ئايفونمەنۇ، ئايفونمەن، جاھاندا بىر ئايفونمەن،
تېخنىكا ۋە سۈپەتتە، ھەممىدىن بەك «بايفون» مەن. ئايفون دەپ ئېتىم يامان، ئۈچ يىل بۇرۇن ئاتالغان، مەن ئۈچۈن خەق ساتمىغان، بۆرەكلەرمۇ قالمىغان. يانفون ئىدىم ئەسلى مەن، ئىقتىدارىم بەك تولۇق، ئەمدى «ئابروي» ئاتالدىم، «مەرتىۋە» مۇ قوشۇقلۇق. «تۆۋەن قاتلام» بولارمىش، مەن بولمىسام قولىدا، ئىززەتنىمۇ ئۆلچەپتۇ، يانچۇقتىكى پۇلىدا. «بەش سوملۇق» نىڭ گەپلىرى، «ئەللىك سوم» غا ئاقماسمىش، «ھازىر بۇنداق قۇرۇق گەپ، قۇرۇق قۇلاققا ياقماسمىش.» بۇ توغرىلىق سۆزلىسەم، زادى دەردىم تۈگىمەس، يانفون بولغانغا تويغۇزدى، ھېلىقى بىر گۆش يېمەس. مەنبە: ئۇلىنىش تورىدىن ئېلىندى پەقەتلا پايدىلىنىش ئۈچۈن، باشقا مەخسەت يوق
|