ئىگىسى: Bidar-Qutlan

ئىنكاسچىلارغا ئىككى كەلىمە سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
64
تۆھپە
9
UID
19633
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 19:34:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا   بىزدەك  ئۇگەن  گۈچى    ئەزالار ئۇچۇن  شۇنداق  ياخشى   گەپ  بوپتۇ  .بۇ مەن  ۋە  مەندەك  يىڭى  ئەزالارئۈچۈن  ئەڭ  ئھتىياجلىق  تىما.مەنمۇ  دىققەت  قىلمەن.شەخسەن   مەن  بۇرۇن  ئىنكا سقا  قاراپ   مەزمۇننى   كۈرەتتىم  ،شۇڭا  ھەممىمىز  دىققەت   قىلايلى.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
562
تۆھپە
294
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 19:41:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nifit يوللىغان ۋاقتى  2012-6-29 16:30
بەزى ۋاقىتلار تورداشلارنىڭ  روھىنى  كۆتۇرۇش ئۇچۇن قىزى ...

تىمىغا ياكى ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇغۇچىغا ھىچقانداق مۇناسىبىتى بولمىغان ئەخلەت گەپ، قۇرۇقتىن قۇرۇق مەدھىيە، زورۇقۇپ ئۇرۇلغان چاۋاكتىن خالى ھالدا يازغان بارلىق ئىنكاسلىرىڭىز قارشى ئېلىنىدۇ. شۇنداقكەن نېمىشقىمۇ قورقايدىغانسىز؟


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.

Rank: 4

ئىسىمى
تۇرغۇنجان
تىللا
324
تۆھپە
127
UID
16645
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 23:25:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغان ئىنكاسىمىز تىما ئىگىسىنىڭ چاڭقىغان دىلىغا ئۇسسۇزلۇق بولالىسا بولاتتى.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
501
تۆھپە
246
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 00:36:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ پىكىر ماڭا ناھايىتى بەك يارىدى، مېنىڭچە مۇشۇ«قىزىقارلىق بولۇش»نىڭ ئورنىغا «ئەھمىيەتلىك بولۇش»نى ئالماشتۇرالىساق، ھەمدە قۇرۇق گەپ سېتىپ «دەرىجە ئېلىش» كويىدىلا يۈرىدىغانلارنىڭ ئەخلەت ئىنكاسلىرىغا قارىتا ۋاختى-ۋاختىدا تەنقىد ئىنكاسلارنى (جايىغا تەككۈزۈپ) يېزىپ تۇرساق، شۇئارقىلىق ئەخلەت يازمىلار ۋە ئەخلەت ئىنكاسلارنى ئازايتىپ،« تەڭرى تاغ مۇنبىرى» نىڭ سەۋىيىسىنى تەدرىجى يوقۇرى كۆتەرگىلى بولامدىكىن دەيمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
562
تۆھپە
294
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 21:09:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Almas999 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-29 22:36
مانا بۇ پىكىر ماڭا ناھايىتى بەك يارىدى، مېنىڭچە مۇشۇ«ق ...

توغرا ئېيتىسىز.
ھەمىمىز شۇنداق ئويلىساق بولاتتى، بەزىلەرنىڭ دەرىجە ئۆستۈرش ئۈچۈنلا يازغان ئىنكاسلىرىنى ۋاقتى قەرەلىدە تازىلاپ، ياكى تورداشلار مۇۋاپىق تەنقىت ئۇسۇلى ئارقىلىق تۈزەتكۈزسەك، بۇ مۇنبەرنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرشكە پايدىسى زور بولاتتى.


