كۆرۈش: 4862|ئىنكاس: 6

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن سۈپىتى ئادەم بايلىقىدا كۈچلۈك[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5518
تۆھپە
2400
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:48:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن سۈپىتى ئادەم بايلىقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتمەكتە



    جۇڭگو بولسا چوڭ دۆلەت ، بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت ، مەيلى نوپۇس ، تېرىتورىيە ۋە ياكى ئىقتىساد ، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئوخشاش . بىراق ، باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردىمۇ جۇڭگو كۈچلۈك دۆلەتمۇ ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېيىش تەس ، شۇڭلاشقا جۇڭگو ھەر قايسى ساھەلەردە زورىيىپ ، كۈچلىنىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ ، مەسىلەن ، تەنتەربىيە ساھەسىنى ئېلىپ ئېيتساق ، ھازىر دەل تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن تەنھەرىكەت چوڭ دۆلىتىدىن ، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش مۇساپىسىدە تۇرماقتا .

   بۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بايلىقى جەھەتتە ، ئالاقىدار تەرەپلەر كۈچلۈك دۆلەت بولۇش يولىغا دادىل قەدەم تاشلاپ ماڭماقتا . بىراق مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە سەھىيەسى ۋە سەنئەت مائارىپى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ دىڭفېڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن سۈپىتى گەۋدىلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلمىسە ، ئادەم بايلىقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ .

   ھەر يىلى ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن جەمئىيەتكە قەدەم قويۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوخشاش بولمىغان ساھەدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا تارقىلىپ كېتىدۇ ، ھەمدە بارغانسېرى تايانچلارغا ئايلىنىدۇ ، بۇنىڭ سانى زادى قانچىلىك ؟ ئۇ يەنە دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتىغا قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 6 مىليون 800 مىڭدىن ئاشىدۇ . كۆپ يىللىق جۇغلىنىش ئارقىلىق ، بۇ سان كىشىنى ھەقىقەتەن چۆچىتىدۇ . ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەدەن سۈپىتى ئۆتكەلدىن ئۆتمىگەن بولسا ، بىز يەنە ئۇلارنىڭ نېمىسىگە شۇنچىۋالا ئۈمىد باغلاپ يۈرۈيمىز ؟ دۆلەت يەنە ئۇلارنىڭ زىممىسىگە قانچىلىك يۈكنى يۈكلىيەلەيدۇ ؟

   2010-يىلى يولغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپىتى ۋە سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە ، 22~19 ياشقىچە بولغان گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكى پارتلاش كۈچى ، جىسمانىي كۈچى ، بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ ساپا سەۋىيەسى يەنىمۇ بىر قەدەم تۆۋەنلىگەن . ئەگەر 2005-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مۇشۇ ياش گۇرۇپپىسىدىكى شەھەرلىك ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ، يېزىلىق ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەش نەتىجىسى ئايرىم–ئايرىم ھالدا تەخمىنەن 1.29 سانتىمېتىر ، 0.23 سانتىمېتىر تۆۋەنلىگەن ، 1000 مېتىرغا يۈگۈرۈش نەتىجىسى ئايرىم –ئايرىم ھالدا تەخمىنەن 3.37 سېكۇنت ، 3.09 سېكۇنت تۆۋەنلىگەن ؛ شەھەرلەردىكى قىز ئوقۇغۇچىلار، قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەش نەتىجىسى ئايرىم–ئايرىم ھالدا تەخمىنەن 2.72 سانتىمېتىر، 0.92 سانتېمىتىر تۆۋەنلىگەن ، 800 مېتىرغا يۈگۈرۈش نەتىجىسى ئايرىم ئايرىم ھالدا تەخمىنەن 3.17 سېكۇنت، 1.87 سېكۇنت تۆۋەنلىگەن.

   يا يۈگۈرەلمىسە، يا سەكرىيەلمىسە، بۇلار بىزنىڭ غەيرەت–شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئىز باسارلىرىمىزمۇ ؟ بۇلار جانسىز گىجىڭ ئەمەستۇ ؟ دۆلىتىمىز بارلىق ئۈمىدىنى ئۇلارغا باغلىيالامدۇ ؟

   مۇشۇنداق ئوڭايسىز ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى تەنتەربىيە مائارىپ تەربىيەسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . بىر قەدەر كىچىك كۆلەملىك بىر تۈرلۈك تەكشۈرشتە كۆرسىتىلىشىچە ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر ھەپتىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق چېنىقىش بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئادەم سانى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ %40 يەتمەيدۇ ، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ %65 كە يەتمەيدۇ ، شۇنداقلا چېنىقىش ۋاقتى قىسقا. يەنە %28 قىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن %20 ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە بىلەن چېنىقشقا پەقەتلا قاتناشمايدۇ ، % 42 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر قېتىملىق چېنىقىش ۋاقتى 30 مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ ، 1 سائەتلىك پائالىيەت قىلىش بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار %40 نى تەشكىل قىلىدۇ . بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزلىكىدىن تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىش قېتىم سانىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ، مەكتەپ تەربىيىسىدە «ساغلاملىق بىرىنچى» دېگەن يېتەكچى ئىدىيەنى تىكلەشنىڭ تەلەپتىن ناھايىتى يىراق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ . بۇ مەسىلىلەر ئالىي مەكتەپتىن ئىلگىرىكى مەكتەپ تەنتەربىيە تەربىيەسىنىڭ تەنتەربىيە پوزىتسىيەسى ، تەنتەربىيە كۆز قارىشى ، تەنتەربىيە ئىشتىياقى ۋە ئادىتىنىڭ يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتمىگەنلىكىنى ، ھەتتاكى ئالىي مەكتەپ باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ ، ئاللىقاچان قورامىغا يەتكەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە ئۆزىنى باھالاش ئىقتىدارىنىڭمۇ يوقلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپتىن ئىلگىرىكى تەنتەربىيە مائارىپىنىڭ مەغلۇپ بولۇش دەرىجىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

