پاجىئە
(ھېكايە)
ياز پەسلىدە سەھرانىڭ مەنزىرىسى ئاجايىپ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. سىزمۇ ئويلاپ قالىسىز، دەم ئېلىش كۈنلىرى تېزراق كەلسە، مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ چارچىغان مېڭەمنى ئارام ئالدۇرۇپ كەلسەم، سەھرادىكى ئاشۇ ئىللىق قۇملارغا باغرىمنى ياقسام، چىملىق- چىمەنلىكلەردە يېتىپ ئېغىناپ باقسام دەپ .
يۇرتتىكى كىشىلەر بۇ جاينى«جاڭگال» دەپ ئاتايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ جاي مال-چارۋا بېقىشقا، ياز كۈنلىرى ساز-پاز ئاڭلىغاچ بىر ھەپتىلىك خىزمەت بىسىمىدىن چارچىغان مېڭىمىزنى ئارام ئالدۇرۇشقا تازا باپ كېلىدۇ.
بۇ جاينىڭ بىر تەرىپىدە غەربتىن شەرققە سوزۇلۇپ ئاقىدىغان كىچىك دەريا، دەريانىڭ جەنۇب تەرىپىدە كەڭرى كەتكەن چىملىق، دەريانىڭ شېمال تەرىپىدە بولسا كىمدۇر بېرى قويۇق سايە تاشلىغان سۆگەت دەرىخىنىڭ ئاسىتىغا ياساپ قويغان ئۈستى تەرىپى يېپىلىپ،ئاستىدى تەرىپى قاتۇرۇلغان كىچىككىنە مەيدان بار.
مانا بۇنى كىشىلەر«ئارام جاڭگال رېستۇرانى»دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ يەرنى ياز كۈنلىرى يۇرتتىكى ياش بالىلار، ناھىيە، شەھەردىن كەلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان ئورۇن قىلىۋالغان.
بۈگۈنكىدەك دەم ئېلىش كۈنى غەيرەت دادىسىنىڭ تاپشۇرىقى بويىچە بۇ «جاڭگال»غا ئېشىكىنى بېقىشقا ئېلىپ چىقتى. كۈننىڭ قىزدۇرىشىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن غەيرەت ئەپلىك بىر جاينى تاللاپ ئېشەكنىڭ ئارغامچىسىنى بېلىگە باغلاپ دەريا قىرغىقىدا ئولتۇرۇپ سۇ ئىچكەچ پۇتىنى مۇزدەك سۇغا چىلاپ تۇردى-دە، ئېشەكىنىڭ ئوت يېيىشىگە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئېشىكىنى قىرغاقتىكى دەرەخكە باغلاشنى ئۇنتۇپ ئەتىگەن ئېلىۋالغان ھېكايە كىتابىنى يېنىدىن چىقىرىپ ئوقۇشقا باشلىدى.
ئەپسۇس، ئۆزىنىڭ قانداق قىسمەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن غەيرەت كىتابقا بېشىچە كىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ دەرەخلەرگە، چاتقاللىقلارغا ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ بارا-بارا ھالسىزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئېشەك تەرىپىدىن سۆرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدى. بىراق ئۇ كىچىككەن بولۇپ، يىراقتىن ھاڭرىغان ئېشەكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان بۇ ئېشەكنىڭ ئېشەكلىكى تۇتۇپ،ئاۋاز چىققان تەرەپكە جېنىنىڭ بارىچە چېپىشقا باشلىغان ئىدى......
بىر نەچچە سائەت ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ، سۆرۈلۈپ قالغان غەيرەت ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىغا چىققان مەزگىلدە ساۋاقداشلىرىنى،ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى داغدا قويۇپ بۇ دۇنيادىن مەڭگۈگە خوشلاشتى.....
مەنبە: ئۆزۈم