭ سايرىدى -ۋەي،كەچتە توخۇيىگىم بار،مىنى بىكەتتە ساقلاپ تۇرامسەن ئەزىزىم؟سىنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى.ماقۇل ئەمسە يولدا ئىھتىيات قىل.كەچتە كۆرشەيلى.خوش. سىز يېڭىدىن توي قىلغانمۇ نىمە؟سورۇدۇم سەن تىلفۇننى قويۋەتكەندىن كىيىن قىزىقسىنىپ. -ياق،مىنىڭ 7ياشقا كىرگەن ئوغلۇم با.قانداق دەيسىز؟ -7ياشلىق ئوغلىڭىز تۇرۇپمۇ يولدىشىڭىزبىلەن خۇددى يېڭى توي قىلغان ئەر -خوتۇنلاردەك پاراڭلىشىدىكەنسىلە ھە؟ -ھەئە،ئۇ كۈندە ئىشتىن چۈشۈپ بىكەتتە مىنى ساقلايدۇ.بىز بىرگە مېڭىپ ئۆيگە قايتىمىز. -7يىلدىن بېرى ئىزچىل مۇشۇنداق سىزنى بىكەتتە ساقلامدۇ؟ -ھەئە -ۋاي-ۋۇي... بىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق.شۇ كۈنكى پاراڭلىشىش مىنىڭ ساڭا بولغان قورۇنۇشۇمنى ئازراق بېسىقتۇرغاندەك بولدى.ئەتىسى سەن مەندىن بۇرۇنراق كەپ بوپسە،ئۈستەللەرنى سۈرتۈپ،ئىشخانىنى ئېيتىشتۇرۇپ قويۇپسە،بىز خۇددى كونا تونۇشلاردەك قىزغىن ئەھۋال سورۇشۇپ كىتىشتۇق.مەن ئىشخانىدا مىچۈەن كۆكتاغ رايۇنى خەلىق ھۆكۈمىتى تەشكىلات بۆلىمىدىن بىرىلگەن 3خاتىرنى خەنزۇچە خەتلەر بىلەن توشقۇزۇش بىلەن ئالدىراش بولسام،سەن ئۆز خىزمىتىڭ بىلەن ئالدىراش بولاتتىڭ،قولۇڭ بىرئاز بوشىغاندا بولسا يولدۇشۇڭغا تىلفۇن ئۇرۇپ،ئۇنىڭ ئالدىراش ياكى ئالدىراش ئەمەسلىكىنى،ۋاقتىدا ئۇسۇزلۇق ئىچىپ تۇرشىنى تاپىلايىتىڭ.ئىشقىلىپ سىنىڭ يولدۇشۇڭغا بىركۈندە ئاز دىگەندىمۇ 10-20قېتىم تىلفۇن قىلىپ ئەركىلەپ سۆزلەشلىرىڭ،بەزىدە كۈلكەمنى قىستىسا،بەزىدە مەسلىگىممۇ كىلىپ قالاتتى،شۇخىل رېتىمدىكى تۇرمۇش بىرئايدىن ئارتۇق داۋاملاشتى.4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىدى ئىھتىمال،سەن شۇ كۈنى ئەتىگەن ئىشقا تولىمۇ ۋاخچە كەلدىڭ،سەن ئىشخانىدا يوق،سىنى ئىزدەپ كەلگەن بىرەيلەن مىنىڭدىن تۇيۇقسىزلا سىلەر يېقىن ئۆتىدىكەنسىلەر ھە دەپ سوراپ قالدى -ھەئە،ئۇنىڭ مىجەزى بەك ياخشى ،ماڭا بەك كۆينىدۇ بىز ياخشى ئۆتىمىز دىدىم كۈلۈمسىرەپ -مىجەزى ياخشى ،گەپلىرى سىلىق سىپايە،ناز كەرەشمىلىرى جايىدا دەپ كۆيۈپ قالمىغانسە؟دىدى ئۇ بەلكىم ئۇ مىنىڭ بىلەن بىر مىللەت بولغانلىقتىن ماڭا چاقچاق قىلىش يۈزسىدىن شۇنداق سۆزلىگەندۇ. -ۋاي ياقەي،قانداقسىگە ئىرى با خوتۇنغا كۆيۈپ قالىمەن،يەنە كىلىپ ئۇ دىگەن قېرىنداش مىللەت تۇرسا؟ -قېرىنداش مىللەتلەردىنمۇ ئۆي ئوچاقلىق بولۋاتقانلار كۆپقۇ،نىم بولاتتى؟ئۇ يامان ئادەم كەلتۈرۈشكە ئۇستا جۇمۇ،بولمىسا ئىككى قېتىم ئەرگە تەگمەيتى،دىققەت قىل ئۇكا.دىدى ئۇ مۈرەمگە شاپىلاقلاپ. شۇ كۈنى مەن سىنىڭ تۇرمۇشۇڭنىڭ دەسلەپكى كارتىنىىسىدىن بىر ئابزاسقا ئىگە بولغان ئىدىم.ئۇ مەن بىلەن تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ چىقىپ كەتتى.مەن ئىشخانىدا ئوخشاشلا خاتىرە يېزىش بىلەن مەشخۇل بولدۇم،سەن كەلدىڭ،بىز كۈندىكىدەك قىزغىن ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن سەن ئۈستىلىڭگە كىلىپ ئولتۇردۇڭ.بىرئازدىن كىيىن سەندىن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا شۇنداق سوراپ تاشلىدىم -سىزئىككى قېتىم توي قىلغانمۇ؟ سەن جىمىپ كەتتىڭ،شۇنچىلىك جىمىپ كەتتىڭكى بۇ جىمجىتلىق مىنىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى،لىكىن سۇئال سورلۇپ بولۇنغان ئىدى. -ھەئە بۇ ھەئەنى ئاردىن بىرەر يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئېيىتتىڭ. -رەنجىدىڭىزمۇ؟مەن شۇنداقلا سوراپ قويغان ئىدىم،رەنجىمەڭ،راسلا باشقا مەخسىدىم يوق دىدىم بىرئاز ھۇدۇقۇپ.-رەنجىمىدىم،رىئالىقتىن كىممۇ قېچىپ قۇتىلالايدۇ؟ بىز شۇنچىلىك دىئالوگلاردىن كىيىن قايتا پاراڭلاشمىدۇق،چۈشتە ئىدارىنىڭ ئاشخانىسىغا بىرگە تاماققا چىقتۇق،سىنىڭ نىمىشقا كۈندىلا دىگۈدەك ئەرلەر ئولتۇرغان ئورۇندا ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغانلىقڭنى بىلمەيتىم،ئىشقىلىپ سەن قاچاڭدىكى گۆشلەرنى يېنىڭدا ئولتۇرغان خىزمەت داشلىرىڭنىڭ قاچىسىغا ئىلغاپ سېلىپ بىرەتتىڭ.نىمىشقا گۆش يىمەيدىغانلىقڭنىمۇ بىلمەيتىم،بەلكىم بىر كۈنلىرى خۇددى سىنىڭ ئىككى رەت توي قىلغىنىڭنى تۇيۇقسىز ئاڭلىغاندەك گۆش يىمەسلىك سەۋەبىڭنىمۇ تۇيۇقسىز ئاڭلاپ قالامەن.سەن يا راھىپمۇ؟...ۋاي تاڭ ئىشقىلىپ سەن غەلىتىلا بىلىندىغان بولدۇڭ شۇ كۈندىن ئىتۋارەن.شۇ كۈندىن كىيىن بىزنىڭ تاغدىن -باغدىن دىيىلىدىغان پاراڭلىرىمىز بىر يولىلا ئاخىرلاشتى،سەنمۇ شۇنداق جىمىپ كەتتىڭ،مەنمۇ كۆپ گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالدىم،بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ مەن ئاپتاپ ئۆتۈپ كىتىپ ئاغرىپ قالدىم،شۇ كۈنى كىچىچە ئىچىم سۈرۈپ قىزىتمام ئۆرلەپ ئەتىسى بىركۈن ئوت كاۋاپ بولۇپ ئىشقىمۇ بارماستىن ياتتىم،ئىككى كۈندىن كىيىن ئىدارىغا باردىم،سەن مىنىڭ ئورۇقلاپ جۈدەپلا قالغانلىقمنى شۇنچىلىك تىز بايقىغان ئىدىڭ -نىمىشقا ئىككى كۈن ئىشقا كەلمەيسىز؟ -مىجەزىم يوق -نەرىڭىز ئاغرىپ؟ -ئىىچىم سۈرۈپ،ياندۇرۇپ شۇ سەن ئارتۇق گەپ قىلمايلا سىرىتقا قاراپ ماڭدىڭ.مەن خاتىرەمنى ئېچىپ تېخى ئىككى قۇر يازماستىنلا سەن كىرىپ كەلدىڭ.قولۇڭدا بىر قانچە قۇتا دورا تۇراتتى -مەڭ،بۇ دورىنى ئىچىڭ -نىمىشقا؟ -مىجەزىم يوق دىدىڭىزغۇ؟ -ۋاي مەن ياخشى بولۇپ قالدىم شۇڭا ئىشقا كەلدىمغۇ مانا -كارىم يوق،چوقۇم ئىچىسىز بۇ دورىنى -نىمدا جايىل سىز خۇددى ئىرىڭىزنى باشقۇرغاندەكلا باشقۇرۇپ كەتتىڭزغۇ -ھاھاھاھ...ھازىرلا ئىچىڭ سەن شۇنداق دەپلا دورىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ چاي قۇتامغا چاي لىقلاپ ماڭا ئۇزاتتىڭ ئىچمەي ئىلاجىم قانچە،دورىنىڭ قېىدا مۇسۇلمانچە دەپ يېزىقلىق بولمىغاندىكىن ئىچمەي نىمە ئىلاج،گەرچە سەن ئالغان بولساڭمۇ... شۇ كۈندىن كىيىن ھەر ھالدا بۇرۇنقىدەك قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتىشمىگەن بولساقمۇ پاراڭلىشىپ تۇرۇشتۇق. سىنىڭ ئىرىڭ تىلفۇن ساتىدىكەن،سەن ئىدارىدىكىلەرگە ھەرخىل قاپ،تىلفۇن ئاسقۇچلىرىنى ئەكىلىپ بىرىپ پۇلىنى يىغىپ تۇراتتىڭ.ئىرىڭگە تىلفۇن قىلىشىڭ مەن سەن بىلەن تونۇشقان دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن بىرئاز ئازلىغاندەك بولدى،لىكىن مىنىڭ ئەڭ كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى سىنىڭ بىر كۈندە نەچچە ئون قېتىم ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ ۋاي دەپ ھالىڭنىڭ قالماسلىقى ئۇنىڭ بولسا ساڭا بىرەر رەت تىلفۇن ئۇرۇپ ئۇچۇرمۇ يېزىپ قڭيماسلىى ئىدى.توۋا ئىرىڭ گە يىلىنغاندەك تەلەپپۇزدا مىنى بىكەتتە ساقلاپ تۇرغىن دەپ كىتەتتىڭ،كىيىن بىلسەم،سەن ئىدارىدىكىلەر بىرگە چىقىدىغان خىزمەتچىلەر ئاپتۇبۇسىدىن چۈشكەندە خىزمەتداشلىرىڭنىڭ سىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تۇرمۇشۇڭنىڭ نەقەدەر بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى يولدۇشۇڭنىڭ نەقەدەر كۆزۈڭگە قارايدىغانلىقىنى باشقىلار ئالدىدا ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر بەخىتلىك ئىكەنلىكڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىكەندۇق.بىر كۈنى پەقەت كۆزۈمگە سىغدۇرۇپ بولالمىغانلىقمدىن سەندىن شۇنداقلا سوردۇم -سىز نىڭ ئىككىنچى تەككەن ئىرىڭىز بەك كىلىشكەنمۇ؟ -ياق -بىرىنچىسى نىمە قىلاتتى؟ -دۆلەتلىك باجدا ئىشلەيتى -ئىككىنچىسى چۇ؟ -تىجارەتچى -يايمىچى مۇ يا سودىگەرمۇ؟ -نىمدا گەپ قىلىسىز؟ -قاراڭ ياڭ مۇئەللىم،سىز نىمانچە ۋاي قىلىپ كىتىسىز بۇ ئىرىڭىزگە،ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالىدىكەن بۇنداق چەكتىن ئاشۇرۋەتسىڭىز،مەنغۇ توي قىلىپ باقمىغان 27ياشقا كىرگۈچە بىرلا قىز بىلەن ئارلىشىپ باققان،ئۇنىڭدىنمۇ ئايرىلغىنىمغا خېلى بولدى،سىزدەك ئەركىشىگە بۇندا ۋاي قىلىپ كىتىدىغان ئايالنى ھاياتمدا تۇنجى كۆرۈشۈم.ۋاي-ۋۇي...مىلىتىمىز بىر بولغان بولسا مەنلا ئالاكەنمە سىزنى. سەن لام -جىم دىمەي قويدۇڭ نىمىشقىكىن ئاغزىمغا كەلگەن گەپنى پەقەتلا بوغۇزۇمغا يۈتەلمەيمەن،ئىشقىلىپ كۆزۈمگە سىغمىغان بۇ قىلىقلىرىڭنى بىر يولىلا دەۋەتتىم.نىم چاتىقىم.قولۇڭدىن كەلسە سىكىرتار ئىشخانسىغا چىقىپ بۇ كادىرنى تەربىلىيەلمەيمەن دەرسە شۇ.سەندەك ئەركىشىگە سۈيىنى چىقىرىپ ئولتۇردىغان خوتۇندىن خەنزۇچە سەۋيەمنى ئۆستۈرمەن دەپ ئۈگىنىش قىلىپ كەتمىسەممۇ،بۇ ئىدارىدىن ماڭا سەۋيەمنى ئۆستۈرگىدەك بىرەرسى تېپىلىپ قالا.دەپ ئويلىدۇم ئىچىمدە. شۇ كۈنى يەنە بىر كۈن پاراڭلاشمىدۇق،ئەتىسى يەنىلا سەن بىلەن بىر ئىشخاندا ئولتۇرىۋەردىم،شۇنىڭغا قارغاندا مىنى تېخى چاقماپسەن.شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۆزۈڭچىلا سوراپ قالدىڭ -سىز مۇھەببەتلىشىپ باققانمۇ؟ -ھەئە -نىمىشقا توي قىلمىدىڭىز؟ -مەن چىگرادا ئۇ ئۈرۈمچىدە قانداق توي قىلىمىز؟ئاخىرى ئايرىلىپ كەتتۇق -سىزنىڭ ئۆيىڭىز جەنۇبى شىنجاڭنىڭ نەرىدە؟ -مەن قارمايلىق،لىكىن مەمۇرىيلىقتىن ئۆتۈپ خىزمەتكە چىققان ئورنۇم جۇڭگو قىرغىزىستان چىگرىسىغا 20كىلومىتىرلا كىلىدىغان جايدىكى ئىدارىدا ئىدى،يا توك يا سۇ يا يول يوق ،شۇ شارائىتتا ياشىغان چاغدا يۈرگەن ئۇنىڭ بىلەن،ئۇ تولىمۇ ياخشى قىز ئىدى.بانكىدا ئىشلەيتى،ئۆزۈمنىڭ ئەسكىلىگىمدىن بىز ئايرىلغان.مىنىڭ ئەسكىلىگىم ئۇنىڭغا ھەمرا بولالماسلىققا قارتىلىدۇ جۇمۇ،باشقىچە چۈشەنمەڭ. -قانداق ياشىدىڭىز شۇنداق جايدا؟ -ئۆلەپ قالماي ياشىدىم،قانداق ياشايتىم .ياشىماي نىمىمۇ ئىلاجىم؟ياشىمىسام قوساققا تاماق يىمىسەم بولمايدۇ،ئۇنى دەپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلسەم مەن ئۈرۈمچىدىن قانداق خىزمەت تاپىمەن؟ماڭا بىرئايدا 4500يۈەن مۇاشنى كىم بىردۇ؟ -ئازاپلاندىڭىزمۇ ئايرىلغاندا؟ -مىنىڭ ما يۈرگۈممۇ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاش گۆش دەڭڭە،ئازاپلانماي تۇرالامدىم؟ئۇ ھازىر بەكمۇ بەخىتلىك ھەم بىر ئۇماق قىزى بار ئىكەن،قىزىنىڭ ئىسمى لەزىنە كەن،يولدىشى بەكمۇ كۆزىگە قارايدىكەن،مەن ئۇنىڭ شۇ بەختىنى ئاڭلىغىنىمدا شاتلاندىم،بەلكىم ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش دىگەن شۇنداق بولدىغان ئوخشايدۇ،بىراۋنى چىن دىلىڭىزدىن ئىخلاس ئەقىدىڭىزدىن سۆيگەندە ئۇنىڭ بەختى سىزنى شاتلاندۇردىكەن دىسە. -لىكىن مەن تۇنجى ئىرىمنىڭ باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلغىنىنى ئاڭلىغاندا،ھەم ئۇقىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىنى قىلالايدىغانلىقنى ھەم تولىمۇ كۆينىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا ئازاپلانغان. -سىزچە سىلەر ئاجىرشىپ كىتىپمۇ ئۇ سىزگە يار يىلىمدەك چاپلىشىپ،ۋاي قىلىپ ئۆتسە بوپتىكەندە؟شۇڭا سىزمۇ 2-ئەرگە تىگىپسىزدە؟ -بولدى دىيىشمەيلى،ئىش قىلىپ مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن رازى -ھاھاھاھا...توۋا سىز رازى دەپ كەتكۈدەك تۇرمۇشىڭىز بەك بەخىتلىكمۇ ئەمەسكەنغۇ مىنىڭ بىلشىمچە،ئىرىڭڭىز سىزگە بەك ئىرەن قىلىپمۇ كەتمەيدىكەن ھە؟ -مەن ئۇنىڭغا چوقۇم ۋاي دىيشىم كىرەك،چۈنكى مەن ئۇنىڭ تۇنجى ئايالى،ئۇ بولسا مىنىڭ 2-ئىرىم.-ئالىدىغان خوتۇن سىزكەنسىز جۇمۇ،ئىرىڭىزنى بۇتساتۋانى كۆرگەندەك كۆرۈپ ئاھ-ۋاھ دەپ ئۆتەلىگەندىكىن نەچچى ئون يىل -بىز توي قىلغىلى نەچچە ئون يىل بولمىدى 7يىل بولدى -سىز بەخىتلىكمۇ ياڭ مۇئەللىم؟ -بىلمەيمەن -بايام تىخى نەختىلىك دەۋاتمامتىڭىز؟ -بىلمەيمەن... -ئىرىڭىز ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ كىرقاتلىرىڭىزنى يۇيۇپ تامىقىڭىزنى ئىتىپ پۇتۇڭىزنى يۇيۇپ قويامدۇ يە؟ -ياق،بۇ ئىشلارنىڭ ھەر قاندىقىنى مەن ئۆزۈم قىلىمەن،ھەتتا ئۇنىڭ ئاپىسى،ئاتىسىنىمۇ مەن مۇئاشىمدا باقىمەن -بۇندا ھەۋسىمنى كەلتۈرمەڭچۇ ياڭ مۇئەللىم بىكار ئۆزۈملا ئالماي سىزنى يەنە بىر رەت ئاجراشتۇرۇپ -ھاھاھاھاھ...بەك قىززىق سۆزلەيسىز جۇمۇ شاۋ مەي. -ھاھاھاھا...شۇنداقمۇ؟دىمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ تەييار خوتۇن تاييار خىزمەتلار -يەنە تېخى تەييار ئۆي مۇ بار،بىز ھازىر ئولتۇرۋاتقان ئۆينىمۇ مەن ئالغان -ئاھ خۇدا نىمدا تەلەيلىك ئۇ 2-ئىرىڭڭىز،راس بولىدىغان خوتۇنكەنسىز جۇمۇ بىز شۇ كۈنى ئەنە شۇنداق دەلتىدەك پاراڭلارنى سېلىشىپ كىتىشتۇق.توۋا دەيمەن ياڭ مۇئەللىم ئۆزۈمنىڭ شۇ ساراڭ سۇرۇڭ پاراڭلىرىغا.شۇ كۈنى سەن ئۆيۈڭگە قايىتماستىن،شىخۇادىكى ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە قايىتتىڭ،لىكىن كەچتە مەن بىلەن كۆرۈشكىلى مىدوڭ كۆكتاغ رايۇنى پارتىيە مەكتەپ ئۇدۇلىدىكى خەلىق مەيدانىغا كەلدىڭ 2013-يىللىرى5-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى،خەلىق مەيدانىدا ئۇسۇل راسا قىزىيدىغان چاغ بولۇپ،بىز جەنۇبىي شىنجاڭدىن چېنىقىشقا كەلگەن كادىرلارلا ئەمەس،مىدڭو كۆكتاغ رايۇنىدىكى ھەر قايسى مىللەت خەلىقى ئاساسىي جەھەتتىن كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن شۇ يەرگە يىغىلاتتى،مەيداندا ئۇسۇل ئوينايدىغانلارمۇ،غەرىپچە ئۇسۇللارغا كەلتۈرۈپ ھەرخىل ئۇسلۇپتا ھەركەت قىلىدىغانلارمۇ بار ئىدى.مەن ئاساسىي جەھەتتىن مىللىيچە ئۇسۇلغا چۈشىدىغانلار قاتارىدا مۇزىكىغا ئەگىشىپ قوللىرىمنى كەڭ ئېچىپ،غۇلاچلىرىمنى تاشلىغىنىمچە ئۇسۇلغا چۈشۈپ كىتەتتىم.سەن مەن ئۇسۇل ئويناپ مۇزىكا ئاخىرلىشىپ يېنىڭغا قايىتقىنىمدا كۈلۈپ كەتتىڭ -نىم بولدى؟مەن شۇنچە ھەجىۋى ھەركەت قىلغان ئوخشىمامدىم سىزبۇنچە كۈلۈپ كەتكۈدەك ياڭ مۇئەللىم؟ -ياق،سىز ئۇسۇلنى بەكمۇ چىرايلىق ئوينايدىكەنسىز شۇنىڭغاقاراپ كۈلدۈم -سىزگىمۇ ئۈگىتىپ قويايمۇ؟ -ياق،مەن قانچە قىلساممۇ ئۈگىنەلمەيمەن -ئۈگنەلەيسىز،نىمىشقا ئۈگنەلمىگىدەكسىز؟ شۇنداق دىگىنىمچە قولۇڭدىن تارتىپلا مەيدانغا ئەكىردىم،شوخ مىللىيچە مۇزىكىغا ماسلىشىپ رېتىملىق ئوينالغان ئۇسۇلۇم بىلەن ساڭا باقتىم،سىنى مىنىڭ بىلەن بىرگە ئويناشقا ئۈندىدىم،سەن ئاخىرى قولۇڭنى كۆتۈرۈپ مۇزىكىغا ماسلاشتۇرۇپ ئويناشقا باشلىدىڭ.تاس قالدىم قاقاقلاپ كۈلۈپ تاشلىغىلى ،سىنىڭ ھەركىتىڭ شۇنچە قاملاشمىغان بەكمۇ چەجىۋى ھەركەتلەر ئىدى.شۇ كۈنى ئۇسۇلنى ئارقىمۇ ئارقا بىرقانچە مەيدان ئونىۋەتكەندىن كىيىىن مەن پارتىيە مەكتەپتىكى ياتىقىمغا قايتىپ ئارام ئالمىسام بولمايتى،چۈنكى كىچە سائەت شىنجاڭ ۋاختى 10:00ئىشىك تاقىلاتتى،سەن شىخۇاغا قايتماقچى بولدۇڭ،سىنى ئاپىرىپ قويايمۇ دىدىم،بولدى ئۆزۈم كىتەلەيمەن دىدىڭ سەن،بىز يىزائامانەت قەرىز كوپراتىپى بانكىسى ئۇدۇلىدىكى گۈللۈك گىرۋىكىدە بىردەم ئولتۇردۇق. -شاۋمەي،بىلەمسىز،مەن ھازىرقى يولدۇشۇمدىن پەقەتلا رازى ئەمەس -نىمشقا؟ -ئۇمەندىن 10ياشلار ئەتراپىدا چوڭ،ھەم بەكمۇ كۆزى كىچىك،مەن بىلەن خۇيمۇ كۆپ ئۇرشىدۇ دەتالاش قىلىدۇ -سىز ماڭا دەسلىۋىدە مەن بەك بەخىتلىك دىمىگەنمىدىڭىز؟ -مەن شۇنداق دىمەي ئىلاجىم يوق -نىمىشقا؟راس گەپكىمۇ ئىلاجى بار ئىلاجى يوق بولامدۇ كىشىنىڭ؟ -مەن تۇنجى قېتىم توي قىلغان يولدۇشۇم بىلەن بەكمۇ ياخشى كۆرشەتتىم،لىكىن مىجەزىمىز كىلىشەلمەي ئاجىرشىپ كەتكەن -بىر-بىرىنى شۇنچە ياخشى كۆرشىدىغانلار نىمىشقا مىجەزى كىلىشەلمەي ئاجىرشىدۇ؟مىجەزى كىلىشەلمىگەنلىكنى ئارلىشىۋاتقاندىلا بىلىشىشش كىرەك ئىدىغۇ؟ -ئۇ سىرىتتىن بىرنى تېپىۋالغان،ئاندىن مىنى تاشلىۋەتكەن -ئۇ مىنى بەك ياخشى كۆرەتتى دىمىگەنمۇ تېخى باياملا؟قانداقسىگە شۇنچە ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى باشقا بىرىنى تېپىپلا تاشلىۋەتكىلى بولسۇن؟ -بۇ گەپلەرنى سىزگە بىر-ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن شاۋمەي -ياڭ مۇئەللىم،ماڭا سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز بەكمۇ قالايمىقان ھەم بەكمۇ رېتىمسىز بىلىنىدۇ -نىمىشقا؟ -سىزكۈندە ئىشقا كەلگەندە شۇنداق ھارغىن كۆرنىسىز،شۇنداق ھارغىن كۆرنىپ تۇرۇپمۇ باشقىلارغا ئاجايىپ قىزغىن مۇئامىلىدە سۆزلەيسىز،بۇنداق ياشاپ ھارمامسىز؟ -مەن يالغۇزلۇقتىن قورقىمەن شاۋمەي،ئەتراپىمدا ماڭا ھەمراھ بولىدىغان كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىمەن -ئادەم دىگەن ھامىنى يالغۇزلۇققا قالىدىغان نەرسە ياڭ مۇئەللىم،مەسىلەن مەنمۇ شۇ ئەركەشتام چىگرادا يالغۇز ياشىغانغۇ،مانا ھازىرمۇ يالغۇزغۇ،مەنمۇ ھېچ ئۆلۈپ قالمىدىمغۇ. -لىكىن مەن ئوخشىمايمەن شاۋمەي -نىمىشقا ئوخشاشمايدۇ؟ -مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا ھەم ھاڭا دىققەت قىىلىدىغانلار بەكمۇ كۆپ،مەن خەخنىڭ گىپىدىن،سۆز-چۆچىكىدىن قورقىمەن.سىنىڭ كۆزلىرىڭدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۋاتقان ياشلار ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا،سىنىڭ ياشلىرىڭنى سۈرتۈشكە باشلىغان قوللۇرۇم،مەڭزىڭدىكى ياشنى سۈرتۈپ بولالمايلا سىنى باغرىمغا تارتىشقا ھەركەتلەنگەن ئىدى.سەنمۇ خۇددى مىنىڭ شۇخىل ھەركىتىمنى خالىغىنىڭغا ئۇزۇن بولغان كىشىدەك باغرىمغا ئۆزۈڭنى تاشلاپ بوغۇنۇپ يىغلايتىڭ،پارتىيە مەكتەپ دەرۋازىسى قايان،مەن قايان ،سەن قايان،شىخۇا قايان،ئاپاڭنىڭ ئۆيى قايان،بىزئىككىمىز شۇنداق بىربىرىمىزگە ئەرمەك بولۇشۇپ خېلى بىرچاغلارغىچە ئولتۇرۇشتۇق.-ئاپىڭىزنىڭ ئۆيىگە مەن ئاپىرىپ قوياي بولامدۇ؟بەك كەچ بولۇپ كەتتى ياڭ مۇئەللىم،ئەمدى كەتمىسىڭز،مەن ياتىقىمغا قايىتمىسام ئېنىقلا ئەتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەشكىلات بۆلۈمىدىن ماڭا جازا بەرگەنلىك قىزىل باشلىق ھۆجەت چىقىرىلىدۇ،بىز چېنىقىشقا كەلگەن كادىرلارنى ھەر كۈنى كەچتە بىر قېتىم ياتاق تەشكۈرۈپ يوقلىما قىلىدۇ،ياكى سىزگە ياتاق ئېلىپ بىرەيمۇ سىرىتتىن؟ -ياق،مەن ئۆزۈم كىتەي،كىتەلەيمەن.شېخۇا بىلەن مىچۈۋەن نىڭ ئارلىقى بەكلا يېقىىن نەچچە مىنۇتلۇقلا يول -بىلەمەن،مەنمۇ قارمايلىق،ھەم بۇرۇندىن شېخۇاغا تولا كىلەتتىم،مۇشۇ ئۇدۇل يول بىلەن تاكسىدا 10مىنۇتتىلا بارغىلى بولدىغانلىقىنى ناھايىتى ئامدان بىلىمەن.شۇنداقتىمۇ بۇ كىچىدە ئادەم ئەنسىرەيدىكەن بىخەتەرلىكىڭىزدىن،نىمىلا دىگەن بىلەن سىزدىگەن ئايال كىشى دە. -بولدى بۇنداق ئەنسىرمەڭ،مەن راسلا قورۇقمايمەن،ھەم كۆنۈپمۇ كەتكەن بۇنداق كىچىلەردە تولا يۈرۈپ ئۆزۈملا كىتەلەيمەن. -مەيلى ئەمسە.سىزنى مۇشۇ يەردىلا ئۇزتۇپ قوياي،سىزگە تاكسى توسۇپ بىرەي. مەن ساڭا تاكسى توسۇپ بەردىم،سەن كەتتىڭ،مەنمۇ پارتىيە مەكتەپ بىناسىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردۈم. ئەتىسى سەن بىلەن ئوخشاشلا ئىشخانىدا كۆرۈشتۇق،سەن تاماق يىمەي كەلگنىڭنى ئېيتىپ مىنى بىرگە ئەتىگەنلىك تاماققا ئىدارىىڭ يان كوچىسى تەرەپتىكى كىچىك ئاشپۇزۇلغا ئەكىردىڭ. ياتىقىمدىن نان بىلەن سۈت چاي ئىچىپ كەلگەن بولساممۇ لىكىىن يەنىلا سەن بىلەن بىرگە ئەتىگەنلىك تاماققا چىقتىم.بىز پىتىرمانتا بىلەن شورپا ئىچتۇق،غىزالىنىپ كىرىپ ئىشخانىدا يەنىلا كۈندىكىگە ئوخشاشلا ئۆز ئىشلىرىمىز بىلەن مەشخۇل بولدۇق،بۈگۈن سىنىڭ گەپلىرىڭ بىردىنلا كۆپۈيۈپ قالغان ئىدى،بىردەم بىردەم مىنىڭدىن تاغدىن باغدىن گەپ سوراپ قوياتتىڭ،ئىشتىن چۈشكەندە بولسا بىز بىرگە مىچۈەن خەلىق مەيدانىدا ئايلاندۇق،سەن مىنى قولتۇقلىۋالدىڭ،سىنىڭ بىردىنلا ماڭا بۇنچە ئىلتىپات كۆرسىتىپ كىتىشىڭ مىنى بىرئاز بىئارام قىلاتتى،لىكىن شۇ چاغلاردا سەن مىنىڭ كۆڭلۈمدە ئىزچىل مىنىڭ مۇئەللىمىم بولغىنىڭ ئۈچۈن سىنى سىلكىيەلمەيتىم،ياكى ئۆزۈمنى قاچۇرالمايتىم،پەقەت ساڭا ئەدەپ بىلەنلا مۇئامىلە قىلالايتىم خالاس.