كۆرۈش: 25840|ئىنكاس: 35

ئىنكاسچىلارغا ئىككى كەلىمە سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
562
تۆھپە
294
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 20:00:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاسچىلارغا ئىككى كەلىمە سۆز



    تەڭرىتاغ تورى ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى بىردىن-بىر مۇنبەرلىك تور، مېنىڭ بىلىشىمچە ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدا  بۇنىڭدىن باشقا مۇنبەرمۇ يوق. ئاشۇ مۇناسىبەت بىلەن بۇ مۇنبەر قانۇنىي ئاساسىي كۈچلۈك، ئۇيغۇر مۇنبەرداشلارنىڭ ساپاسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر مۇنبەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. (ھىچ بولمىغاندا مەن شۇنداق قارايمەن).
شۇڭا، مۇنبەر دەسلەپ قۇرۇلغاندا بىلىم ساپاسى يۇقۇرى، تورتەجرىبىسى مول تورداشلار ئەزا بولۇپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە خېلى تونۇلغان بىر مۇنبەرگە ئايلانغان ئىدى، ھازىر قاراپ باقسام، ئىنكاسلاردا ئىنتايىن قۇرۇق، بىمەنە پاراڭلار ئورۇن ئېلىۋىتىپتۇ، ئەھمىيەتىسز چاۋاكلار، چۈشۈنۈكسىز ھىجىيىشلارغا كۆمۈلۈپ كىتىپتۇ، كونا تورداشلارمۇ كۆرۈنمەس بولۇپ قاپتۇ، ئىشەنمىسەڭلەر "گاڭپەننى نېمە دەيمىز؟"دېگەن تىمىدىكى ئىنكاسلارغا قاراپ بېقىڭلار(مەن بۇ يازمىنى باشتا كۆرمەپتىكەنمەن، تىمانىڭ مەقسىدىگە ھىچقانداق ئەمىيىتى يوق ئەخلەت ئىنكاسلارنىڭ كۆپلىكىدىن تىمىغا پايدىلىق ئىنكاسلارنى ئىلغاشقا ۋاقتىم بولماي، ئاخىرقى بەتتىكى بىرقانچە ئىنكاسلارنىلا كۆردىم)، مەن ژورنالدىن سايىلەپ تەييار بىر ماقالا "ئەسئەت سۇلايمەن، ۋاڭ مىڭ" دېگەننى يوللىسام، بىر تورداش "بەك ياخشى يېزىپسىز، نەزەر دائىرەم خىلى يۇقۇرىلاپ قالدى"  دەپ ئىنكاس يېزىپتۇ، مانا بۇ ئىنكاسلار دەرىجە ئۆستۈرۈش ئۈچۈنلا يېزىلغان ئىنكاس بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئازراق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ساپاسىزلىقىنى نامايەن قىلىپلا قالماي، توربەتنىڭ ئىناۋىتىگىمۇ نۇقسان يەتكۈزىدۇ. بۇنداق قۇرۇق ئىنكاسلار باشقىلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدۇ ھەمدە توربەتنىڭ بوشلىقىنى ئىسراپ قىلىپ، توربەتنى ئەخلەتخانىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
مەن دايىم كىرىپ تۇرىدىغان توربەتلەردىن ئىككى توربەتنى مىسال قىلىپ بېرەي، ئىككىلا مۇنبەرنىڭ ئىسمىنى بۇ يەردە ئوچۇق ئاتاپ يۈرمەيمەن،  مەن بىرىنچى مۇنبەردىكى تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك چالا قويماي كۆرۈپلا قالماي، ئۇنىڭدىكى ئىنكاسلارنىمۇ  ئاساسەن كۆرىمەن، بەزىدە ۋاقىت قىس بولۇپ قىلىپ، بىرقانچە كۈن تورغا كىرەلمىسەم، بىرقىسىم تىمىلاردىكى ئىنكاسلار نەچچە بەت، نەچچە يۈز قەۋەت بولۇپ كېتىدۇ، ئاشۇ نەچچە يۈز قەۋەت بولۇپ كەتكەن ئىنكاسلارنىمۇ تولۇق ئوقۇپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىم كۆپ، چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئىنكاسلار بىر-بىرىدىن"تاتلىق".
يەنە بىر مۇنبەرگە كەلسەك، مەن ئۇ توربەتنىمۇ دائىم كۆرۈپ قويىمەن، ياخشى يازمىلىرىنى كۆپ ئوقۇيمەن، ئەمما ئىنكاسلارنى ئاساسەن ئوقۇمايمەن، ئۇ XXX توربەتنىڭ ئەزا سانى ئۇيغۇرچە توربەتلەر ئىچىدە 1- ئورۇندا تۇرامدىكىن دەيمەن، تېمىلارنىڭ يېڭىلىنىشىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ياخشى ئەسەرلەر كۆپ يوللىنىدۇ، ئەمما ئىنكاسلارنىڭ يوللۇنىشى ئىنتايىن كۆپ بولۇپلا قالماي، بەزىلىرى ھەتتا ئەڭ تېتىقسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنكاسلارنى ئاساسەن ئوقۇمايمەن، ياخشىراق ئىنكاسلارنى تېپىپ ئوقۇش ئاسان ئەمەس، ياخشىلىرىنى بىرمۇنچە ئەخلەتلەرنىڭ ئىچىدىن ئىلغاشقا توغرا كىلىدۇ. بۇنىڭغا نەدىمۇ ۋاقىت بولسۇن؟ بىرەر بىلىمگە ئىھتىياج بولۇپ قىلىپ، بىرەر نەرسىنى سوراپ تىما يېزىپ قالسىڭىز بىلىك ياكى  ئىزدىنىشتىن سىزگە نەخ ئەسقاتىدىغان جاۋاپلارنى قۇرۇق گەپلەردىن ئىلغاپ ئولتۇرماي، نەخ جاۋاپنىلا ئالىسىز، جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلار ساقال تارىماي، غىت قىسىپ، جاۋاپ بەرگەنلەرنىڭ جاۋابىدىن بەھرىلىنىدۇ ياكى باشقىچە قارىشى بولسا ۋە ياكى چۈشۈنۈشتە قىينالغان بولسا پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، مەن ئىنكاسلىرىنى ئوقۇمايدىغان ئاۋۇ XXX توربەتتە بولسا، نەخ جاۋاپنى تېتىقسىز ئىنكاسچىلارنىڭ مۇنداق: "مەن بىلمەيدىكەنمەن"، "بىلگەن بولسام چوقۇم جاۋاپ بېرەتتىم"، "سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرەلەيدىغانلار چىقىپ قالا"، "بەك مۇھىم سۇئالنى سوراپتىكەنسىز"، "مەنمۇ بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم"، "مېنىڭ ئاكام بىلىتى بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى"، "مەنمۇ شۇنداق سۇئالدىن بىرنى سوراي دەپ تۇرغان"، "مۇشۇنىمۇ بىلمەپسىز دە؟"، ...... دېگەندەك ئەخلەتلىرىدىن ئىلغىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ. ئۇ ئەخلەتلەرنىڭ ئۆزىگە ياكى سۇئال سورىغۇچىغا ۋە ياكى باشقا تورداشلارغا قىلچە پايدىسى بولمايلا قالماي، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ، توربەتنى، تىمىنى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇش ھېسابىغا، ئەخلەتچىلەرنىڭ توربەتتىكى بىرتىينگە ئەسقاتمايدىغان دەرىجىسى ئۆسەرمىش.
نەق گەپكە كەلسەم:  
    تەڭرىتاغ تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىغا تەكلىۋىم، دەرىجە قوغلىشىپ يوللانغان قۇرۇقتىن قۇرۇق رەسىم، ئەھمىيەتسىز، تۇترۇقسىز  ئىنكاس يولىغۇچىلارنىڭ ئەخلەتلىرىنى قەرەللىك تازىلاپ، ئىنكاسلىرى تازىلانغانلارنىڭ دەرىجىسىنى ئاپتوماتىك چۈشىدىغان قىلىپ، ئىنكاسلارنىمۇ باھالىغىلى بولىدىغان قىلىپ، ئەخلەتچىلەرنى، چاۋاكچىلارنى مەنپىي نۇمۇر بىلەن باھالاپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ سۈپىتىنى، ساپا سەۋىيىسىنى بىر دەرىجە يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە ھەممىمىز ھەركەت قىلساق قانداق؟ باشقۇرغۇچىلار يېتىشىپ بولالمىساڭلار، ئىختىيارى مۇخبىرلارغا ئوخشاش، ئىختىيارى باشقۇرغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ مۇنبەرنى ئۇيغۇر توربەتچىلىكىدىكى ئالدىنقى مۇنبەرگە ئايلاندۇرۇشقا ھەممىمىز كۈچ چىقارساق.
بۇ مۇنبەر ئەڭ مۇھىمى خەلققە يېقىن تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلققەپايدىلىق تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى خەلققە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ تەلەپ، ئىلتىماسلىرىنىمۇ ھۆكۈمەتكە ۋاقتى قەرەلىدە يەتكۈزۈپ، ئۇنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى، نەتىجىسىنى يەنە خەلققە يەتكۈزۈپ، ئىناق جەمىيەت قۇرۇشقا ھەسسىسىنى قوشقان بولسا، خەلقنىڭ
/forum.php?mod=viewthread&tid=16179  ،
/forum.php?mod=viewthread&tid=14777  
گە ئوخشاش دەرت-ئەھۋالىنى ئاددىي، كىچىك كۆرمەي، دەردىنى تۆكىۋىلىشقا پۇرسەت، قورسىقىنى بوشىتىۋىلىشقا سەھنە بولۇش بىلەن بىرگە ئۇنى مۇناسىپ تەدبىرلەر ئاقىلىق ھەل قىلىشقا كۈچ قوشسا. مۇشۇ ئېقىمنى ئۆزىنىڭ بىر بۇرچى دەپ تونۇغان بولسا.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
uyghun + 20很给力!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 20  باھا خاتىرىسى

تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
391
تۆھپە
309
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 10:49:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bidar-Qutlanدىگەن  ئادەم ئۇقۇتقۇچىغۇ  دەيمەن،   مەن ئۇقۇتقۇچىلارغا  ھۇرمىتىم بار، ئەمدى تىمىغا كەلسەك مۇشۇنداق ئەھۋالار بار ئىككەن.  قۇنچاق ئەۋىتىپ نىمە قىلىدۇ دەيمەن،  مەنمۇ  قارا قۇساق ئادەم  مۇنبەر نىمە ئۇچۇن كىرمەن بىر نەرسە ئۇگۇنۇش يەنە   كىتاپلاردا يۇق نەرسىلەر كۇپ ئىككەن، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurban.qaydu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-29 10:51  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
449
تۆھپە
223
UID
3842

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 13:02:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل گەپ بوپتۇ، يۈرەكتىكى گەپنى قىلىپسىز. مەنمۇ خېلى بۇرۇنلا مۇشۇ توغرىلىق بىر تېما يازاي دېگەن خىيالدا ئىدىم. ۋاقىت يار بەرمەي مۇشۇ كەم بولۇپ كەتكەن. مەن كىرگىىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بولدى، ئەمما باشقۇرغۇچىدىن ئىككىنى مۇقىم ئۇچراتمىدىم. ئالدىنقى قېتىم بىر ئىنكاسىمدا دېگەن. ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى  نوپۇزلۇق مۇنبەر بۇ، ئەمما بەزى تېما، ئىنكاسلارغا ئىگە بولىدىغان ئادەم يوق. نەق گەپ، نەق ئىشلار يېزىلسا، چاۋاكلار يوقىتىلسا بولاتتى. بۇ نەچچە كۈندىن بۇيانمۇ باشقۇرغۇچى ئۇچراتمىدىم ھەم ئىنكاسىىنىمۇ كۆرمىدىم...
مۇنبەرنىڭ تەرەققى قىلىشى، ساغلام راۋاجلىنىشى، جەلىپ قىلالىشى، شۇنداقلا ئەزالارنىڭ كۆپ، قىزغىن بولۇپ، تۇمۇشقا يېقىن، ھەق گەپ، ھەق ئىشلارنى يوللىشى ھەم يۈرەككە تەگكۈدەك ئىنكاسلارنىڭ  يېزىلىشى باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارنىڭ سەۋىيە، ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك.

