رەنجىيدۇ ھەركىم بەزىدە
( مەنسەپتىن چۈشكەن مەنمەنچى ئەمەلدارغا )
(ساتىرا)
رەنجىمە << رەنجىتتى خەق >>دەپ،رەنجىيدۇ ھەركىم بەزىدە،
تەم - تۇزى تۇرمۇش دىگەننىڭ، ئاچچىققۇ بەلكىم بەزىدە.
رەنجىگەن سەندىنمۇ كۆپلەر،خوپ بولدى تەمدىن تېتقىنىڭ،
ھۆكمى كەسكىنلەر قاتارى،ئەل ھۆكمى كەسكىن بەزىدە.
غىڭشىتار بەزەندە شۇنداق،خەقتىن مۇبارەك كۈندە يوق،
بىلمىسەڭ تەكرار ئۆزۈڭنى،نەپرەتمۇ تەقدىم بەزىدە.
ئۇنتىساڭ رەنجىش دىگەننى،مەسلىكتە شاھتەك كېرىلىپ،
تىللىسا ھەقلىق مىنىڭچە،ئاشقاندا ھەددىڭ بەزىدە.
كاج قەدەم باسساڭ داۋاملىق،دوستلارغا قىلساڭ چوڭچىلىق،
پۈكلىنەر ئوت - خەس مىسالى،ئەۋۋەلقى قەددىڭ بەزىدە.
بىل شۇنى بامبۇكمۇ دەيمىش <<پۈكلەندى بەستىم بەزىدە،>>
قەلبى چوغ شائېر تىلىدا،يولۋاسمۇ مىسكىن بەزىدە.
*******
مەنبە: ئۆز قەلىمىم.( ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)