سەن شۇ كۈنىمۇ يەنىلا ئۆيۈڭگە قايىتمىدىڭ،يەنىلا ئاپاڭنىڭ ئۆيىدە قوندۇڭ،بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان يىرى سىنى مەن ئاپاڭنىڭ مەھەللىسىگچە ئاپىرىپ قويدۇم.ئاپاڭنىڭ مەھەللىسى شېخۇا11-رايۇننىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كونا بىنانىڭ 4-قەۋتىدە ئىكەن،شۇ كۈنى بىزئاپاڭنىڭ مەھەللىسىدە پاراڭلاشتۇق،نمىلەرنى دىيشكىنىمىز ئىسىمدە يوق،لىكىن سىم-سىم يامغۇردا ئاكاتسىيە دەرخى ئاستىدا ئولتۇرغىنىمىز ئىسىمدە.ئەتىسى شېخۇا باغچىسىغا بېرىپ ئايلاندۇق،ماڭا ناھايىتى چوڭ سىخيلىق بىلەن پۇل قاپچۇقۇڭدىن 5ۋاراق يۈز سوملۇق بىر ۋاراق20سوملۇق پۇلنى يۈرەك شەكلىدە قاتلاپ سوۋغا قىلدىڭ.بىرتۇرۇپ سىنىڭ مىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقڭدىن گۇمان قىلسام،بىرتۇرۇپ قورقۇم كىلەتتى،ئەگەر بىز راستىنلا بىر بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشساق........ئاھ خۇدا....ئارقىسىنى تەسەۋۋۇر قىىشتىنمۇ تېنىم شۈركىنىدۇ.نىمىشقا ياڭ مۇئەللىم؟زادى نىمىشقا ئادەم چىقمىغاندەك مىنى،بىر مىللەت ياكى بىر دىندىن بولمىغان مىنى مۇشۇ قىسمەتلەرگە شاھىد قىلىپ تاللىغانسەن؟...نىمىشقا مەن شۇ2013مىچۈەنگە چېنىقىشقا بارغاندىمەن ھە...سەن شۇنىڭدىن كىيىن كۆپ ھاللاردا ئۆيۈڭگە قايىتمايدىغان،ھە دىگەندىلا ئاپاڭنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالىدىغان،مىنىڭ ياتىقىمغىمۇ تولا سىخىلىق بىلەن كىلىپ مىنى يوقلاپ تۇردىغان بولۇپ قالدىڭ،سىنىڭ ماڭا ھېچ سەۋەپسىزلا شاكىلاتتىن تارتىپ سېغىزغىچە،تىلفۇن قېپىدىن تارتىپ توك زەرەتلۈگۈچىگىچە ئەكىلىپ بىرىشىڭ مىنى بەكمۇ ئوڭايسىزلاندۇراتتى.2013-يىلى6-ئاينىڭ17-كۈنى دۈشەنبە،بىز ئىشتىن چۈشتۇق لىكىن ئىشخانىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرشۇپ كىتىشتۇق،نىمىلەرنى دىيىشكىنمىز ئىسىمدە يوق،قانداق بولۇپ سىنىڭ خىزمەت ئۈستىلىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغىنىممۇ ئىسىمدە يوق،قولۇمدىكى كىتاپنى ساڭا تەڭلەۋىتىپلا ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا سىنى مەھكەم قۇچاقلاپ لىۋىڭگە لەۋلىرىمنى ياقتىم.ياڭ مۇئەللىم،مەن شۇ يىراق چەت خىلۋەت قاقىر تاغلىق ئىدارىغا ئىشقا چۈشكەندە،مىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شۇ نازاكەتلىك،شەرمى ھايالىق ۋاپادار مەشۇغۇم مەن ئۈچۈن شۇ خىلۋەتلىككە ئىمتاھان بىرىپ يېنىمغا كىتىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلارنىمۇ كۆرسەتكەن ئىدى،مەن شۇ يىگانە غېرىپ يۇرۇتتا مۇساپىر بولغاندا،ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەن ئىدىم،لىكىن تەغدىر بىزنى قوشمىدى،بىز ئايرىلدۇق،ئۇ باشقا بىرى بىلەن توي قىلدى.مەن يالغۇزچىلىق غېرىپچىلىق يىگانىلىقنىڭ چۆلىدە سەرسان سەرگەردان بولۇپ ئەقلىمدىن ئېزىشقا تاس-تاماس قېلىپ مىڭ بىر جاپا مۇشەققەتتە ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە يۆتكەلدىم،لىكىن تاغدىكى شۇ قىسمەتلىك يالغۇزلۇق،يىگانىلىق مىنىڭ قۇندۇز چاچلىرىمغا ئۇچتەك ئاقلارنى مەزگىلسىز سانچىدى.بىلەمسەن ياڭ مۇئەللىم،مەن شۇ يىگانىلىقتا ماڭا ھەمراھ بولغىدەك بىر ناتىۋانغا ئىرىشكەن بولسام ئىدىم،بەلكىم شۇ ناتىۋان بىلەن ئەبەدىل بىرگە ئۆتۈپ قىيامەتكىچە ئايرىلماس ھەمراھلاردىن بولغان بولاتتى.بۇ جاھاندا،غېرىپلىق،مىسكىنلىك،يالغۇزلۇق تىنمۇ ئۆتە جاندىن ئۆتىدىغان جاننى خورتىدىغان ئىككىنچى بىر قاتىل بولمىسا كىرەك.مىنىڭ شۇنداق بىر ھەمرىيىم بولغان بولسا ئىدى،سەن بىلەن مۇشۇ قىسمەتلەرگە قەدەم باسماس،سىنىڭ كۆڭۈل خوشۇڭمۇ بولماس بولغىيتىم.مىنىڭ تەلىۋىم يۇقىرى ئەمەس ئىدى،پەقەت،بىر ھەمراھ،پەقەتلا بىر ھەمراھ...بىلەمسەن ياڭ مۇئەللىم مىنىڭ سەن بىلەن ئارلىشىشىشم ھەرگىزمۇ سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمدىن ئەمەس،يالغۇزلۇقتىكى،غېرىپلىقتىكى قايمۇقۇشتىن چىققان خاتا بىرلىشىش ئىدى.بىز سۆيۈشتۇق،يۈزلىرىم ئەمەس پۈتۈن بەدىنىم چوغدەك قىزىغان ئىدى،لاغىلداپ تىتىرەيتىم،خۇددى مۇزغا يېقىلغان لەۋلەردەك سوغۇن دىستىدىن ئەندىككەن لەۋلىرىمنى لەۋلىرىڭدىن ئاجراتقىىنىمدا يۈرگۈم مىڭلىغان قۇرۇت-قوڭغۇزلار تەرپىدىن غاجىلانغاندەك بەكمۇ ئېچىشتى ھەم ئاغرىدى.ھەي،يىگانىلىق،ھەي تەلۋىلىك،ھەي ساراڭلىق...پۇت قولۇمدا ھېچقانداق ماغدۇر يوق،كاللام قۇپ قۇرۇق،دىلىمدا مىڭلارچە ئازاپ،مىڭلارچە يىغا،لىكىن مەن بىلىپ تۇرۇپ خاتالىققا يول قويغان ئىدىم.بىلەمسەن ياڭ مۇئەللىم؟ئەسلى بۇ خاتىرەمنىڭ ئىسمىنى (ھەمراھ)قويماقچى ئىدىم،لىكىن قويمىدۇم،نىمىقىلىقىنى بىلەمسەن؟چۈنكى سەن ئەزەلدىن مەن ھەقىقىي ئىتراپ قىلىپ باققان چىن دىلىمدىكى ھەمرايىم ئەمەس،ھەم بولالمايسەن.