تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 4743|ئىنكاس: 8

‹‹ئالىم دوكتۇر›› مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش تاماملىدى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1363
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 09:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    شىنجاڭ ‹‹ئالىم دوكتۇر›› كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىدىكى 2-، 3-قارارلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش تاماملىدى


    تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرى توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىتتىپاق يولىغا جايلاشقان ‹‹زۇمەر›› مۇزىكىلىق ئارامگاھىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوزۇقشۇناسلىق كەسپىي ساھەسىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش يولىدا تىرىشىۋاتقان، ئۇيغۇرلاردا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى ـــ شىنجاڭ ‹‹ئالىم دوكتۇر›› كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ 2-، 3-قارارلىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.


4.jpg



    مۇراسىمغا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوزۇقلۇق ۋە يېمەكلىك ئىلمى كافىدىراسىنىڭ مۇدىرى، ئوزۇقشۇناسلىق دوكتۇرى، شىنجاڭ ‹‹ئالىم دوكتۇر›› كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم پەتتار، شىنجاڭ ئەلدوست بىيو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، ئوزۇقشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى ياسىنجان كېرەم، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىن خەمىدە خانىم، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن پەخرىنسا خانىم، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئوسمان ئەپەندىم قاتارلىقلار، شۇنداقلا تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مىسرانىم تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار، شىنجاڭ ‹‹ئالىم دوكتۇر›› كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ، 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.


2.jpg


    مۇراسىمدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوزۇقشۇناسلىق دوكتۇرى، شىنجاڭ ‹‹ئالىم دوكتۇر›› كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم پەتتار ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمىي بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تېخى بىر يېڭى ساھە بولۇپ، ئۇنىڭ خەلقىمىزگە ئومۇملىشىشغا بىر جەريان كېتىدۇ. مەكتىپىمىز قۇرۇلۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىتتىلا بىز 370 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ساۋاتلىرى بويىچە تەربىيەلىدۇق. مەيلى ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، مەيلى جەمئىيەتتىكى كىشىلەر بولسۇن قىزغىن قوللاپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ كەلدى. ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بۇ ساھەگە بولغان قىزىقىشى ئىنتايىن كۈچلۈك، بۇ بىر ياخشى ئەھۋال. بۇ ئەھۋال ماڭا تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلىمەكتە. مەن بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەكتەپنى يەنىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى يەنىمۇ ياخشى تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ساھەسىگە بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇشقا تىرىشىمەن.
    شىنجاڭ ئەلدوست بىيو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، ئوزۇقشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى ياسىنجان كېرەم ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىسى ۋە تەتقىقات يەكۈنىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى ئىلمىي ئوزۇقلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ساغلاملىققا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىق تەرەپلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
    مېھمانلار سۆزگە تەكلىپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن 2-، 3-قاراردا ئوقۇش تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى تارقىىتىپ بېرىلدى. مۇراسىمدا يەنە بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان مول مەزنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا ئۆزگىچە بەدىئىي زوق ئاتا قىلدى.

    شىنجاڭ ‹‹ئالىم دوكتۇر›› كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى ھەققىدە:

    ئوزۇقشۇناسلىق كەسپى بولسا ئوزۇقلۇققا يېتەكچىلىك قىلىش، ئوزۇقلۇق، يېمەكلىك بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى تارقىتىش، خەلق ئاممىسىنى ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تارقىتىش ۋە مەسلىھەت بېرىش، ئوزۇقلۇق ئارقىلىق كېسەل داۋالاش قاتارلىق تۈرلەرگە چېتىلىدىغان ئەھمىيىتى زور كەسىپ بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىككى مىليون ئوزۇقشۇناشقا جىددىي ئېھتىياجلىقكەن. ئاپتونوم رايونىمىزلا 70 مىڭ ئوزۇقشۇناسقا جىددىي ئېھتىياجلىقكەن.
    مانا مۇشۇنداق بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوزۇقشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى ئالىم پەتتار 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆزىنىڭ نامىنى قوللىنىپ شىنجاڭ ‹‹ئالىم دوكتۇر›› كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرۇپ، ئوزۇقشۇناسلىق كەسپى بويىچە رەسمىي تەربىيەلەشنى باشلىغانىدى. بۇ مەكتەپتە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسور، دوكتۇرلىرى تەكلىپ بىلەن دەرس ئۆتىدىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى مەملىكىتىمىز بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپلا قالماي، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە دەرس بېرىشتەك ئالاھىدىكى بىلەن ھەر قايسى جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنۈپ كەلدى. مەكتەپ ئوقۇش باشلاپ ھازىرغىچە ئۈچ قارادا جەمئىي 370 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىغا ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ‹‹ئالىم دوكتۇر›› كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئوزۇقشۇناسلىق بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

    مۇراسىم جەريانىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر:

1.jpg

3.jpg
5.jpg
6.jpg
7.jpg
8.jpg
9.jpg
10.jpg
11.jpg
12.jpg
13.jpg
14.jpg
15.jpg
16.jpg
17.jpg







شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
467
تۆھپە
279
UID
461
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا دىيارىمىزدا بۇنداق مەكتەپنىڭ بارلىقىنى ھەجەپ بىلمەيدىكەن . قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك ياشاۋاتىمەنمۇ نىمە مەن ؟
===========
مەكتەپ ۋە ساۋاقداشلارغا بەخىت ۋە ئامەت تىلەيمەن !!!!!!!!!!!!


