مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئايالار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
مەدەنىيەتنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى ئاياللارغا بولغان مۇناسىۋەت بىلەن بەلگىلىنىدۇ.
——— گوركي
ئاياللارغا بولغان مۇھەببەت بۈيۈك، ھېچنەرسە ئورنىنى باسالمايدىغان ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ خۇددىي گۆشكە سېپىلغان تۇزدەك يۈرەككە سىڭىپ، ئۇنى بۇزۇلۇشتىن ساقلايدۇ.
——— گىيورگۇ
ئاياللار پىدائىيلىقنى چۈشىنىپلا قالماي، ئۆزىنى پىدا قىلىشنىمۇ بىلىدۇ.
——— تۇرگېنېۋ
قىز بالىنىڭ پۈتكۈل بايلىقى ئۇنىڭ نومۇسى، ئۇ بايلىق ھەرقانداق مىراستىن قىممەتلىك.
——— شېكىسپىر
قەيەردە ئاياللار قاتتىق قول، تەلەپچان بولسا، شۇ يەردە ئۆسمۈرلەر جىگەرلىك بولۇپ يېتىشىدۇ.
——— سوخۇمىلىنىسكىي
ئاياللارنىڭ ئەڭ ئالىيجاناپ پەزىلىتى _ كەمتەرلىكتۇر.
——— كارامزىت
ئاياللارنى سۆيۈڭ ۋە ئىززەتلەڭ، ئۇلاردىن پەقەت تىنچلىنىشنىلا ئەمەس، بەلكى ئىلھامىڭىزغا كۈچ، مەنىۋى ۋە ئەقلىي قابىلىيەتلىرىڭىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغان قۇدرەت ئىزدەڭ.
——— مادزىنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-2 13:01