تۈركىيەدىكى ئېچىنىشلىق «خوتۇن تۆلەش» ئەنئەنىسى
تۈركىيەنىڭ تارىخىي ئاسار - ئەتىقىلەر ئەڭ كۆپ بولغان شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇب رايونلىرى تۈركىيەدىكى ھەرخىل غەلىتە قائىدە-يوسۇنلار ئەڭ كۆپ رايون، ئۇ يەرلەردىن دائىما توي قىلمىغان قىزلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا پاكلىقىنى تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، قېرىنداشلىرى ئۈچۈن باشقىلارغا شەخسەن ئۆزى ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىگە ئوخشاش ۋەقەلەر تارقىلىپ تۇرىدۇ، يېقىندا يەنە «خوتۇن تۆلەش» ۋەقەسى يۈز بەردى. «خوتۇن تۆلەش» دېگەندە مەلۇم بىر ئەرنىڭ ئايالى قېچىپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يولدىشى ئايالىنىڭ ئۆيىدىكىلەردىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئايالىنىڭ ئۆيىدىكىلەر چوقۇم نۇرغۇن تۆلەم تۆلەپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر تۆلىمىسە بىر توي قىلمىغان قىز بالىنى «نام-ئاتاق تۆلەم بۇيۇمى» ئورنىغا تۆلەپ بېرىدۇ، بۇ قىز ئۇ ئەرنىڭ قانۇنسىز ئايالى بولىدۇ، يەنى ئاتالمىش توقىلى بولىدۇ ۋە ھېچقانداق قانۇنىي ئورۇنغا ئىگە بولمايدۇ. ئەمما ئەگەر ئايالىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەم پۇلى، ھەم ئادىمى بولمىسا، قېچىپ كەتكەن قىزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.
ئەگەر مەلۇم بىرەيلەننىڭ ئايالى باشقا بىر ئەر بىلەن قېچىپ كەتسە، ئۇ ئايالنى ئېلىپ قاچقان ئەرنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىر توي قىلمىغان قىزنى ئۇنىڭغا بېرىپ، ئۇ ئەرنىڭ «ئار-نومۇسىنى يۇيۇش تۆلەم بۇيۇمى» قىلىنىدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندا، بۇ ئەر ئار-نومۇسىنى يۇيۇش ئۈچۈن زور تۆلەم ياكى يەر، ئۆي تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
تۈركىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەررۇزۇم ئۆلكىسىنىڭ بىر رايونىدا بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن باي بوۋاي ئەدىمىدنىڭ 20 ياشقا كىرگەن ئەچىن توي قىلغان بەش يىل داۋامىدا بەش بالىنى تۇغقاندىن كېيىن، سەككىز ئاي بۇرۇن 15 ياشلىق كىچىك ئاشنىسى سەۋىر بىلەن قېچىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئەدىمىد ئەنئەنە بويىچە سەۋىرنىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن تۆلەم تەلەپ قىلغان. يەرلىك كىشىلەردىن تاشجىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئىككى تەرەپنىڭ چوڭلىرى يېقىندا يىغىلىپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق سەۋىرنىڭ 13 ياشلىق سىڭلىسىنى <تۆلەم خوتۇن> ئورنىدا 70 ياشلىق ئەدىمىدغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان، تۇرمۇشى غۇربەت سەۋىر ئائىلىسىمۇ بۇ كېسىمگە قوشۇلۇپ، قوبۇل قىلغان.» ئەمما ئىككى تەرەپ دىنىي قائىدە بويىچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، ئالتە سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سەۋىرنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان جەسىتى قوشنىلار تەرىپىدىن كېلىنچەكنىڭ ھۇجرىسى سىرتىدىن تېپىۋىلىنغان. ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىش سەۋەبىنىڭ ئەدىمىد تەرىپىدىن خورلۇققا ئۇچراپ نومۇسقا چىدىماي قالغانلىقى ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-29 22:28