ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىسى بىن لادىننىڭ كىشلەر بىلمەيدىغان توققۇز ئىشىنى ئاشكارىلىدى
ئامېرىكا ياخۇ ئاخبارات تور پونكىتى 1ـ ماي خەۋىرى: بىر يىل ئىلگىرى ، بېن لادىن ئۆزىنىڭ پاكىستاندىكى تۇرالغۇسىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەتىرىتى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى . بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز زەربە بېرىشتە ئېرىشكەن كۆپلىگەن ماتېرىياللار ئارقىلىق ، بىز بۇ تېررورچىلار كاتىبېشىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىشلىرىنى بىلىۋالدۇق.
. ئۇ ئوبامانى ئۆلتۈرۈش خىيالىدا بولغان
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بېن لادىننىڭ ئوبامانى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىدىكى بىر سەۋەب ، ئۇنىڭ قارىشىچە مۇئاۋىن زوڭتوڭ بايدىن باش قۇماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىمىگەن . ئۇنىڭ قەسلەپ ئۆلتۈرۈش پىلانىدا ‹‹ھاۋا ئارمىيەسى 1 - نومۇر››نى بۇلاش پىلانىمۇ بار ئىكەن .
. ئۇ ماي پاراخوتىنى پارتىلاتماقچى بولغان
ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە ، 2010 - يىلى ، بېن لادىن ماي پاراخوتىنى دېڭىزدا بۇلاشنى ھەمدە دېڭىز ئۈستىدە پارتىلتىۋېتىش قەستىدە بولغان، ‹‹ئۇ پارتىلتىۋېتىشنىڭ دۇنيا ئىقتقسادىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈشىنى ، ھەمدە نېفىت باھاسىنى ئۇچقاندەك ئۆرلىتىۋېتىشىنى ئۆمىد قىلغان ››.
. ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىشقا ئامراق
ئېيتىشلارغا قارىغاندا زەربىدالار ئەتىرىتىنىڭ ئەزالىرى ، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىدىن بەش دانە كومپىيوتېر، 10 تال قاتتىق دېسكا ۋە 100 دىن ئوشۇق ساقلاش ئۈسكۈنىسى ، DVD ، ئوپتىك دېسكا ، بارماق دېسكا تاپقان . بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىڭ پارچىدىن 15 مىڭ پارچىغىچە ھۆججەت ، ھەمدە 15 مىڭدىن 25 مىڭ بۆلەككىچە ۋىدىئو چاستوتا ساقلانغان .
. ئۇ ‹‹ئىنتايىن كۆپ›› شەھۋانىي بۇيۇملارنى ساقلىغان
ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، بېن لادىننىڭ تۇرالغۇسىدىن تېپىلغان شەھۋانىي بۇيۇملار ئارىسىدا كۆپلىگەن ‹‹زامانىۋىي ئېلېكتىرونلۇق ۋىدىئو چاستوتىلىق كۆرۈنۈشلەر›› بار ئىكەن ، ھەمدە ئۇنىڭ ‹‹مەزمۇنى ناھايىتى كەڭ دائىرلىك›› ئىكەن.
. ئۇ ‹‹ئەرەپ باھارى›› نىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلغان
ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئەمەلدارى ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتىگە مۇنداق دېگەن ، بېن لادىن بىلەن زاۋاھىرىنىڭ قارىشىچە 2011–يىلنىڭ بېشىدىكى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى قوزغىلاڭ ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىگە ‹‹خەۋىپ›› ئېلىپ كېلىدىكەن.
. ئۇ ئىنتايىن يېتىم ، ھەمدە ياردەمسىز قالغان
بىز ئەمەلدار مۇنداق دېدى: ‹‹سىز بېن لادىننىڭ دائىم دېگۈدەك بىرەر تەدبىرنى ئويلاپ چىقارسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دائىم دېگۈدەك قۇرۇق خام خىيال ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالىسىز ››، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹ ئۇ ئويلىغانلىرىنى بەزى ئادەملەرگە ئېيتىپ بەرسىمۇ ، ئەمما دائىم دېگۈدەك ئالاقىلىشىشى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ ››. ئۇنىڭ دېيىشىچە ، بېن لادىننىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭغا تېررورلۇق خىياللىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان .
. ئۇ‹‹ئەسەبىيلىك كېسلى›› گە گىرىپتار بولغان
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى ، خەلقئارا شىركىتى (CNN ) نىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئانالىزچىسى پىت . بوگىن مۇنداق دېدى : بېن لادىندا ‹‹خامخىياللار›› پەيدا بولۇشقا باشلىدى ــــ بۇ يېقىنقى يالغۇزچىلىق تۇرمۇشىنىڭ ئاقىۋىتى.
. ئۇ ئىنتايىن قايغۇ ــ ھەسرەتتە قېلىپ ، ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش خيالىدا بولغان
ئوبامانىڭ تېررورلوققا قارشى تۇرۇش مەسلىھەتچىسى جون . بىرونان مۇنداق دېدى: ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ‹‹كەينى–كەينىدىن ئاپەت ›› كە ئۇچىرىشغا ئەگىشىپ ، ئىنتايىن ئازابتا قالغان ، ئۇ قول ئاستىدىكىلەرنى قېچىپ ‹‹ئادەمسىز ئايروپىلان سۆرەتكە تارتالمايدىغان ، بومبا پارتىلتالمايدىغان ›› جايغا بېرىۋىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ، ھەتتا ئۆزىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش خىيالىدا بولغان .
. ئۇ يەنىلا نوپۇزلۇق تېررورچى
ھېلىقى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتىگە مۇنداق دېدى : ئاخىرىدا، ھەممە ئىش يەنىلا بېن لادىندىن ئۆتىدۇ ، بۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئۇنىڭ شەخسىي سېھرىي كۈچىنى مەنبە قىلغان . ‹‹ئۇنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلەردە سۆزلىگەن سۆزى يەنىلا سالماققا ئىگە . ئۇلار كۆپلىگەن ئىشلاردا ئۇنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئىزدەشكە ئادەتلەنگەن ، ھەمدە دەرۋەقە ئۇنىڭ جاۋاب بېرىشىنى كۈتىدۇ .