كۆرۈش: 23800|ئىنكاس: 8

قىز بالىلارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش دوكلاتىدىن جۇڭگوچە ئا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
174
تۆھپە
11
UID
5032
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 15:45:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز بالىلارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش دوكلاتىدىن جۇڭگوچە ئائىلە تەربىيەسىگە نەزەر
ئاپتور: سۈي چۈنيۆ

    يېقىندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئۆلكە بويىچە قىز بالىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىغا قارىتا بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، قىز بالىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش جىنايى ئىشلار دېلوسى ئىچىدە قىز بالىلارنىڭ جىنسىي جىنايەت زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالى ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ ، دېلو ئومۇمىي سانىنىڭ %75.34 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايقىدى . ئۆتكەن ئۈچ يىلدا 2500 دىن ئارتۇق قىز بالا جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمىغا يېقىنى 14 ياشتىن تۆۋەن قىزلار ئىكەن . يەنە كېلىپ قىز بالىلارغا جىنسىي زىيانكەشلىك قىلغانلارنىڭ %65.74 ى تونۇش كىشىلەر ئىكەن .

    قىز بالىلارغا جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىشتىن ئىبارەت يۈرەكنى جىغىلدىتىدىغان دېلولار بىز چوڭلارنى بۇ كىچىك بالىلار ئۈچۈن قايغۇرتىدۇ ۋە غەزەپلەندۈرىدۇ . لېكىن ئۇلار رەھىمسىز خارلاش ئالدىدا قارشىلىق كۆرسىتىشكە پېتىنالمىغان ، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان .ئۇلار نېمىنىڭ جىنىس ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ، ئۇ ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرىنى نېمە قىلغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ . شۇنچە ياش پاك قەلبلەر ئۇچراشقا تېگىشلىك بولمىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ، ھەتتا بۇ ئۇلارنىڭ ساغلام خارەكتېرىگە ، ئائىلىسىنىڭ بەختىگە تەسىر يەتكۈزگەن .
    ئۇلار قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئويلىمايدۇ ئەمەس ، بەلكى ئۇلارغا مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ھېچكىم ئېيتمىغان ، جۇڭگودىكى ئائىلە باشلىقلىرى ھەمىشە بالا تېخى كىچىك ، دەپ قارايدۇ . شۇنداقلا مۇنداق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قانداق سۆزلەر بىلەن ئېنىق بايان قىلىشتا ناھايىتى قىينىلىدۇ . نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرى بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ، دەپ قارايدۇ ياكى ئېيتىشقا ئوڭايسىزلىنىپ ، ھەرقاچان يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان خەتەرگە سەل قارايدۇ . بىزنىڭ بالىلارغا بولغان بىخەتەر مۇداپىئەلىنىش تەربىيەمىزنىڭ كەم بولۇشى بالىلىرىمىزنى نادانلىقنىڭ خەتەرلىك گىرۋىكىگە ئىتتىرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

    جۇڭگوچە ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تەربىيەنىڭ ئۆزىدە ئەمەس ، بەلكى تەربىيە بېرىشتە . ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆزلىرى بىلىش زۆرۈر دەپ قارىغان بىلىملەرنى شەخسىي ئېڭى ئارقىلىق بەلگىلەيدۇ . ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ماددىي نەرسىلەرنى بېرىش ، ئۇلارنى ئوقۇتۇش ، ئۇلارغا ياخشى يېدۈرۈش ۋە كىيدۈرۈش ئاتا-ئانىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى دەپ قارايدۇ . ۋاھالەنكى ، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىشتە ھەمىشە تېخىمۇ كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ، يېتەكلەشكە ۋە چوڭلارنىڭ دۇنيانى ئەڭ ھەقىقىي بىلدۈرۈشىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ . دەل شۇنداق بولغانلىقتىن ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسخانىلىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا زوراۋانلىققا ئۇچرىغان چاغدا ئۆزىنى قانداق قوغداش توغرىسىدىكى بىلىملەر ئوچۇق سۆزلىنىدۇ. لېكىن جۇڭگودىكى دەرسخانىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇ ئىشلارنى بىلگەندىن كېيىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، جىنسىي ساغلاملىق توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە ، بالىلار ئۇ بىلىملەرنى بىلمىسە پاك تۇنجى قەلبىنى راستىلا چوقۇم ساقلىيالامدۇ ؟ ھامان تېخىمۇ زەھەرخەندە كىشىلەر ۋە خەۋپ-خەتەر ئاتا-ئانىلىرى ئۆزلىرىگە بەرگەن ياخشى بىلىملەرنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغۇزىۋېتىپ ، قانداق قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ ، ھەتتا ئۇلار ئۇچرىغان قايغۇ-ھەسرەت ۋە ئازاپ-ئوقۇبەت ئۇلارنى جىمغۇر، مەيۈس قىلىپ قويىدۇ . بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ، ئەگەر ئۇلار ئۆزىنى كۈچەيتمىسە ، بۇ ئۆزگىرىشچان ۋە مۈشكۈلاتلارغا تولغان جەمئىيەتنى قانداق بەرپا قىلىدۇ ؟ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا كۆيىنىشى ھامان ئاسانلا پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىش ۋە ئۇلارنى ئەۋزەل تۇرمۇش شارائىتى ھەم كىتاب ئوقۇش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشكە مەركەزلىشىدۇ . لېكىن مەيلى ئاتا-ئانىلار ياكى مەكتەپ ۋە ياكى پۈتكۈل جەمئىيەت بولسۇن ، ئۆز-ئۆزىنى قوغداشتىن ئىبارەت يەنە بىرخىل تەربىيەگە ، يەنى قانداق قىلىپ زىيانكەشلىكتىن مۇداپىئەلىنىش ، ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ، گۈزەل ھەم مۇزدەك سوغۇق جەمئىيەتكە قانداق ماسلىشىش توغرىسىدىكى تەربىيەگە سەل قارايدۇ .

