Tesewwur يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 01:28 
بۇ ھەر بىر ئۇيغۇر ۋىژدانى بىلەن ئويلىشىدىغان بىر مەس ...
توغرا پىكىر يېزىپسىز، مەنمۇ نۇرغۇن جايلادا پۇتۇنلەي ئانا تىل ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ يەنە ئارىلاش تىلدا سۇزلەۋاتقانلارنى كۇرسەم بەك ئەپسۈسلىنىمەن. بىر ئادەم تىل جەھەتتە جەمىيەتكە كوپ تەسىر كۇرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن، لىكىن ئۇز ئائىلىسىدە مەسئۇليەتچان بۇلسىلا ئارىمىزدا شالغۆت تىلنىڭ پەيدا بۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلاتتى.
مەن يىقىندا بىر تۇنۇشۇم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتىم ئۇنىڭ ئون ياشقا كىرگەن بالىسى‹‹دادا پايپىغىمنىڭ جەينىكى تۇشۇك تۇرىدۇ›› دىدى. تۇنۇشۇم خۇددى لەتىپە ئاڭلىغاندەك كۇلۇپ كەتتى. مەن ئون يىل ئىچىدە پايپاقنىڭ سۇنجىقىنى بىلەلمىگەن بالىغا ۋە ئۇگىتەلمىگەن دادىسىغا قاراپ پەقەت كۇلەلمىدىم.