تورداشلارنىڭ مەسلىھەتىگە مۇھتاجمەن
كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدا تورداشلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك بىلىدىغان ، لېكىن مەن بىلەلمەيۋاتقان ، ياشلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئاددىي ، ئوڭاي بولغان ، لېكىن ماڭا نىسبەتەن تەس بولۇۋاتقان بىر مەشغۇلات ئۈستىدە تورداشلاردىن ياردەم سورىماقچىمەن .
مەن بولسام كومپيۇتېرنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنۋاتقان بىر پېنسيۇنېر . بۇ يەردىكى " 0 " نىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى تورداشلارغا چۈشىنىشلىك بولسا كېرەك . ئەينى يىللاردا كومپيۇتېرنىڭ تېخى رايونىمىزغا كىرمىگەنلىكى ، كىرگەن بولسىمۇ ئومۇملاشمىغانلىقى ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ، ماڭا كومپيۇتېر ئۆگىنىش نېسىپ بولمىغان . بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەتكە نەزەر سالسام ، پۈتكۈل جەمئىيەت كومپيۇتېرلىشىپ كەتكەندەك ، ئۆزۈم بولسام خۇددى جەمئىيەتنىڭ ئارقىسىدا قالغان ساۋاتسىز ئادەمدەك ھېسىياتقا كېلىپ قالدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پەرزەنتلىرىممۇ يىراقتا بولۇپ قالدى ، ئۇلار بىلەن كومپيۇتېر ئارقىلىق دىدارلىشىپ تۇرۇش ئىستىكى تۇغۇلدى . مانا بۇ مېنىڭ كومپيۇتېر ئۆگىنىشىمگە تۈرتكە بولغان بىر سەۋەپ .
مەن كومپيۇتېر سېتىۋالغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇرچە كىتاپلاردىن پايدىلىنىش ، باشقىلاردىن سوراش ئارقىلىق ، ھازىر كومپيۇتېردا خەت ئۇرۇش ، تورغا چىقىش ، ئېلخەت يوللاش ، ۋىدېئو ئارقىلىق پاراڭلىشىش ، بلوگ يوللاش قاتارلىق ئاددى كومپيۇتېر مەشغۇلاتلىرىنى قىلالايدىغان بولدۇم . ئەمما ، ئۆزۈمنى بۇ جەھەتتە دەڭسەپ كۆرىدىغان بولسام ، كومپيۇتېر ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرىمدىن بىلمەيدىغانلىرىم ناھايىتى كۆپكەن ، ئاددىيسى : كومپيۇتېرغا دائىر ، تور بېكەتلىرىگە دائىر خېلى كۆپ ئاتالغۇلارمۇ تېخى ماڭا ناتونۇش ئىكەن . شوڭا ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشىمگە ، ئىزدىنىشىمگە توغرا كېلىدىكەن .
ئىلگىرىكى كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن ، مەن سۈرەت تارتىشقىمۇ قىزىقاتتىم . كومپيۇتېرىمنى ئىنتېرنىت تورىغا كىرگۈزىدىغان چاغدا ، تېلىگىراف شىركىتىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن " خۇاۋېي8650 " تىپلىق ئەقلى ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سېتىۋېلىپ ، ئۆيدە ۋە سىرتتا بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تارتتىم ، بۇ سۈرەتلىرىمنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ساقلاپ قويماقچى ۋە يىراقتىكى پەرزەنتلىرىمگە يوللاپ بەرمەكچى بولغانىدىم . بىراق ، يان تېلېفوندىكى سۈرەتنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش مەشغۇلاتى ماڭا بەك تەسكە چۈشۈۋاتىدۇ . ئۇيغۇرچە كىتاپلاردا يېزىلغان " ھۆججەت قۇرۇش " ، " قاتتىق دىتال قوشۇش " دېگەندەك مەشغۇلات تەرتىپلىرىنى قايتا-قايتا ئىشلەپ سىناپ باقتىم ،بىراق نىمە سەۋەپتىنكىن ، يان تېلېفوندىكى سۈرەتنى كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا مۇمكىن بولماي قالدى . بۇنىڭدىكى سەۋەپ زادى نەدە ، ھېچ بىلەلمەيۋاتىمەن . شۇڭا ، تورداشلاردىن ياردەم سوراش نىيىتىگە كېلىپ ، بۇ يازمامنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .كومپيۇتېرغا سۈرەت قاچىلاشنىڭ كونكىرىت مەشغۇلات قائىدىسى ، قەدەم باسقۇچلىرى توغرىسىدا تورداشلارنىڭ مەسلىھەت كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .