خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر
پەرۋىنبەگ
قىزنىڭ سۇئالى غەلىتە ، شۇنداقلا بەك ئاددى ئىدى .
ـ سىز غەرىبكە ساياھەت فىلىمىنى كورگەنمۇ ؟
ـ كۆرگەن ،
ـ سىزنىڭچە بۇ فىلىمدىكى ، مايمۇنەك ، ساقاللىق شاسىڭ ، تاڭسىڭ ، چوشقىبايدىن قايسى سىزگە ئەڭ ياخشى تەسىر قالدۇرغان .
ـ قىزىق سۇئال سورايدىكەنسىز . ئەلۋەتتە ، چۇپۇرباش مايمۇن بولمايچۇ . .
ـ ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىڭ؟
ـ شۇ ، شۇ ...سىز بىلمەيدىغان ئوخشايسىز، ئۇنىڭ كارامىتىنى ...ھەي...ئەگەر شۇ كارامەت مەندە بولۇپ قالسا ، قانداق بوپ كېتەر ئىدى –ھە .
ناتۇنۇش قىزنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى ھاشىم جېكسۇن ، تۇڭڭۇز بازىرىنىڭ نوچىسى، ئۇسسۇل، دېسكو دېگەننى قاتۇرۇپلا قويىدۇ . چىرايىمۇ ئۆزگىچە ، بىر قارىغان قىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىد ۇ، ئېگىز بەستى، بازغاندەك مۇشتى ، سادامدەك بۇرۇتى ، بىرلىكتىن ئارتۇق ئۆستۈرمەيدىغان چېچى ، نېمىسىنى دە ، قاملاشقان كاساپەت ، پەشۋا دىگەننى ئېتىپلا قويىدۇ . ئۇرۇشۇپ قالدىڭمۇ ؟ يا قولۇڭ سۇنىدۇ ،يا پۇتۇڭ ، يا تۇمشۇقىڭنى مايمۇننىڭكوتىدەك قىپ تاشلايدۇ . نەچچە يىل ئوقۇپ ئاران دىگەندە ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئەمدىلا ئاتلىشىغا ، بىر مەستنىڭ ئالدىنى توسۇپ تاماكاڭ بارمۇ دىگەنگە ئۇرۇپ – دەسسەپ ناكا قىلىپ قويۇپ ، گۈلدەك خىزمىتىنى بىر تال تاماكىغا تېگشىۋەتتى . ئاتىسى دىگەن بىچارىنىڭ تۈمەن پۇل خەجلەپ ئېرىشكىنى شۇ بولدى .
تۇڭگۇز بازىرى ئاجايىپ بازار . سەن بۇ يەردىن توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەر قانداق نەرسىنى تاپالايسەن ، پەقەت چونتىگىڭدە تاراق-تاراق ، سانىغاندا شاراق-شاراق ئاۋاز چىقىرالايدىغان كۆزىڭنىڭ يېغىنى ئالىدىغانتىرىق-تىرىق پۇل بولسىلا بولدى . نەدىن كەلدى ، قاياقتىن ئۇچۇپ كەلدى ، ھىچكىم بىلمەيدىغان ، لېكىن سەن دائىم سوراپ ھارمايدىغان تومۇچۇق قىزلار بۇ بازارنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرۇد ۇ. توڭگۇز قوتىنىدەك ئايرىمخانىسى بار، تېكە سۈيدىگىدەك سېسىق پۇرايدىغان ئايرىمخانىلاردا، سەن ھاياتىڭدا ئاڭلاپ باقمىغان ، كۈلكە ، لاپ ئۇرۇش ، پو ئېتىشنى ، زىتىڭغا تېگىدىغان ، شۇنداقلا ئاڭلاشنى بەك ياقتۇردىغان چاقچاقلارنى ئاڭلايسەن . گاھ ئاچاڭدەك ، گاھ قىزىڭدەك قىزلار بىلەن بىر-بىرسىڭنى ئالداشقا چوتسوقۇشىسەن . كىندىكى ئۇچۇق ، چوتكاباش چېچىنى كۈن نۇرى كورمەي ئالا-تاغىل بويىۋالغان . يوتىسىنى قەستەن ئېچىپ يۇرۇيدىغان مەيخور قىزلار بىلەن مۇساپىرلار مۇنچىسىدا يۈرگەندەك ، تاماكىنى قىڭغىر چىشلىشىپ ، بىر ئاي ئىشلەپ تاپقان پۇلۇڭنى بىركېچىلىك بەزمىگە ئاتايسەن . چۈنكى بۇ كوچىدا كۈن غەرەپتىن چىقىدۇ.شەرىقتىن چىققاندا ئۆزەڭنى ، ئۆزەڭ بىلمەيدىغان ئازگالدا ھىس قىلىسەن . ھاشىمنىڭ كۈنى مۇشۇ توڭگۇز بازىرىدا كەچ بولىدۇ. تاپالىساپۇلغا . تاپالمىسا ھەمتاۋاق ھاراقئىچىپ يۈرۈۋېرىدۇ . ھاشىمنىڭ بىر دوستتىنىڭبۇ كوچىدا تاياق يىيىشىىگە رۇخسەت يوق ، سىنى بۆزەك قىلسا قىلسۇن ، سەن بۆزەكقىلما ، چۈنكى ئۇرە-چاپنىڭ قانداقلىغىنى تۇڭگۇز بازىرىدا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە بىلىدۇ . كېچىدىن بىرى ئىچكەن ھاراقنىڭ كۇچى بىلەن نەدە يېتىپ قالغانلىغىنىنىبىلمىگەن ھاشىم قىپ-يالىڭاچ بىر قىزنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئويغۇنۇپ كەتتى.كىرىسلودابىر ناتۇنۇش قىز يوغان پۇتىنى ئالماپ تاماكا چىكىپ ئۆلتۇراتتى.
ـ سىزنىڭ تېلىفۇنىڭىز...
سىز كىم ، مەن قانداق بولۇپ .... بولدى بولدى ،مىنىڭبۇ يەردى ئىكەنلىگىمنى مەنمۇ بىلمىسەم كىمدىن كەلگەندۇر...
ئاخشامقى ئىش ئۇنىڭ ئېسىدە ھەر قانچە خىيالقىلسىمۇ كەلمىدى. دائىم نىسى ھالەتتە تۇرىدىغان يانپۇنىغا يۈز سوم پۇلنىڭقاچىلىنىپ قېلىشى ،بىزنىڭ بۇ نوچىنى ھايران قالدۇرسا،ناتۇنۇش بىر قىزدىن كەلگەنتېلىفۇن ئۇنى بەكمۇ شاتلاندۇرۋەتكەن ئىدى.بەكمۇ چىرايلىق ناتۇنۇش قىز ئۇنى ئەڭياخشى بىر ئارامگاھغا تەكلىپ قىلدى.
ناتۇنۇش قىز يەنە سۇئال سوراشقا باشلىدى:
ـ مايمۇنەكنىڭ بىر قىزغا قاش ئاتقىنىنىكۆرگەنمۇ؟
ـ ياق.
ـ تاڭسېڭنىڭ،شاسېڭنىڭ بىر قىزغا كۆزسالغىنىنى،قاش ئاتقىنىنى كۆرگەنمۇ؟
- ياق.
جۇ باجىې چۇ؟
ـ سىز ئۇقۇتقۇچى ئوخشىمامسىز؟ئىككىمىز تۇنجىكۈرۈشكىنىمىز بۈگۈن،سىز مەندىن ،سىز كىم،مەن سىزدىن سىز كىم دىمەستىن،باشلانغۇچنىڭبالىسىدەك سۇئال سوراپ كەتتىڭىز،جۇباجىېنىڭ كىملىگىنى سىزمۇ بىلمەمسىز،مەن سىزدىنبىر نەنچە سۇئال سوراپ باقسام قانداق؟
قىز تاتلىق بىر كۈلۈۋېتىپ تاتلىق لەۋلىرىنىھەركەتكە كەلتۈردى:
- بۈگۈن سىز مەندىن سۇئال سورىمايسىز،مەن سىزدىنسۇئال سورايمەن.
ـ سوراڭ،سوراڭ. سىزدىن ئايلانسۇن،خانقىز.تاتلىقسوزىڭىزنى ئاڭلاشقا خۇشتارمەن.