مەن پەقەت خاتالاققا بىلىپ تۇرۇپ يول قويغان،بىلىپ تۇرۇپ خاتالاشقان ئىنسان مەن.ياڭ مۇئەللىم،كەچۈرگىن،سىنى ياخشى كۆرمىسەممۇ سىنى سۆيدۈم،يالغۇزلۇقتىن،زىرىكىشتىن،يىگانىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا سىنى سۆيدۈم.مەن قادىر ئاللاھتىن بەندىلىرىگە نىمىلەرنى بەرسىمۇ،ھەرگىز ھەرگىز مۇساپىرلىقنى غېرىپلىقنى يىگانىلىقنى يالغۇزلۇقنى بەرمەسلىكىنى چىن ئىخلاسىمدىن تىلەيمەن.بەندە غېرىپ باسقاندا،يىگانىلىقنىڭ ئەسرا قىلىشىغا ئۇچرىغاندا ئۆزى چىن ئىخلاسىدىن قىىلىشنىمۇ خالىمايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلىدىكەن. سەن يەنىلا ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە قايىتتىڭ،مۇشۇ كۈنلەردە،سەن يولدشۇڭغىمۇ تىلفۇن قىلمايدىغان،قېينى ئاپاڭ بالاڭغا تىلفۇن قىلغۇزۇپ بەرسىمۇ بالاڭ بىلەنمۇ ئانچە كۆپ پاراڭلاشمايدىغان بولۇپ كەتتىڭ،ئارلىقتا يولدۇشۇڭغا تىلفۇن قىلىپ يېقىندىن بۇيان خۇيمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكىڭنى،ئاپاڭنىڭ يېنىدا يېتىپ قوپىدىغانلىقىڭنى،ئېيىتتىڭ،قىلچە ھۇدۇقماستىن،بىر پاتمان يالغانلارنى توقۇدۇڭ.بىلەمسەن ياڭ مۇئەللىم؟سەن يالغاننى راستىنمۇ ئۆتە قاملاشتۇرۇپ سۆزلىگەن شۇ مىنۇتلاردا مىنىڭ قانچىلىك ئوڭايسىزلانغىنىمنى؟ھەتتا سىنى بىرقانچە رەت ئۆيۈڭگە قايتىشقىمۇ دالاۋات قىلدىم لىكىن مىنىڭ سىنى ئۆيۈڭگە قايىتقۇزۇش ئۈچۈن ئېيىتقان ھەر قانداق سۆزلىرىم سىنىڭ قۇلۇقۇڭنىڭ قىرىغىمۇ كىلىپ قويمايتى،بىزنىڭ مۇناسىۋتىمىز بارغانچە چەكتىن ھالقىشقا باشلىدى.بىز تۇرۇپ تۇرۇپلا شېخۇا باغچىسىغا بېرىپ تۆت قۇلاق ئىزدەيتۇق.تىببى ئۇنۋىرىستىت ئارقىسىدىكى تاغدىن رومانتىك تۇيغۇلارغا چىلاشقىنىمىزچە قايتىشاتتۇق،جۇجىياڭ ئۆستەڭ بويىدا سۇ كىچىشكەچ شىرىن تۇيغۇلارغا غەرىق بولشاتتۇق.بىلەمسەن ياڭ مۇئەللىم،ھەر بىررەت سىنى باغرىمغا باسقىنىمدا شۇنداق دىلىم قورۇناتتى،بىرخىل تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز تۇيغۇدا كۆڭلۈم ئېلشاتتى لىكىن،سىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن لەۋلىرىمدىن لەۋلىرىڭنى ئاجراتماسلىقىڭ،باغرىمغا مەھكەم يېپىشىشلىرىڭ،مىنىڭ يەنە شۇ يىگانىلىق دەستىدىن بۇرۇختۇرما بولغان كۆڭلۈمنى شۇ خىل پەس ئىشلارغا يول قويۇشقا پۇرسەت چىقىرىپ بىرەتتى.بىزنىڭ يېرىم يىللىق چېنىقىشىمىز ئاخىرلىشىپ 7-ئاينىڭ 20-كۈنى جەنۇبقا قايىتماقچى بولدۇق،بۇ جەرياندا سەن بىلەن كىچىلەرنى بىرگە ئۆتكۈزمىگەن بىلەن كۈندۈزدىن تاكى تەڭ كىچىگىچە بىرگە ئۆتكۈزۈشتۇق،سىنىڭ مىنى نازلىرىڭ بىلەن ئەسرالاپ،ئەركىلەشلىرىڭ بىلەن گۆللەشلىرىڭگە بارغانچە كۆنۈشكە باشلىدىم.ئەمدىلىكتە بىزپەقەت توي خېتىلا ئالمىغان ئەرخوتۇنلارغا ئايلانغان ئىدۇق.ئۆزۈمدىن يىرگىنەتتىم،شۇنداق ئۆچلۈگۈم كىلەتتى ئۆزۈمگە،لىكىن يىگانىلىقتىن بۇرۇختۇرما بولغان كۆڭلۈم شۇنداق ناشايان ئىشلاردىن بىئاز ئەمىنلىككە ئىرىشكەندەك بولاتتى،مەن 2013-يىلى7-ئاينىڭ20-كۈنى ئۇلۇغچاتقا قايىتتىم،سەن مىچۈەندە قالدىڭ،ئەمدىكى كۈنلىرىمىز تىلفۇن پاراڭلىششى بىلەن ئۆتتى.سەن ھەركۈنلىكى ماڭا ھەرخىل ئۆزگۈرۈشلىرىڭنى سۆزلەيتىڭ،يولدۇشۇڭ بىلەن ئاجىراشماقچى بولغىنىڭنى ئېيىتقان شۇ كۈنۈڭ،بەك خاپا بولدۇم،چۈنكى مىنىڭ سىنىڭ بىلەن توي قىلىش نىيتىىم يوق،بىرگە ئۆتۈش نىيتىم تېخىمۇ يوق ئىدى،چۈنكى سىنى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمنىڭ قوبۇل قىلمايدىغانلىقى،ھەتتا ئۆزۈمنىڭمۇ چىن كۆڭلۈمدىن قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىم،بۇ چېنىقىش مەزگىلىدىكى بىر خاتالىق پىراۋىسىغا يول قويۇش ئىكەنلىكى كۆڭلۈمگە ئىنتايىن ئېنىق ئىدى.-مىنى دەپ ئاجراشماقچىمۇ؟ -ياق،مىنىڭ بۇرۇنلا شۇنداق خىيالىم بار ئىدى -نىمىشقا بۇرۇنمۇ ئەمەس كىيىنمۇ ئەمەس،مەن بىلەن تونۇشقاندىن كىيىننى تاللايسىز؟ -مىنىڭ ئاجرىشىشىم راستىنلا سىزبىلەن مۇناسىۋەتسىز،مەن راس دەۋاتىمەن -ياڭ مۇئەللىم،سىزمىنى شۇنداق بەك ياخشى كۆرەمسىز؟ -ھەئە،سىزبىلەن بىرگە بولغاندا ئۆزۈمنى شۇنداق بىخەتەر ھېس قىلىمەن،ھەم كۆڭلۈمنى بەكمۇ ئازادە كۆتۈرەڭگۈ بىلىمەن. -لىكىن ياڭ مۇئەللىم مىنىڭ سىزبىلەن بىرئۆمۈر بىرگە ئۆتەلىشىم مۇمكىنمۇ؟ -نىمىشقا مۇمكىن بولمايدۇ؟مەن ھەرقانداق بىرمۈشكۈلاتلارنى سىزنى دەپ يېڭىشقا ھەر ۋاقىت تەييار -لىكىن،بۇ مۇمكىنمۇ؟ -نىمشقا مۇمكىن ئەمەس؟مىنى بالىسى بار دەپ ياراتمايۋاتامسىز؟ -ياق،مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس لىكىن،بىراق،ئەمما ،شۇ...... -مەن بالىنىمۇ ئۇنىڭغا بىرىۋىتىمەن،سىزبىلەن بىرگە بولۇش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلسەممۇ مەيلى ياڭ مۇئەللىم،ئەمدى ساڭا نىمىمۇ دىيىشىم مۇمكىن؟نىمىمۇ دەپ كىتەلەرمەن ھە...