كۆرۈش: 1139|ئىنكاس: 1

شېئىر،شائىر،كۇنۇپكا تاختىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
218
تۆھپە
84
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:02:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شېئىر،شائىر،كۇنۇپكا تاختىسى



مەقسۇت ئەمىن ئەركيار



شېئىردېگەننىڭ ئوقۇرمەن كۆزىدىكى قىسمىتى ئاجايىپ!
ئاچچىق تولغىنىپ،نەچچە تۈنلەرنى يەنە نەچچە كۈنلەرگە ئۇلاپ ئاشىقانە بېرىلىپ،شەخسىيەتنى،ھالاۋەتنى قۇربان قىلىپ تۇرۇپ، پىكىر ئوچىقىغا پەرۋانە كەبى ئۆزنى ئۇرۇپ، ھىجران تولغىقى ۋە سەزگۈ بىلەن ئەقىلنىڭ سىنىقى ئالدىدا چىراي ئۆزگەرتمەي ئولتۇرۇپ،«تۇغۇت جېڭى»دەك مىڭ مۇشەققەتتە كۆز ئاچقان مىسرالار،دەقىقە ئىچىدە ئوقۇلۇپ،ئەڭ يۈزەكى قاتلىمىدىلا نەتىجىلىنىدۇ. مانا بۇ شېئىرنىڭ ۋە شائىرنىڭ ئىختىيارسىز قىسمىتى!

ھەقىقىي شائىرنى قىزىقتۇرىدىغىنى بۇ«كەسىپ»نىڭ ئېلىپ كېلىدىغان نام-ئاتىقى ئەمەس.بەلكى،ئۇنىڭ مەنىۋىي تاكامۇللۇقتىكى ئازاپ بېھىشى ئىچىدە سۈرىدىغان ھوزۇرى!

شائىر - كۇنۇپكا تاختىسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن سۆيگەن كىشىمىزگە سالام يوللايمىز. بىز كۈلۈمسىرىگەندە، جاناننىڭ سەلكىندەك ئىللىق جاۋاب سالىمىنى كۆرگەندە، كۇنۇپكا تاختىسى ئۆز ئورنىدا قىمىر قىلماي بىزگە قاراپ ھاردۇقى چىققاندەك بولىدۇ!

تەرسالىقىمىز،سەپرايىمىز تۇتقاندا كۇنۇپكا تاختىسىنى ئۇنىڭ رولىنى،بىز ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقىنىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ بارماقلىرىمىز بىلەن ھەتتا مۇشتۇمىمىزنى تۈگۈپ تۇرۇپ دۇمبالاشقا ئۇرۇنىمىز،كۇنۇپكىلىرىنى قومۇرىۋەتكىمىز كېلىدۇ! ئەمما،كۇنۇپكا تاختىسى ئۈن-تىنسىز ھالدا سۈكۈت ساقلايدۇ.

ئۇ بار تىلنى بىزگە بېرىپ تىلسىزلارچە سۈكۈتكە چۆكىدۇ! ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن دەردى بار: تاماكا ئىسلىرى،ھاراق دۈتلىرى ئۈستىگە چۈشكەن ۋاقىتلاردا؛ۋاپاسىز رەنالارنىڭ بارمىقى،ساختىپەزلەرنىڭ كىر تىرنىقى ئۇنىڭ ئېكران ئالدىدىكى ئورنىنى سەلجىتكەندە، كۇنۇپكىلىرىنى ئالىجوقا  تاقىلداتقاندا...ئۇ بەدەل تۆلەش بىلەن بىچارە! ئۈستىدىكى چاڭ-تۇزانلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بولالماي ئاۋارە! ئويلىغىنچۇ، ئۇنىڭ ئۈستىنى پاكىزە قوللارمۇ،مەينەت قوللارمۇ تۇتىدۇ...

بىراق،دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى،سەن كۇنۇپكا تاختىسىنى ھەرقانچە بېسىۋەتسەڭمۇ ئۇ يەنە كۆتىرىلىپ چىقىدۇ،دە سەن ئۈچۈن خىزمەتكە تەييار تۇرىدۇ!

مەنبە:كۇچا مۇنبىرى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ھەزرەت
تىللا
249
تۆھپە
195
UID
9931
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:45:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇقكەن !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 14:17, Processed in 0.068826 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991