ـ سىز بىرسىنى جۇباجىېدەك مىجەزـ ھەۋەسكە ،قىزنىكۆرسە ئولتۇرالمايدىغان،ھاراقنى كۆرسە ئىچىۋەتمىسە يانمايدىغان،ھەر قانداق نەرسىگەقىزىقىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ بەرسىڭىز..
ـ سىز ئېزىپ قالمىغانسىز-ھە...
ھاشىم، ئالدىدا تارتىنماي،قىپ-قىزىل لەۋلىرىنىھەركەتكە كەلتۈرۈپ،شاتۇتتەك سايراپ ئۆلتۇرغان قىزغا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەنتىكىلدى.«چىراي-شەكلى،كىيىم-كېچىگى دۇرۇس.يىۋەتكىدەك ھۆسنىگە گىرىمنى خاتا قىلىۋالمىغان لېكىنھازىرقى تەلەپلىرىچۇ؟ تۇڭگۇز سۈيدىگىدىن مەنمۇ سەسكىنىپ يۈرگەندە،شەھەرلىكقىزلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تونۇش،لېكىن بۇ ساراڭ قىز نەدىن كەلدى،يۈز سوم پۇلنىيانفۇنىمغا قاچىلاپ قويسا،يەنە كېلىپ ئارامگاھغا تەكلىپ قىلسا،ئۆيلانمايلاكەلگىنىمنىڭ نىمىسى،ئەيتاۋۇر مىنى سىناپ باققاندۇر،ياكى بولمىسا ،ماڭا كۆيۈپيۈرگەن ساراڭنىڭ بىرسىدۇر...»
- ھەيران قالماڭ
ناتۇنۇشقىز يىنىك كۈلۈمسىرەپ ھاشىمنىڭ ئالدىغا ئەللىك يۇەنلىك بىر تۇتام پۇلنىتاشلىدى.ـ بۇ پۇل سىزگە تەئەلۇق بولدى.
ـ قىزچاق بۇ نىمە ئىش ئەمدى،مەن ھىچنىمىنىبىلەلمىدىمغۇ؟
ئەللىك يۇئەنلىك پۇل سەھەردىكى نومۇس دىگەننىبىلمەيدىغان قىپ-يالىڭاچ قىزدەك ھاشىمغا كۆز تاشلاپ تۇراتتى.
ـ مەن خىزمەت قىلىۋاتىمەن،ھاشىمجان.مەن سىزنىئوبدان تونۇيمەن.بۇ ئىشقا پەقەت سىزنىڭ شەرتىڭىزلا توشىدۇ...
«مىنى جاسۇسلۇققا سالامدۇ بۇ قىز؟007 فىلىمىدىكىكۈرۈنىشنىڭ ئۆزىغۇ بۇ،مەن يا يامان ئىش قىلمىسام،يامان ئىش دىگەندە ئاشۇ قىزلاربىلەن ...لېكىن پۇلنىڭ مەرىدىن كەچمەسلىك كېرەك،پۇل،پۇل دەپ نىمە كۈنگە قالمىدىم.چۆپ-چوڭيىگىت تۇرۇپ يانچۇقتىن ئەللىك يۇئەن ئايلاپ كۈرۈنمىسە...»
