تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 663|ئىنكاس: 1

شاراپ تىلى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
217
تۆھپە
83
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شاراپ تىلى


مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


كەلتۈرۈپ ساقىي بۈگۈن ئاچچىق شاراپتىن قۇيغىنا،
كەتكۈسى تەشۋىش تۈگۈن، پېشىمنى تارتىپ قۇيغىنا.
ھەق دېگەن لەۋلەردە گەز، مەن قاناي مەينى يۇتۇپ
قانمىسام  شېشىسىنى ئەقلىمگە سانجىپ قويغىنا.



ساقىيا،مەي  ھىدىدىن مەي ئىچمەي مەستمەن بۈگۈن،
سەزگۈلەر ئۆلسۈن، بىرپەس مېنى بەزلەپ قويغىنا.
دوستتىن ھەسرەت شارابى، ئەمدى قولۇڭدىن ئىچەي،
خىياللار يوقالسا گەر، مېنى مەستلەپ قويغىنا!




نامەرتلەر كۆرگەي تاماشا،كۆڭۈلدەك  قارا بۇ تۈن،
ئاي بىلەن سىرداشقىلى ساقىي،شارابىڭنى قۇيغىنا.
مەن قايتتىم تەبىئەتكە، قالسۇن ساختىپەز كىشىلىك،
تۇتۇلسۇن شاراپتا تىل ،ساقىي شاراپنى قۇيغىنا!


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
89
تۆھپە
52
UID
2700
يوللىغان ۋاقتى 10 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەمدى تەڭىرتاغققا  .                                                                                            
تەڭىرتاغ ئۈستىگە چىقتىم بىركۈنى.
پېتىۋاتقان زەر قۇياشنى كۆرمەككە.
پەسلە ۋاتقان ئوت شارغا ئەگىشىپ.
بىر شېىر ئۇرغۇپ چىقتى يۈرەكتە.

چەكسىز گۈزەل تەڭىرتاغ ئۈچۈن تەبىئەت.
قۇچاقلىغان تۈرلۈك تۇيغۇ پىكىرنى .
ھېسياتسىز ئەخمەقلەرگە مىڭ ئەپسۇس،
چۈشەنمەيدۇ ھىسيات تۇيغۇ پىكىرنى.

مەزمۇنىدا تېىما يولىغۇچى سۆزلىنەر.
يۇلۋاس مىنىپ'' '' '' يۇلىغۇچى چىققان تەڭىرى تىغىغا.
ئاخىرى چارچاپ يىقىلىپتۇ يۇلۋاس جان
' ' ' يۇلغۇچى ئۇنى يۈدۈپ ماڭغان مەنزىلگە  ___   ۋاي تۇۋا

ئوبزورچى گە چاقچاقلىق ئۇخشتۇش ئوبزورچىلار ھېكايە يازغۇچىلارنىڭ ئەكىسى بولۇپ ،ھېكايە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىن ئۆزلىرى تاپالايدىغان نەرسىلەرنى ئەمەس ،بەلكى تېپىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ تاپىدۇ .(يۇقىردىكى قايسسى خەتلەرنىڭ ئىملاسى خاتتا كەن تىپىشماق)
2 .ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ئەسەرلەرنى ئۆزىمۇ ئاڭقىرالمايدىغان نۇقتىنەزەرلەر بىلەن باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بەرگۈچى (يۇقىردىكى خەتلەرنېڭ قايسسىنىڭ ئىملاسى خاتا كەن ؟)

تېما يولىغۇچىلارنىڭ تىمىسىنى ئۈچۈرۈش قايتتا قايتتا تۈزتۈپ يۇلىسىمۇ .قەتتئى كەسكىن تەھرىرلمەسلىككە چاقچاقى ھەجىۋى ئۇخشىتىش .بىرخىل ئالىيجاناب ئەخلاق بولۇپ ئادەتتە يۇلىغۇچىلارنىڭ خۇسۇسى تىمىلىرىگە (يۇلىغان تېمىلىرگە) ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىگە قاتتىق كۆڭۈل بۈلۈپ تۇرشىنى كۆرسىتىدۇ.،]
ئىسىت كۈندە ئالتۇن ۋاقتىمنى چىقىرىپ قىلدىغان 2.3 سائەت ئەمگىكىم   ئۇنى يولىسام ئۈچۈرسىلە بونى يولىسام ئۈچۈرسىلە نىمە يولىلايمەن مەن بى ئوغرى يانچۇقچى باسقۇنچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى يولىماتىمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 12:17, Processed in 0.068497 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991