كۆرۈش: 8687|ئىنكاس: 16

ئانىڭىزغا تىلەك تىلەڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5663
تۆھپە
2502
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 10:44:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانىڭىزغا تىلەك تىلەڭ


104718p05xh6wh5w15k4yn.jpg



    ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنساندۇر، ئانىلارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرىنى تەرىپلىسەك تۈگىمەيدۇ. لېكىن بىز ئانىلىرىمىز ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەردۇق؟ مانا بۇ ھەر بىر پەرزەنت ئەستايىدىل ئويلىشىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
    سىز ئانىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلەمسىز ؟ ئانىڭىزنىڭ قان تىپىنى بىلەمسىز؟ ئانىڭىزنىڭ نېمىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئانىڭىزنىڭ قايسى تاماقنى ياقتۇرۇپ يەيدىغانلىقىنىچۇ؟ ئۇنىڭ نەچچىنچى نومۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغانلىقى، قايسى خىل كىيىمنى ياقتۇرۇپ كىيىدىغانلىقى ، قايسى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بەك ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟؟؟ يۇقىرىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ بېقىڭ، قېنى سىز قانچىسىگە توغرا جاۋاب بېرەلەيسىزكىن؟ 13-ماي ئانىلار بايرىمى يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا . ئانىڭىزغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟ ئانىڭىزنىڭ بىلەن سىز ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئەڭ تەسىرلىك ئىشنى ئەسلىيەلەمسىز ؟ قېنى سىزنىڭمۇ ئانىڭىز بار، ئانىڭىز ئۈچۈن تىلەك تىلەڭ.
    بۇنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىچە : ( ئۆزۈمنى مىسالغا ئالدىم )
    ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى : 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
    قان تىپى : a
    ئانامنىڭ ياقتۇرىدىغان ئىشى: تېلېۋىزور كۆرۈش، كىتاب ئوقۇش
    ئانامنىڭ ياقتۇرىدىغان تامىقى: لەغمەن، سۇيۇقئاش
    ئانامنىڭ ئايىقىنىڭ نومۇرى: 36
    ئانامغا دەيدىغان يۈرەك سۆزۈم: ئاپا، مەن ۋە ئاچامنى ئوقۇتۇپ قاتارغا قوشۇش يولىدا تالاي جاپالارنى چەكتىڭىز، مانا ھازىر بىز خىزمەتكە چىقتۇق. ئۆي-ئوچاقلىق بولدۇق، لېكىن ئەينى چاغدا خىزمەتكە چىقسام ئاپام ئۈچۈن ئۇنداق قىلىپ بېرىمەن، بۇنداق قىلىمەن دېگەن ئويلىرىمنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغاندەك قىلىمەن. بۇنى ئويلىسام ئالدىڭىزدا ناھايىتى خىجىل. لېكىن خاتىرجەم بولۇڭ، مەن چوقۇم سىز ئۈچۈن قىلىمەن دېگەنلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئانىلار بايرىمى كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، سىزنىڭ ئالتۇن بويىڭىزنىڭ ئامان، تۇرمۇشىڭىزنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى، تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزنى تىلەيمەن.
    ئانام بىلەن بولغان تەسىرلىك كىچىك ھېكايە: كىچىك ۋاقتىمىزدا مەھەللىمىزدە بىر ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانا بار ئىدى. مەنمۇ كىچىك بولغاچقىمىكىن بۇ ئويۇنغا ناھايىتى قىززىقىپ قالدىم. بىر كۈنى ئاپام ماڭا پۇل بېرىپ، سەي ئېلىپ كېلىشىمنى ئېيتتى. مەن يولدا ماڭغاچ، سەي ئالىدىغان پۇلدىن 5 مونى ئايرىۋېلىپ، ئويۇن ئويناش قارارىغا كەلدىم، سەينى ئالدىم، ھېسابلاپ تۇرۇپ 5 مونى ئايرىۋالدىم ۋە سەينى كۆتۈرگەچ ئويۇنچۇقخانىغا يۈگۈردۈم. ئويۇنچۇقخانىغا كىرىپ ئويۇننىڭ قىززىقچىلىقىدا ئويۇنغا كىرىپلا كىتىپتىمەن. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن. ئويۇنچۇقخانا ئىچىدە تۇيۇقسىز ئاپامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ھاپىلا - شاپىلا سەينى كۆتۈرۈپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئاپامغا ئۇچرىشىپ قالدىم. بىز يول بويى ھېچقانداق گەپ قىلىشمىدۇق . ئۆيگە كېلىپ مېنى ئۇرىدۇ ياكى قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم . ئاپام كېلىپلا  مەن سېنى مىڭبىر جاپالاردا ئوقۇتۇۋاتسام، مېنىڭ سېنى بۇنداق ئوقۇتۇشۇم ئاسانمۇ ؟ دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يىغلاپ كەتتى. ئارقىدىن مەنمۇ يىغلاپ تۇرۇپ بۇنىڭدىن كېيىن ئويۇنچۇقخانىغا بارمايدىغانلىقىم توغرىسىدا ۋەدە بەردىم .
    ئانىلار بايرىمى يىتىپ كېلىش ئالدىدا كەڭ تورداشلارنىڭ ئانىلىرىغا تىلەك تىلىشىنى، ئانىسى بىلەن يۈز بەرگەن تەسىرلىك كىچىك ھېكايىلەرنى ئويلاپ بېقىشىنى، ئانىلىرىنىڭ بايرىمىنى قانداق تەبرىكلەيدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنبەر يۈزىدە ئەركىن پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    سەمىمىي ئەسكەرتىش : بۇ تېمىغا چاۋاك ۋە شۇنداقلا باشقا شەكىل ئىپادىلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ھەممىمىزنىڭ ئانىسى بولغانكىن، ئەستايىدىل ئىنكاس قايتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بۇ ھېچقانداق ئويۇن چاقچاق ئارىلاشتۇرۇلمايدىغان تېما . قېنى ئەمىسە سىزنىڭمۇ ئانىڭىزغا بولغان گەپ سۆزلىرىڭىز، تىلەكلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقمامدۇق؟

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1609
تۆھپە
1302
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 10:47:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


              بۇمۇ ئازلىق قىلىدۇ دە ..لېكىن مېنىڭ  ھازىرچە  باشقىچە   ئامالىم يوق ،،ھەي ئانا،،،،،،،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5663
تۆھپە
2502
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 11:04:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KALBIM يوللىغان ۋاقتى  2012-5-9 10:47
...

