توپ مەستانىلىرى دىققەت (ھۇررا مارشى)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم ، شىنجاڭ كوماندىسى يېقىندا نۇرغۇنلىغان مۇسابىقىلەرنى ئوينىدى ، توپ مەستانلىرىمۇ مەدەت بېرىشنى ھەممىدىن ئالىي بىلىپ ، مەيداننى ئادەملەر بىلەن تولدۇرغان، قىقاس-چۇقانلار بىلەن مەيداننى بىر ئالماقتا ،لېكىن يەنە شۇ بىر نەرسە كەمدەكلا تۇراتتى ، چەتئەل توپ مەستانلىرنىڭ مەدەت بېرىشى، ناخشا توۋلاشلىرى...كۆزئالدىمدىن كەتمەيتتى. بىزنىڭمۇ شۇلارنىڭدەك ناخشىلىرىمىز بولغان بولسا ،توختىماي توۋلاپ ،داپ-دۇمباقلىرىمىزنى چېلىپ مەيداننى تېخىمۇ زىل-زىلىگە سالغان بولاتتۇق دەپ ئويلايتتىم ئاللاغا شۈكرى يېقىندىلا بىر قانچىلىغان ناخشىلار ئىجاد قىلىندى ،لېكىن سەل بىر قىسمىلا ، تۆنۈگۈن تور ئارىلاپ بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ قالدىم ،(ئالتە شەھەر گۇرۇپپىسى مەخسۇس يازغان ھۇررا مارشى) مىللىي پۇراق ئىنتايىن كۈچلۈك ، بىزگە بەكلا ماس كەلگۈدەك.
سېن لېنتىلاردىن كۆرگەنسىلەر ،ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئادەم ئىنتايىن كۆپ ،لېكىن رېتىملىق ، ئۇدارلىق مەدەت بېرىشلا بەك ئاز ، ھەر ئاۋازلار ھەر تەرپتىن(نەق مەياداندا كۆرگەنلىرىم) ، بىزمۇ مەدەت بېرىشىنى ئەمدىلاتىن باشلاۋاتىمىز، ئىشىنىمەكى كېىيىن چوقۇم ياخشى بولاپ كېتىدۇ،شۇ ۋاقىت كەلگىچە مۇشۇ ناخشىنى ئۆگىنىپ بولسىمۇ ،مەيداننى چاڭ كەلتۈرۋېتەيلى،چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ ، يانفونغا قاچىلاپ ئۆگىنىش بەك ئەپلىك،نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پۇتبول مارشىنى تەڭلا ئېيىتسا شۇنداق ھەيۋەتلىك چىقىدۇ ، شىنجاڭ كوماندىسى ھۇررا....
ئالدېن قېتىمقى مۇسابىقىدىن كېيىن 2 ناخشا ئىجاد قىلىندى ،ئابلىزجان ئېيتقان بىلەن مۇشۇ شۇ،لېكىن باشتىكىسىنى قەتئىي ياقتۇرمىدىم ، بەك ئۇزۇن ھەم توپ مەيدانىدا ئېيتىشقا ماس كەلمىگۈدەك ،ماۋۇنىڭ تېكىستى ئۇدارى ھەر جەھەتتە ماسلىشىدۇ، بىر مەيدان مۇسابىقە 90مېنۇت قانچە ناخشا ئېيتساق بولىۋېرىدۇ، ئاۋۋال مۇشۇنىڭدىن باشلايلى ،قالغىنىنى ۋاقىت ئۆزى ئوڭشا، تېكىستمۇ جىق ئەمەس، شۇڭا تورداشلارنىڭ مۇشۇ ناخشىغا باشقىچە پىكىردە بولماي ،ھازىر بولسىمۇ قوللاپ بېرىشڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن، نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ ناخشىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى ھەم ئۆگىنىپ بولدى ، ھەر بىر قېرنداشنىڭ بۇ ناخشىنى ئۆگىنىش شەرتى ھەم بۇرچى بار دەپ ئويلايمەن ، ئېسىڭلاردا بولسۇن ،بىر ئۇيغۇر بىز ئۈچۈن توپ ئوينىسا ، بىز شۇنىڭ توپ مەستانىسى ، بۇ خەۋەرنىڭ كۆپرەك مۇنبەرلەرگە تارقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، قانچە كۆپ ئادەم ئۆگەنسە شۇنچە ياخشى ، 11 -چېسىلاغا ئازلا قالدى ، تەييارلىقسىز بارمايلى ............
چۈشۈرش ئادرېسى:
http://kuai.xunlei.com/d/PXOINKJYKSMB