-ئاينىڭ30-كۈنى،سەن 4كۈنلۈك رۇخسەت ئېلىپ سەن 33يىللىق ھاياتىڭدا كىلىپمۇ باقمىغان جەنۇبى شىنجاڭغا كەلدىڭ،مەن ئۇلۇغچاتتىن قەشقەر ئايرىدۇرۇمغا سىنى ئالغىلى كىردىم،كۆڭلۈمدىكى ئازاپ،شۇنچىلىك بىئارامچىلىق،شۇنچىلىك تەشۋىشلەرنى قانداق قىلىپ يوقىتالىشىممۇ مۇمكىن،سەن بىلەن ھېيىتكار ئالدىدا بىرقانچە پارچە سۈرەتكە چۈشتۇق،تومۇچۇق ئاشخانىسىدىن لەغمەن بىلەن كاۋاپ يىدۇق،كىيىۋالغان قىسقا پادىچىلار يوپكاڭدىن،يېنىمدا مىنى قولتۇقلاپ مېڭىشىڭدىن شۇنداق بىئاراملىق ھېس قىلاتتىمكى،بۇخىل بىئارامچىلىقنى بىرئىككى ئېغىز سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيتىم.بىز ئۇلۇغچات نىڭ ماشنىسىغا ئولتۇرۇپ مىنىڭ ئۇلۇغچاتتىكى غېرىپ كۈلبەمگە قايتىپ كىلىشتۇق،ئۆيگە كىرىپ بىرەر رېرىم سائەت ئۆتمەيلا يولدۇشۇڭدىن تىلفۇن كەلدى،سەن تىلفۇننى ئالمىدىڭ،ئۇ توختىماستىن ئۇرىۋەردى -ئالسىڭىز بولمامدۇ ياڭ مۇئەللىم،بۇنچە قىلىپ كەتمەي،نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمامسىز ھېچ بولمىغاندا. -ئاڭلىغىم يوق -بۇنداق جايىللىق قىلماڭ چۇ،مىنىڭ يامان ئىچىم پۇشىدۇ مۇشۇنداق ھەددىدىدن ئارتۇق جايىل ئادەمنى كۆرسەم سەن مىنىڭ سۆزۈمگە كىردىڭ يولدۇشۇڭنىڭ تىلفۇنىنى ئالدىڭ -مەن دوستۇمنىڭ ئۆيىدە،ئۇ مىنىڭ يېقىن بىر دوستۇم.مەن بۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىدە ئىككى ئۈچ كۈن تۇرۇپ قايتىمەن،مەن قايىتقاندا پاراڭلىشايلى،ئۇنىڭغىچە مىنى ئاۋارە قىلما دىدىڭ سەن ئۇنىڭغا -سەن سىرىتتىن بىرنى تېپىۋاپسەن ھە!مەن سىزىپ تۇرۋاتىمەن !بۇ سىنىڭ ئادىتىڭ ئىدى يەنە شۇخىل ئادىتىڭ بويىچە ئىش قىلىشقا باشلاپسەن دە! يولدۇشۇڭنىڭ ۋارقىراپ جارقىراپ ئېيىتقان بۇ سۆزلىرى يېنىڭدا ئولتۇرغان ماڭىمۇ شۇنداق ئاڭلىنىپ تۇراتتى -مىنىڭ قانداقلىقمنى ساڭا چۈشەندۈرگۈم يوق،قانداق ئويلىساڭ ئويلاۋە!سەن بىلەن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان! سەن شۇنداق دەپلا تىلفۇننى بېسىۋەتتىڭ. -ياڭ مۇئەللىم،سىز مۇشۇ ئەر بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ 1-ئىرىڭىز بىلەن ئاجراشقانكەنسىزدە؟ -ياق،مەن 1-يولدۇشۇم بىلەن مىجەزىمىز كىلىشمەي ئاجراشقان -ئەمسە ھازىرقى يولدىشىڭىز نىمىشقا سىزگە سەن سىرىتتىن بىرنى تېپىۋېلىپ مەن بىلەن ئاجراشماقچى بولۋاتىسەن دەيدۇ؟ -بىلمەيمەن -ياڭ مۇئەللىم،بىر كۈنلەردە ماڭىمۇ شۇنداق قىلارسىزمۇ؟ -قانداق قىلىمەن؟ -يەنە بىرىگە كۆڭلىڭىز چۈشۈپ قېلىپ مىنىڭ بىلەن مۇ مۇناسىۋەتنى ئۈزەرسىزمۇ؟ -ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ شاۋمەي،سىزمەن چىن كۆڭلۈمدىن سۆيگەن ئاخىرقى ئادەم.توۋا ،دەيمەن ياڭ مۇئەللىم،مىنىڭ ئاغزىمدىن سائەت چىقىپ كەتكەن بولغىيمىدى شۇ چاغدا ياكى تەغدىرىمنى ئالدىن كۆرۈۋالغان بولغۇيمىدىم،مانا بۈگۈنكى كۈندە مىنىڭ 2-قېتىملىق يولدىشۇڭ بىلەن ھېچ بىر پەرقىم يوق ھالدا سىنىڭدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزدۈم،ھازىر ئويلىسام ئىشخانامدا ئولتۇرغان باشقا خىزمەتداشلىرىمدىنمۇ خىجىل بولماستىن،مۆلىدە كۆزۈمگە ياش كىلىپ تاراملاپ چۈشۈپ كاستۇيۇم بۇرۇلكامغا سىڭىپ كەتكەن ياشلىرىمنى لىۋىمنى ئەلەم بىلەن چىشلەپ قويۇپ،زور چىدام بىلەن بۇ كارتىنىلارنىڭ ئاخىرىنى يېزىشقا كىرشتىم. سەن مەن بىلەن ئۇلۇغچاتتا 4كۈن تۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايىتتىڭ،سەن كەتتىڭ،مەن قالدىم،قەلبىمگە خۇشاللىق ئەمەس بىرتالاي تەشۋىشنى سېپ قويۇپ كەتتىڭ.2013-8-19كۈنى سەن يولدۇشۇڭ بىلەن ئاجراشتىڭ،بالاڭنى مەجىبۇرى ئۇنىڭغا بىرىپسەن،مەن بۇ خەۋەرنى سەندىن تىلفۇندا ئاڭلىغان ئىدىم،كۆڭلۈمدىكى بىئارامچىلىق،شۇنچىلىك چەكتىن ئاشقان تەشۋىشلەرنى قانداقمۇ يوقۇتۇش مۇمكىن؟...8-ئاينىڭ21-كۈنى بىزنىڭ بىرئايلىق ئاام ئېلىش مۇددىتىمىز توشۇپ چېنىقىش رايۇنىمىزغا قايتتۇق،سەن پارتىكۇم مەكتەپ ئىچىدىكى ياتىقىمغا بىرپاتمان تاۋۇز،شاپتۇل،يىمەك ئىچمەكلارنى ئەكىرىپ دۆۋلىۋىتىپسەن.ئەلۋەتتە،ئاچقۇچ سەندە قالغان ئىدى.يولدۇشۇڭ سەن بىلەن ئاجىراشقاندىن كىين ئۆيدىن چىققىلى ئۇنىماي تۇرۋاپتۇ،سەن مۇ ئامال قىلالماپسەن،توۋا،سىلەر غەلىتە ئاجرىشىدىكەنسىلەر جۇمۇ،ئايالىنىڭ بۇرۇنقى ئىرىبىلەن ئالغان ئۆيىدىن ھازىرقى ئىرى ئاجىرشىپ بولغان تۇرۇقلۇقمۇ چىققىلى ئۇنىمىسا بۇ نىمىدىگەن كۈلكىلىك.مىچۈەن كۆكتاغ رايۇنىدىن ئالغان يەنە بىر ئۆيۈڭلار بار ئىكەن،سەن ئىرىڭ بىلەن شۇ ئۆي توغۇرلۇق كۆپ تالاش تارتىش قىلىپ كىتىپ ئاخىرى ئۆينى قايتۇرۋەتتىڭ.چۈنكى بۇ ئۆي تېخى پۈتمىگەن بولغاچ قايتۇرۇشقا بولاتتى.