ئەجىبا سىزنىڭ ئانىڭىزغا دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىڭىز يوقمىدۇ ؟


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
701
تۆھپە
176
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 11:12:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ گەپلىرىم تۈگىمەيدۇ.بولدىلا يەنىلا ېانامنىڭ ېۆزىگە دەي


Rank: 1

تىللا
15
تۆھپە
4
UID
7694
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 12:01:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار ئۇلۇغ ,ئانىلار بۇيۇكتۇر.


بارمۇ مىكروبىلوگى

Rank: 4

تىللا
258
تۆھپە
102
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 12:33:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلەكلىرىمنى تۆۋەندىكى شېئىرىم بىلەن ئىپادىلەي.



ئاقمىسۇن ئانىلار كۆزىدىن ياشلار


بۈشۈكنى ،دۇنيانى تەۋرەتەر تەڭلا،
ئانا بوپ ئاتالغان شۇ كۈندىن باشلاپ.
چېھرىدە تەبەسسۇم،دىلىدا مىھىر،
كۆزىدە ئىللىق نۇر قۇياشتەك چاقناپ.

كىم يەنە ئۇنىڭدەك بولالار قەيسەر؟
ئاچچىق بىر ئازابتىن ئەمدىلا توختاپ.
كىم يەنە بىر ئۆمۈر ئۆتەلەر شۇنداق،
يۈرەكنى يۈرەككە مننەتسىز باغلاپ.

كىم يەنە بېرەلەر بىر تامچە مىھىر؟
كۆزلىرى شۇ تاتلىق ئۇيقۇدىن كېچىپ.
كىم يەنە كۆيەلەر پەرزەنت ئىشقىدا؟
دىللارغا بىر ئۆمۈر نۇرىنى چېچىپ.

كىم يەنە بولالار شۇنچە كەڭ قورساق؟
بەڭۋاشلىق قىلسىاقمۇ قايتا ۋە قايتا.
كىم يەنە ھېسابلار بۇنى بىر بەخت؟
تارتسىمۇ بىز ئۈچۈن مىڭلارچە جاپا.

ئۇلۇغلۇق شەنىگە پۈتۈلدى نىچۇن؟
تارىختىن تالايلاپ قەسىدە،داستان.
چاقنايدۇ بۇنىڭدىن ھېكمەتۇ سىرلار،
ئويلانغىن دائىما ئەقىللىق ئىنسان.

"ئانىلار ئايىغى ئاستىدا جەننەت"،
ئانىلار بىز ئۈچۈن بىباھا، قىممەت.
كۆكلىگەن قايسىبىر ئىنسان بالىسى؟
قاقشىتىپ ئانىنى،كۆرسەتمەي ھىممەت.

ياشايمىز بىر ئۆمۈر پۇشايمان ئىچىرە،
ھەسرەتنىڭ نەشتىرى يۈرەكنى چېقىپ.
ئانىنىڭ قەدىرىگە يەتمىسەك دوستلار،
ئۇ ھايات چاغلاردا باھانە تېپىپ.

بىز ئۈچۈن قاپارغان ئاشۇ قوللارغا،
ۋاپانىڭ لىۋىدە تىنماي سۆيەيلى!
ئۇ خالاپ بىر ئۆمۈر كۆيگەن ئوتلاردا،
ساداقەت ئىلكىدە تانماي كۆيەيلى!

ئاقمىسۇن ئانىلار كۆزىدىن ياشلار.
چۆمۈلسۇن شادلىققا ئۆمۈر باغلىرى.
ئۆچمىسۇن تەبەسسۇم گۈلگۈن يۈزلەردىن،
باسمىسۇن ئۇلارنى غەمنىڭ تاغلىرى.

ياشىسۇن بەسلىشىپ توغراقلار بىلەن،
ساغلاملىق يار بولسۇن ئالتۇن بويلارغا.
يۇرت بىلەن تەڭ يۈرۈپ،بىللە ئۇلاشسۇن،
نەۋرە ھەم چەۋرىلەر قىلغان تويلارغا.


2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى


http://www.lopnuri.com/?p=2185



















Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
757
تۆھپە
588
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 13:03:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ كونىلارنىڭ ‹ئانىغا قاراپ قىز ئال› دىگەن گېپى توپتوغرا.


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
757
تۆھپە
588
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 13:05:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دائىم ئويلايمەن: بىز نىمىشقا ئاپىمىز قىلغان ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ ياخشى قىلالمايمىز؟


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1609
تۆھپە
1302
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 14:58:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىبا سىزنىڭ ئانىڭىزغا دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىڭىز يوقمىدۇ ؟؟؟؟؟
  ئەلۋەتتە  باردە ئەمما  ھازىر   نەدە تۇرۇپ دەيمەن،،،،،،،،،،،،مېڭ داستاننى ئاغزىمدا تىزىۋەتسەممۇ تۇگىمەيدۇدە،،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
474
تۆھپە
283
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 18:45:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.jpg


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 20:07, Processed in 0.085486 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991