    بالىلار خەتەرگە يولۇقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلمىگەن ، چوڭلاردىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان چاغدا ئۇلاردىن بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قانچىلىك قەبىھلىكىنى ، ئۇلارنىڭ كېيىن شۇنداق ئىشلارغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۈنلۈك ئېيتىپ بېرىش كېرەك . بوزەك قىلىشقا پەقەت چوڭلار ئىشنىڭ يېيىلىپ كېتىشىدىن ، بالىنىڭ ۋە پۈتكۈل ئائىلىنىڭ ئابرويىغا زىيان يېتىشىدىن قورقماسلىقتەك ھەرخىل ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تاقابىل تۇرغاندىلا ، بالىلار ئاندىن توغرا بىلەن خاتانى بىلەلەيدىغان بولىدۇ ، بالىلاردا خەتەرنى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىدىغان قورقۇنچاقلاردىن بولماي، بەلكى خەتەرگە باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرىدىغان ئاڭنى تۇرغۇزۇش لازىم .يوشۇرۇش مەڭگۈ بالىلارنى ئۆز-ئۆزىنى ھەقىقىي قوغداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالالمايدۇ .

    نۆۋەتتە ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنى ئىجابىي جەھەتتىن تېخىمۇ يېتەكلىشى ، مەكتەپ جۈملىدىن پۈتكۈل جەمئىيەت بالىلارنىڭ مۇداپىئەلىنىش تەربىيەسىگە توغرا پوزىتىسىيە تۇتۇپ ، بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش كىرەك . بالىلارغا بىر ساغلام بىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش لازىم . بالىلارنى بۇنىڭدىن كېيىن خەتەرنى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلماي ، بەلكى ئۇنىڭغا باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك .

    تەرجىمەقىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت

مۇھەررىر: قەيسەر      

   بۇ ئەسەرنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا تەۋە، باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ھەرقانداق باھانە–سەۋەب بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

    زۆرۈر بولسا رۇخسىتىمىزنى ئېلىڭ.

    تېلېفون نومۇرى: 8521981-0991

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
133
تۆھپە
63
UID
10059
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 01:35:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     نارىسىدە قىزلارغا زىيانكەشلىك قىلغان چوڭلارنى روھىي جەھەتتە داۋالاش، بۇ خىل داۋالاشنى ئېتىقاتتىكى داۋالاشقا يۈكسەلدۈرىش، ئاندىن ئەخلاق رېتسىپلىرى بىلەن بىۋاستە داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم. گۇمراھ جەمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى زىددىيەتلىك ئەخلاق ئۆلچەملىرى جىنسىي زوراۋانلىقنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئىشنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆز زامانىسىدا كۇڭزى: ئەر-ئاياللارنىڭ بىر كوچىدا ماڭماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەگەر خەنلەر كۇڭزى ئەقىيدىسىدە چىڭ تۇرغان بولسا، ھازىرقىدەك چۈشكىن، چىرىك ھالەتكە چۈشۈپ قالمىغان بولاتتى. بالىلىق دەۋىرلىرىمدە، خەنلەرنىڭ قىز-چوكانلىرى ھازىرقىدەك يېرىم-يالىڭئاچ يۈرمەيتتى. شۇ دەۋىردىكى ئاياللار خېلىلا شەرمى-ھايالىق ئىدى. ئويلاپ باقسام ، تۇنجى ئەۋلاد پىشقەدەم كوممۇنىستلار ھەر ھالدا كۇڭزىنىڭ ئىخلاسمەن مۈرىتلىرىدىنكەن. ئىسلاھەت-ئېچىۋىتىش دۆلەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان بولسىمۇ، يامان بولغىنى ئاياللارنىڭ ئۈستىۋاشلىرى ئېچىلىپ قالدى. يېرىم-يالىڭئاچ بەدەن، كۇساركۇ كىيگەن پاچاقلار.......  يا غەرىبچە ئەمەس، يا شەرىقچە ئەمەس. ئېتىقادىدىن ئايرىلغان ماڭقۇرتلارنىڭ ھالى نېچۈك؟! ياخشى-ياماننى، ھالال-ھارامنى ۋە گۇناھ-ساۋابنى تونۇپ يەتمىگەن يولداشلار قورقۇش ئېڭىنى ئۆزىدىن چۆرۈپ تاشلىدى. بەرىبىر، ئاياللىرى ئۆز سەنىمىگە دەسسەۋەردى. يېرىم-يالىڭئاچ بەدەن، كۇساركۇ پاچاقلار يات جىنىستىكىلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قوزغاۋەردى، غىدىقلاۋەردى.....  كوچىدىكى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان نازنىنلاردىن ئالالمىغان دەردىنى ئىش ئۇقمايدىغان نارىسىدە قىزلاردىن ئېلىشقا باشلىدى. مۇئەللىپ دېگەندەك جىنسىي تەلىم-تەربىيە بىلەن قىزچاقلارنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ئىشنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئېتىقادنى تىكلەش، ئەقىيدىنى تۈزەش، جەمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاقنى ساپلاشتۇرۇش ئارقىلىق شەرمى-ھايالىق جەمىيەت ۋە كوللېكتىپنى بەرپا قىلىش ھەقىقىي چىقىش يولىدۇر. خەنلەرنىڭ ئاياللىرىدىكى بۇ خىل ھاياسىزلىق، ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرى بىز خەقتىكى ئىش ئۇقمايدىغان ئاياللارغا ياكى ئۈلگە، ياكى مودا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئاياللارنىڭ [ئانىلارنىڭ ] نابۇت بولۇشى، شۇ مىللەتنىڭ ھالەك بولۇشىنى، دۆلەتنىڭ گۇمران بولىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە، دەيدۇ كونىلار.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1719
تۆھپە
1082
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 11:08:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدا ئوغۇللارغا تەربىيە ئىشلەش بەكراق مۇھىممىكىن دەيمەن ...


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 6Rank: 6

تىللا
690
تۆھپە
390
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:00:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپلەرىمىز باللىلار تەربىيىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تەلىم- تەربىيە ئورگىنى بولغىنى بىلەن ياش قورامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان جىنسىيەت تەربىيىسىدە «ئەخلاق، يۈز قاراش ، نۇمۇس قىلىش...» قاتارلىق چەكلىمىلەردىن ئۈتەلمەيۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇ تەربىيىدە ھەقىقى نەتىجەئاز. بىر ئۇقۇتقىدىن ئاڭلىسام گېگىنا دەرسىنىڭ جىنسىيەت، كۆپىيىش ئەزاسىغا ئائىت مەزمۇنلارنى سۆزلىگەندە سىنىپتىكى كۆپ قىسىم ساۋاقداشلار كۈلۈپ ئولتۇرغان بۇلۇپمۇ ئاز ساندىكى قىز ساۋاقداشلار نىڭ ئنكاسى ،ئىپادىسىمۇ كىشنى ئوڭايسىز لاندۇرۇپ قويغان. بۇنىڭ ھەممىسى دەل بۇجەھەتتىن تېخى بالىلىرمىزنىڭ تۇلۇق ئىدىيە تەييارلىقىدا ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.  


ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
315
تۆھپە
201
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 22:36:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
750
تۆھپە
538
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 12:42:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا بولغان جىنسىيەت ۋە قانۇن قارىشى تۇرغۇزغاندا بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، لېكىن ھەل قىلغۇچ ئامىل يەنىلا ئەخلاق ۋە بۇرچ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 14:14:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسقۇنچىلار، جىنسىي پاراكەندىچىلىك  قىلغۇچىلارنى ئەڭ ئېغىر جازالاش كېرەك!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
176
تۆھپە
89
UID
2786
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 22:37:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ھەممىمىز  قانوننى ياخشى ئۆگىنىشىمىز ، قانون ئېڭىمىزنى يوقىرى كۆتىرىشىمىز كېرەك،


Rank: 4

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
298
تۆھپە
191
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 9 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا بولغان جىنسىيەت ۋە قانۇن قارىشى تۇرغۇزغاندا بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، لېكىن ھەل قىلغۇچ ئامىل يەنىلا ئەخلاق ۋە بۇرچ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 11:26, Processed in 0.078022 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991