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابلىكىم يۈسۈپ
تىللا
260
تۆھپە
42
UID
12800
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 21:45:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bidar-Qutlanئۇستازىمىزنىڭ سۆزلىرى مىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى (بۇ مۇنبەر ئەڭ مۇھىمى خەلققە يېقىن تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلققەپايدىلىق تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى خەلققە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ تەلەپ، ئىلتىماسلىرىنىمۇ ھۆكۈمەتكە ۋاقتى قەرەلىدە يەتكۈزۈپ، ئۇنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى، نەتىجىسىنى يەنە خەلققە يەتكۈزۈپ، ئىناق جەمىيەت قۇرۇشقا ھەسسىسىنى قوشقان بولسا، خەلقنىڭ دەرت-ئەھۋالىنى ئاددىي، كىچىك كۆرمەي، دەردىنى تۆكىۋىلىشقا پۇرسەت، قورسىقىنى بوشىتىۋىلىشقا سەھنە بولۇش بىلەن بىرگە ئۇنى مۇناسىپ تەدبىرلەر ئاقىلىق ھەل قىلىشقا كۈچ قوشسا. مۇشۇ ئېقىمنى ئۆزىنىڭ بىر بۇرچى دەپ تونۇغان بولسا.)ئادەم ناھەقچىلىككە ئۇچىرغان چاغدا كۆڭلى قاتتىق يېرىم بۇلۇپ بۇمەسلىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش توغىرسىدا باش قاتقان چاغدا ئەستايىدىللىق بىلەن بىرىلگەن جاۋاپ شۇئادەمنى قانچىلىك خوش قىلىۋىتىدىغانلىقىنى  ئويلاپ يىتەلىگەندىلا ھەر ئىككى ئادەم كوڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابلىكىم يۈسۈپ
تىللا
260
تۆھپە
42
UID
12800
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 13:38:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bidar-Qutlanئۇستازىمىزنىڭ سۆزلىرى مىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى ئادەم ناھەقچىلىككە ئۇچىرغان چاغدا كۆڭلى قاتتىق يېرىم بۇلۇپ بۇمەسلىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش توغىرسىدا باش قاتقان چاغدا ئەستايىدىللىق بىلەن بىرىلگەن جاۋاپ شۇئادەمنى قانچىلىك خوش قىلىۋىتىدىغانلىقىنى  ئويلاپ يىتەلىگەندىلا ھەر ئىككى ئادەم كوڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ.


Rank: 2

تىللا
93
تۆھپە
8
UID
19742
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 13:45:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىدار قۇتلان ئەپەندىنىڭ دىگەنلىرىنى كۆرۇپ شۇنى ھىس قىلدىمكى بىزنىڭ يوللىغان ئىنكاسىمىز ،ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىمىزنىڭ سەۋيىسىگە ۋەكىللىك قىلدىكەن ........