ـ سىزنى يولۋاس يۈرەك دىسەم،سىزمۇ توشقان يۈرەكئۆخشىمامسىز،ـ دىدى قىز قاقاقلاپ كۈلۈپ،ـ شەرتىم ئاددى ،پەقەت بىر كىشىنى ھاراقئىچەلەيدىغان، تاماكا چېكەلەيدىغان،ئاخشىمى تۈن يانغاندا يولۋاستەك ھۆكۈرەپ،سەينانوچىسى بۇلۇپ ئۆيگە كىرەلەيدىغان،خوتۇن-قىزلارنى كەلتۈرەلەيدىغان،خوتۇنىنىئۇرالايدىغان،قېچىر بولمىغاندىكىن سەنمۇ تۇغمامسەن،بولمىسا ئۈچ تالاق پىشەنەڭدەدىيەلەيدىغان ئەرلىك ھالەتكە كەلتۈۈرپ بەرسىڭىزلا بولدى. ئونمىڭ يۇئەن شۇ چاغداسىزنىڭ بولىدۇ. ئالدىڭىزدا تۇرغىنى ئۈچ مىڭ يۇئەن،قالغان يەتتە مىڭ يۇئەنگە سىزگەتۈركۈمگە بۈلۈپ بېرىلدۇ،سىز مەن دىگەن كىشىنى بىرىنچى قېتىم مەست قىلالىسىڭىزئىككى مىڭ يۇئەن،ئىككىنچى قېتىم مەست قىلالىسىڭىز ئىككى مىڭ يۇئەن،باشقا قىزلاربىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ قالسا قالغانپۇلنىڭ ھەممىسى سىزگە تەئەلۇق بولىدۇ،پەقەت بۇ ئىشنى بەك مەخپى تۇتۇشىڭىزنى تەلەپقىلىمىز،ئەگەر بۇ ئىش ئاشكارلىنىپ قالسا،سىز قالغان پۇلغا ئېرىشەلمەيسىز..
ناتۇنۇش قىزنىڭ كىيىنكى سوزلىرى ئۇنىڭ قۇلۇغىغاكىرمىدى.ئۇ پەقەت پۇلنىڭ ئىشتىياقىدا شىرىن چۈش كۈرۈۋاتاتتى« توۋۋا،جاھاندامۇشۇنداقمۇ ئىش بولىدىكەن،نەنچە يىل ھاراق سورۇنىدا يۈرۈپ ئاڭلاپ باقمىغان،ئاددىسىخىيالىمغىمۇ كىرىپ باقمىغان ئىشقۇ بۇ... شۇنداق مۇلايىم بىر ئادەمنى ئەسكى يولغا باشلايدىغان قانداق پۇلدار خوتۇننىڭئۆيدۇرۇپ چىقارغان قىلتىغى بۇ،ماڭىمۇ بەرىبىر،پۇل بولسا بولدى،ئاخماق خوتۇنلارپۇلنى ئالدىمغا تاشلىسا ياق دەيدىغان ساراڭ بولمىسام،ئۆزىنى پۇلغا ياڭزاپ قىزلار كەلتۈردىغان ئاشۇ لاتىلارنىڭ ئۆيۇنى بولامدۇ،ئاشنىسىغا بۇزۇلغان ناپاكخوتۇننىڭ ئۆيۇنى بولامدۇ،پەرۋايىم پېلەك...ئاخشامقى كاساپەتمۇ سەھەردە قولۇمغا بەكقاراپ كەتتى...پۇل بولغان بولسا يۈز يۇئەننى ئالدىغا تاشلاپ كەچتە يەنە كېلىمەندىسىەم قانچىلىك خوش بۇلۇپ كېتەر –ھە...»
ـ ئۇئەرنىڭ كىملىگىنى سورىمايسىزغۇ؟
- كىم بولاتتى،پىشانىسىگە بالا قازا پۈتۈلگەنبىرسىدۇر،يەنە كېلىپ سىز چوقۇم دەپ بېرىسىزدە،بولمىسا ماڭا بىكارغا پۇل بېرەمتىڭىز
- چوڭ بازاردا چوڭ تاللا بازىرى بار ئاسىمنىتونۇمسىز،ئاڭلىسام ئۇ سىزنىڭ ئون يىللىق ساۋاقدىشىڭىز ئىكەن،ئېسىڭىزگە كەلدىمۇ؟
ـ ئاسىم بەچچىنى دەمسىز،ئەتىدىن –كەچكىچە ھىندىستاننىڭناخشىسىنى،ئۇسۇلىنى كۈرۈشكە جېنىنى پىدا قىلىدىغان،چوكان مىجەز لاتابەل ھېزىم گوتوغۇ؟.مەكتەپتىمۇ ئوغۇللار بىلەنئارلاشمايتى بۇ بەچچە،ھەي...يامان يەردىن تۇتۇلۇپ قالدىمغۇ،مىنى كورسىمۇ قىزلاردەكقىزىرىپ كېتىدۇ بۇ بەچچە،ھا...ھا...ھا...
