تۇنجى نۆۋەتلىك «سايرام ئەدەبىيات-سەنئەت تۆھپە مۇكاپاتى» تارقىتىلدى
باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا، مول تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، موللا مۇسا سايرامى، نىمشىھىت ئەرمىيا ئېلى سايرامى، ئەخمەت يەسەۋىدەك دۇنياغا داڭلىق ئالىم، شائىرلار مۇشۇ قەدىمىي يۇرتتا ياشىغان.
يېقىندا، سايرام بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، سايرام بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «ئاپتونۇم رايون بويىچە داڭلىق بازار» ئىستىراتىگىيىسىنى يولغا قويۇپ، مەنىۋى مەدەنىيەتتە كۈچلۈك بازار قۇرۇش، سايرامنىڭ داڭقىنى يىراق-يېقىنغا تونۇتۇش ئۈچۈن، سايرامنى تەتقىق قىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى توپلىغان، تونۇشتۇغان ئىستىداتلىق قەلەم ئىگىلىرىگە مەدەت بىرىش ئۈچۈن «سايرام ئەدەبىيات-سەنئەت تۆھپە مۇكاپاتى» تەسىس قىلغانىدى.
8-ماي تۇنجى نۆۋەتلىك «سايرام ئەدەبىيات-سەنئەت تۆھپە مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسسىمى داغدۇغىلىق ئېچىلىپ، سايرامنىڭ داڭقىنى يىراق-يېقىنغا تونۇتۇش، سايرامنى تەتقىق قىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى توپلىغان،تونۇشتۇرۇش جەھەتتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئەل ئىچى سەنئەتكارى ھاپىز ھاكىم، شائىر زوردۇن ئىمىر، يازغۇچى قۇربان مۇلنىياز، مەدەنىيەت-سەنئەتنى قوللاش خىزمىتىدىكى تۆھپىكار رەھبەر قۇربان سايىم قاتارلىقلار مۇكاپاتلاندى.
سۈرەتتە، تۇنجى نۆۋەتلىك «سايرام ئەدەبىيات-سەنئەت تۆھپە مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنىشلەر:
