«ساقچى خەلىق ئالاقە كارتىسى» قەلىبلەرنى تۇتاشتۇردى
ئابدۇرىھىم ئىسمايىل خەۋىرى:-بۇ يىقىندا ئۆزەم ئىشلىگەن بىر قېتىملىق خىزمەت شۇنداقلا 4-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت بىيجىڭ ۋاقتى 10 بىلىن 11 لەر ئوتتۇرلىقىدىكى بولغان ئىش، مەن دۈجۈرنە ئىدىم، ئەتىگەن ناشتا قىلىپ بۇلۇپ ئەمدىلا دۈجۈرنە ئىشخانىگە ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغىلا تىلفۇنۇم سايراپ كەتتى، بۇ ئەتىگەندە كىمدۇ بۇ تىلفۇن قىلغان دەپ تىلفۇننى ئالسام بىرسىنىڭ ئاران-ئاران سۆزلەپ دىيلو مەلۇم قىلغان تىلفۇن ئىكەن.- مىنىڭ ئىسمىم ت xx مىنى ئاخشام بىرسى بوزەك قىلدى، بىششىم بەك ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ،دەرھال ئۆيگە كەلسەڭلار دەپ تىلفۇننى بىسۋەتتى، مەن دەرھال دۈجۈرنە ئىشخانىگە كىرىپ ساقچىلاردىن ئالىمجان بىلەن رازاقنى ئىلىپ دەرھال ت xx نىڭ ئۆيگە يىتىپ بىرىپ ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق ت xx نىڭ ئائېلە قىيىنچېلىقې بىر قەدەر ئىغىر بۇلۇپ،ئاتىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن ئاپىسى بولسا xx ۋىلايەتلىك دۇختۇرخاندا ياتاقتا بۇلۇپ ئاچىسى ئاپىسىغا قاراۋىتىپتۇ،ئۆيدە ت xx ئۆزى يالغۇز ئۇ شۇنداقلا تىل جەھەتتىن بىر مىيىپ گەپ قىلسا تۇلۇق ئىپادىلىگۈچە قېينىلىپ كىتىدىغان بۇلۇپ ئۆيدە تۈزۈكرەك يەيدىغان نەرسىمۇ يوق، بۇ ئۆيدە پەقەت ت xxنىڭ بىر ۋېلىسپىتكە ئورنىتىۋالغان،«پىچاق، سەي تۇغرايدىغان پىچاق،»قاتارلىقلارنى بۆلەيدىغان بۆلەي ئارقىلىق ئاز-ئازدىن تاپقان خىراجىتى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بۇلۇپ،ھازىر ۋېلىسپىتىمۇ بۇزۇلۇپ قىلىپ ياستشقىمۇ ئىمكانىيتىنىڭ يوقلىقىنى دەپ،بولغان ئەھۋالنى بىزگە ئىيتىپ بەردى.
2012-يىلى 4-ئاينىڭ28-كۈنى كەچ، مەھەلەدە ئېچىلغان شەخسى كېچىك دۇكاندىن تەييار چۆپ ئەكىرېپ ئېچەي دەپ، سائەت شىنجاڭ ۋاقتى 11 دىن ئاشقاندا دۇكانلار ئېتىك دۇكان ئىزدەپ كىتىۋاتقاندا باشقا مەھەلىلىك يى xx ئېسىملىك بىر بالىنىڭ ت xxئالدىنى تۇساپ بوزەك قىلغانلىقى تۇغۇرسىدا سۆزلەپلا يىغلاپ كەتتى.
مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ مىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىمنى قانداق بىلىپ ئۇردۇڭ دىسەم، سىزلەر تارقىتىپ بەرگەن،
«ساقچى خەلىق ئالاقە كارتىسى» غا قاراپ ئۇردۇم دەپ جاۋاپ بەردى.
ت xx نى بىرگە ئېلىپ يى xx نى ئىزدەپ تىپىپ ئۇنىڭغا بۇندىن كىيىن باشقىلارنى بوزەك قىلماسلىق تۇغۇرسىدا تەنقىد-تەربىيە بىرىپ بۇلۇپ، ت xxنى ئىلىپ قايتىشىمىزدا دۇختۇرغا كۆرسۈتۈپ دارا ئىلىپ بىرىپ،ئاندىن بىر ئاشخانىگە ئەكىلىپ قۇرسىقىنى توخلاپ ، بىز ئالىمجان ۋەرازاق ئۆچۆيلەن مۇزاكىرلىشىپ ت xxنىڭ كېرىم بەنبەسىنى قايتىدىن باشلىۋېلىشىنى ئۈچۈن، ئويلۇشۇپ مۇۋاپىق بىر ۋېلىسپىت ئىلىپ بىرىش، ئۈچۈن ۋېلىسپىت ساتىدىغان جايلارنى ئىزدەش، ئارقىلىق تېخى بەك كونىراپ كىتمىگەن ۋېلىسپىتتىن بىرنى دىيشىپ 120 يۈۋەنگە ئىلىپ بىرىپ،قۇلىغا 60 يۈۋەندىن ئارتۇق نەق پۇلنى تۇتقۇزۇپ ئۆيگە يولغا سىلىش ئارلىقىدا ت xxخۇشاللىقىدىن قوللىرمىزنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ كۆزلىرگە لىق ياش ئىلىپ رەخمەت ئىيتىپ خوشلاشتى.
ج خ مېنىستىرلىكىنىڭ ئۆتكەن يىلى قايتىدىن كەنىتلەردىكى رايۇن ساقچېلىرنىڭ باشقۇرۇش رايۇننىڭ خىزمەتلىرنى كۈچەيتىش تۇغۇرسىدىكى يول-يورىقىغا ئاساسەن.
بىزنىڭ ت xxكە قىلغان كىچىككىنە ياردىمىمىزدىن ئەمەس بەلكى بىزنىڭ رايۇن خىزمىتىگە ئەھمىيەت بىرىشىمىزنىڭ يەنىلا يىتەرلىك بولمىغانلىقى شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇندىن كىيىن باشقۇرۇش رايۇن خىزمەتلىرگە ياخشى كۆڭۈل بۈلۈپ خەلىقنى ھەقىيقى خاتىرجەملىككە ئىرىشتۈرۈش ئۆچۈن تىرىششىمىزنىڭ زۆرۈرلىگىنى تۇنۇپ يەتتۇق.
مەن ئاخىردا شۇنى ھېس قېلدىمكى بېزنىڭ تەۋەلىككە ھەر-بىر ئائىلىگە تارقىتىپ بەرگەن «ساقچى خەلىق ئالاقە كارتىسى» نىڭ ھەقىيقەتەن خەلىققە ياخشى بولغان بىر پايدىلنىش قىممىتى بارلىقىنى ھىس قىلىپ بەكمۇ مەمنۇن بولدۇم.
ھازىر كەڭ-كۆلەمدە ساقچى ئىشلىرى ئىشخانە خىزمەتلىرنى كۆچەيتىش تۇغۇرسىدا يۇقۇردىن تۈۋەنگىچە ئالاھىدە كۆڭۈل بۈلىۋاتقان مەزگىل بولغاچقا مېنىڭ مەسئوللىقىمدا قول سەپ ئىشلەپ ھەر بىر ئائېلىگىچە تارقاتقان «ساقچى خەلىق ئالاقە كارتىسى» نىڭ ھەقىيقەتەن خەلىققە ئىلىپ كەلگەن ياخشى تەرپىنى كەڭ تورداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.بۇ مېنىڭ مەسئوللىقىمدا قول سەپ ئىشلىگەن خىزمەت!!!
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى