كۆرۈش: 1887|ئىنكاس: 2

ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك 100جۈملە سۆز[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
298
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 15:05:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك 100جۈملە سۆز



1. ھەر كۈنى ئۆزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!»دەڭ.
*
2. ئىسىڭىزدە بولسۇن، ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
*
3. قۇياشقا يۈزلىنىڭ، شۇندىلا ئۈمىدسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يۇقىلىدۇ.
*
4. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز،ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بولۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
*
5. ئوي - پىكرىڭىز ھەرىكىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ھەرىكىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ئادىتىڭىز مىجەز - خاراكتېرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، مىجەز - خاراكتېرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
*
6. ئېرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھېسابلاشماي توختىماي تەر تۆكۈۋېرىڭ، بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز.
*
7. قىش كەلدى. شۇنداقلا باھار بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
*
8. ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ، ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ.

9. ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ (يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇب،ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ).
*
10. ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
*
11. ئەگەر ئايدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزغا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز، ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردىنمۇ قۇرۇق قالىسىز.
*
12. تىرىشىپ ئۆگىنىڭ بىلىملىك بولىسىز. تەنقىدتىن قورقماڭ، غەيرەتلىك بولىسىز. ئويلاپ سۆزلەڭ، ئىناۋەتلىك بولىسىز. بىرسىنى تاللاڭ، خاتىرجەم بولىسىز.
*
13. دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر خۇشال ئۆتىسىز. جورىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتىسىز. كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت ئىچىدە ئۆتىسىز.
*
14. نۇر چېچىش پەقەت قۇياشقىلا خاس ئەمەس، سىزمۇ نۇر چاچالايسىز.
*
15. ئەخمەقلەر تېنى ئارقىلىق روھىنى باشقۇرىدۇ، دانالار روھى ئارقىلىق تېنىنى باشقۇرىدۇ.
*
16. ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ.
*
17. خۇشاللىق بىر خىل پوزىتسىيە، بىر كىشى خۇشال يۈرۈشنى چىن دىلىدىن نىيەت قىلسىلا چوقۇم خۇشال يۈرەلەيدۇ.
*
18. خۇشال ئۆتۈشنىڭ سىرى: ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن باشقىلارنى جازالىماڭ.
*
19. بىزنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزنىڭ مەنبەسى: ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن، يەنى سېلىشتۇرغاندا ئۆزىمىز ئىگە بولامىغان نەرسىگىلا ئېسىلىۋېلىپ، ئېرىشكەنلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىزدىن كېلىدۇ.
*
20. ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ، ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش - بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر. ئېزىپ قېلىش - بەلكىم يېڭى يول ئىزلەشتۇر.
*
21. ئاچچىقلىنىش - باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر.
*
22. بەختكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى - ئىلكىدە بارىنى قەدىرلەش، ئىلكىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش.
*
23. سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىلىپ قالىسىز.
*
24. ئاچكۆزلۈك - ئەڭ ھەقىقىي نامراتلىق. قانائەت بولسا ئەڭ ھەقىقىي بايلىق.
*
25. ئەتىكى ئۈمىد بىزگە بۈگۈنكى ئازابنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
*
26. خۇشاللىقتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىلەنگەندىلا تېخىمۇ خۇشال بولغىلى بولىدۇ.
*
27. خۇشاللىق ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ھېسابلاشقانلىرىڭىزنىڭ ئازلىقىدىندۇر.
*
28. ئادەمنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاشۇ قىسقىغىنە مىنۇتلاردا بەلگىلىنىدۇ.
*
29. بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزۈڭنىڭ خۇي - پەيلىدىن كۆر.
*
30. مەيلى قايسى ۋاقىتتا باشلاڭ،ئەڭ مۇھىمى باشلىغاندىن كېيىن توختاتماي داۋاملاشتۇرۇڭ.
*
31. مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرۇڭ،ئەڭ مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلماڭ.
*
32. ئادەم ئەگەر قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولىدۇ. ئادەم ئەگەر باتۇر بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ.
*
33. ئەڭ زور ئۈمىد ۋە بارلىق كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ، ئەمما ئەڭ يامان ئاقىۋەتكىمۇ تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ.
*
34. ھورۇنلۇق، ئىرادىسىزلىك ۋە بىكارچىلىق ئەقىلىنى داتلاشتۇرىدۇ.
*
35. ھەربىر ئىشنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.
*
36. ئۈمىدلىك ئادەم ئازابنى خۇشاللىققا، «دوزاخ» نى «جەننەت» كە ئايلاندۇرالايدۇ.
*
37. بارلىق غەلىبىلەر ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ غەلىبىنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. بارلىق مەغلۇبىيەتلەر ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.
*
38. خۇدا كىشلەرنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەسلا ئاغرىنمايدۇ، ئەمما كىشىلەر دائىم خۇدانىڭ تەڭسىزلىكىدىن ئاغرىنىدۇ.
*
39. دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ ھارغۇزىدىغىنى كۈنلەرنى بىكارچىقتا مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتۇر.
*
40. ھاياتىڭىزدىكى بىرىنچى ياشلىقنى خۇدا ئاتا قىلىدۇ، ئىككىنچى ياشلىقنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىسىز.
*
41. ئوي-پىكىر ئۈشكىگە ئوخشايدۇ، كۈچنى مەلۇم نۇقتىغا مەركەزلەشتۇرگەندىلا ئاندىن تېشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
*
42. ئادەم ئۆزىنىڭ نىشانىنى يوقىتىپ قويمىسىلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.
*
43. ئەگەر تاڭنى مەدھىيەلىگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا قاراڭغۇ كېچىنىمۇ قۇچاقلاپ قويۇڭ.
*
44. ھاياتلىق مۇھىمى تۇرغان ئورنىڭىز ئەمەس، يۈزلەنگەن نىشانىڭىز.
*
45. ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ، سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگۈدىن ۋاز كەچمەڭ.
*
46. ھاياتلىق بەك قىسقا، بۈگۈن ۋاز كەچكەنلىرىڭىزگە ئەتە ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن.
*
47. تالانت بىر پىرسەنت ئىلھام بىلەن 99 پىرسەنت تىرىشچانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر.
*
48. بىز ئادەملەر بەك ئەخمەق، دائىم ئېرىشكەنلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ئەكسىچە ئېرىشەلمىگەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ يۈرىمىز.
*
49. ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆزگە ئىلغاندىلا، باشقىلار ئاندىن سىزنى كۆزگە ئىلىدۇ.
*
50. ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ، ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ.
*
51. باتۇرلۇق قورقۇنچنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى قورقۇنچقا توغرا مۇئامىلە قىلالىغانلىق ۋە قورقۇنچنى يېڭەلىگەنلىكتىن دېرەك بىرىدۇ.
*
52. خاتالىقىنى تونۇغانلىق - خاتالىقنى يېرىم تۈزەتكەنلىك.
*
53. ياشلىق ئەگەر گۆرۈگە قويۇلىدىكەن، مەڭگۈ قايتۇرۇۋالالمايسىز.
*
54. بارلىق ئالداشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى - ئۆزىنى ئالداش.
بارلىق خاتالىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى - توختىماستىن ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەش.
*
55. تەجرىبە بولسا ئازابلىق كەچۈرمىشلەردىن كېلىدۇ.
*
56. بىر بالاسى بولمىسا تاشتا قۇيرۇق نە قىلۇر؟
بەدەلسىز ھوسۇل نەدە بولسۇن؟
*
57. غايىنىڭ يولى ئىشەنچكە تولغانلارغا تەييارلاقلىق.
مەغلۇب بولۇشتىن قۇرقۇپ قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ غەلىبە قازىنالمايسىز.
*
58. ئىشلەش ياكى ئىشلىمەسلىكنى تاللاش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا، ئەمما قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ پۇرسەتكە ئىگە بولالمايسىز.
*
59. ئەگەر كەم - كوتسىز دوست ئىزدىسىڭىز مەڭگۈ دوست تاپالمايسىز.
*
60. ئۆزىڭىزنى ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز چاغلاپ بىلمىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى خىجىل بولماي سوراپ بىلىۋېلىڭ، شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايسىز.
*
61. باشقىلارنى تۈزىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزدە خاتالىق بارمۇ - يوق؟ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.
*
62. ئۆزىڭىز قىلىشقا مۇۋاپىق بولغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆز رولىڭىزنى ياخشى ئېلىڭ، ئەڭ ياخشى ئۆزىڭىز بولۇڭ.
*
63. تۇرمۇشتىكى بىئاراملىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
*
64. يەككە يىگانىلىك ۋە ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىش ئەڭ قورقۇنچلۇق نامراتلىقتۇر.
*
65. بارلىق ئۇلۇغ ھەرىكەت ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بىرەر ئەرزىمەس باشلىنىشى بولىدۇ.
*
66. ھەرقانداق نەرسىنى ئۆگەنگەندە، جاپالىق بولسىمۇ تەرتىپ بويىچە باشتىن ئالدىرىماي، ئاساسنى پۇختا سېلىپ ئۆگىنىڭ، ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئاسانلا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭ.
*
67. ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ.
ھازىر ئىلكىڭىزدە بولغانلىرىنى قەدىرلەڭ.
ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغانلىرىدىن ۋاز كەچمەڭ.
ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىز ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ.
قولدىن بېرىپ قويغانلىرىڭىزنى ئەسلىمە ئورنىدا كۆرۈڭ.
*
68. پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ.
*
69. ھېسسىيات ئەقىلنى ئەمەس، ئەقىل ھېسسىياتنى باشقۇرۇشى كېرەك.
*
70. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى: سىز ئەڭ قىزىقىدىغان، سىز قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئىش - سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بولۇشى كېرەك. شۇندىلا سىز خىزمەتتىن ھەر ۋاقىت خۇشاللىق تېپىپ، خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى بەختىيار ھېس قىلىسىز - دە،خىزمەت ئۈنۈمىڭىز تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
*
71. بىز خۇدا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىدىن بۇ دۇنيانى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلالايمىز.
*
72. بەرىبىر قىلغاندىن كېيىن چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك.
*
73. ئوقۇش، خىزمەت، نىكاھ، ئائىلە ھاياتنىڭ تۆت چوڭ مەزمۇنى، ھەممىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. قايسى بىرسىگىلا كۈچەپ، قالغانلىرىنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.
