تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 748|ئىنكاس: 2

مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھېكمەتلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1363
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئەدەپنىڭ مۇھىملىقى ھەمراھ تاللاشتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. خانىملارنىڭ ئۆز كۈيۆسىگە خۇددى يات ئادەملەردەك ئەدەپلىك مۇئامىلىدە بولۇشىنى تىلەيمەن، ھەرقانداق ئەر ۋات-ۋات خوتۇندىن بىزار.
    ۋالتېردا مىروسىچ خانىم

    ئاياللار تۇغۇلغان كۈنى بىلەن نىكاھلانغان خاتىرە كۈنىنى ناھايىتى مۇھىم بىلىدۇ. سەنن نۇرغۇن كۇنلەرنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويۇشۇڭ مۇمكىن. بۇ مەيلى، لېكىن خوتۇنۇڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ھەمدە ئۆزۈڭ توي قىلغان يىل، ئاي، كۈننى زادى ئۇنۇتما.
    دېئېل كارنېگ

    ھەممە ئادەمدە ئاجىزلىق بولىدۇ. كىمكى كەمچىلىكى يوق دوست تاپىمەن دەيدىكەن، بۇ مۇمكىن ئەمەس، گەرچە خاتالىقىمىز بولسىمۇ ئۆزىمىزنى سۆيىمىز، شۇڭا دوستلارغىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن كۆيۈنۈشىمىز لازىم.
    سېرۇس

    ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ماھىيىتى ــــ ھۆرمەتلىنىشكە تەشنا بولۇشتۇر.
    ۋىليام جامېس

    ياشاش پەقەت نەپەس ئېلىشلا ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت قىلىش. ئەزالىرىمىز، سەزگۈ ئىقتىدارىمىزنى، ۋۇجۇدىمىمىزدىكى ھەر بىر ئۈلۈش سەزگۈمىزنى ئىشقا سېلىش لازىم. ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەنلەر ئەڭ كۆپ يىللارنى سانىغانلار ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىن ئەڭ كۆپ بەھرىمەن بولغانلاردۇر.
    رۇسسۇ

    تۇرمۇش خۇددى ئەينەككە ئوخشايدۇ. سەن ئۇنىڭغا قاراپ يىغلىساڭ، ئۇ ساڭا قاراپ يىغلايدۇ. سەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلسەڭ، ئۇ ساڭا قاراپ كۈلىدۇ.
    دېئېل كارنېگ

    قىممىتىڭنى قەدىرلەيمەن دېسەڭ، دۇنياغا قىممەت يارىتىپ بېرىشىڭ كېرەك.
    گېنتى

    ئەخلاق تولا چاغلاردا ئەقىلنىڭ كېمىنى تولۇقلايدۇ. ئەمما ئەقىل ئەخلاقنىڭ كېمىنى مەڭگۈ تولدۇرالمايدۇ.
    دانى

    سىلىق، يېقىملىق پوزىتسىيە ــــ مەڭگۈلۈك تونۇشتۇرۇش خېتىدۇر.
    ئېدىسۇن

    سەمىمىيلىككە سۈرمە كەتمەيدۇ، گۈزەللىككە ئۇپا.
    شېكىسپىر

    بىر ئادەم خۇددى كەسىر سانغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى سۈرەتكە، ئۆزىگە بەرگەن باھاسى مەخرەجگە ئوخشايدۇ. مەخرەخ قانچە چوڭ بولسا، كەسىر قىممىتى شۇنچە كىچىك بولىدۇ.
    لېف تولىستوي

    خوشامەت بىر خىل يالغان پۇل، ئۇ پەقەت شۆھرەتپەرەسلەر ئارىسىدا ئۆتىدۇ.
    لاروچفۇك

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
326
تۆھپە
155
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 15:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى باركەن. بىلىۋالدىم.


Rank: 2

تىللا
89
تۆھپە
52
UID
2700
يوللىغان ۋاقتى 11 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەمدى تەڭىرتاغققا  .                                                                                            
تەڭىرتاغ ئۈستىگە چىقتىم بىركۈنى.
پېتىۋاتقان زەر قۇياشنى كۆرمەككە.
پەسلە ۋاتقان ئوت شارغا ئەگىشىپ.
بىر شېىر ئۇرغۇپ چىقتى يۈرەكتە.

چەكسىز گۈزەل تەڭىرتاغ ئۈچۈن تەبىئەت.
قۇچاقلىغان تۈرلۈك تۇيغۇ پىكىرنى .
ھېسياتسىز ئەخمەقلەرگە مىڭ ئەپسۇس،
چۈشەنمەيدۇ ھىسيات تۇيغۇ پىكىرنى.

مەزمۇنىدا تېىما يولىغۇچى سۆزلىنەر.
يۇلۋاس مىنىپ'' '' '' يۇلىغۇچى چىققان تەڭىرى تىغىغا.
ئاخىرى چارچاپ يىقىلىپتۇ يۇلۋاس جان
' ' ' يۇلغۇچى ئۇنى يۈدۈپ ماڭغان مەنزىلگە  ___   ۋاي تۇۋا

ئوبزورچى گە چاقچاقلىق ئۇخشتۇش ئوبزورچىلار ھېكايە يازغۇچىلارنىڭ ئەكىسى بولۇپ ،ھېكايە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىن ئۆزلىرى تاپالايدىغان نەرسىلەرنى ئەمەس ،بەلكى تېپىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ تاپىدۇ .(يۇقىردىكى قايسسى خەتلەرنىڭ ئىملاسى خاتتا كەن تىپىشماق)
2 .ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ئەسەرلەرنى ئۆزىمۇ ئاڭقىرالمايدىغان نۇقتىنەزەرلەر بىلەن باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بەرگۈچى (يۇقىردىكى خەتلەرنېڭ قايسسىنىڭ ئىملاسى خاتا كەن ؟)

تېما يولىغۇچىلارنىڭ تىمىسىنى ئۈچۈرۈش قايتتا قايتتا تۈزتۈپ يۇلىسىمۇ .قەتتئى كەسكىن تەھرىرلمەسلىككە چاقچاقى ھەجىۋى ئۇخشىتىش .بىرخىل ئالىيجاناب ئەخلاق بولۇپ ئادەتتە يۇلىغۇچىلارنىڭ خۇسۇسى تىمىلىرىگە (يۇلىغان تېمىلىرگە) ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىگە قاتتىق كۆڭۈل بۈلۈپ تۇرشىنى كۆرسىتىدۇ.،]
ئىسىت كۈندە ئالتۇن ۋاقتىمنى چىقىرىپ قىلدىغان 2.3 سائەت ئەمگىكىم


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 12:15, Processed in 0.070221 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991