تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2567|ئىنكاس: 2

ئاياللار ھەزەر ئەيلەشكە تېگىشلىك 10 تۈرلۈك نادانلىق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
222
تۆھپە
32
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاياللار ھەزەر ئەيلەشكە تېگىشلىك 10 تۈرلۈك نادانلىق


   1. نەق مەيداندىلا قارشى تەرەپنىڭكىنى ھېچنەرسىگە تەڭ قىلماي سۆكۈش: ۋارقىراپ – جارقىراپ يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىسىلا ئەرلەرنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدىغان ئاياللارنى، ئەرلەر قۇتقازغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. گەرچە ئەرلەر دەل شۇ چاغدا سىزنى سۆكمىسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە سىزدىن ئىنتايىن بىزار بولىدۇ، ھامان بىر كۈنى، بۇ ئىشلار يىغىلىپ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر مەيدان جەڭگى – جېدەل يۈز بېرىدۇ.
   2. ئەرلەرگە قول تەگكۈزۈش: بەزى ئاياللار بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۆزىچە ئەرلەرگە بېرىلگەن بىر خىل ئۈنۈملۈك ئاگاھلاندۇرۇش دەپ خام خىيال قىلىدۇ، بىراق مۇشۇ بىر تەستەك بىلەن ئۆزىنىڭ ئەر كىشىنىڭ ئالدىدىكى ھۆرمىتىنى، ئايالىغا بولغان سۆيگۈسىنى مەڭگۈلۈككە يوقىتىدۇ. بەلكىم، سىز ساددىلىق بىلەن بۇ ھەرىكەتنى ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدۇ دەپ بالىلارچە خىيال قىلىشىڭىز مۇمكىن، بىراق «پىچاقنى ئۆزەڭگە سال، ئاغرىمىسا خەققە» دېگەن ماقال ئېسىڭىزدە بولسۇن.
   3. كىچىك ئىشلاردا قەستەن جېدەل تېرىش، چوڭ ئىشلاردا كاللىسىنى ئىشلەتمەسلىك: ئاياللارنىڭ ئىنچىكىلىكىنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ، بىراق ھەددىدىن زىيادە بىرەر ئىشنى ئىنچىكىلەپ تەگەۋېرىش، «چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويۇپتۇ» دېگەندەك بىر ئىش. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا سىز ئەرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئاقىلانىلىكىنى ئېتىراپ قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، ئەگەر سىز كاللىڭىزنى ئىشلىتىپ مۇۋاپىق دەرىجىدە يول قويمىسىڭىز ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزگە يالغۇزلۇق ھەمراھ بولىدۇ، ۋاقتى كەلسە، سىز ھەر قانچە جاپا تارتسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزگە ھەمراھ بولغۇدەك نەرسە تاپالمايسىز.
   4. ھەممە ئىشتا مېنىڭكى راست دەپ بىلىش: ئاياللاردا ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىش، ئائىلىدە ئۆزى ھەمىشە ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ بىلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلىشقا مەپتۇن بولۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئۇ پەقەت بىر ئەپسانىلا خالاس! قارىماققا ئەر كىشى بۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەندەك قىلسىمۇ، بىراق كۆڭلىدە سىزنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىڭىزغا قارىتا نارازىلىقنىڭ بىخلىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلايدۇ، سىزنىڭ مەنمەنچىلىكىڭىز ۋە خالىغانچە قارار چىقىرىشىڭىز، ئائىلىگە بالا – قازا كەلتۈرىدۇ، ئاخىرىغا كەلگەندە «ئېشىكى بەش تەڭگە، توقۇمى ئون تەڭگە» دېگەندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ.
   5. ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى، تۇغقانلىرىغا توغرا پوزىتسىيە تۇتماسلىق: ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىزغا كۈچلۈك مىننەتدارلىقىڭىز بولغان ئايال كىشى بولسىڭىز، لېكىن، ئەر كىشىنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىغا شۇ مىننەتدارلىقىڭىزدىن جاۋاب قايتۇرۇلىشىنى قوشۇمچە شەرت قىلىپ كەمسىتسىڭىز، سىزنىڭ بۇنداق پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشىڭىز بارغانسىرى ئېرىڭىزنىڭ سىزدىن يىراقلىشىشىنى ۋە سىزگە خائىنلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا، سىز يەنە يامان ئاتاققا قېلىپ قالىسىز.
   6. يات جىنىسلار بىلەن بولغان ئالاقىدە پەردىشەپ قويۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك: يولدىشىڭىز باشقا دوستلىرىنىڭ ئالدىدا سىزنى ناھايىتى كەڭ - كۇشادە ھالدا تونۇشتۇرسا، بۇنى ھەرگىزمۇ تامامەن ئىشەنگەنلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىماڭ، ئەگەر سىز بۇ ئارىلىقتىكى پەردىشەپنى ياخشى كونتىرول قىلالمىسىڭىز، ئۇنىڭ كۆزى كىچىكلىكى تۇتۇپ قالسا، تاغنى تالقان قىلىۋېتىپ، كۆڭۈلسىزلىك بىر – بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىۋېرىدۇ. ھەر قانچە ياخشى دوستى بولسىمۇ، ھەممەيلەن ئوخشاشلا بۇ مەسىلگە كەلگەندە بەك ئىچى تار كېلىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ تەبئىيىتى.
   7. كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا ماھىر بولماسلىق: ئەر كىشىمۇ بەزىدە خۇددى يالغۇز بالىدەكلا بولۇپ قالىدۇ، ھەمدە سىزگە ئۆزىنىڭ كۆڭۈل غەشلىكلىرىنى ئېيتىپ، كۆڭلىنى بوشاتماقچى بولىدۇ، بۇنداق چاغدا سىز ناھايىتى تەمكىن ھالدا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ. ئەگەر ئەكسىچە بولغاندا، سىز شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ھېچقانداق تەشۋىشلىرىنى، كۆڭۈل سىرىنى ئاڭلىيالمايسىز، ئەلۋەتتە سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىمۇ ئاشكارلىمايدۇ.
   8. ھەق – ناھاقنى ئايرىماسلىق: توغرا ۋە خاتالىق ئۈستىدە، ئاياللارنىڭ تالىشىش ئىستىكى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ، بىراق بۇ خىل تۇيغۇنى ھەرگىزمۇ ئەر – ئاياللىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىڭىزغا ئارىلاشتۇرماڭ، سىزنىڭ بۇ خىل كۈچلۈك تالاش – تارتىشىڭىز سىزنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئەقىلىسز ۋە جاھىل قىلىپ كۆرسىتىپ قويىدۇ. يۇقارقى ئەھۋالدا ئەر كىشى سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق باھا بەرمەيدۇ.
  9. باشقا ئەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئېرىنى غىدىقلاش: ئەرلەردىكى ئاتىلىق ھورمۇن ھەرگىزمۇ باشقا يەنە بىر ئەر كىشىنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قىلىشتەك ئاھانەتنى سىغدۇرالمايدۇ. ئەگەر سىز بۇ خىل غىدىقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى، كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭدا سىز چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىسىز، ئۇنىڭ كۆڭلى بۇ خىل پوزىتسىيەگە ئۇچرىغان ھامان تاشتەك قاتىدۇ، بۇ كۆڭۈل پەقەتلا ئۆچمەنلىكنىلا سىغدۇرالايدۇ.
   10. چىشىنى چاققاننىڭ چىشىنى چېقىش: گەرچە سۆيگۈنى ئىپادىلەشتە قەيسەر، ئۆچمەنلىكنى ئىپادىلەشتە كەسكىن بولسىڭىزمۇ، بىراق كۆپىنچە ئىشلاردا ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىشلارنى ھەل قىلىشى ياخشى ئەمەس. چۇنكى ئائىلىدە سەۋر – تاقەت قىلىش، ئىككى ئېغىز سۆزدىن قېلىش، ئىناق ئائىلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىت بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ.