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
709
تۆھپە
282
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 10:54:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئىنتېرنىت تورى ماكان-زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، بىزلەرنى يازما، ئاۋاز، سۈرەتلەر بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، بىرلىكتە ئۆگۈنۈش، قىزغىن ئورتاقلىشىش پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلەپ كىلىۋاتىدۇ.  ئىنتېرنىت تورى ئارىلىقنىڭ، دۆلەت چىگرىسىنىڭ توسقۇنلىغىغا ئۇچرىماي، ئوخشاش تىللىق، ئوخشاش يېزىقتىكى كىشىلەرنى جەم قىلىدىغان، ئويلىغانلىرىنى-بىلگەنلىرىنى باشقىلاردىن ئايىماي بىر-بىرسىنى يىتەكلەيدىغان،  شۇ تىل-مەدەنىيەتكە مۇھەببەت باغلاپ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان تىل بىلەن ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن مەدەنىيەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى تىكلەيدىغان مەيدان ھازىرلاپ بىرىۋاتىدۇ.  كىشىلەر ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، ئۈمىد-تەلپۈنۈشلىرىنى، مۇھەببەت-نەپرىتىنى، توغرا-خاتالىق ئېڭىنى، گۈزەللىك-رەزىللىك قاراشلىرىنى، ياخشىلىق-يامانلىق چۈشەنچىلىرىنى قانچىلىك ئىپادىلىيەلىسە  شۇنچىلىك بايان قىلىشىۋاتىدۇ.
   ھەممىمىزگە مەلۇمكى، نۆۋەتتە  ئۇيغۇر يېزىقىمىز  ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ھەر كۈنى  ئىنتېرنىت تورى دۇنياسى ئارقىلىق  ئەڭ كۆپ ئادەم  كۆرەلەيدىغان ھەم ئىشلىتەلەيدىغان ئىمتىياز - پۇرسەتكە ئىرىشتى. چۈنكى، مەكتەپلەر بىلەن ئىدارە-ئورگانلار ئۇيغۇر يېزىغىنى ئاساسەن بىر چەتكە قايرىپ قويدى.  ئۇيغۇرچە كىتابلار بىلەن گېزىت-ژورناللارنى كۈندە كۆرىدىغانلارنىڭ سانى ئىنتېرنىت تورىغا چىقىپ ئۇچۇر-خەۋەر، تېما-يازما ئوقۇيدىغانلار بىلەن ئىنكاس ئوقۇپ ئىنكاس يازىدىغانلارنىڭ سانىغا يەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرچە  كىتاب، گېزىت-ژورناللارنىڭ سانى-تىراژىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگى، ئاساسەن شەھەر-ناھىيە بازارلىرىدىلا  سېتىلىدىغانلىغى ھەم قانچىلىك كىشىلەرنىڭ تېپىپ كۆرەلەيدىغانلىغى بىزلەرگە نامەلۇم بولمىسا كېرەك.  گېزىتلەر بولسا ئىدارە-ئورگانلار بىلەن يېزا-كەنىت كادىرلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىغا ئۆگەنگەن.   
   ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك،  ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇيالايدىغانلا ئۇيغۇر بولسا، مەيلى يۇرتىمىزدا بولسۇن، مەيلى  ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بولسۇن ياكى چەتئەللەردە بولسۇن ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىگە كىرەلەيدۇ، ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىن  لازىملىق نەرسىلىرىنى تېپىپ ئۆگۈنۈپ ھەم مۇھىم دەپ قارىغانلىرىنى يوللاپ ، زۆرۈر دەپ قارىسا پىكىر قاتناشتۇرۇپ، ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ قىممەتلىك قوراللىغىدىن بەھرىمان بۇلالايدۇ.
  نۆۋەتتە  ھەممىمىزگە مەلۇمكى، مەيلى يۇرتىمىزدىكى ئىدارە-كەسپى ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر بولسۇن ياكى يۇرتىمىزدىكى ئالى مەكتەپلەر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار  بولسۇن، ئۇلارغا  ئۇيغۇر يېزىغىنى ئىشلىتىدىغان ھەم بەھرىمان بۇلىدىغان ئەڭ چوڭ  سەھنە-پۇرسەت ئىنتېرنىتتىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلەر بۇلىۋاتىدۇ. .