باشقۇرغۇچىلار ئامال بار تېمىلارنىڭ قوللىنىشچانلىقى ، ئەمىلىيەتچانلىقىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەستىقلاش ئېلىپ بارسا دېگەن پىكىردىمەن!


بۇ ماكانغا كەلمىگىلى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى.........

Rank: 6Rank: 6

تىللا
572
تۆھپە
206
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 14:16:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تەڭرىتاغ مۇنبىرى » نى ياخشى باشقۇرۇش بارلىق تورداشلارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ، شۇڭا ئىنكاس
يازغاندا دىققەت قىلىشىمىز ، تېتىقسىز ئىنكاسلارنى يازماسلىغىمىز كېرەك .


Rank: 4

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل
تىللا
314
تۆھپە
197
UID
14666
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 17:10:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەخمەت !!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
562
تۆھپە
294
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 17:39:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rusul يوللىغان ۋاقتى  2012-6-29 15:10
تېما ئىگىسىگە رەخمەت !!!

توۋا، سىز تىما ئوقۇمايلا ئىنكاس يازامسىز نېمە؟ ھەممە تىمىدا مۇشۇ بىرگەپنىلا تەكرارلاپ، چاۋاكلا چالامسىز؟


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6173
تۆھپە
2817
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 18:03:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bidar-Qutlan يوللىغان ۋاقتى  2012-6-29 17:39
توۋا، سىز تىما ئوقۇمايلا ئىنكاس يازامسىز نېمە؟ ھەممە  ...

بۇ ئەزا ئاللىقاچان تەڭرىتاغ مۇنبىرى ‹‹ تۈرمىسىگە ›› سولاندى. بىر كۈندىن كېيىن ‹‹ قويۇپ بېرىلىدۇ ››.


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 18:03:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىدار قۇتلان ئەپەندى ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىرنى ئوتتۇرۇغا قويۇپتۇ ، دىمىسىمۇ بەزى تورداشلار تېمىلارغا ئىنكاس يېزىشتا قولىنىڭ ئۇچىدىلا يېزىپ قويىدىكەن ، مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى ،راس گەپنى قىلسام مەنمۇ بىدار قۇتلان ئەپەندىدەك ئويلاپ قالغان ئىدىم .باشقىلارنىڭ تېمىلىرىغا باھا بەرگەندە  ئەستايىدىل بولىشىمىز ،لايىقىدا پىكىر تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىشىمىز كېرەك .
قارىسىغىلا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم .
مىلان كۇندىرا ‹ئىنسانلار مۇلاھىزە يۈرگۈزسىلا پەرۋەردىگار قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ › دەيدۇ .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
872
تۆھپە
563
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 18:30:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ۋاقىتلار تورداشلارنىڭ  روھىنى  كۆتۇرۇش ئۇچۇن قىزىققارلىق ئنكاسلارنى يازاتتىم ئەمدى قورقۇدىغان بولۇپ قالدىم .


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2053
تۆھپە
734
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 18:51:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسنى قىزىقارلىق ، مەنىلىك ،چۈشىنىشلىك  يازساق مۇنبەرنى تىخىمۇ جانلاندۇرغىلى بولىدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 16:39, Processed in 0.083482 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991