كۆرۈش: 6426|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇر تىلىدىكى ' ئۇ ' ۋە ' ئۇ ' توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
549
تۆھپە
256
UID
14497
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 22:48:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر تىلىدىكى ' ئۇ ' ۋە ' ئۇ ' توغرىسىدا



      ھەممىمىز ئۇيغۇر تىلىنى گۈزەل، مۇكەممەل ۋە ئىپادىلەش كۈچىگە باي تىل، دەپ تەرىپلىشىمىز. مەنمۇ بۇنىڭدىن گۇمانلانمايمەن، بىراق بەزىدە بەزى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەشتە سەل چاتاق بارلىغىنى ھىس قىلىمەن. مەسىلەن: ' ئۇ ' دېگەن سۆز؛ بىز ئەرلەرنى، ئاياللارنى، ھايۋاناتلارنى ۋە نەرسىلەرنى كۆرسەتكەندە ئوخشاشلا ھەممىنى ' ئۇ ' سۆزى بىلەن ئىپادىلەيمىز. بەزىدە كىتاپ ئوقۇپ قالساق، بولۇپمۇ چەتئەل ھىكايىلىرىدىكى  ئىسمىدىن ئۇنىڭ ئەر ياكى ئاياللىغىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا 'ئۇ ' ئانداق ياكى مانداق، دېگەن تەسۋىرلەرنى ئوقۇغاندا، تەسۋىرلەنگەن كىشىنىڭ ئەر -ئاياللىغىنى بىلمەك تەسكە توختايدۇ ( ئەگەر ئۇ پېرسوناژنىڭ تەقى-تۇرقى تەسۋىرلەنمىگەن ئەھۋالدا). ئۇيغۇرچە كىتاپلاردىمۇ  ' ئۇ ' ئانداق، ' ئۇ ' مانداق دېگەن تەسۋىرلەرنى كۆرگەندىمۇ، بىز ئۇنىڭ زادى ئەر ياكى ئاياللىقىنى بىلەلمەيمىز. ئېنگلىزچىدىمۇ ئەر-ئايال ۋە نەرسىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر پەرقلىق بولۇپ، بىر -بىرسىگە ئوخشىمايدۇ، سۆزلەردىن ۋە يېزىقلاردىن ئەر-ئاياللارنى ناھايىتى ئېنىق پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، گەرچە خەنزۇچىدىمۇ ھەممىسىنى ' تا ' دەپ ئاتىسىمۇ لېكىن خەتلىرى ئوخشىمايدۇ. پەقەت بىزلا ھەممىنى يىغىپ يۆگەپ ئايرىمايلا ' ئۇ ' دەپلا ئاتايمىز. ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ تەرىپىنى مەن زادىلا ياقتۇرمايمەن، تىلشۇناس دەۋالغانلارمۇ بۇ ئىش بىلەن كارى بولمىدى. شۇڭا بۇ مەسىلىنى كەڭ تورداشلارنىڭ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ بېقىشىغا سۇندۇم.
   مېنىڭچە بولسا، ' ئۇ ' دېگەن سۆزنى ئەرلەرگە خاس قىلىپ قوللانساق؛ بەزى شېئىرلاردا < ئۇل جانان> دەيدىغان گەپلەرنى ئۇچرىتىپ قالىمىز، شۇنىڭغا ئاساسەن، ' ئۇل ' دېگەن سۆزنى ئاياللارغا خاس قىلىپ قوللانساق (گەرچە ' ئۇل' دېگەن سۆز تامنىڭ ئۇلى دېگەن بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالسىمۇ)؛ ھايۋانلار ۋە نەرسىلەرگە بولسا، < ھايۋان > دېگەن سۆزدىكى < ۋان> دېگەن بوغۇمنى ئايرىپ ئېلىۋېلىپ، ' ئۇ ' نىڭ كەينىگە قوشۇپ، ' ئۇۋان ' دەپ قوللانساق تىلىمىز تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان بولاتتى، دەپ ئويلايمەن.
    يۇقۇرقىلار پەقەت مېنىڭ شەخسى خىيالىم خالاس، يەنە كېلىپ مەن تىلشۇناس ئەمەس؛ مېنىڭ مەقسىتىم مەيلى قانداق قىلايلى،  مۇشۇ ' ئۇ ' دېگەن سۆزنى تېخىمۇ ئېنىق  ئايرىپ چىقىپ، تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرساق دېمەكچىمەن. بۇنىڭدىنمۇ ياخشى تەكلىپ پىكىر بولۇپ قالسا كۆپچىلىك ئورتاقلىشايلى، ئەگەر بۇ تېمىنى تىل-يېزىق كومېتېتىدىكى مۆھتەرەم تىلشۇناسلار كۆرۈپ قالساڭلار بۇ تېمىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل
تىللا
314
تۆھپە
197
UID
14666
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 16:03:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6750
تۆھپە
3409
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 16:28:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەك تىلىمىز ئۈستىدە يەنە بىر ئىزدىنىپ كۆرۈدىغان بوپتۇق-دە!
«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىدا بورتالالىق بىر كىشىنىڭ مۇشۇ خۇسۇستا ئىزدىنىپ يازغانلىقىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. ئەرنى كۆرسىتىدىغان «ئۇ»غا "ئۇ"نى ، ئايالنى كۆرسىتىدىغان «ئۇ» غا  بىرەر بەلگە قوشۇش، ۋەتەننى كۆرسىتىدىغان «ئۇ»غا يەنە بىر بەلگە قوشۇش، ھايۋاننى كۆرسىتىدىغان «ئۇ» غا يەنە بىر بەلگە قوشۇش، نەرسىنى كۆرسىتىدىغان «ئۇ» غا يەنە بىر خىل بەلگە قوشۇش خۇسۇسىدا يېزىلغان ئىدى. قاچانقى  ژۇرناللىقى ئېسىمدە يوق، ئەمما 2005-يىلىدىكى بولسا كېرەك. مەن شۇ چاغدا بۇ ھەقتە بۇنى توغرا تېپىپ بەرقىغا دېسەم، «تىلىمىز ئەركەك تىل، ھاجىتى يوق» دېگەن ئىدى. مەنمۇ ئۇنتۇپلا كېتىپتىكەنمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-4 16:31  



كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 2

تىللا
108
تۆھپە
35
UID
18419
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 19:33:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلىدىغان باشقا ئەھمىيەتلىك ئىش يوقتەك يەنە تىل، يېزىق ئۆزگەرتىمىزما؟! ھېلىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ بۇرۇنقى ئۆزگەرتىشلەر.


Rank: 2

ئىسىمى
مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن
تىللا
75
تۆھپە
18
UID
4961
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 23:51:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
'ئۇ' قوشۇمچە ئەمەس.

ئۇ Ⅱ [ئال Ⅲ① شەخس ئالمىشىنىڭ بىرلىكى بولۇپ ، ئۈستىدە سۆز بولۇۋاتقۇچىنىڭ ئادەم ياكى نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ : بارات تاشۋاينىڭ قولىدىكى راۋابنى ئالىدۇ ، مۆمىن ئاكا ئۇنى ھاپاش قىلىدۇ . ② سۆزلىگۈچىگە بىرئاز يىراق بولغان ياكى سۆزلىگۈچى يىراق ھېسابلىغان ئادەم ، نەرسە ، ۋەقە ھادىسە قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ :  - بۇ بۈگۈنكى گېزىتمۇ؟ - ياق ، ئۇ كونا گېزىت . ③ ۋاقىت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ ، نىسبەتەن بىرئاز ئىلگىرىكى كونكرېت ۋەقەلىكنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ : ئۇ كۈنى مەن ئۇنىڭ يېرىم كېچىدە مۇشۇ باغقا كەلگىنىنى سېزىپ قالدىم .

ھېكمەت:
ئوشۇق سۆز ئىشەككە يۈك.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
549
تۆھپە
256
UID
14497
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 11:44:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاتىللاغا جاۋاپ: مەن تىل -يېزىق ئۆزگەرتىلى دىمىدىم، يوللانمىنى قايتىدىن ئوبدانراق كۆرۈپ ۋە چۈشۈنۈپ ئاندىن گەپ قىلىڭ.
   ئوقياغا: مەن تېمىنى ‹ ئۇيغۇر تىلىدىكى ' ئۇ ' ۋە ' ئۇ ' توغرىسىدا › دەپ ماۋزۇ قويغان ئىدىم، بىراق مۇنبەر باشقۇرغىچىلار ئوبدان ئويلاشمايلا ‹ ئۇيغۇر تىلىدىكى ' ئۇ ' قوشۇمچىسى توغرىسىدا › دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇپتۇ، تۈزۈتىۋېلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
549
تۆھپە
256
UID
14497
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 12:05:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھورمەتلىك مۇنبەر باشقۇرغىچىلىرى: مۇمكىن بولسا مېنىڭ بۇ تېمامنىڭ ئەسلىدىكى ماۋزۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويغان بولساڭلار، چۈنكى ئۆزگەرتكەن ماۋزۇ توغرا بولماي قاپتۇ، رەخمەت.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2147
تۆھپە
1034
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 14:06:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ  قارايمەن .
‹ئۇل › ئەمەس ، ‹ ئول › ، ‹ ئۇ ، شۇ ،ئاشۇ › دىگەندەك مەنىلەردە كېلىدۇ .
تىلىمىزدا بۇ سۆزگە يېقىن كېلىدىغان ، ‹ شۇ › دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ‹شول › دىگەن سۆزمۇ بار . بۇ سۆز مەشھۇر شائىر موللا بىلالنىڭ شېئىرىدا مۇنداق كەلگەن.
                           
                              دۇئا قىلدى شول ئەسنادا بۇ لەيلى ،
                              ئۇرۇق - تۇققان يىغىلدى بارچە خەيلى .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-22 19:13, Processed in 0.077446 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991