ئىككى ناتۇنۇش تونۇشلار بىرە ئايدىن كىيىن يەنەبۇرۇنقى جايىدا ئۇچراشتى.ھاشىم جېكسۇن ئاسىم بەچچىگە ھاراق زورلاش ئەمەس بەلكى ئالدىدىكىناتۇنۇش قىزغا بەكلا قىزىقىپ قالغان ئىدى.ناتۇنۇش قىز چوڭ-چوڭ كۆزلىرىنىئۆينۇتۇپ،جىنەستىدىك لەۋلىرىنى كۇس-كۇس قىلىپ بۇلبۇلدەك سايرايتى،سايراپ ھارمايتى.
ـ قانداق بولدى ھاشىمجان؟
ـ قانداق بولاتتى،خان قىز.ماڭا دەرس بەرگىدەكبولدى
ـ ئۇنداق ئەمەستۇر،
ـ ئىشەنمىسىڭىز گىدىيىپ يۈرۈيدىغان خوتۇنىنىڭچىرايىغا قاراپ بېقىڭ،ئالدىنقى كۈنى يېرىم كېچىگىچە ئىچىشكەن،ئۆيگە بېرىپلا،نىمىشقا ماڭا تاماق ئېتىپ بەرمەيسەن دەپ،خوتۇنىنى ئۇرۇپ،تالا-تۈزگە چىققىسىزقىلىۋېتىپتۇ...ھەي...،نىمىسىنى دەي.ئاسىمنىڭ ئۇنداقلىغىنى مەنمۇ بىلمەپتىمەن.نىمە دىدىدەڭ،باشتا،ھاراق ئىچكەن ساراڭنىڭ ئىشى،خوتۇن ئۇرغان نامەرتنىڭ ئىشى،بالا باققانئاخماقنىڭ ئىشى،خوتۇن،خوتۇن دەپ كۆزىگە قاراپ يۈرگەننىڭ ھەممىسى چوكاننىڭ ئىشى دەپلاپ ئۇرۇپ بىرە ھەپتە كۈندە ئارقىغا كىرۋالساممۇ؟ ساق كاللىنى ساراڭ قىلغۇم يوق،گۈلدەك خوتۇنىمتۇرسا پاسكىن خوتۇن-قىزلارنىڭ قېشىدا ھاراق ئىچمىسەممۇ يۈزىگە قاراش مەكروھ دەپيېقىن كەلمىدى،شۇنىڭ بىلەن بارساڭمۇ بارىسەن،بارمىساڭمۇ بارىسەن، بۈگۈن دىگەنساۋاقداشلار يىغىلىشى دەپ كاتتا رىستۇرانغا ئاپىرىپ يۇقىرى گىرادوسلۇق قىزىلھاراقنى تازا ئىچكۈزسەم بىردەمدىلا سۇرۇننى بېشىغا كەيدى
ـ ئاندىنچۇ؟
ـ قانداق بولاتتى، ھاشىم سەن مىنى بەكچۈشىنىسەن،ئىچىپ كەلمەيمىزمۇ دەپ ھاراققا مىنى زورلايدىغان بۇلۇپقالدى،سۆزلىسەم گەپ جىق،لېكىن بەك تەستوختىدى،ھىلىقى كۈنى ئىچكەن قىزىلدىن دەپ بەرگەن پۇلىڭىزنى بىر ئايدىلا ئۇچىتىۋەتتىم.
ـ سىز ئەمدى چۈشەنگەنسىز،مەن باشتا سىزگە ئاسىمنىڭ خوتۇنغا قىزىقمايدىغان،ھاراقئىچمەيدىغان،تاماكا چەكمەيدىغان،سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىشنى خالىمايدىغان،خوتۇنىبالىلىق بولايلى دىسە،بالا دىگەن«بالا» دەپ ئۇنىمايدىغان،تېلىۋېزورنىڭ كۆزىگەقاراپ قالسا مىدىرماي ئۆلتۇردىغان،كىتاپنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتسە بىرە ھەپتەچىقالمايدىغان،خوتۇنىنى تۆك ئىتىپ چەكمەيدىغان لېكىن خوتۇنى بىلەن كارى يوق بىردەلدۇشنى ئۆزگەرتتەلمەسمىكىن دەپ بەك ئەنسىرگەن،بەك ياخشى بولدى،پۇلنىمۇ ئېلىپبولدىڭىز،پوس كاللىسى،سىز مىنى تونىمايسىز،مەن سىزنى تونىمايمەن.يېپىق قازان يېپىقپېتى قالسۇن.خوش چىرايلىق يىگىت،يەنە كۈرۈشىپ قالارمىز...