*
74. ئەگەر بىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كەينىمىزگە قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ ئورۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ بىز يەنە ئۆزئارا ئازارلىشامدۇق؟
*
75. مەستلىك - نەسلىك، ئاقىۋىتى - پەسلىك!
*
76. دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس، كەم بولغىنى گۈزەللىكنى بايقايدىغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆز.
*
77. باشقىلار مېنى ھۆرمەتلىسۇن دېسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق ئادەم بولۇڭ.
*
78. بىر بالا ئەگەر تەنقىد ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئەيىبلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
79. بىر بالا ئەگەر دۈشمەنلىك ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ كۈرەش قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
80. بىر بالا ئەگەر ۋەھىمە ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ غەم - قايغۇنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
81. بىر بالا ئەگەر ئىچ ئاغرىتىش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى ئەيىبلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
82. بىر بالا ئەگەر مەسخىرە ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ يۈرەكسىزلىكنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
83. بىر بالا ئەگەر ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ قىزغانچۇقلۇقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
84. بىر بالا ئەگەر ھاقارەت ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ جىنايەت تۇيغۇسىنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
85. بىر بالا ئەگەر رىغبەتلەندۇرۇش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئىشەنچنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
86. بىر بالا ئەگەر سەۋر - تاقەت ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ سەۋرچانلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
87. بىر بالا ئەگەر تەقدىرلەش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ مىننەتدارلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
88. بىر بالا ئەگەر رازىمەنلىك ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز - ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
*
89. بىر بالا ئەگەر تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ مەردانىلىكنى ئۆگىنىۋالىدۇ........
سىزنىڭ بالىڭىز قانداق شارئىتتا ياشاۋاتىدۇ؟
(78 - دىن 89 - جۈملىگىچە «ئۆگىنىش ئىنقلابى» دېگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ئېلىندى)
*
90. قارىغۇنى كۆزىدىن ئايرىغان خۇدا ھاسىدىن ئايرىماپتۇ. خۇدا ئىشىكنى تاقاپ قويغان بىلەن تۈڭلۈكنى ئېچىپ قويىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ھامان ئامال تېپىلىدۇ.
*
91. تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز، ئەمما چوقۇم غەلىبە قازىنالىشىڭىز ناتايىن، بىراق ئەگەر ۋاز كەچسىڭىز چوقۇم مەغلۇب بولىسىز.
*
92. نىكاھ بىر جۈپ ئۆتۈك. پۇتنى قىستىغان ياكى قىستىمىغانلىقىنى پەقەت كىيگەن ئادەمنىڭ پۇتى بىلىدۇ.
*
93. نىكاھ - ئائىلە تۇرمۇشىدا، ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغاندىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ قارشى تەرەپكە ماسلىشىش ئەڭ ئاقىلانىلىكتۇر.
*
94. ھەممە ئىشنى ياخشى تەرەپكە تارتىپ ئويلاڭ، ئىش بەلكىم سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوسال بولماسلىقى مۇمكىن.
*
95. سىزنىڭ توغرا بولغاندىن كېيىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، سىزنىڭ خاتا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچچىقلىنىشقا تېخىمۇ ھەققىڭىز يوق. ئۇنداقتا يەنە نېمىشقا ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋالالمايسىز؟
*
96. باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئاسرىغانلىق.
*
97. تاللاش خۇشاللىق ئىش، چۈنكى تاللاش ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغىنىغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا تاللاش يەنە ئازابلىق ئىش، چۈنكى تاللاش جەريانىدا ئۆزىڭىز تاللىغانلىرىدىن باشقىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.
*
98. ئامال بار ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەننى تاللاڭ، شۇنداقلا تاللاپ بولغان ئىكەنسىز، چوقۇم ئۆزىڭىز تاللىغىنىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ.
*
99. بىز ئۆزىمىز تۇرغان مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ ناچار مۇھىتقا بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
*
100. ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈشىڭىزگە يۈزلىنىڭ.
ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنىڭىزگە يۈزلىنىڭ.
ئەڭ كۆپ ئارزۇ - ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىڭىزگە يۈزلىنىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 11:37  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
204
تۆھپە
102
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 13:36:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىگىدەك


Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 03:02:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋالدىم رەھمەت


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 15:21, Processed in 0.076527 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991