بۇ يىل بىرىنچى قارارلىق زايوم سېتىلىشىنىڭ تېز بولۇشىدىكى سەۋەبلەر
مۇھەممەد تۇراپ
مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ زايوم تارقىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، بۇ يىل 10-ئاپرېلدىن 23-ئاپرېلغىچە جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، جوڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى ۋە بىر قىسىم پاي چېكى تۈزۈمىدىكى سودا بانكىلىرى، شەھەر سودا بانكىلىرى، يېزا سودا بانكىلىرى قاتارلىق 38 پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتى شەخسىي مەبلەغ سالغۇچىلارغا 30 مىليارد يۈەن دوكۇمېنتلىق زايوم تارقاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك زايومدىن 21 مىليارد يۈەن، بەش يىللىق مۇددەتلىك زايومدىن توققۇز مىليارد يۈەن تارقاتتى. ئۈچ يىللىق زايومنىڭ ئۆسۈم نورمىسى %5.58، بەش يىللىق زايۇمنىڭ ئۆسۈم نورمىسى %6.15 بولۇپ، بانكىنىڭ ئۈچ يىللىق ۋە بەش يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نورمىسى بولغان %5 ۋە %5.5 تىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.58 پوئېنت ۋە 0.65 پوئېنت يۇقىرى بولدى. ئەگەر مەلۇم بىر مۇئامىلىدار بۇ قېتىم ئۈچ يىللىق ۋە بەش يىللىق مۇددەتتە 100 مىڭ يۈەنلىك زايوم سېتىۋالسا، ئۇ ھالدا بانكىنىڭ ئۈچ يىللىق ۋە بەش يىللىق ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈمىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1740 يۈەن ۋە 3250 يۈەن ئۆسۈمنى ئارتۇق ئالىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بانكىنىڭ ھەر قېتىملىق ئۆسۈم نورمىسىنى ئۆستۈرۈش دەرىجىسى 0.27 پوئېنت بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىملىق زايومنىڭ پايدىسى بانكىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نورمىسىنى ئۆستۈرۈش سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. بۇ قېتىم زايوم تارقىتىلغان 23 كۈن داۋامىدا ھەر دەرىجىلىك بانكىلارنىڭ تىجارەت زاللىرى زايوم سېتىۋالىدىغان مۇئامىلىدارلار بىلەن لىق تولۇپ، زايومنىڭ سېتىلىش سۈرئىتى ھەرقانداق يىلدىكى زايوملارنىڭ سېتىلىش سۈرئىتىدىن ئالاھىدە تېز بولدى. بۇ يىل بىرىنچى قارارلىق زايوم سېتىلىشنىڭ تېز بولۇشىدىكى سەۋەبلەر مېنڭچە تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ:
بۇ قېتىمىلىق دوكۇمېنتلىق زايوم ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە.
بۈگۈنكى كۈندە، پاي چېكى ۋە ئۆي-زېمىن قاتارلىق باشقا ساھەلەرنىڭ خېيىم-خەتىرى ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ قېتىم تارقىتىلغان زايوم كۆپ ساندىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋال تاللايدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرى بولۇپ قالدى. بىرىنچىدىن، زايومنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ خېيىم-خەتىرى يوق مەبلەغ سېلىش تۈرىگە مەنسۇپ. ئىككىنچىدىن، زايوم تارقىتىدىغان پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تور نۇقتىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سېتىۋېلىش ناھايىتى قولايلىق بولدى. ئۈچىنچىدىن، زايومنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش جانلىق، بىخەتەرلىكى ياخشى، گەرچە دوكومېنتلىق زايومنى بازارغا سېلىپ سودا قىلغىلى بولمىغىنى بىلەن، ئەمما مۇددەتتىن بۇرۇن نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ، ئەگەر ئالاھىدە ئېھتىياج تۇغۇلسا، خالىغان ۋاقىتتا سېتىۋالغان پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تور نۇقتىسىغا بېرىپ تېگىشكىلى بولىدۇ، زايومغا ھەقىقىي ئىسمى قالدۇرۇلىدۇ، يۈتۈپ كەتسە يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلغىلى بولىدۇ. قەرز پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندا، دوكومېنتلىق زايۇمنى رەنىگە قويۇپ ئەسلىدىكى زايوم سېتىۋالغان پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تور نۇقتىسىغا بېرىپ قەرز پۇل ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگىلى بولىدۇ.
كاپىتال بازىرىدىكى چوڭ تەۋرىنىش بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلارنى زايوم سېتىۋېلىشقا ئۈندىدى.
يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيانقى نۇرغۇن مۇقىمسىز ئامىللارنىڭ تەسىرى ۋە كاپىتال بازىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشى ئېنىق بولمىغانلىقتىن، مەبلەغ سېلىشنىڭ خېيىم-خەتىرى بارغانسېرى زورىيىپ،بىر قىسىم سالماق مەبلەغ سالغۇچىلار زايوم سېتىۋېلىشنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، زايوم سېتىۋېلىپ خېيىم-خەتەردىن ساقلاندى. گەرچە پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كۆپ خىل روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى تارقاتقان بولسىمۇ، ئەمما زايوم سېتىۋالغۇچىلار يەنىلا كۆپ بولدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 3-ئايدا ھەرقايسى مەبلەغ سېلىش قەرەلىدىكى خەلق پۇلى روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازاردىكى ئوتتۇرىچە كۆزلىگەن ئۈنۈمى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۆۋەنلىدى. مەبلەغ سېلىش قەرەلى ئۈچ ئايدىن ئالتا ئايغىچە بولغان روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىگەن ئۈنۈمى %5.2 بولۇپ، 2-ئايدىكىدىن 0.1 پوئېنت تۆۋەنلىگەن. ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە بولغان روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىگەن ئۈنۈمى %5.6 پۇئېنت بولۇپ، 0.2 پوئېنت تۆۋەنلىگەن. مەبلەغ سېلىش قەرەلى بىر يىلدىن يۇقىرى روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىگەن ئۈنۈمى %8.2 پۇئېنت بولۇپ، 1.2 پوئېنت تۆۋەنلىگەن. روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دوكومېنتلىق زايومنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغاندەك كاپالەت قىلغىلى بولمايدۇ. روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنىڭ قەرەلى قانچە يۇقىرى بولسا ئېنىق بولمىغان خېيىم-خەتەرلەر شۇنچە زور بولىدۇ. شۇڭا زايومنىڭ ئۈنۈمى روزغار باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنىڭ ئۈنۈمىدىن ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ.
مەبلەغ سالغۇچىلار سېتىۋالغان زايومنىڭ قەرەلى توشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆسۈمى ئوخشاش قەرەلدىكى ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمىدىن يۇقىرى بولدى
بۇ قېتىم تارقىتىلغان دوكومېنتلىق زايومنىڭ قەرەلى ئۈچ يىل ۋە بەش يىل بولۇپ، ئۇنىڭ يىللىق ئۆسۈم نورمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %5.58 ۋە %6.1، بانكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نورمىسىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.58 پوئېنت ۋە 0.65 پوئېنت يۇقىرى بولغان، 10 مىڭ يۈەننى مىسالغا ئالساق، 10 مىڭ يۈەنلىك ئۈچ يىللىق زايومنىڭ قەرەلى توشقان ۋاقتىدىكى ئۆسۈمى 1674 يۈەن بولسا، بىراق بانكىنىڭ ئۈچ يىللىق ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمىگە 1500 يۈەن كېلىدۇ.
بۇ قېتىملىق زايومنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى مەبلەغ سېلىش قىممىتىگە ئىگە
زايوم سېتىۋالغان كۈندىن باشلاپ، ئۈچ يىللىق ۋە بەش يىللىق زايومنىڭ ۋاقتى يېرىم يىلغا توشمىسا ئۆسۈم ھېسابلانمايدۇ، يېرىم يىلغا توشۇپ بىر يىلغا توشمىسا، %0.50 بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ، بىر يىلغا توشۇپ ئىككى يىلغا توشمىسا، %3.15 بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ، ئىككى يىلغا توشۇپ ئۈچ يىلغا توشمىسا، %4.14 بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ. بەش يىللىق زايومنىڭ قەرەلى ئۈچ يىلغا توشۇپ تۆت يىلغا توشمىسا، %5.58 بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ، تۆت يىلغا توشۇپ بەش يىلغا توشمىسا، %5.85 بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىملىق زايومنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى مەبلەغ سېلىش قىممىتىگە ئىگە.
پاي چېكى ۋە فوندى بازىرىنىڭ سىجىل داۋالغۇشى زايوم سېتىش خىزمىتىنى جانلاندۇردى
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەبلەغ سېلىش بازىرىدا فوندى ۋە پاي چېكىنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز داۋالغۇپ، پايچېكلارنىڭ داۋاملىق مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. ئۈنۈمى يۇقىرى ۋە دىرى ھەم ئۈنۈمىنى ساقلاپ قالىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش مەھسۇلاتى بولغان زايۇم تەبىئىي ھالدا ناھايىتى يۇقىرى مەبلەغ سېلىش قىممىتىنى ھازىرلىدى. شۇڭا پايچېكىگە مەبلەغ سالغان بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلىغىنى پاي چېكى بازىرىدىن سۇغۇرۇۋېلىپ بانكىغا ئامانەت قويدى ياكى زايوم سېتىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن زايومنىڭ سېتىلىشى ئىشەنچلىك مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە بولدى.
زايومنى مۇددەتتىن بۇرۇن تېگىشكەندە قولغا كېلىدىغان ئۆسۈم بانكىغا ئامانەت قويۇلغان پۇللارنىڭ ئۆسۈمىدىن كۆپ بولىدۇ
بۇ قېتىملىق زايومنى مۇددەتتىن بۇرۇن تېگىشكەندە، زايومىنىڭ ئۆسۈمى ئەمەلىي كۈن سانى بويىچە باسقۇچقا بۆلۈپ ھېسابلاپ بېرىلىدۇ ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن تېگىشكەن زايوم سوممىسىنىڭ مىڭدىن بىر پىرسەنتى بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ. بىراق بانكىغا قويۇلغان ئامانەت پۇلنى مۇددەتتىن بۇرۇن چىقىم قىلغاندا ئامانەت پۇلنىڭ قەرەلىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئايرىلماي، ئۆسۈمى پۈتۈنلەي مۇددەتسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نورمىسى بويىچە ھېسابلاپ چىقىم قىلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا زايومنى مۇددەتتىن بۇرۇن تېگىشكەندە زايومنىڭ قولغا كېلىدىغان ئۆسۈمى بانكىغا مۇددەتلىك ئامانەت قويغان پۇلنى ئالغان ۋاقىتتىكى ئۆسۈمدىن كۆپ بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
ئاپتور: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئېلان قىلغان، يۆتكەپ ئىشلەتكەن ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس بايقالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.