-ئاينىڭ بايرىمىدا ئىرىڭنىڭ ئۆيدە يوق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئاكاڭ بىلەن تۇيۇقسىز بېرىپلا ئۆي كۆچۈش شىركىتىدىكى ئادەملەرنى ئېلىپ بېرىپ ئۆيدىكى بارلىق نەرسىلەرنى بېسىپ،ئىرىڭنىڭ سۇ ئۈستى باغچىسىدىكى ئۆيىگە ئاپىرۋەتتىڭ،ئىرىڭنىڭ قىزىلتاغ يېنىدىمۇ ئۆيى بولۇپ،بۇ ئۆي ئىجارىگە بىرلگەن ئىكەن،ئىرىڭ سەن بىلەن توي قىلغاندىن تارتىپ سەن بىلەن بۇرۇنقى ئىرىڭ ئالغان ئۆيدە ياشاپ كەپتۇ،بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ نىمىمۇ دىيشىم كىرەك ياڭ مۇئەللىم،بۇخىل مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھ،بۇخىل تۇرمۇشقا مىنىڭدەك توي قىلىش ئەمەس بىر قىز بىلەنمۇ تايىلنىق ئارلىشىپ بىرەر ئىشلارنى قىلىشىپ باقمىغان بىر توڭ سويما نىمىمۇ دىيەلەيدۇ؟سەن شۇخىل يول بىلەن ئۆيۈڭنى قايتۇرۋالغاندىن كىيىن،بۇ قايتۇرۋالغان ئۆيۈڭنى سېتىۋەتتىڭ.توۋا دەيمەن شۇ ئىشلارغا ياڭ مۇئەللىم.ئۆيۈڭنى سېتىپ بولۇپ ئىرىڭنىڭ بالاڭنىڭ نامىنى سېتىپ دەۋا قىلىپ ئۆي ساتقان پۇلۇڭنى تالىشىش تىن ئىھتىيات قىلىش ئۈچۈن مىنىڭ نامىمدا ئۆي سېتىۋالدىڭ. ھاھاھاھاھاھ....بۇ ئىشلارغا كۈلەيمۇ يىغلايدۇ؟بۇ كۈنلەر گە نىمىمۇ دەي ياڭ مۇئەللىم؟ 11-ئاينىڭ ئاخىرسى مەن 498000سوملۇق ئۆينىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم.توۋا دىيمەن ياڭ مۇئەللىم يۈزمىڭ توۋا،كاللاڭ نىمىدىگەن ئىشلەيدۇ ھە،توغرا،سىنىڭ كاللاڭ ئىشلىمىسە،مەندەك ئادەمنى كۆڭۈل خوشۇڭ قىلىپ ئوينىتالمايتىڭ ئەلۋەتتە. بىز ئۆينىڭ پۈتۈن چىقىمىنى نەخ تۆلىگەن بولساقمۇ بۇ ئۆي 2014-12-ئايدا ئىش تاپشۇردىغان بولغاچقا،سىنىڭ ياتىدىغان يىرىڭنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،شېخۇا17-رايۇندىن ئۆي ئىجارىگە ئالدۇق.بىز شۇ ئۆيدە بىرگە تۇردۇق،ئوقۇشمۇ ،چېنىقىشمۇ ئاخىرلىشىپ مەن جەنۇبى شىنجاڭغا قايتىىم،2014-1-11-كۈنى مەن كەتتىم،سەن قالدىڭ،چاغاندا مىنىڭ ساڭا تىلفۇن قىلغان شۇ كۈنى ئاخشىمى بىرئۆمۈر ئىسىمدىن چىقمايدۇ.بىز ھەدەپ قىزغىن تىلفۇن پاراڭلىشۋاتقان ئىدۇق،قۇلۇقۇمغا يەنە بىر تىلفۇننىڭ ئۇچۇر كەلگەنلىك سىگىنالا ئاڭلاندى -ياڭ ۋېي،سىزدە نەچچە تىلفۇن بار؟ -بىرلا -راستىنلا بىرلىمۇ؟ -راستىنلابىرلا مەن ئارتۇق گەپ قىلمايلا تىلفۇننى قويۋىتىپ سىنىڭ دوستۇڭغا تىلفۇن قىلىپ سىنىڭ مەندە نۇمۇرى بار تىلفۇنۇڭ بىلەن ئالاقىلشالمايۋاتقانىقىمنى،باشقا نۇمۇرۇڭ بولسا ئېيتىپ بىرىشىنى سورۇدۇم دوستۇڭ دەرھاللا سىنىڭ باشقا نۇمۇرۇڭنى ئېيتىپ بەردى. سىنىڭ يالغانچىلىقىڭنى بىلەتتىم،ھەم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ قۇلۇقۇم بىلەنمۇ ئاڭلىغان ئىدىم،لىكىن ساڭا ئىشەنگەن ئىدىم ياڭ ۋېي.شۇ كۈندىن كىيىن سەندىن بەكمۇ رايىم قايىتتى،ئۆيۈڭنى ساڭا قايتۇرۇپ بىرىشنى ئويلىدۇم،سەن يىغلىدىڭ يىلىندىڭ ھەتتە 1-ئايدىن5-ئايغىچە ھەر ئايدا يېنىمغا كەپ كىتىپ تۇردۇڭ،لىكىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ساڭا تىلفۇن قىلىپ بىراقلا ئاسماندىن ئېلىپ يەرگە تاشلىۋىتىلگەندەك بولۇپ كەتتىم،سەن بالاڭنى يېنىڭغا ئەكىلۋاپسەن -نىمىشقا؟نىمىشقا ئەكىلۋالدىڭىز؟دىدىم ھەيرانلىقمنى باسالماي -بالاممى سېغىندىم.ئۇمىنىڭ تېنىمدىن چۈشكەن بىرپارچە گۆش،مەن ئۇنىڭغا ئىگە بولۇشۇم كىرەك دە -نىمىشقا بۇرۇن ماڭا شۇنداق دىمىگەن؟ -ھازىر دىسەم نىىم بوپتۇ؟ ياڭ ۋېي،بۇ سەنمۇ؟ھېلىقى مەن ئۈچۈن جېنىدىن كىچىشتىنمۇ يانمايدىغان سەن شۇمۇ؟...ياڭ ۋېي ،بىلەمسەن سىنى ياخشى كۆرگىنىمدىن ئەمەس ساڭا ئىشەنگەنلىكىمدىن يۈرەك ئاغرىدى.شۇ كۈندىن كىيىن مەن بىر يولىلا چۈشكۈنلەشتىم،بۇ ھەرگىزمۇ ساڭا كۆيۈپ قالغىنىمدىن ئەمەس لىكىن ساڭا كۆنۈپ قالغىىمدىن ئىدى. 6-ئاينىڭ15-كۈنى يەكشەنبە،ساڭا ئۈرۈمچىدىكى ئۆيۈڭنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى قايتۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ تىلفۇن قىلدىم،تىلفۇنۇڭنى ئاپاڭ ئالدى -ياڭ ۋېي ئۆيدىمۇ؟ -ياق،ئەتىگەن چىقىپ كەتكەن ھازىرغىچ كەلمىدى،بەلكىم ئەتە كىلەرمىكى -نەگە چىقىپ كەتكەن ئىدى؟ -بىلمەيمەن ياڭ ۋېي،بىلەمسەن ياڭ ۋېي،يۈرەك يىغلىدى،بۇ ھەرگىزمۇ سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقتىن ئەمەس ساڭا بىگۇناھ ئالدانغانلىقتىن ئىدى.18-چىسلا ئۈرۈمچىگە باردىم،مىدوڭچۈ كۆكتاغ رايۇنى گوڭجېڭ چۇغا بېرىپ بارلىق رەسمىيەتلەرنى ساڭا ئۆتكۈزۈپ بىردىم،19-چىسلا ئۇلۇغچاتقا قايتىتىم.سىنىڭ ماڭا بەرگبن بىمەنە چۈشەندۈرشۈڭگە كۈلەيمۇ يىغلايمۇ؟ 15-چىسلا مەن ئاكامنىڭ ئۆيىدە ياتقان ئىدىم. ياڭ ۋېي،15-چىسلا مەن ئاكاڭلا ئەمەس ھاما ئاچاڭ ،ئىگىچە ئاچاڭغىچە تىلفۇن قىلىپ سىنىڭ يوقلىقڭنى بىلگەن ئەمەسمىدىم........ خەيىر ياڭ مۇئەللىم.رەھمەت مىنى كۆڭۈل خوشى قىلىپ،ئوينىتىپ تاشلىغىنىڭغا،تا بۈگۈنگىچە،يۈرەك تەرپىمنىڭ ئېچىشىپ ئېچىشىپ ئاغرىغىنى راس.لىكىن ئاللاھ تىن مەندىن بۇ مەينەتچىلىكنى كۆتۈرۋىتىشىنى،چوقۇم ياخشى بولۇپ كىىدىغانلىقمنى بىلىمەن،لىكىن يۈرەك،بۇ يالغۇزلۇقنىڭ ئىسكەنچىسدە مورلانغان يۈرەك،راس ئاغرىدى... |
|