Rank: 2

ئىسىمى
ت. غۇجائەھمەد
تىللا
78
تۆھپە
47
UID
15838
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ماقالىنى تېمىسىنى ئوقۇپ ھەيران قالغانتىم ، چۈنكى ماقالە تېمىسىدا ‹ ئالىم دوكتۇر › دىسە  ‹ ئالىم › ،‹ دوكتۇر › تەربىيەلەيدىغان ئوخشايدۇ -- دەپ قاپتىمەن ، ئەسلى ئالىم ئەپەندىنىڭ ئۆز نامىدا ئاچقان ‹ دوكتۇر › تەربىيەلەش ئىكەنلىگىنى ماقالىنى ئوقىغاندىن كىيىن بىلىدىم .   مىللىتىمىز ئىچىدىنمۇ ‹ دوكتۇر ، ئالىم› لارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ھەمىمىز تۇلۇمۇ ئۈمۈت قىلىمىز . تېما ئىگىسىگە شۇنداقلا جاپاكەش مۇنبەر ئەھلىگە رەخمەت .


Rank: 2

تىللا
160
تۆھپە
25
UID
671
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەكتەپنىڭ تەپسىلاتىنى قايسى تور بىكەتتىن تولۇق چۈشەنگىلى بولىدۇ ،مۇمكىن بولسا تەمىنلىگەن بولسىڭىز !{


Rank: 1

تىللا
20
تۆھپە
2
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 15:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامانىۋى پەن-تىخنىكا بىلىملىرى بىلەن قۇراللانغان ،يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئۇرپى-ئادەتلەرنى نەزەردە تۇتقان،نىسبى خاسلىققا ئىگە ئۇيغۇر ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمى ۋە تىخنىكىسىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە،تەدىرىجى دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تىلەكداشمىز.


Rank: 4

تىللا
312
تۆھپە
157
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sabah507 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-4 14:44
بۇ مەكتەپنىڭ تەپسىلاتىنى قايسى تور بىكەتتىن تولۇق چۈش ...

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىگەللىسىڭىز بولۇرمىكىن.


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
394
تۆھپە
211
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم دۇكتۇردەك دوكتۇرلارنىڭ كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن


Rank: 2

تىللا
89
تۆھپە
52
UID
2700
يوللىغان ۋاقتى 10 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەمدى تەڭىرتاغققا  .                                                                                            
تەڭىرتاغ ئۈستىگە چىقتىم بىركۈنى.
پېتىۋاتقان زەر قۇياشنى كۆرمەككە.
پەسلە ۋاتقان ئوت شارغا ئەگىشىپ.
بىر شېىر ئۇرغۇپ چىقتى يۈرەكتە.

چەكسىز گۈزەل تەڭىرتاغ ئۈچۈن تەبىئەت.
قۇچاقلىغان تۈرلۈك تۇيغۇ پىكىرنى .
ھېسياتسىز ئەخمەقلەرگە مىڭ ئەپسۇس،
چۈشەنمەيدۇ ھىسيات تۇيغۇ پىكىرنى.

مەزمۇنىدا تېىما يولىغۇچى سۆزلىنەر.
يۇلۋاس مىنىپ'' '' '' يۇلىغۇچى چىققان تەڭىرى تىغىغا.
ئاخىرى چارچاپ يىقىلىپتۇ يۇلۋاس جان
' ' ' يۇلغۇچى ئۇنى يۈدۈپ ماڭغان مەنزىلگە  ___   ۋاي تۇۋا

ئوبزورچى گە چاقچاقلىق ئۇخشتۇش ئوبزورچىلار ھېكايە يازغۇچىلارنىڭ ئەكىسى بولۇپ ،ھېكايە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىن ئۆزلىرى تاپالايدىغان نەرسىلەرنى ئەمەس ،بەلكى تېپىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ تاپىدۇ .(يۇقىردىكى قايسسى خەتلەرنىڭ ئىملاسى خاتتا كەن تىپىشماق)
2 .ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ئەسەرلەرنى ئۆزىمۇ ئاڭقىرالمايدىغان نۇقتىنەزەرلەر بىلەن باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بەرگۈچى (يۇقىردىكى خەتلەرنېڭ قايسسىنىڭ ئىملاسى خاتا كەن ؟)

تېما يولىغۇچىلارنىڭ تىمىسىنى ئۈچۈرۈش قايتتا قايتتا تۈزتۈپ يۇلىسىمۇ .قەتتئى كەسكىن تەھرىرلمەسلىككە چاقچاقى ھەجىۋى ئۇخشىتىش .بىرخىل ئالىيجاناب ئەخلاق بولۇپ ئادەتتە يۇلىغۇچىلارنىڭ خۇسۇسى تىمىلىرىگە (يۇلىغان تېمىلىرگە) ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىگە قاتتىق كۆڭۈل بۈلۈپ تۇرشىنى كۆرسىتىدۇ.،]
ئىسىت كۈندە ئالتۇن ۋاقتىمنى چىقىرىپ قىلدىغان 2.3 سائەت ئەمگىكىم


Rank: 2

تىللا
89
تۆھپە
52
UID
2700
يوللىغان ۋاقتى 10 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنى يۇلىسام ئۈچەسەڭلار .ئىلمى ئۈچۈرلىدۇ جەميەتتىكى ئىشلار ئۈچۈرلىدۇ .نىمە يۇللايمەن ئەمدى لۈكچەكلەرنىڭ ئۇغرى يانچۇقچىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى يۇلامدىم ھىىىىىىىىييييييييي ئۇنداق بونداق دەيسىلە ئارتۇق گەپ قىلماڭلا بولدى بىر تىمىغا 5 مىنۇت كەتمەيدىكەن مىنداق 1.2 سا ئەت كىتىدىكەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 12:12, Processed in 0.099198 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991