   ئۇنداقتا، تەنتەربىيە مائارىپ ئاساسىنى ياخشى قۇرماي تۇرۇپ ، ئالىي مەكتەپ باسقۇچىدا «بەدەن يېتىلىۋاتقان» مەزگىلدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەسىلىسى خۇددى قوي يۈتكەندىن كېيىن ، قوتان ئوڭشىغانغا ئوخشاش ئىلگىرىكى تەنتەربىيە مائارىپىدىكى كەمچىلىكلەرنى ئوڭشىغىلى بولامدۇ ؟ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق ، لېكىن بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . پەقەت نۆۋەتتىكى ئالىي مەكتەپ تەنتەربىيە مائارىپىنىڭ ھازىرقى ھالىتى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس خالاس . ۋاڭ دېڭفىڭ يېقىنقى كۈنلەردە بىر قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئاپتاپ تەنتەربىيە پائالىيىتى كۆرگەزمىسى ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچلۇق مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە ئىسلاھات پىلان تېزىسى» (2020-2010 يىللىق) دا «تىرىشىپ ئەخلاقى-ئەقلىي ، جىسمانىي، گۈزەللىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان يۇقىرى ساپالىق ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش» تەلەپ قىلىنغان ، بىراق ئالىي مەكتەپ مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتىدىكى ئورنى بارمۇ –يوق ، تەنتەربىيەگە قارىتىلغان باھالاش مېخانىزمى كەمچىل بولۇش تۈپەيلىدىن ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توپىدا، كوللېكتىپ ھالدا تەنتەربىيەگە قاتنىشىش ۋە تەنتەربىيە ئارقىلىق چېنىقىشقا سەل قارالسا ، ئەلۋەتتە تېزىستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ۋە تەلەپلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس.

   مەكتەپ تەنتەربىيە مائارىپىنىڭ يېتەرسىزلىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئادەم بايلىقىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى چەكلەپ قويۇۋاتقان مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىپ ، دۆلەتنىڭ جەزمەن ئەھمىيەت بېرىشىنى قوزغاپ ، دۆلەت كۈچى ئارقىلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىشنى شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1029
تۆھپە
591
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:32:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىمەك-ئىچمەكنىڭ سۈپىتى بۇ تۇرسا، بەدەن ساپاسىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ. پولو كاۋاپ ئورنىغا ھامبۇرگ بولكىسى، كۆكتات شورپىسىدەك قۇۋىتى يوق ئەخلەت يىمەكلىك يەپ كېتىۋاتسا، ئەلۋەتتە چېكىنىش بولىدۇ-دە...


Rank: 3Rank: 3

تىللا
116
تۆھپە
74
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 15:39:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۈنۈگۈن ئاخشام شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا ئىشلىگەن مەخىسۇس پىروگراممىسىنى كورگەن  ئىدىم.دىمىسىمۇ ھازىرقى  ئوقوغوچىلارنڭ بەدەن ساپاسى بىزنىڭكىگە يەتمەيدىكەن ،بۇنداق بۇلىشىدىغۇ سەۋەپلەر جىق لىكىن ،،،نىڭ كاساپىتى ھەممىسى


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1674
تۆھپە
937
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:46:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بۇرۇن  ئاكا-ئاچىلىرىمىز، زاغرا يەپ ، تاپالىسا گۆش، كوكتات ، بولمىسا قۇرۇق نان يەپ  يەنە شۇنداق ساغلام ، كۇچلۇك ،بىزنىڭ دەۋىرلەرمۇ خېلى يامان ئەمەس ، بىراق ھازىرقى بالىرىمىز مۇشۇكتىنمۇ قورقۇپ ، تۇخۇدىنمۇ ، ئۇركۇپ يۇرسە ،كىيىن قانداق  بىر ئوينىڭ ھوددىسىدىن چىقار


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1333
تۆھپە
1098
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 14:40:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرىدە ..بۇنىڭغا  بەك ھەيران قېلىشمۇ كەتمەيدۇ.


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1333
تۆھپە
1098
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 14:41:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى  شارائىت  يېمەكلىك  شۇنداق  قىلىپ قويىۋاتىدۇ بۇ جاھاننى ..،،ئەمدى  بۇنىڭغا  نە  ئامال..


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 2

تىللا
154
تۆھپە
33
UID
3928
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 00:26:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسلىرىدە بىرەر ئوقۇغۇچى يۈگرەپ يىقىلىپ كەتسە ، بارلىق ئاقىۋەتكە ئوقۇتقۇچى مەسئول بۇلۇشى كېرەك . ھازىر يۇشۇرۇن كېسەللەر بەك كۆپ . شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچىلار قۇرقۇپ ئوقۇغۇچىلارنى بوش قۇيىۋىتىدىغان بولدى. چۇنكى ھازىر ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقۇچى ئازراقلا تەنقىدلەپ قويسا ، ئاتا ئانىسىنى چاقىرتىپ مۇئەللىم بىلەن ھىسابلىشىدىغان ياكى تۇيۇقسىز بالا قازا ئېلىپ كىلىدىغان تۇرسا ئوقۇتقۇچىمۇ ئىنسان . ئۇمۇ ياشىشى كېرەك . بۇنداق ئىشلارنىڭ سەۋەبكارى زادى نىمە ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-22 10:01, Processed in 0.075009 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991