ئالىمجان نەسىردىن تەرجىمىسى



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1081
تۆھپە
782
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر ئايال  كىشىنىڭ كۆڭۈللىرگە اللە ئىنساپ ،ئىمان ،شەرمى- ھايا  ئاتا قىلسۇن .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 2

تىللا
89
تۆھپە
52
UID
2700
يوللىغان ۋاقتى 11 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەمدى تەڭىرتاغققا  .                                                                                            
تەڭىرتاغ ئۈستىگە چىقتىم بىركۈنى.
پېتىۋاتقان زەر قۇياشنى كۆرمەككە.
پەسلە ۋاتقان ئوت شارغا ئەگىشىپ.
بىر شېىر ئۇرغۇپ چىقتى يۈرەكتە.

چەكسىز گۈزەل تەڭىرتاغ ئۈچۈن تەبىئەت.
قۇچاقلىغان تۈرلۈك تۇيغۇ پىكىرنى .
ھېسياتسىز ئەخمەقلەرگە مىڭ ئەپسۇس،
چۈشەنمەيدۇ ھىسيات تۇيغۇ پىكىرنى.

مەزمۇنىدا تېىما يولىغۇچى سۆزلىنەر.
يۇلۋاس مىنىپ'' '' '' يۇلىغۇچى چىققان تەڭىرى تىغىغا.
ئاخىرى چارچاپ يىقىلىپتۇ يۇلۋاس جان
' ' ' يۇلغۇچى ئۇنى يۈدۈپ ماڭغان مەنزىلگە  ___   ۋاي تۇۋا

ئوبزورچى گە چاقچاقلىق ئۇخشتۇش ئوبزورچىلار ھېكايە يازغۇچىلارنىڭ ئەكىسى بولۇپ ،ھېكايە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىن ئۆزلىرى تاپالايدىغان نەرسىلەرنى ئەمەس ،بەلكى تېپىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ تاپىدۇ .(يۇقىردىكى قايسسى خەتلەرنىڭ ئىملاسى خاتتا كەن تىپىشماق)
2 .ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ئەسەرلەرنى ئۆزىمۇ ئاڭقىرالمايدىغان نۇقتىنەزەرلەر بىلەن باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بەرگۈچى (يۇقىردىكى خەتلەرنېڭ قايسسىنىڭ ئىملاسى خاتا كەن ؟)

تېما يولىغۇچىلارنىڭ تىمىسىنى ئۈچۈرۈش قايتتا قايتتا تۈزتۈپ يۇلىسىمۇ .قەتتئى كەسكىن تەھرىرلمەسلىككە چاقچاقى ھەجىۋى ئۇخشىتىش .بىرخىل ئالىيجاناب ئەخلاق بولۇپ ئادەتتە يۇلىغۇچىلارنىڭ خۇسۇسى تىمىلىرىگە (يۇلىغان تېمىلىرگە) ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىگە قاتتىق كۆڭۈل بۈلۈپ تۇرشىنى كۆرسىتىدۇ.،]
ئىسىت كۈندە ئالتۇن ۋاقتىمنى چىقىرىپ قىلدىغان 2.3 سائەت ئەمگىكىم


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 12:12, Processed in 0.075381 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991