ـ گۈلدەك ئىسمىڭىزنىمۇ دەپ بەرمەمسىز؟
ـ سىر،سىر پېتى قالسۇن يىگىت.ئەمدىخوشلاشمىسام،مەنمۇ سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالىمەن...
ـ سىز...
تۇڭگۇز بازىرى ئاجايىپ بازار،ھاشىم جېكسون ئاسىم باچچىنى مارى مەرگەننىڭ تال چىۋىقتەكقىزلىرى بار قاۋاقخانىسىغا ئوبدانلا ئۆگەتتى.« مۇش دىسە مەندىن،پۇل دىگەن سەندىن »دەپ ئىككى كۈندە بىر رەت بىر سۇرۇن تۈزەشمىسە،تېلىفۇن ئۇرۇپ چاقىرتىپ ئۆز ئۇيۇنىنى داۋاملاشتۇرۇپ يۈردى.ئاشۇ كۈنلەردە،توڭگۇزبازىرىدا،ئاسىمنىڭ مىھماندارچىلىغىداسۇرۇن تازا قىزىغاندا ھاشىمنىڭ تېلىفۇنى ئەنسىز جىرىڭلىدى:
ـ كىم...كىمنى ئىزدەيسەن...ئاڭلىمىدىم، ئۈنلۈكسۆزلىمەمسەن بېلىگە سۇيۇق ئاش بارمىغان لاتا،ھە،سىزما ،خاتا چۈشۈنىپ قالماڭ،مەنتېغى سىزنى ...بۇرۇنقى يەردە،ھە بىلدىم.ھازىرلا ،ھە،مىنى ساقلاڭ.
ھاشىم ناتۇنۇش قىزنى كۆڭلىدىن چىقىرۋەتمىگەنئىدى.بۇلۇپمۇ كىچىكلىگىگە باقماي،تارتىنماي،ھەتتا قىلچە ھۆدۇقماي ئەركىن ئازادەتۇرىشى،نازاكىتى،چوڭ-چوڭ قاپ-قارا كۆزلىرى،ۋىتىلداقتەك ھارماي سۆزلەيدىغانقىلىغىنى بەك ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى.ئۇ تاكسىغا چىقىپمۇ شىرىن خىيالدىنقۇتۇلالمىدى:« ئۇ چوقۇم مىنى ئىزدەپ كەلدى.ئوبدان بىر كۈتۈۋېلىپ،ئاندىن دىباغائاپىرىپ ئاندىن...چوقۇم ...ئۇنارمۇ،مىنىمۇ بوش چاغلاپ قالمىسۇن،نىمانداق چىرايلىقكاساپەت سەن-ھە...»
ناتۇنۇش قىز ھاشىمنى كونا جايدا ساقلاپتۇراتتى،ھاراقنىڭ كۈچى ھاشىمنى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرسىمۇ،ئۇ ھەر ھالدا ئۆزىنىتۇتۇۋالدى.چۈنكى چىرايلىق قىزنى ھۆركۈتۈپ قويماسلىق كېرەك.
ـ خان قىز قۇچاقلىشىپ كۈرۈشىمىزمۇ-يا،
ھاشىم قىلچە ئىككىلەنمەي قىزغا يېقىنلاشتى.
ـ قۇچاقلىشىش،ـ دىدى قىز قىلچە ھۆدۇقماي،ـ مەنسىزنى قۇچاقلىشىش ئۈچۈن ئىزدەپ كەلمىگەن،بىرەر خوتۇن ئېلىۋالغىدەك پۇل ئېلىپكەلدىم.ئەگەر بۇ قېتىم ئىشىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسا بۇ پۇلغا خوتۇن ئېلىۋالسىڭىز، قۇچاقلىشىشتىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
ـ يەنەبىرەرسىنى ھاراق ئىچكۈزۈشكە ھۈنىرىمنىئىشقا سالىمەنما،بۇ قېتىم پۇلنى كوپراق بەرمىسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇڭ،چۈنكى،ئاسىم دىگەن بەچچە سىز بەرگەن پۇلنىڭ ھەممىسىگە ھاراقئىچىپ بولدى.
ـ بۇ قېتىمقى ۋەزىپىڭىز،سىز ھاراققا موللاقىلغان ئاسىمنى ھاراق ئىچكۈزۈشتىنتاندۇرۇپ،بۇرۇنقى ئەكسىگە ئەكەلسىڭىز بولىدۇ،ئاددىمىكەن...
ـ مىنى سىز ساراڭ كۈرۈپ قالدىڭىزما! ،ـ ھاشىمقىزنىڭ سۆزى تۈگۈمەستىن ئورنىدىن چېچراپ تۇرۇپ كەتتى،ھەم قىزغا بىگىز قولىنى سۇنۇپقىزغا ئۇزاق بىر تىكىلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى،ـ سىز ساراڭ بوپسىز،مەن تېغى مىنى ئىزدەپ كەلدى،يۈرىگىمدىكىدەرتلىرىمنى سىزگە بىر تۆكەي دەپ يۈرسەم بۇ سىزنىڭ...سىز ئالجىپ قېپسىز...ساراڭ بوپسىز...
قىز قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
«ساراڭ بوپتۇ،سېپى ئۆزىدىن ساراڭ بوپتۇ، بىردەم ئىچكۈزدەيدۇ،بىردەم ئەكسىگە ئەكىرىپ بەر دەيدۇ.مىنى ئاخماق قىلدى دىسە تۇتام-تۇتام پۇلنىئالدىمغا تاشلاپ قويغان،ئالماي دىسەم،ھەي...ئىككى تاشنىڭ ئارىسىداقالدىمغۇ،بەچچىغۇ ناچار دىسەم ناچار ئەمەسكەن،پۇل دىگەننى ھارماي خەجلەپ مىنىڭمۇھورمىتىمنى قىلىۋاتىدۇ،ئەمدى قانداق قىلارمەن. تىگى-تەكتىنى ئىنچىكە بىرسوراپ باقاي»
ھاشىمنىڭ پۈتۈن خىيالى پۇلدا قالغان ئىدى.چۈنكىبىكاردىن-بىكار ،تۇتام-تۇتام پۇلنى خەجلە دەپ بېرىۋەتسە بۇنداق ئۇچۇپ كەلگەنئامەتنى قولدىن بېرىۋىتىشكە كىمنىڭمۇ رايى بارسۇن.قىزنىڭ يەنە قانداق سوزلىرى بار،قانداقئويۇنى بار ،بىر كۈرۈپ باقاي...
ـ بۇ پۇل سىزگە لازىم بولمىسا،ماڭا لازىم،ـ دىدىقىز ھاشىمغا جىددى ھالەتتە،ـ باشقا ئادەمنى تاپساممۇ بولىدۇ،ياكى ئۆزەم يالغۇزقىلساممۇ بولىدۇ.
