كۆرۈش: 4233|ئىنكاس: 5

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت: مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
تىللا
232
تۆھپە
62
UID
8876
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:44:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت



پاڭ بولۇپ كەتتى قۇلاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ،

بۇرنىمىز بولدى بۇلاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ،

گەپنى سوزماڭ سىز ئۇزاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ،

بار قۇرۇق گەپتە چاتاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ،

دەرسكە چالدى قوڭغۇراق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.


ئۇخلىماستىن كېچىلەردە ئۆيدە لاۋزا گەپ تىزىپ،

بىر سىزىقنى يولىمىزغا مىڭ سىزىپ، مىڭبىر سىزىپ،

ئەتىگەندە كەتتىڭىزغۇ ئەزمىڭىزنى بەك ئېزىپ،

ھاردى كاتىپ توختىماستىن ئالتە دەپتەرگە يېزىپ،

گېىپڭىز ئۇلاق-قۇراق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.


كاسكىراپسىز ساق يېرىم كۈن، گېىپڭىزدە يوق مېغىز،

يەنە شۇ گەپ كۈندە مىڭ ۋاق دەيدىغان شۇ بىر ئېغىز:

بالىلارغا پايدىسىز شىمىشكا، كەمپۈت ۋە سېغىز،

شاخلىتىپ گەپنى تۈگەتمەس، سىزدىكى قانداق ئېغىز؟

«ۋە، لېكىن، ئەمما، بىراق...»، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.


رايىمىز يوقتۇر يىغىنغا يەتتى چەككە سەۋرىمىز،

دەرسمۇ قالدى بىزنى ساقلاپ بالىمىز ھەم نەۋرىمىز،

بۇ يىغىننىڭ دەستىدىن ئاشتى جاپايۇ-جەۋرىمىز،

كۈندە شۇنداق مەنىسىز ئۆتكەيمۇ ئالتۇن دەۋرىمىز؟

سىزگىمۇ باردۇر سوراق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.


چۈشمۇ بولدى، جۆرىڭىزمۇ ساقلىغاندۇ ھەقاچان،

يۇغۇرۇپ خېمىرنى، كۆكتات ئاقلىغاندۇ ھەقاچان،

بالا يىغلاپ ئۆزىنى شالتاقلىغاندۇ ھەقاچان،

بىرلىرى ئاپتاپقا ھۆلنى قاقلىغاندۇ ھەقاچان،

سىزنى ساقلايدۇ تاماق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.


گېپىڭىزدىن باش قېيىپ، كەتتى كۆڭۈللەر ئېلىشىپ،

بالىلار قايتتى تالاي«دەرس قالدىغۇ»دەپ كېلىشىپ،

ئاخىرى مەكتەپنى باشقا كەيدى غەۋغا سېلىشىپ،

بىر-بىرىنىڭ بۇرنىدىن قان، كۆزىدىن ياش ئېلىشىپ،

قالمىدى ساق قاش-قاپاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.


ئەمدى ئۆي-ئۆيلەرگە قاتراپ ھەپتە داۋا سورىمىز،

ئاتلىنىپ«ئالدىنقى سەپ»كە، سەپتە داۋا سورىمىز،

بىز مۇئەللىم خەق دېگەن شۇ گەپتە داۋا سورىمىز،

سىزگە لەنەتلەر ئوقۇپ مىڭ، «خەپ!»تە داۋا سورىمىز،

بىزگە كۆپ بەرمەڭ ساۋاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.


مانا، ئىشتىن چۈشكىلى نىكەم، قاۋاشنى توختۇتۇڭ،

كىم گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ دەپ ماراشنى توختۇتۇڭ،

ئاغزىڭىز كەتتى قۇرۇپ، كالپۇك يالاشنى توختۇتۇڭ،

غودۇرۇساق شالنى چېچىپ، ئىتتەك تالاشنى توختۇتۇڭ،

كوكۇراپ كەتتى قوساق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.


ئەمدى بىزدە يوق ئامال، ئۈزمەي تاھارەت قىستىدى،

چىڭقىلىپ دوۋساق، ئەجەپ جان يەرنى ھاجەت قىستىدى،

ئىككى قول قاماللىغانچە كەتتى تاقەت، قىستىدى،

گېپىڭىزنى ئاڭلىماسكەن بۇ ھاماقەت، قىسىتىدى،

توشتى بۇ كۈنلۈك قاماق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.


قاقشىمايتتۇق ئاچسىڭىز كۈندە يىغىننى ئاز قىلىپ،

ئۆيدىكى گەپنى قويۇپ، خىزمەت گېپىنى ساز قىلىپ،

ئاچىسىز ئەمما يىغىننى بىزگە شۇنداق ماز قىلىپ،

گەپنى ئۆردەكتىن قىلىپ بىر باشقا چىقماي غاز قىلىپ،

سىزنى كۆپ قىلدۇق مازاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ.


بىر كۈنى ئېغىزمۇ گەپتىن تالىدۇ دەپ ئاڭلىدىم،

گەپنى كۆپ قىلغان زۇۋاندىن قالىدۇ دەپ ئاڭلىدىم،

بۇ كېسەل مۇدىرنى ئوڭدا سالىدۇ دەپ ئاڭلىدىم،

كاسكىدىن ۋاقت ھېساپنى ئالىدۇ دەپ ئاڭلىدىم،

سىزگە تەنبىھ بۇ قوشاق، مۇدىر، يىغىننى ئاز ئېچىڭ!



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
تەڭرىتاغ + 10 + 10

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 10 تىللا + 10  باھا خاتىرىسى

Rank: 4

تىللا
244
تۆھپە
169
UID
7217
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:28:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ،ياخشى يىزىپسىز
مىللي مائارىپنى تەرەققي قىلدۇرۇپ،يۇرت-ماكاننى گۇللەندۇرەيلى!!!


Rank: 1

تىللا
15
تۆھپە
1
UID
14756
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 13:20:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز سىز بىلەن مەن مەكتەپداشقۇ دەيمەن چچ 771515326 ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.....


Rank: 2

تىللا
108
تۆھپە
32
UID
9972
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 13:29:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ياخشى يېزىلىپتۇ،مەن قايىل بولدۇم ئاپتۇرنىڭ قەلەم قۇۋىتىگە


Rank: 2

تىللا
85
تۆھپە
5
UID
12682
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:47:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارامەت يېزىپسىزغۇ،بىزنىڭ مۇدىر بۇنى كۆرسە ئىشتىنىغا چىقىرۋېتىدۇ(بىراق بىزنىڭ مۇدىر ئۇيغۇرچە تورلارغا قارار كۆزى يوق)،بىر كاپشىيدىغان بولسا .....ئايھانناس.مەن تېخى لاۋزا يىغىن بىزنىڭ مەكتەپتە بار ئوخشايدۇ دىسەم ھەممە يەردە بار ئوخشايدۇ(ھەممە يەردە قازانىڭ قۇلىقى تۆت)


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
3
UID
14486
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 23:41:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز ، يىغىن ئاز بولسا ساز بولسا مىغىزلىق بولسا ، ھەممە ئادەم يىغىن دىسە يۇگۇرگەن بولاتتى  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-22 10:05, Processed in 0.072643 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991