    دىمەك، بىز ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى ئانا تىل-يېزىغىمىزدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئاۋام تىلىدىكى قانۇن ۋە ئەخلاققا خىلاپ بولمىغان بايانلىرىنى ئەينەكتەك كۆرەلەيمىز.    ئاۋال گەپنى ئۆزەمدىن باشلىسام، مۇشۇ تورغا چىقىپ مۇنبەرلەرگە قىزىقىپ قالغىلى ئەمدى يېرىم يىل بولدى. مۇنبەرگە قىزىقىپ قېلىشتىن ئىلگىرى قەلەم تۇتۇپ قەغەزگە يېزىپ خەتلىرىمگە يىتىشەلمەي يۈرەتتىم،قەغەز تۇشۇمايتى، بىر پارچە تېمىنى ئۆزەمگە يارىغىدەك قىلىپ يېزىپ بولغىچە نۇرغۇن ئىش قەغەزلىرى يىرتىلىپ كىتەتتى. مۇنبەرگە قىزىقىپ قالغاندىن كىيىن كومپىيوتېردا ئۆز يېزىقىمىزنى يېزىشنى ئۆگىنىشنى باشلىدىم. ۋاستىلىك يازىدىغان ئالتە ھەرىپنى چىقىرالماي تور بەتلىرىگە تىلىفۇن قىلغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. ماقالىرىمنى كومپىيوتېردا ئۇرسام ھەم مۇنبەرلەرگە ئىنكاس يازسام سۈرئىتىم ئاستا ھەم ئىملا خاتالىغىم تولا ئىدى. ئەمما، بۇ كەمچىلىگىمنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن ماقالا يازسام ئاخىرلاشتۇرغۇم كەلمەي يازدىم. ئىنكاس يازسام بىر-ئىككى سۆز ياكى بىر-ئىككى جۈملە يازغىم كەلمىدى. ئەڭ مۇھىمى ئىملايىمنى ياخشىلاش پۇرسىتىنى قولدىن بەرگىم كەلمىدى.
ئۆزەمنىڭ گىپىنى قىلىپ بولدۇم. ئەمدى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىدىغىنىم،  مۇشۇ ئىنكاسلاردا ئىملا خاتالىغىنى بەك كۆپتەك ھىس قىلدىم. مۇنبەردە بىرەسىمىزنىڭ بىرەسىمىزنى ئەيىپلىشىمىز توغرا بولمايدۇ. پەقەت، خاتالىق توغرىلىق پىكىر ئالماشتۇرساق بۇلىدۇ. يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك بىزنىڭ ئۆز يېزىقىمىزنى ئەڭ ئەركىن، ئەڭ كۆپ، ئەڭ كەڭرى ئىشلىتىش مەيدان پۇرسىتىمىز مۇشۇ تور دۇنياسى بۇلىۋاتىدۇ. شۇڭا، مۇشۇ مەيدان-پۇرسەتتىن پايدىلىنىش بىلەن ئۆز يېزىقىمىزنى قىزغىن ئىنكاسچى دوستلارنىڭ قەدىرلىشىنى ئۈمىد-تەۋسىيە قىلىمەن. دىمىسىمۇ بەزى ئىنكاسلاردىكى سۆز-جۈملىلەرنى ئوقۇغۇلى بولماي قالىدىكەن. بەلكىم  بۇ دوستلار ئەتىدىن-كەچكىچە باشقا بىر تىل-مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئوقۇش-خىزمەتلەر بىلەن مەشغۇل بۇلىۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق مۇھىت-شارائىتتا ئانا-تىل يېزىقىدىكى تور بەتلەردىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، پەقەت ئىنتېرنىت تورىدىلا ئۆز يېزىقىنى ئىشلىتىش –يېزىش ئىمكانىيىتىدىن كەڭرى بەھرىمان بۇلالاۋاتقانلىغىدەك خوشاللىغىغا سوغاق سۇ سەپكىمىز يوق. لېكىن، بىز ئۆز يېزىقىمىزنى قەدىرلەش، ھۆرمەتلەش ، ئاسراش-پەخىرلىنىش نۇقتىسىدىن چىققىنىمىزدا ئەستايىدىل ، مەسئۇلىيەتچان بۇلىشىمىز كېرەك. ئالدىراقسانلىق بىلەن پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلساق يېزىقىمىزغا ئويناشقاندەك مۇئامىلە قىلغىنىمىز بۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئىنكاس يازغان ھەم يازالىغان دوستلار  يوللاشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈرۈپ چىقساق بۇلىدۇ. ناۋادا ئۆزىمىز ئىملانىڭ توغرا- خاتالىغىنى بەك بىلەلمىسەك، ئۇيغۇرچە تېما-يازمىلارنى كۆپرەك ئوقۇساق ئانا تىلىمىزدىكى سۆز-جۈملىلەر ئاغزىمىزدىن راۋان-توغرا چىقىدىغان بۇلىدۇ.  يەنە بىر جەھەتتىن ئىنكاسنى بىر-ئىككى سۆز ياكى بىرەر جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇرماي كۆپرەك يېزىشقا ئورۇنساق، ئىملايىمىز ئىختىيارسىز ياخشىلىنىپ كىتىدۇ.  قىسقىسى، ئىملاغا ئەستايىدىل-مەسئۇلىيەتچان  بۇلۇش ئارقىلىق يېزىقىمىزنى ھەم ئۆزىمىزنى قەدىرلىسەك، ئىنكاسنى كۆپرەك يېزىش ئارقىلق ئىملايىمىزنى ياخشىلاش ئۇسۇلىغا ئىگە بۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۆزىمىزنىڭ پىكىر قىلىش، مۇنازىرە-مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدار –تەپەككۇرىمىزنى يۇقۇرى كۆتىرەلەيمىز.
( بۇ باشقا بىر مۇنبەرگە يېزىلغان تېما ئىدى، بۇ تېمىغا مۇۋاپىق كۆرۈپ ئازراق تەھرىرلەپ ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويدۇم.)


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
562
تۆھپە
294
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 14:14:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەقسەت يوللىغان ۋاقتى  2012-7-5 08:54
مۇشۇ ئىنتېرنىت تورى ماكان-زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرى ...

يەنىلا مۇستەقىل تىما سۈپىتىدە يوللىغان بولسىڭىز بولۇپتىكەن، بۇ ئىنكاسڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 16:22, Processed in 0.118770 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991