ـ مەن سىزدىن بىر ئىشنى سوراي،بۇنداق قىل دىگىنى زادى كىم،ئاسىمنىڭ خوتۇنىنىڭ ئاشنىسىمۇ ؟ياكى ئۆزىمۇ؟
ـ ئاسىمنىڭ خوتۇنى ئۇنداق خوتۇن ئەمەس،بەلكى پاكئايالدۇر،گەپ ئاسىمدا، ئۇچۇق دىسەم ،ئادەمدىگەن ھىسياتلىق مەخلۇق،ئۆتتۇز ياشقا كىرمىگەن ئايالنىڭ ھىسياتىنى سىزمۇ بىلىسىز،ئاسىمنىڭ ھالى شۇ تۇرسا،ھاراق ئىچسە،تۈزۈلۈپقالارمۇ دەپ قىلغان ئىش،لېكىن ئۇ ئايالماڭا تېلىفۇن بىرىپ دەردىنى تۆكۈپلا كەتتى،بەك ئىچىم ئاغرىپ قالدى،«ئۆزەم تاپقانبالاغا،نەگە باراي داۋاغا» دىگەن شۇدە،
ـ نىمە ئىشلار بوپتۇ؟
ـ نىمە بولاتتى،ئاسىم تۇڭگۇز بوپتۇ،يەنە نىمە دەپتۇ دىمەمسىز،سەندەكسەت خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتقان كۈنۈمگە ئىسىت،خىتىڭنىمۇ بېرىدىغان كۈن ئاز قالدىدەپ،ئەتىدىن –كەچكىچە،يا ھاراق بىلەن،يا بولمىسا،كوچىدىكى قىزلارنى ماشىنىسىغاسېلىپ،باشقا يۇرتلاردا لاغايلاپ ھەپتىلەپ ئۆيگە كەلمەس بۇلۇپ قېپتۇ،شۇڭا سىزدىن بۇئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ بىرىشنى مەن ئۈتۈنۈپ كېلىشىم،
ـ قانچىلىك بېرىسىز؟
ـ بەشمىڭ
ـ بەشمىڭغا بولمايدۇ،ھاراق ئىچكۈزۈش ئاسانبولغان بىلەن تاندۇرۇش تەستە،يەنە كېلىپ ئۇنىڭدا پۇل كوپ،مەن بىلەن ئىچمىسەباشقىلار بىلەن ئىچىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ؟
ـ مۇنداق قىلايلى،مەنمۇ ئازراق پايدا ئالمىسامبولمايدۇ،ئاسىمنىڭ ئايالى ماڭا ئون مىڭنى بەرگەن،مەن ئۈچ مىڭنى ئېلىپ قالاي،سىزگەيەتتە مىڭى قالسۇن،پۇلنى سىز ئىشنى بېجىرىپ بولغاندىن كىيىن بېرىمەن،ھازىربېرىدىغىنىم ئىككى مىڭ...
ئېشەك بازىرىدىكى ئېشەك سودىسىدەك بۇ ئىككىبىدىكلەر پەردەشەپنى قايرىپ قۇيۇپ تالىشار-تالىشار بىرلىككە كېلىپ شۇم پىلاننىسوقۇشۇپ پۇلنىمۇ ئۈلۈشۈپ،شەھەر قوينىغا غايىپ بولدى
تۇڭگۇزبازىرى يەنە ئۆزىنىڭ قۇياشىنى غەرىپتىن چىقىرىپ قىيا-چىيا بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان بىركۈنلەردە،غەلىتە بىر پاراڭ تۇڭگۇز بازىرىغا ھەتتا كىچىككىنە بۇ شەھەرگە پۇر كەتتى
ـ ئاسىم بارغۇ،ھىلىقى چوڭ بازاردا تاللا بازىرىئاچىدىغان،خانقا مەچىتنىڭ ئالدىدا بىرسى قىپيالىڭاچ قىلىپ تاشلاپ قۇيۇپتۇ مەستئوخشايدۇ.
ـ قاچان بولغان ئىشكەن؟
ـ بۈگۈن ئەتىگەن بولمامدۇ.
ـ كېچىدىن بىرى ئۆلگىدەك ئىچىپ ئۆيىنىتاپالماي،مەسچىتنىڭ ئالدىدا يېتىپ قالغان گەپ.
ـ يېتىپ قالسا كىيىمىنى كىم سالدۇرۋەتتى ،ياكىقىز بالا بولمىسا؟
ـ كىمنىڭ دۈشمىنى يوق دەيسەن ئاداش،ئەر ئوتتۇرسىبۇلۇپ قالغان بىر ئادەم قىپ-يالىڭاچ مەسچىتنىڭ ئالدىدا يېتىپ قالدى دىگەن گەپقانداق گەپ –ھە،
ـ تۇڭگۇزنىڭ سۈيدۈگىنى ئىچكەنگە تويسۇن.
ـ توۋۋا دەيلى ئاداش،بىزنىڭمۇ بالىلىرىمىز بارئەمەسمۇ؟
... ...
تۇڭگۇز بازىرى ئاجايىپ بازار،بۇ يەردە كۈنغەرىپتىن چىقىدۇ،شەرىقتىن چىققاندا سەن ئۆزەڭنى، ئۆزەڭمۇ بىلمەيدىغان بىر يەردەكۆرىسەن...